نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ كېرەك

بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ كېرەك

ۋاقتى: 2012 - يىلى 5 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: مۈجىمەل پىكىرلەر | ئىنكاس: 7 پارچە | زىيارەت: 1,006 قېتىم


يېقىندا چەتئەلدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بۇ قېرىندىشىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يۆنىلىشىدە ئىلمىي دېسىرتاتسىيە ياقلاش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ، دوكتۇرلۇق تېمىسى ھازىرقى زامان ( 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى ) ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر شائىر ھەققىدە، لېكىن سورالغان مەسىلىلەر مەزكۇر تېمىنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئەمەس بەلكى كۆپ نۇقتىلارغا تۇتاشقان مەسىلىلەر ئىكەن. بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى بەلكىم بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە كېڭىيىشى ئۈچۈن ياردىمى بولىدۇ، ياكى ئىلمىي دېسېرتاتسىيىسىنىڭ قۇرۇلمىسى بۇ ھەقتىكى بىلىملەرگە ئېھتىياجلىق.

تۆۋەندىكىسى بۇ قېرىندىشىمىز ئەۋەتكەن سۇئاللار، ئەگەر بۇ ھەقتە مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولسىڭىز، ھەم يېڭى قاراشلىرىڭىز بولسا ئىنكاس شەكلىدە جاۋاپ يېزىشىڭىزنى تىلەيمىز. 

1.ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن تەخەللۇس ئىشلىتىشكە باشلىغان. تەخەللۇس ئىشلىتىش، 1949- يىلىدىن كېيىن ئاستا – ئاستا ئازلىغان. 1980 – يىللاردىن كېيىن يېتىشىپ چىققان يازغۇچىلاردا بولۇپمۇ گۇڭگا شېئىر يازغۇچىلاردا تەخەللۇس ئىشلەتكەنلەر بارمۇ؟ بار بولسا كىملەر، قانداق تەخەللۇس ئىشلەتتى؟ بۇ تەخەللۇسنى قانداق شەكىلدە ئالدى؟ ( باشقا يازغۇچىلار قويۇپ قويدىمۇ ياكى ئۆزى قويىۋالدىمۇ؟ ) ۋە نىمە سەۋەپتىن بۇ تەخەللۇسنى تاللىدى؟

2.گۇڭگا شېئىرلار 1980 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ قاچانغىچە يېزىلدى؟

3.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھازىرقى ( 2008- 2010 يىلىدىن كېيىن ) يۈزلىنىش نىمە؟

4.  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن  كېيىن رومانلار ئەڭ كۆپ يېزىلغان ئەدەبىي تۈر ئىدى، ھازىر قانداق؟

5.ئابدۇكېرىم راخمان بۇچى، ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر، ئەسەت سۇلايمان ئۇيغار، راھىلە داۋۇت ئېلچىن قاتارلىق كىشى ئىسىملىرىدىكى ئۈچۈنچى سۆز فامىلە ( تەگئات ) مۇدۇر؟ ئەگەر فامىلە بولسا، كىملىك ياكى نوپۇستا يېزىلغانمۇ ياكى پەقەتلا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىدە ۋە يېقىنلىرى ئارىسىدا ئىشلىتىپ، فامىلە قوللىنىش ھەققىدە قانۇنىي ئاساس بولمىغاچ نوپۇسقا يېزىلمىغانمۇ؟

 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (7) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. كۆكتولۇن مۇنداق يازغان:

    1. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىلدىن كىيىن يىتىشىپ چىققان ياش شائىرلار ئاساسەن تەخەللۇس قۇللانمىدى. ئەخمەتجان ئوسمان، پەرھات ئېلىياس، باتۇر رۇزى، غالىب راخمان، مەخمۇت مەخسۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، كىيىنراق يىتىشىپ چىققانلاردىن ئادىل تۇنىياز، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن، غوجامۇمھەممەد مۇھەممەد… قاتارلىقلار. بۇلاردىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەندىن باشقىسى تەخەللۇس قوللانمىدى. ئۇنىڭدىنكىيىنراق چىققان شائېرلاردىن ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە، رەخىم ياسىن قاينامى، مۇتەللىپ مەڭسۇر ئوۋچى… قاتارلىق شائىرلىرىمىز تەخەللۇس ئىشلەتتى. بۇ تەخەللۇس ئۇلار ئۆزى قوللانغان نام بولۇپ، ئەجدادنى ئەسلەش، مەلۇم ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئۈچۈن قوللانغان. بۇ تەخەللۇس ئاساسەن مەتبۇئات يۈزىدە قولللاندى.
    2. گۇڭگا شېئىرلار 1980-يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ2000- يىللارغىچە يىزىلدى. بەزى ۋەكىل خارەكتىرلىك شائىرلار ھازىرغىچە يىزىۋاتىدۇ. باتۇر رۇزى ئۈلۈپ كەتكۈچە ئارلىقتا يازدى. ھازىر ئكمەر مۇھەممەتئىمىن كىرورەن يىزىۋاتىدۇ، شەخسەن مەن ئۇنى گۇڭگا شېئىر يىزىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن.
    3. بۇ ئىككى يىلدىكى يۈزلىنىش شەكىل ۋە مەزمۇننىڭ ئاددىيلىققا قاراپ يۈزلىنىشى. شېئىرنى زىيادە مۇىەددەسلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئۆلچەمدىكى لىرىك، كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى بەدئىي سەنئەتلەردىن پايدىلىنىش، غەرىب ئەدەبىياتىدىكى تۇيغۇ خاتىرلەش …قاتارلىق خىلمۇ-خىل ئۇسلۇبلاردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، شېئىرنىڭ ۇڭگىلىقىنى يوقىتىپ، تەبىي، ھېس قىلىشقا مۇمكىن بولىدىغان، ھوزۇرلاندۇرالايدىغان، مەنەسى چوڭقۇر شېئىرلار روياپقا چىقتى.
    4. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 -يىللىرى رومانلار كۆپلەپ نەشىر قىلىنىشى-شۇ دەۋىردىكى سىياسى ھاۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەدەبىيات سەنئەت 20 نەچچە يىللىق بۇرۇقتۇرمىلىقتىن بىراقلا ئازات بولۇپ، ئەسەرلەر كۆپلەپ يىزىلغان ۋە نەشىر قىلىنغان. ھازىر رومانلار ئىلگىركىدىن كۆپ نەشىر قىلىندى، ۋەقەلىك، ژانىر ، تىما ، ئىپادىلەش جەھەتتە ئۆزگىچىلىك بار. ئەمما پىرسوناژلارنىڭ پىسخىكىسىنى بىز قانائەتلەنگۈدەك ئىپادىلىيەلەيدىغان رومانلار بەك ئاز. ۋەقەلىك زىيادە كۆپ، تەكرار. ھازىر باشقا ژانىردىكى ئەسەرلەرمۇ تەڭ تەرەققىي قىلىپ ماڭغاچقا ، رومانلارغا ئىلمان پوزىتسىيە بولىۋاتىدۇ. مەتبۇئات ئورۇنلىرى ئەسەرلەردىكى يېڭىلىقچانلىققا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇلاردا سوغۇقلۇڭ بار.
    5. يۇقارقى ئىسمى سانالغان مۆھتىرەملىرىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن ئۇ ناملار تەخەللۇستۇر. كۆپىنچە كىشىلەر تەخەللۇس دەپ تونۇيدۇ. تەگئات دىيىشكە توغرا كەلسە ئارسىلان مۇئەللىمنىڭكىلا مۇناسىپ. قالغانلىرىنىڭ ئاساسەن تەخەللۇس بولۇپ ئومۇملاشقان. مەتبۇئاتلاردا ئېلىنغىنى بىلەن، ھازىرغىچە‹ تەگئات› قوللىنىش كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ قانۇنلاشمىدى. ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا تەخەللۇسىنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچىسىنى تەڭ قوللانغان بولسىمۇ، كىملىكگە يىزىلمىغان بولىشى مۇمكىن.

  2. bagyar مۇنداق يازغان:

    ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ ئەپەندى سالام سىزگە تور بېتىڭىزنى زىيارەت قىلىدىم. ياخشى تېمىلار بار ئىكەن. بولۇپمۇ ئەدەبىيات نەزىريىسى ۋە ئەدەبىي تەنقد جەھەتتە خاسلىق، مەخسۇسلىشىش بار ئىكەن. ئىشلىرىڭىزغا مۇئاپىقىيەت تىلەيمەن.
    1-سۇئال. بۇ بىر تەتقىق قىلىپ كۆرۈشكە تىگىشلىك ئىلىم مەسىلىسى بولغاچقا بۇ سۇئالغا ئاددىي قىلىپ جاۋاپ بېرىپ كەتكىلى بولمايدۇ. جۈملىدىن، مەن بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلدىم.
    2-گۇڭگا شېئىرلار 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ يېزىلدى، دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، بۇنداق شېئىرلار ھازىرمۇ يېزىلىۋاتىدۇ. پەقەت ئۇنداق دەپ ئاتالمايدۇ، دەپ قارايمەن.
    كونكرتنى قىلىپ جاۋاپ بېرىش تەلەپ قىلىنسا، گۇڭگا شېئىرلار 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە يېزىلدى ۋە گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.
    3-سۇئال: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 2008-يىلىدىن كېيىنكى، توغرىسىنى ئېيتقاندا «5-ئيۇلدىن»كېيىنكى يۈزلىنىش، ياسالما ئەخلاق(يەنى ئېتىقاد مەنبەسى بولمىغان جەمئىيەت ئەخلاقى)، ئىجتىماي تۇرمۇشنىڭ سىرتقىي قىياپىتى، ئۈچ بۇرجەك مۇھەببەت تېمىلىرىغا يۈزلەندى. ئۆزەمنىڭ شەخسىي پىكىرىمچە؛ شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز يۆلۈنىشىنى بەلگىلىيەلمىدى ياكى تاپالمايۋاتىدۇ. بىر ئىزىدا چۆرگىلەۋاتىدۇ. بۇ يېتىلىۋاتقان يازغۇچى، شائىرلاردىكى بەدىئىي دىتنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن، ئەدەبىياتنى يىتەكلەشنىڭ ھەددىدىن زىيادە دوگمىلىشىپ كەتكەنلىكىدىن، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان چەكلىمىنىڭ قاتتىقلىقىدىن. يازغۇچى، شائىرلاردىكى ئەدەبىياتقا بولغان ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ كەملىكىدىن بولىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن.
    4.ھازىرمۇ رومانلار شېئىرىيەتتىن قالسىلا ئەڭ كۆپ يېزىلغان ئەدەبىي تۈر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.(ئەمما مەن بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى پاخال رومانلار دەپ قارايمەن).
    5. ئابدۇكېرىم راخمان بۇچى، ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر، ئەسەت سۇلايمان ئۇيغار، راھىلە داۋۇت ئېلچىن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللىتىمىزنىڭ مەشھۇر زىيالىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈچۈنچى سۆز پامىلە(تەگئات) بۇنى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ تەكىتلىگەن. ئەمما يازمىلىرىدا، قانۇنلۇق مەتبۇئاتلاردا رەسمىي ئېلان قىلىۋاتقان، ئۆزلىرى ئېنىق بىكىتىپ قوللانغان پامىلە(تەگئات) بولسىمۇ، لېكىن كىملىك ياكى نوپۇس دەپتىرىگە يېزىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. چۈنكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ نۇپۇس بىجىرىش، تىزىملاش ئىشلىرىدا ئۆلچەم، يەنى خەت سانى، ھەتتا ئىسىملارنى بىلدۈرىدىغان خەتلەرمۇ (خەنزۇچە) مۇقىم بىكىتىلگەن بولۇپ، پامىلە(تەگئات)لا ئەمەس، ئۆز ئىسىملىرىمىزمۇ كەم، چالا، ناتوغرا يېزىلىىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، مېنىڭچە، بۇ پامىلە(تەگئات)لار ئۇلارنىڭ كىملىك ياكى نۇپۇس دەپتىرىگە تولۇق يېزىلمىغان بولىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ كىشىلەر مەشھۇر كىشىلەر ھەم بۇ شەخىسنىڭ ئىززەت-ئىناۋىتىگە، جۈملىدىن شەخسىيتىگە چېتىلىدىغان مەسىلە بولغاچقا بۇ مەسىلىنى كۆپچىلىكتىن سوراش مۇئاپىق ئەمەس، دەپ قارايمەن.

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      كۆكتولۇن ۋە بەگيارغا سالام! ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ سۇئاللارغا جاۋاپ يازغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت. بۇ سۇئاللار ھەممىمىزنىڭ ئەدەبىيات ئېڭىمىز ئۈچۈن مەلۇم تەپەككۈر ئېلىپ كەلسە ئەجەپ ئەمەس. بەگيارنىڭ تەخەللۇس ھەققىدىكى پىكرىنى مەنمۇ ئويلاشقان، لېكىن بۇلار ھەم ھەممىمىزنىڭ رىئالنى مەسىلىسى بولغاچقا بۇ يەردە ئېلان قىلىنىۋەردى، بۇ مەسىلەرنى سۇئالدا ئىسمى يېزىلغان شەخسلەر بىلەن ئەمەس، ئۆزىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلاپ كۆرسەك، ياكى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويساق مەزكۇر سۇئالنىڭ مەلۇم قىممىتى ئورنىنى تاپقان بولىدۇ.
      مەركىزى تېلىۋىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى لى يوڭ قىزىنىڭ ئىسمىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇشتا فاتىمە. لى دىگەن ئىسىمنى تىزىملىتالماي خېلى جىلە بولغان، لېكىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ جوڭگو نوپۇس ئىشلىرى مىسالىدا بۇ خىل ئىسىمنىڭ يېزىلىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. مەنمۇ 2- قېتىملىق كىملىكتە دادامنىڭ ئىسمى ۋە فامىلەمنى يېزىشنى تەڭ ئىلتىماس قىلغان ئىدىم، لېكىن كىملىكىمدە دادامنىڭ ئىسمى بىلەن فامىلەم ئايرىلماي، قوشۇپ قويۇلۇپتۇ. بۇنىڭدا كىمدىن ئاغرىنىش كېرەك. كونكېرت تارماقلار بۇ خىل ئەھۋاللارغا بۇرۇن ئۇچراپ باقمىغان، مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈم بەلگىلىمىلەر يوق، مەسىلىگە يولۇقسا قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ، ئەڭ مۇھىم مەسىلە نىمە؟ بىزدە بىر سۆز بار، ھازىرچە مۇشۇنداقلا دىيىش كېرەك. « بوۋاق يىغلىمىسا ئانىسى ئەمچەك سالماپتۇ». بەلكىم بۇ مەسىلە ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانسا، فامىلە – تەگئاتلار گېزىت- ژورنال ۋە بىلوگلاردىلا ئەمەس بەلكى نوپۇس، كىملىكلەردىمۇ ئورنىنى تاپىدۇ.

  3. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، بۇيەردە تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئالىنى سوراپ قالدىغان بولدۇم ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر :
    مەن مۇشۇ تەگئات ئاتالغۇسىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيمەن ، ئەگەر تەگئات قوللىنىش راستىنلا تەشۋىق قىلىنسا ئۇنداقتا مەن « ئىزتىل » ئاتالغۇسىنى ئۆزەمگە تەگئات قىلىپ قوللانسام بۇلامدۇ ؟ مەسلەن : مۇرات موللامەت ئىزتىل ، دېگەندەك ؟ سۇئالىم سەل مۇجىمەل بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق ؟

  4. نۇھ مۇنداق يازغان:

    ھۆرمەتلىك ئىزتىل سۇئالىڭىز تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئەمەس.بۇ يەردىكى قىسقا سۇئال ھەربىرىمىزنىڭ ئويلىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك. ئەلۋەتتە ئىزتىل ناھايىتى چىرايلىق تەگئەت ( فامىلە ) بولىدۇ. فامىلىنى تاللاش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ھەر بىر جەمەت ياكى بۇ جەمەتكە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ئابرويلۇق كىشىلەرنىڭ دەۋىتى ۋە ئەمىلىيىتىدە بارلىققا كەلگۈسى. ئىزتىلنىڭ سىز ۋە جەمەتىڭىزگە مەڭگۈلۈك تەگئات بولىشى سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا باغلىق. ئەلۋەتتە، تەگئاتلارنىڭ قانۇنلىشىشى يەنە ئايرىم تېما.

  5. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، سىزنىڭ مەن سورىغان سۇئالغا ناھايىتى ئەستايدىللىق بىلەن جاۋاپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت، ئەمدى يەنە بىر سۇئالنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ :
    تەگئات قوللىنش باسقۇچلىرىنى قانداق بېسىپ ئۆتىمەن ؟ ياكى بۇ مۇشۇ تەرىققىدە داۋاملاشسىمۇ بۇلامدۇ ؟

  6. نۇھ مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكوم ئىزتىل، ئالدىراشلىق تۈپەيلى سۇئالىڭىزنى ساقلىتىپ قويۇپتىمەن. ھازىر بىزدە تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلى تەگئات قوللىنىشنىڭ قانۇنىي ئۆلچەملىرى بېكىتىلمىدى. لېكىن بۇ ھەقتە تەتقىقاتلار بار ۋە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھازىرچە، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، جامائەتچىلىك ئىچىدە ياكى گېزىت – ژورناللاردا، بلوگ خاتىرىلىرىدە تەگئاتنى مۇقىملاشتۇرۇش بىرىنچى قەدەم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ دەپ قارايمەن.

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif