نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى ۋە بەدىئى داۋانلىرى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى ۋە بەدىئى داۋانلىرى

ۋاقتى: 2012 - يىلى 9 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: دەرسخانا | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 1,237 قېتىم


لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 تولۇق ئىسىم – فامىلىسى: لۇتپۇللا ھېزىم مۇتەللىپ

ئومۇملاشقىنى:                  لۇتپۇللا مۇتەللىپ

             ئەركىلەتمە ئىسمى:           لوتۇن

تەخەللۇسى:                     قاينام ئۆركىشى

             قىسقارتىلما ئىسمى :           ل. مۇتەللىپ

خاراكتېرى:                      چىقىشقاق، قىزغىن، ئوچۇق – يورۇق، شوخ

             كىملىكى:                          شائىر، يازغۇچى، درامماتورگ، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، تەرجىمان، رەسسام،      مۇزىكانت، ئورۇندىغۇچى، قابىل تەشكىلاتچى، ئىنقىلاپچى  

تۇغۇلغان ۋاقتى:               1922- يىلى 11- ئاينىڭ 16 -كۈنى 

            تۇغۇلغان يۇرتى:               قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى چونجى يېزىسىنىڭ سايبويى مەھەللىسى.

ۋەتەنگە قايتقان ۋاقتى:    1931- يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجىنىڭ جاغىستاي يېزىسىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان.

            دەسلەپكى تەربىيە:          قازاقىستان، ئالمۇتا ئۇيغۇر رايونى باشلانغۇچ مەكتەپ ( پۈتتۈرمىگەن )

باشلانغۇچ تەربىيە:           (؟)1931- 1935 غۇلجا شەھىرى تاتار مەكتىپى

           ئوتتورا مەكتەپ  :           1935 – 1939 غۇلجا شەھىرى رۇس گىمنازىيىسى

ئالى تەربىيە:                  شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن ( 1939- 1942 )

             پراكتىكا خىزمىتى :         تەرجىمانلىق، 1941 – يىلى يازدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى توپوگراپىيە ھەم ئاسترونومىيە جەھەتتە تەكشۈرۈش ئۆمىگىگە رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا بەلگىلەنگەن.

تۇنجى خىزمىتى:           مۇھەررىر، ل. مۇتەللىپ سوۋېت مۇتەخەسىسلىرىگە تەرجىمانلىق خىزمىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ قايتىشىغا شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىغا خىزمەتكە بۆلۈنگەن. ۋاقتى: 1942- يىلى 2- ئايدىن 1943 – يىلى 9- ئايغىچە.

              تۆھپىسى:                    شىنجاڭ گېزىتى ئەدەبىيات بېتىنى ئىنقىلابىي ئەدەبىياتنىڭ ئوچىقىغا ئايلاندۇرغان. « ئەدەبىيات گۈلزارى » سەھىپىسىنى تەسىس قىلغان.

ئاخىرقى خىزمىتى:      مۇھەررىر، ئاقسۇ گېزىتى ئىدارىسى. ۋاقتى 1943 – يىلى 11- ئايدىن 1945 – يىلى 9- ئايغىچە.

               تۆھپىسى:                  ئاقسۇ گېزىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىنقىلاۋىي گېزىتكە ئايلاندۇرغان، « جەنۇپ شامىلى » بېتىنى تەسىس قىلغان.

ۋاپاتى:                   1945 – يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى

              شەرەپلىرى:             ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئىنقىلاۋىي قۇربان

 ل. مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت دەۋرى

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت دەۋرى ئۇ رەسمىي ئەسەر ئېلان قىلغان 1937- يىلىدىن باشلىنىدۇ. 1937- يىلى تۇنجى ئەسىرىدىن ئۇنىڭ ۋاپاتىغىچە بولغان ۋاقىتنى ھىساپلىساق ئۇنىڭ ئارانلا 8 يىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ 8 يىل ۋەتىنىمىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان 8 يىلدۇر. شۇڭا لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاھاڭىنىڭ جاھانگېرلىككە قارشى كۈرەشنىڭ تېمىسى ۋە روھى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.

ل. مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلدى. مەۋجۇت رىئاللىقتىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى، تەقدىرى، ئارزۇ – ئارمانلىرى ياش شائىرنىڭ ئىجادىيەت سوبېكتىنىڭ يېتىلىشى ۋە تاۋلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيىتىدە مىللىي تۇرمۇش ۋە مىللەت ئىستەكلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە چېنىقتۇرىشىنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى تېما ۋە مەزمۇن دەل ئۆز خەلقىنىڭ رىئاللىقى ۋە كۈرەشلىرىدىن كېلىدۇ.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇب ۋە بەدىئى گۈزەللىكلىرىدىن كۆرۈۋېلىش مۈمكىنكى، كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنى سېترولۇق قاتلاملىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ تاتار باشلانغۇچ مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر – چېچەنلىكى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، بولۇپمۇ تىل – ئەدەبىيات جەھەتتىكى تالانتى باشقىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تاتار ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى لۇتپۇللانىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىجادىيىتىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدىكى ئەمگەك – تەبىئەتكە باغلانغان كىشىلىك قىممەت قارىشى، ئىنسان خاراكتېرىنىڭ يارقىن دېتاللىرىدىن جەمىيەتنى ھەجۋى قىلىش ئۇسلۇبى ئابدۇللا توقاي قاتارلىق تاتار ئەدىپلىرىنىڭ تەسىرىدىن كەلمىگەن دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1936- يىلى تاتار مەكتىپىنى تۈگىتىپ رۇس گىمنازىيىسىگە ئوقۇشقا كىردى. بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەكتەپلىرىگە تەقلىد قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى، لېنىن، سىتالىن ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلاتتى. خەلقارا ئېقىم مەسىلىلىرى پورۇلتارىيەت مەيدانىدا تۇرۇپ شەرھىلىنەتتى. ئەدەبىياتتا رۇس يازغۇچى، شائىرلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى، دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەر تونۇشتۇرۇلاتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ۋاقىتتا پوشكىن، لېرمونتوۋ، ماياكوۋېسكى، چىخوۋ، گوركىي قاتارلىقلىقلارنىڭ رۇسچە يېزىلغان ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى ۋە بىۋاستە ئوقۇپ چىقتى.

بۇ مەزگىلدە لۇتپۇللا ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى رەسمىي باشلىغان بولۇپ، ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە مەرۇپ سەئىدى، خېلىل ساتتارى، ئەنۋەر ناسىرى قاتارلىقلاردىن شېئىرىيەت قانۇنىيەتلىرىنى ئۈگىنىشكە باشلىدى، بولۇپمۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئەنۋەر ناسىرىنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. شۇڭا لۇتپۇللا « مېنىڭ شېئىرلىرىم ئۇنىڭ ( ئەنۋەر ناسىرى ) شېئىرلىرىغا باغلانغان قويۇق مۇھەببەت ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن » دىگەن ئىدى. بۇ يەردە يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىكى تېماتىك ئىدىيە ۋە ئۇسلۇب ۋەزنىنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشمۇ لۇتپۇللا شېئىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتىكى ۋاستىلىق بىر يولدۇر.

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جوڭگو خەنزۇ ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىشى ئۇنىڭ گىمنازىيە دەۋرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇ رۇس گىمنازىزىيىسىدە رۇس كىلاسسكلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە لۇشۇن، ماۋدۇن، تىئەن جيەن قاتارلىقلارنىڭ رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى، بۇ ئەسەرلىرىدىكى ئىدىيىۋىي مەزمۇن ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلى لۇتپۇللا مۇتەللىپكە زور تەسىر كۆرسەتتى. 1939- يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە كەلگەندىن كېيىن تارىخىي رىئاللىق ۋە جوڭگو ئىنقىلاۋىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ۋەزىپىسىنى چۈشىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇ چاغلاردا مەكتەپلەردە سىياسىي، ئىدىيىۋىي، نەزەرىيىۋىي خىزمەتلەرنى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆتەيتتى. يازغۇچى ماۋدۇن، سەنئەتكار جاۋدەن قاتارلىقلار مەدەنىيەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياپون جاھانگىرلىگىگە قارشى ئەدەبىيات – سەنئەتنى، ماركىسىزىم – لېنىنىزىملىق ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلاتتى. ئەمەلىيەت جەھەتتە كوچا تىياتىرلىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ ئىدىيىۋىي تەربىيىلىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ لۇشۇننىڭ بوينىغا شارپا ئوراپ، قولىغا كىتاپ تۇتۇپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ تۇرغان پورتىرىتىنى سىزغانلىقى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىدىكى خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە مىسال بولسا كېرەك.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىدە كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىنى كۆرۈش مۈمكىن. لېكىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ مەنە جەھەتتە ئوچۇق، كەسكىن، بەدىئىلىك جەھەتتە گۈزەل نەپىس بولغان ئۇسلۇبى شائىرنىڭ 1940- يىلىدىن كېيىنكى شېئىرلىرىدا تۇراقلىشىشقا باشلىدى. ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتنىڭ ۋەزىن ۋە ئۇسلۇبى، تېما ۋە مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلغان، ئاۋانگارت بولغان شائىر بۇ مەزگىلدىن باشلاپ شېئىرلىرىنىڭ شەكلىدە مىللىلىككە قايتىش، مەزمۇندا ئۆزلۈكنى قېزىشنى ئادا قىلدى.

ل. مۇتەللىپ شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىي گۈزەللىكلىرى

لۇتۇن دەۋرى: 1937- يىلىدىن 1939 – يىلىغىچە. قىسقا- قىسقا، ئەمگەك ۋە تەبىئەتنى مەزمۇن قىلغان لىرىك شېئىرلارنى يازدى. تېماتىك ئىدىيىسى ھەقىقەتنى، دېموكىراتىيەنى ئىزدەش، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكىنى مەدھىيىلەش، مىللەتچىلىكنى تەنقىد قىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئۇرغۇتۇپ، ياپون جاھانگېرلىككە قارشى تۇرۇش. ئۇسلۇبى: ئوچۇق – يورۇق، ئاددىي- ساددا،قىزغىن، ئويناق، تەبىئىى، راۋان. بۇ دەۋردىكى شېئىرلىرى  ئويناق، تەبىئى، راۋان، ھەم رومانتىزىملىق پۇراققا باي بولۇپ، شائىرنىڭ چاپچىپ تۇرغان ئوتلۇق، جۇشقۇن ھىسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلىدى.  مەسىلەن: « كۆكلەم ئىشقى »، « كۈرەش ئىلھامى »، « جوڭگو »، « ئەپەندى بولماق »، « چوڭ كۈرەش قوينىدا »، « ئىشلە دىخان ئاكا ».

 قاينام ئۆركىشى دەۋرى: 1939- يىلىدىن 1943- يىلىغىچە. بۇ دەۋردە قىسقا سىياسىي لىرىكىلارنى يېزىپلا قالماي، داستان، نەسىر، درامما، فېليەتون، ئەدەبىيات – سەنئەت نەزىرىيىسىگە ئائىت بىرمۇنچە ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇتقا چىقاردى. بۇ دەۋردە شائىر شېئىرلىرىغا سىياسىي كۈرەش ئېڭى تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى. ئۇنىڭ سىياسىي لىرىكىلىرى جۇشقۇن، ئېنىق ۋە كەسكىن بولۇپ، دەسلەپكى شېئىرلىرىدىكى رومانتىك ئوبرازچانلىقنىڭ ئورنىنى ئاستا- ئاستا ئوتلۇق ۋە قان – ياشلىق ئىجتىمائىي مۇھىت كارتىنىلىرى ئىگەللىدى. مەسىلەن: « قىزىل گۈلگە پۈركەنگىچە يەر – جاھان »، « جوڭگو قىزى رەيھاننىڭ مارت شامىلىغا بۇيرۇغى »،« مۇخەممەس »، « يانار تاغلار »، « ياشلىق ئۈگەن ».

ئۆزلۈك دەۋرى: بۇ 1943 – يىلى كۈزدىن 1945 – يىلى كۈزگىچە. شائىرنىڭ ۋەتەنپەرلىك تۇيغۇسى كۈچىيىش بىلەن بىرگە ئىجادىيەتتە ساددا قىزغىنلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھەقىقىي، پىشقان سەنئەتكارغا خاس تەمكىن، ئېغىر – بېسىقلىق شەكىللەندى. ئىجادىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتە مەنە جەھەتتىن ئوچۇقلۇق، كەسكىنلىك، چوڭقۇرلۇق، بەدىئىلىك جەھەتتىن نەپىس، گۈزەللىككە قاراپ تەرەققى قىلدى. شائىرنىڭ بۇ چاغدىكى شېئىرلىرىدا لىرىك تۇيغۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، شائىر شېئىرلىردىكى لىرىك قەھرىمان دەۋرنىڭ تاشقى كۈرەش چاقىرىقلىرىغا قىزغىن ئىشتىراك قىلغۇچىدىن، دەۋر روھىنى لىرىك مەننىڭ چىن ھىسسىياتى ۋە ئېستېتىك ئىگەللىشىدىن ئىبارەت ئىجادىيەت مۇساپىسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىدى. مەسىلەن: « يىللارغا جاۋاپ »، « تەسىراتىم »، « خىياچان تىلەك ».

 

 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم ، بۇلۇپمۇ «يىللارغا جاۋاپ»،« خيالچان تىلەك» … قاتارلىق بىرقانچە شېئىرلىرىنى ، « پادىشاھ سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» دېگەن فېليەتۇنى مېنى ھەقىقەتەن جەلىپ قىلغان .
    « تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى ،
    چۈشۈرمەيمەن كۆرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى …»
    نېمىدىگەن مەزمۇنلۇق ھە !

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif