ئايدىكى ئىت
ئادىل تۇنىياز
قارىماققا جىمجىت
ئايدىكى ئىت.
چىشلىۋالدى قولۇمنى
قېنىم ئاقتى قەغەزگە،
قەغەز ماڭدى جان كىرىپ.
شېئرلىرىم روھنىڭ تاتۇقى.
تاتۇقى چاقناپ تۇرغان كىشىلەر
ئۆتۈپ بارار غۇۋا كوچىدىن،
ئايدىكى ئىتنىڭ كۆڭلى يېرىم .
ئايدىكى مەسچىدنىڭ قۇببىسى كۈمۈش
يەردىكى مەسچىدنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەڭ
شاۋقۇنسىز ئاقىدۇ مۇز تۇتقان ئۆستەڭ.
ئايدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى پىشتى،
ھەممەيلەن ئۆزىدىن تۇرار ئەنسىرەپ.
بوينىدا نۇر زەنجىرى
قىلماستىن مىت
ئايدىن بىزنى پايلاپ تۇرار ئىت.
ئىشىكتىن كىرسەم
پولو ئېتىپتۇ ئايدىكى ئايال،
سۆيۈپ كەتتى قولۇمغا خۇشال.
شېئىرغا قىسقىچە شەرھ
« ئايدىكى ئىت » ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن بىر قۇرۇلما ھەم شائىر ئادىلجاننىڭ مەنئىۋىي ھەرىكىتى. شېئىرنى بىر پۈتۈن قۇرۇلما دەپ چۈشەنگىنىمىزدە مەنا ۋە تىلنىڭ مەنىسىزلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىمىز ئەڭ ئالدىنقى مەسىلە بولسا كېرەك، بۇ يەردىكى تىلنىڭ مەنىسىزلىكىگە ياتىدىغان مەسىلە ئاھاڭدارلىق ۋە قاپىيە. ھەممەيلەنگە ئېنىقكى شائىر ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ بىر ئاۋانگارتى بولۇش سۈپىتىدە ئاللىقاچان ئاھاڭدارلىق ۋە قاپىيىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەنئەنىۋىي قېلىپلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان. ئۇنداقتا شېئىردىن ئەگەر بىز يەنىلا قاپىيە ۋە ئاھاڭدارلىقنى تەلەپ قىلساق بۇ شېئىردىكى ئاھاڭنىڭ شائىرنىڭ قەلب ۋە پىسخىكىسى بىلەن تەڭكەش بولىۋاتقانلىقىنى ھەرگىزمۇ يېزىقتىكى بەلگىلەر ئارقىلىق ئاھاڭدارلىق ياكى قاپىيە ياسىمايۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.
شېئىرنىڭ مەقسىدىنى ئۇقماق تەس، ھەم چۈشەنگىلى بولمايدىغان قۇرۇلمىسى ئارقىلىق كىتاپخاننى قايمۇقتۇرۇدۇ. ئايدىكى ئىت نىڭ مەنىسى نىمە؟ ئايدىكى مەسچىد،ئايدىكى دەرەخ، ئايدىكى ئاياللار ھەم نىمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟
ئادىلجان تۇنىيازنىڭ « ئايدىكى ئىت » شېئىرىدىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئەمىلىيەتتە غارايىپلىققا ئىگە ئوبراز ( ئىماگ)تەشكىل قىلىشتىن ئىبارەت. ئايدىكى جىمجىت ئىتنىڭ قولنى چىشلىۋېلىشى تېكىستنىڭ قۇرۇلۇشىنى ( ھەرپلەرنىڭ بىرىكىشىنى ) مۇبالىغە ئۇسۇلىدا مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ھەم شۇنداقلا كىتاپخاننىڭ قىزىقىشى ۋە تەبىر بېرىشىنى تەقاززا قىلىدۇ. شېئىرنىڭ ئۆزىگە خاس پرىنسىپى بولىدۇ، بۇ پىرىنسىپ دەل ئېستېتىك ھوزۇرلىنىش ئارقىلىق قانائەتلىنىشكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت، بىز ئاللىقاچان ئادىلجان تۇنىياز بەرپا قىلغان يېڭى بىر قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىچە تىل مەنالىرى ۋە مەنىسىزلىكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل باغلىنىشقا ئەسىر بولدۇق، ئۇنداقتا يەنە « ئايدىكى ئىت »تىن يەنە نىمىشقا ئالاھىدە (بەلگىلىك) مەنا ئىزدەپ يۈرىمىز.
« ئايدىكى ئىت » شېئىرىدا ئاھاڭدارلىق ۋە قاپىيەگە قارىغاندا شېئىردىكى ئوبرازلار ئارقىلىق تىلنى ئاجايىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق گۈزەللىككە ئىگە بولغان ھەم بۇ ئالاھىدىلىك بىزنىڭ شېئىردىن ھوزۇرلىنىشىمىزغا ئاساس بولغان. بۇ شېئىردىكى تىلنىڭ قۇرۇلىشى مەنا ۋە مەناسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى دىئالىكتىك مۇناسىۋەتتە ئىپادىلىنىدۇ، يەنى بىز شېئىردا نىمىلەرنىڭ دىيىلگىنى ۋە قانداق دىيىلگىنىنى يېشىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
پۈتۈن تېكىست يەتتە تەبىئىي بۆلەكتىن تۈزۈلگەن، لېكىن ھەر بىر بۆلەكتە مەنا ۋە مەنىسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توختىماستىن ئۆزگىرىرىپ يېڭى ئېستېتىك قۇرۇلمىنى تەشكىللەيدۇ، بۇ خىل مۇھىم نۇقتىنى ئىزچىل مەقسەت- مەنانى ئۆزگەرتىش، تىل، ئوبراز ۋە ئېستىلىستىكىلىق ۋاستىلارغا توختىماستىن يېڭى كەڭلىك بېرىش ئارقىلىق شېئىرنى قاتلاملىق قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىدۇ ھەم كىتاپخان تەپەككۈرىنى داۋاملىق يېڭىلايدۇ.
بۇ شېئىرنى بىر خىل مەنئىۋىي ھەركەت سۈپىتىدە كۈزەتكىنىمىزدە، ئىنىقكى بۇ ھەركەتنى ئادا قىلغۇچى شائىرمۇ ياكى «مەن » (سۆزلىگۈچىمۇ) مۇ دىگەن مەسىلە، شائىر ئەلۋەتتە شېئىرنى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن يازمىغان، ياكى باشقا بىر « مەن » ئارقىلىقمۇ سۆزلىمىگەن، سىز شېئىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى بۇ شېئىردىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىغا قويۇپ يېڭى بىر خىل ئاۋازنى ئاڭلايسىز، مانا بۇ شائىرنىڭ ئېستېتىك تەشكىللىشىدىكى سۆزلىگۈچى (لىرىك مەن ). سىز بۇ شېئىرنى ئوقۇپ بولغىنىڭىزدا تەبىئىكى يېڭى بىر لىرىك مەن ( سۆزلىگۈچى) ۋە يېڭى بەدىئى مۇھىتنى تەشكىل قىلىپ چىقىسىز، لىرىك مەننىڭ خاھىشى، ئاۋازىغا ئاساسەن يەنە ئۇنىڭ قەلبى، ئىنتىلىشى، پوزىتسىيىسىنى ھەم تەسەۋۋۇر قىلالايسىز.
ئاخىرىدا، بۇ شېئىرنىڭ ئادىل تۇنىيازنىڭ تىل ئۇسلۇبىنىڭ رىئال دۇنيا ھەققىدىكى توقۇلما تەسۋىرى ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمىزدا، بىزنىڭ يەنىلا ئىدىيىۋىي مەزمۇن ياكى شېئىرغا ھىچقانداق ئالاقىسى يوق مەسىلەر ھەققىدە ئەمەس، يەنىلا شېئىرنىڭ سەنئەتلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىرلىشىشىمىزنىڭ مۇھىملىقى ئۆزلىكىدىن ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.
ئالدىنقى يازما: ئەدەبىي زوق ۋە تەنقىدنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى
كېيىنكى يازما: ئەڭ ياخشى نەۋرۇزلۇق سوغات
بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى
بىر ۋاقىتلاردا مۇشۇ شېئىر دېگەنگە ئاجايىپ ھەۋەس قىلاتتىم جۇمۇ ، ئانچە مۇنچە قاملاشمىسىمۇ بىر نېمىلەرنى يېزىپ قۇياتتىم توۋا !!!
ئادىلجان تۇنىيازنىڭ ئائىلىسىگە بەركەت، ئىجادىيىتىگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن