نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (1)

بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (1)

ۋاقتى: 2012 - يىلى 7 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 559 قېتىم


شائىر بۇغدا ئابدۇللائۆزىنىڭ 55 يىللىق شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە ئىجادىيەت خاسلىقىنى بايقاش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇكەممەللىككە ۋە ئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەنگەن شائىر. شائىرنىڭ 50- 60 – يىللاردا يېزىلغان قوشاق شەكلىدىكى بالىلار شېئىرلىرى ۋە كۈچلۈك رومانتىزىملىق ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەن داستانلىرى بىلەن، كېيىنكى مەزگىللەردە يېزىلغان چوڭقۇر شېئىرىي ھىسسىيات ۋە پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنىڭ يۇغۇرىلمىسى بولغان لىرىك شېئىرلىرى، مىللى كۈلتۈر ئېڭى بىلەن سۇغىرىلغان داستانلىرى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق ۋە ھالقىش شەكىللەندى.

شېئىر ئىجادىيىتى بىر خىل بىلىش، ھىسسىيات، مەنا بىرلەشكەن ناھايىتى مۇرەككەپ مەنئىۋىي پائالىيەت،  ئۇ شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي تەجرىبىلىرى ئۆزارا بىرلىشىپ كەتكەن « چۈشىنىشكىلا بولىدىغان، سۆزلەپ ئۇقتۇرغىلى بولمايدىغان» ئوبرازلىق تەپەككۈر پائالىيىتى. شېئىرنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى شائىرنىڭ ئىندۇۋىئاللىقى ۋە ھىسسىياتنىڭ ئومۇمىلىق، ئونۋېرساللىققا ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەت. بىر پارچە ياخشى شېئىر شائىر قەلبىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپلا قالماستىن يەنە شائىرلىق مەنئىۋىي سۈپىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بىلدۈرۈش ۋە قايتا تەكرارلىماسلىقتا كۆرىلىدۇ. شائىر ئەمگىگىنىڭ قىممىتى، ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئورنى، ئىجتىمائىلىقتىكى ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چوڭ نۇقتىدىن ئېيتقاندا شائىرنىڭ ئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە ئەسەر ياراتقان ياراتمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، كانت ئىندۇۋۇداللىقنى ئىجادىيەت سوبېكتىنىڭ  “ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى“ دەپ قارىغان. ئىندۇۋىدۇئاللىق ئىجادىيەت خاسلىقىغا تەڭ ئەمەس، بىراق بىر روشەن ئىجادىيەت خاسلىقىغا ئىگە شائىرنىڭ ئەسىرى چوقۇم ئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئىجادىيەت خاسلىقىنى بايقاش ۋە شەكىللەندۈرۈش ئاساسلىقى شائىرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە“ ئۆزلۈك“ىنى تېپىشىدىن ئىبارەت.

شائىر بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرى شائىر ئۆزلىكىنىڭ ئېچىلىشىدىن ئىبارەت. بۇغدا ئابدۇللا زامانىمىزدىكى ساناقلىق لىرىك شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ لىرىك شېئىر ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت يولى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ لىرىك شېئىرلىرى ئالاھىدە خاسلىققا ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.

 لىرىك شېئىرلارنىڭ تېمىسى ھەمىشە شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسى تەرەپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لىرىك شېئىرلار ئىچكى مايىللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ ھەمىشە شائىرنىڭ ئىچكى مەنئىۋىي سۈپەتلىرىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. شائىرنىڭ ئەمگىگى، ئاساسلىقى تۇرمۇشنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىكى ئوبرازلارنى ئەكس ئەتتۈرۈش، مەسىلە ئۇ دىققەت قىلغان مول مەزمۇنلۇق كونكىرتنى تۇرمۇشنى شائىرنىڭ قەلبى ۋە روھىغا ئايلاندۇرۇش، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا،شائىرنىڭ ھىس تۇيغۇسى ۋە ھالىتىنى كىتاپخاننىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

شائىر بۇغدا ئابدۇللامۇ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسىنى خۇددى باشقا شائىرلارغا ئوخشاشلا كونكېرتنى تۇرمۇش زىمىنىدىن ئالىدۇ، شۇڭا بۇغدا ئابدۇللامۇ ئىجادىيىتىدە تۇرمۇشنىڭ ئوبېكتىپ كۆرۈنۈشلىرىنى قايتا ئىپادىلەشتىن، بۇ كۆرۈنۈشلەرنى سوبېكتىپلىققا، قەلبلەشكەن كورۈنۈشلەرگە ئىگە قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن شائىر. شائىرنىڭ 50- 60 – يىللاردا يازغان نۇرغۇن شېئىرلىرى ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشلەرنى قايتا ئىپادىلەش باسقۇچىدىن ئېشىپ كېتەلمىگەن شېئىرلار بولۇپ، شائىرنىڭ يېشى ۋە شائىرلىق ئېڭىدىكى چەكلىمىلىك، شۇنداقلا شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى مەشق باسقۇچى بۇ شېئىرلار ھەققىدە ئايرىم باھا قويۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ شائىر بۇ مەزگىللەردە ئۆسمۈر شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىلارچە ساددىلىق ۋە گۈزەللىككە ئىگە شېئىر- داستانلىرى ئارقىلىق بالىلار ئەدەبىياتىمىزنى بېيىتقان، جۈملىدىن « چىك – چىك » قا ئوخشاش بالىلار شېئىرلىرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇغدا ئابدۇللانى شېئىرىيەت ئېڭىدا ناھايىتى تېزلىك بىلەن ھالقىش ھاسىل قىلغان شائىر دىيىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- 60 – يىللىرى شېئىرىيىتىمىزدە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە قۇرۇلۇشقا ماس بولغان كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭ ۋە مېلودىيە تەلەپ قىلىنغان ، شېئىرلارنىڭ قېلىپى « مەدھىيە ناخشىلىرى » دىنلا ئىبارەت بولۇپ، شېئىرنىڭ ئوبېكتىپ كۈرەش تېمىلىرى ۋە جەڭگىۋار تۇرمۇش كۆرۈنىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ناھايىتى تەس ئىدى. بۇ مەزگىللەر شېئىرنىڭ ئېستېتىك تۈسى ۋە تەسىرىدىن كۆرە، سىياسىي تۈسى ۋە مەدەنىيەت رولى تەكىتلەنگەن يىللار ئىدى. بۇغدا ئابدۇللانىڭ 1964 – يىلى يازغان « چوغ » ناملىق شېئىرى بۇغدا ئابدۇللانىڭ شائىرلىق كىملىكىنىڭ ئۆسمۈر شائىردىن ئۈمۈتلىك ياش شائىرغا ئايلانغانلىقى شۇنداقلا شېئىرىيەت ئېڭىدا شېئىرنىڭ مەدەنىيەت رولىنى ئەمەس بەلكى ئېستېتىك قىممىتىنى قوغلىشىدىغان شائىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

« چوغ » شېئىرى يالغۇز بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرىيەت يولىدىكى شەخسىي كىملىكىنى بەلگىلەپلا قالماستىن، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنى دەۋر قىلىپ بارلىققا كەلگەن « گۇڭگا شېئىرىيەت » ھادىسىسىنىڭ ئېستتېتىك مەنزىلىنىڭ بىر ئۇيغۇر شائىرى ئىجادىيىتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرى سۈپىتىدە مەزكۇر ھادىسىسىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئىزچىللىقى مەسىلىسىنى كۈزىتىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. « چوغ »ناملىق بۇ شېئىرنىڭ تېمىسى مەلۇم سىياسىي ياكى ئىجتىمائى تېمىنى ئەمەس بەلكى شائىرنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسىنى ئاساس قىلغان، سوبېكتىپلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ماكان، زامان ئۇقۇملىرى ئېنىق ئەمەس، كىتاپخان شېئىردا يارىتىلغان « چوغ »، « قىز » قاتارلىق ئىماگلارنىڭ يېتەكلىشىدە ئۆزىگە خاس شېئىرىي مۇھىتنى يارىتىدۇ. شېئىر ئۈچ تەبىئى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قارىماققا يەككە مۇستەقىللىققا ئىگىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ھەر بىر بۆلەكلەر ئارىسدا قالدۇرۇلغان مەنا بوشلۇقى شېئىرىي پىكىرنى يەنىلا كۈچلۈك ئىچكى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىدۇ. شېئىرنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى بۆلەكلىرى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئاساسىدا تەشكىللەنگەن، شائىرنىڭ ئىچكى سېزىمى بويىچە تىزىلغان ئۇزۇن قىسقا مىسرالار بىردە ئەۋجىگە كۆتىرىلىپ، بىردە پەسىيىپ، كىتاپخان ھىسسىياتىنى شائىر ھىسسىياتىغا ئەگەشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى بۆلەكتە «ھە راست / كۆيگەن ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولماس » مىسرالىرى لىرىك ھىسسىيات ۋە پەلسەپىۋىي تەپەككۈرنىڭ جانلىق يۇغۇرىلىشى ئارقىلىق كىتاپخان قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.

بۇغدا ئابدۇللانىڭ « چوغ » شېئىرىدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە بۇ شېئىردا يارىتىلغان ئېستېتىك پەللە بەزىدە ئاشكارە بەزىدە يوشۇرۇن ئىپادىلىنىپ كەلدى. 1980 – يىللىرىغىچە يېزىلغان « دېڭىز »، « تەر »، « قەبرىستان »، « ئىلى يولى »، « ئاينى ئوينىتىپ »، « ۋەتەن قوشىقى » قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلاردا يەنىلا ئەنئەنىۋىي سەۋەپ نەتىجىلىك شېئىرىيەت قېلىپى مەلۇم دەرىجىدە تەكرارلاندى. 1974 – يىلى يېزىلغان « موللاتوختىيۈزىدە » شەكىل ۋە بەدىئىي تەشكىللەش نۇقتىسىدىن « چوغ » شېئىرىغا مەلۇم دەرىجىدە يانداشتى.

 ( بۇ تېمىغا قىزىققان بولسىڭىز، داۋاملىق ئوقۇڭ… )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. مەلەك مۇنداق يازغان:

    بۇ ھۆرمەتلىك شائىرىمىز قايسى كۈنى بىزنىڭ مەكتىپىمىزگە كېلىپ ئۇيغۇر شېئىريىتى توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلىدى ،ئادەتتىكى نورمال گەپلىرىمۇ كىشىگە شېئىردەك تۇيغۇ بېرىدىكەن،ئىشلىرىغا ئۇتۇق،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif