نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئوغۇزنامە،
«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(1)

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(1)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 1 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق | ئىنكاس: 3 پارچە | زىيارەت: 1,151 قېتىم


« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ A نۇسخا دەپ قارىلىۋاتقان قەدىمقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرىلگەن نۇسخىسى ھازىر فرانسىيىنىڭ پۇقرالار كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. نومۇرى Sapul tus,1001. جەمىي 21بەت (42 ياپراق) ھەر بىر ياپراقتا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يازما شەكلىدە يېزىلغان 9 قۇردىن خەت بار. ئەسەرنىڭ 1- 3 – قۇرلار ئارىلىقىدا بۇقا رەسىمى، 6 – بېتىدە قىئاتنىڭ رەسىمى بېرىلگەن. ئەسەرنىڭ بەزى بەتلىرى نەملىك تەسىرىدىن بۇزۇلغان، 17- ۋارىقى يىرتىلغان، 36- بەتتىكى بەزى ئۆچۈپ كەتكەن خەتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 40- بەتتىن بىر يېرىم قۇر، 42- بەتتىن ئاخىرقى ئىككى قۇر ئوقۇشقا بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان. لېكىن بۇ داستاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

[ تەپسىلاتى ]