نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 2 )

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 2 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 12 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 789 قېتىم


 

2

بىز يۇقىرىقى قاراشلاردىن ئۇسلۇب ۋە « style » ئاتالغۇسى ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر مۇھىم بىر باغلىنىشنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلىمىز ۋە « style » سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيىسىگە مۇراجەت قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. 19-ئەسىردىكى گېرمانىيەلىك تىلشۇناش، ئەدەبىي تەنقىتچى ۋىللىيام ۋىكنارنىڭ ) 1806-1869  (廉·威克纳格) 威 ( تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىغا ئاساسلسانغاندا،   style سۆزى ئەسلى گىرىكچە بولۇپ، كېيىن لاتىن تىلىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئەڭ ئاخىرىدا نېمىس، ئېنگىلىز تىللىرىدا ئومۇملاشقان. گىرىك تىلىدىكى يېزىق  مەنىسى يېزىش ۋە سىزىشتا ئىشلىتىلىدىغان مېتال ئويمىچىلىق پىچىقىنى كۆرسەتكەن. سىۆز مەنىسى ۋە ئېتمولوگىيەسى نۇقتىسىدىن نېمىس تىلىدىكى Stiel، ئېنگىلىز تىلىدىكى handle يەنى ساپ، دەستە، تۇتقۇچ سۆزلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان. بۇ سۆز لاتىن تىلىدا مەنىسى ئۆزگىرىپ ماھارەت، ئۇسۇل، پوچىركا دىگەندەك مەنىلەرگە كۆچكەن، يەنى بىرىنچىدىن، تىلنى تەشكىل قىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئۇسۇلنى، ئىككىنچىدىن،  تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تىل (يېزىق) ئارقىلىق ئىدىيەنى ئىپادىلەشتىكى ئالاھىدە بىر خىل ماھارەتنى كۆرسىتىدىغان بولغان. 

سىتىلىستېكا ئىلمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يىلتىزىنى ئىزدىشىمىزمۇ « style» بىلەن ئۇسلۇبنىڭ دىئالىكتىك مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. ستىلىستېكا ئەڭ دەسلەپتە يۇناندا پەيدا بولغان. ئانتىفون (Antiphon، مىلالىدىن بۇرۇن  480 -411  )، كوراكىس   ( Corax، مىلالىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىر ) ۋە ئىسوكرات (Isocrates ، مىلالىدىن بۇرۇن 436 –338 ) قاتارلىقلار ئۆز ئەسەرلىرىدە نۇتۇق سەنئىتى توغرىسىدا مەخسۇس بايانلارنى قالدۇرغان.  ستىلىستىكا ھەققىدىكى ئەڭ قەدىمكى مەخسۇس ئەسەر قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتىل (Aristotle ، مىلالىدىن بۇرۇن 384 –322 ) نىڭ « ستىلىستىكا » ناملىق كىتابى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. لېكىن بۇ ئەسەر نۇتۇق ئىستىلىستىكىنى نوقۇل «نۇتۇق سۆزلەش ماھارىتى» ياكى «مۇنازىرىلىشىش سەنئىتى » دائىرىسىدە شەرھىلىگەن بولۇپ، بۇ خىل تەتقىقات ئۇسۇلى غەرپ ئەللىرىدە تاكى ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ئاساسلىق تەتقىقات مېتودى بولۇپ قالغان.

كېيىنكى دەۋرلەردىكى ستىلىستلار قەدىمكى يۇنان بولۇپمۇ ئارىستوتىلنىڭ ستىلىستېكا ھەققىدىكى بايانلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ستىلىسكا ئىلمىنى پەقەت تىل مەسىلىلىرى ئۈستىدىلا ھەپىلىشىدىغان تىلشۇناسلىق كاتوگىرىيەسىدىن ژانىر ۋە ئۇسلۇب كاتوگورىيىسىگىچە كېڭەيتىدۇ. روسىيەدە مېخائىل ۋاسلىيىۋىچ لومونوسوۋ (1711- 1765 ) 1748 –يىلى « ستىلىستىكا » دىگەن ئەسىرىدە رۇس تىلىنىڭ ستىلىستىك قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىپلا قالماي يەنە ئۈچ ژانىر نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . ئۇ تىلنى نەپىس ژانىر، ئورتا ژانىر، يىرىك ژانىر دەپ ئۈچ ژانىرغا بۆلۈپ ھەر بىر ژانىر مۇئەييەن بىر ئۇسلۇب بىلەن ماسلىشىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئېلىمىزدىمۇ چېن ۋاڭداۋ ئەپەندى 1932 – يىلى يازغان «ستىلىستىكا ئاساسلىرى » دا خەنزۇ تىلى ستىلىستىكىسىنى ستىلىسكىلىق شەكىللەردىن ئىبارەت تار دائىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە خەنزۇ تىلىنىڭ ستىلىستىكىلىق ئۇسۇل ۋە شەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ قائىدە – پىرىنسىپلىرى، ستىلىستىكىلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان تېما، ژانىر، كونتېكست قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق شەرھىلەيدۇ.

ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما نەمۇنىنىلىرىدىن ئىسپاتلاش تەس ئەمەسكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ستىلىستىك ۋاستىلىرىمۇ ئىپتىدائى ئېغىز ئەدەبىياتىمىز بىلەن تەڭ مەيدانغا كېلىپ، ئەدەبىي تىلىمىزنى بارغانچە قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بەدىئى كۈچىنى يۇقىرى كۆتىرىش، تىل شەكىللىرى ۋە جۈملە شەكىللىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۈنىمىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئالىمى ئەبۇ  نەسىر فارابى ( 870 –950 ) مۇنازىرە توغرىسىدا كىتاپ يازغان، ئارىستوتىلنىڭ ستىلىسكىسىغا شەرھىلەر يازغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ  (1019 – 1085 ) ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسىرى « قۇتاتقۇبىلىك » تە :

 « ئوقۇش كۆركى تىل ئول ،بۇ تىل كۆركى سۆز ، 

 كىشى كۆركى يۈز ئول ،بۇ يۈز كۆركى يۈز .   » 

دەپ يېزىپ ئۆز زامانىسىنىڭ سۆز ۋە تىل مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ستىلىستىكا قارىشىدىن بىزگە مەلۇمات بېرىدۇ. ئەدىپنىڭ شاھانە ئەسىرىنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇرلاردا ستىلىسكا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى  ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە تەدبىقلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ستىلىستىكا ھەققىدە مەخسۇس ئەسەر يازغان كىشى ئەبۇ يۈسۈپ ئىبىنى ئەبۇ بەكرى خارەزمى سەككاكىدۇر (1160 – 1228  ). ئۇنىڭ « مۇفتاھۇل ئۇلۇم »  (« ئىلىملەر ئاچقۇچى » ) ناملىق  3 قىسىملىق ئەسىرىنىڭ 3- قىسمى مەخسۇس ستىلىسكىغا ئاتالغان. بۇ ئەسەر ئەرەب تىلى ستىلىسكىسىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇ ئەرەپ تىلى ستىلىسكىسىنى «ئىلمىي مەنائى » (پىكىرنى ئېنىق ئىپادىلەش، جۈملە قاتلاملىرى ئېنىق بولۇش )، «ئىلمىي بايانى » (ئوخشۇتۇش، ئىستىئارە، كىنايە قاتارلىق ئۈچ ستىلىستىك شەكىل تەھلىل قىلىنىدۇ )،« ئىلمىي بەدىئى » (ستىلىستىك شەكىللەر توپلىمى ) دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلىدۇ.  بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتا ئەرەب سىتىلىسكىسىنى دۇنيادا ئەڭ بالدۇر تەرەققى تاپقان ستىلىستېكا دەرىجىسىگە كۆتەرگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئەرەپ ئەدەبىياتى ۋە ئەرەب ئەدىپلىرىنىڭ ئىجادىيىتىگە قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقىنى ئۆز ۋاقتىدا سۈرىيە دەمەشىق جامەسىنىڭ خاتىپى مۇھەممەت ئىبىنى ئابدۇراخمان قۇۋزىننىڭ تۆۋەندىكى بايانى ئارقىلىق ھېس قىلىشقا بولىدۇ.  « پازىل ئەللامە ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ سەككاكى تەسنىف قىلغان « مىفتاھۇل ئۇلۇم » ئۆز دەۋرىدە ستىلىستېكا ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ئىدى. بۇ كىتاپتا يېزىلغان قائىدىلەر ئىنتايىن تەرتىپلىك ۋە تولۇق بولۇپ، ئەدەبىياتقا دائىر بارلىق ئۇسۇللار جەملەنگەن. » [i]

ئۇلۇغ ئۇيغۇر گۇمانىست شائىرى ئەلىشىر نەۋائى ( 1441 – 1501 ) ئۆزىنىڭ « مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن » ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ  ئىپادىلەش ۋە بەدىئي كۈچىنى ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشىنى مىللىي بەدىئى ئەدەبىياتنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر – تۈركى خەلقلەر ئەدەبىياتىدا تۇنجى بولۇپ ئەدەبىيات سىتىلىسكىسى نۇقتىسىدىن بەدىي ئۇسلۇب، بەدىئى ژانىر ۋە بەدىئى تىل توغرىسىدىكى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى تاماملايدۇ. ناۋائىنىڭ بۇ ئەسىرىگە مەشھۇر سوۋېت ئالىمى ئا . ك . براۋكوۋ مۇنداق باھا بېرىدۇ : «‹ مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن › شۇنداق كىتاپكى، تۈپ ماھىيىتى جەھەتتىن ئۇنىڭدا گەپ تىل ئۈستىدىلا بارمايدۇ.  بۇ كىتاپتا يەنە باشقا بىر پىكىر، يەنى ئۆز خەلقى ئەدەبىياتىنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ».[ii]


[i] ماقالىدىكى ستىلىسكا ئىلمىغا دائىر بايان ۋە ئىستاتلار يولۋاس راشىدىن ئەپەندى يازغان « سىتىلىسكىدىن ئومۇمى بايان » ناملىق كىتاپتىن  پايدىلىنىلدى. ش ئۇ ئا ر بەنگوڭتىڭنىڭ ھۆججەت بېسىش مەركىزى باسما زاۋۇتىدا بېسىلغان  2002 – يىلى 5 – ئاي.

[ii] شەرىپىدىن ئۆمەر « ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك ئەدەبىيات » شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1989 – يىلى 6- ئاي 1- بېسىلىشى 498 –بەت. 

( ئاخىرى بار ) 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif