نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 1 )

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 1 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 10 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 827 قېتىم


 

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدا ئەدەبىي ئۇسلۇبنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدەقىسقىچە توختۇلۇش بىلەن بىرگە،ئەدەبىي ئۇسلۇبنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك كاتوگېرىيىسى بولغان ئەدەبىي ئىستىلنى ئەدەبىياتىمىزدا شەكىللەندۈرۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە مۈمكىنچىلىكى،ئاتالغۇ مەسىلىسى،تەتقىقات ئوبېكتى، ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇسلۇب، ئېستېلىستىكا، ئىستىل ، ئەدەبىي ئىستىل

 

 تەتقىقاتچى مەھمۇت زەيىدى  ۋە سەمەت دۇگايلى قاتارلىقلار تۈزگەن « ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى » دە ئۇسلۇبنى « ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەتتىكى خاس ئالاھىدىلىكى »[i]  دەپ قارىسا ، ئەدەبىياتشۇناس ئابلەت ئۆمەر قاتارلىقلار تۈزگەن ئالى مەكتەپلەر دەرسلىكى« ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى » دا ئۇسلۇبنى « شەخسى ئىجادچانلىقنىڭ مەھسۇلى ،____ » يازغۇچىنىڭ  « ئۆزىگە خاس مۇستەقىل ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەدەبىي ئەسەردە ئىپادىلىنىشى »[ii] دەپ كۆرسىتىدۇ . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنمۇ ئۇسلۇبنى « ئىجادىيەت خاسلىقى» [iii] دەپ ئىزاھلاپ ئۆتىدۇ.  بىز يۇقىرىقىلاردىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزىرىيىسىدە ئۇسلۇبنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسى مەنبەنىڭ « ئىجادىيەت خاسلىقى » ۋە « ئالاھىدىلىكى » دەپ تۇراقلاشقانلىقىنى كۆرىمىز .

ئۇنداقتا ئىجادىيەتتىكى بۇ خىل « خاسلىق » ۋە « ئالاھىدىلىك » قانداق شەكىللىنىدۇ ؟ ئۇسلۇبنى شەكىللەندۈرىدىغان ئىچكى ئاساس يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت خاراكتىرىدىن ئىبارەت. ئىجادىيەت خاراكتېرى يازغۇچىنىڭ خاراكتىر سۈپىتى ، ئېستېتىك غايىسى ۋە ئېستېتىك ئۆلچىمىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن سەنئەت ئۆزگىچىلىكىدىن ئىبارەت. بىر يازغۇچىنىڭ خاراكتىر سۈپىتى، ئېستېتىڭ قىزىقىشلىرى ۋە ئۆلچەملىرى دەل ئۇنىڭ ئىجادىيەت خاراكتىرى ۋە ئىجادىيەت پائالىيىتىنى بەلگىلەيدۇ.

ئەلۋەتتە ئىجادىيەت تۇرمۇشتىن  كېلىدۇ. ئىجادىيەت خاراكتىرى بولسا يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن تۇرمۇش خاسلىقى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. تۇرمۇش خاسلىقى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا يېتىلىپ، مۇكەممەللەشكەن، خاسلاشقان بولىدۇ. بۇ مۇرەككەپ، ئۇزۇن دەۋرلىك پائالىيەت جەريانى بولۇپ،  شەخسنىڭ رىئال تۇرمۇشىنى ئوراپ تۇرغان ______ رايون،  مىللەت، دىن ، سىنىپ، قاتلام ، شەخس قاتارلىقلار بۇ خىل خاسلىقنىڭ يېتىلىشىدە ئوبېكتىپ رول ئوينىغان بولىدۇ.

 لېكىن بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىسىنىڭ قانچىلىك كۆپ ۋە مول بولىشىدىن قەتئىنەزەر بۇ خىل ئەمەلىيەت ۋە تەجرىبىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرگە ئايلىنىشى مۈمكىن ئەمەس. پەقەت يازغۇچى مەلۇم ئېستېتىك ئۆلچەم بويىچە تۇرمۇشنى كۈزىتىپ، ئۇنى قايتا قۇراشتۇرۇپ ئىجادىيەت خاسلىقىقىغا ئاييلاندۇرغاندىلا ئاندىن بىر بەدىئى ئەسەر مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. بىز تۇرمۇشتا بەزى ئادەملەرنىڭ مەندە نەچچە رومان بولغۇدەك تۇرمۇش تەجرىبىسى، ۋەقەلىك بار، ئۇنى يازغۇدەك ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن دەپ لاپ ئۇرىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز.  ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ياكى خاسلىقى بىلەن ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى، خاسلىقى بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەم ئايرىم – ئايرىم نەرسىلەر بولۇپ، بەزى كىشىلەر يازغۇچى بولۇشنى ئويلىسىمۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەمىلىيىتى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە ئاساس بولالمايدۇ . چۈنكى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئاساسىدا شەكىللەنسىمۇ، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى پەقەت ئېستېتىك پائالىيەت ئارقىلىق، ئېستېتىك ئىجادىيەتكە ئايلانغاندىلا، ئاندىن ئۇ ئىجادىيەت ھەۋىسىگە ۋە ئەمىلىيىتىگە ئۆزگىرىشكە ئاساس بولالايدۇ.

بۇ يەردە تۇرمۇش خاسلىقى ۋە ئىجادىيەت خاسلىقىنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش زۆرۈر. تۇرمۇش ئەمەلىيىتى پەقەت ياشاشتىكى مەنپەئەتنى مەركەز قىلىدۇ.  ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى بولسا بۇ خىل تار دائىرىدىكى تۇرمۇش مەنپەئەتچىلىكىدىن ھالقىغان، ئېستېتىك ھەركەت بولۇپ ، ئۆزىگە مەلۇم بىر خىل گۈزەللىك پىرىنسىپلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ سەنئەتنى قىزغىن سۆيگەن ئادەملەردىلا بولۇشقا تېگىشلىك ھەركەت مىزانىدىن ئىبارەت بولىدۇ. مانا شۇنداق ئادەملەرلا تۇرمۇش خاسلىقىنى ئىجادىيەت خاسلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىگە خاس بولغان بەدىئى دۇنيانى بەرپا قىلالايدۇ.

مەلۇم يازغۇچى ئۆزىگە خاس بولغان ئېستېتىك ئىزلىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق،  ئىجتىمائى تۇرمۇشتىن ئالغان سوبېكتىپ تەسىراتى،  ھىسسىياتى، تەسەۋۋۇرىنى ئېستېتىك تاۋلاشتىن ئۆتكۈزۈپ، تۇرمۇشنى تاللاپ ئۆزگەرتىپ، پىششىقلاشتىن ئۆتكۈزۈپ، مۇكەممەل، رەڭدار بەدىئى دۇنياغا ئۆزگەرتكەندىلا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەرقايسى تەشكىلى قىسىملىرىدا، مەزمۇن ۋە شەكلىدە يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئىجادىيەت خاسلىقىنىڭ مەركىزىدە ئۇنىڭ ئېستېتىك ئىزلىنىشلىرى گەۋدىلەنگەندىلا ئاندىن شۇ يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبى شەكىللەنگەن بولىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممىتىمىن ئۇسلۇب سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيەسى توغرىسىدا « ئۇسلۇپ _____ ئەرەپچە ئۇسۇل دىمەكتۇر . بىز نىمە ئۈچۈندۇر ‹ ئۇسلۇب › دەپ ئىستىمال قىلىۋاتقان بۇ ئىجادىي خاسلىق ھادىسىسى خەلقارا ئاتالغۇ بويىچە ‹ ستيىل › (style)دەپ قوللىنىلىدۇ . …. بۇ ئىبارە خەتتاتلىق سەنئىتىدە‹ كىمنىڭ قەلىمى › ، ‹ كىمنىڭ ستيلى › دىگەندەك مەنىدە ئىشلىتىلگەن. كېيىنچە رېتورىكا ساھاسىدە  ‹كىمنىڭ ماقالە يېزىش ستيلى › دىگەندەك مەنىدىمۇ قوبۇل قىلىندى. ئاخىرى ئەدەبىيات سەنئەتتە ھەر بىر سەنئەتكارغا خاس ستيل چۈشەنچىسىدە قوللىنىشقا باشلىدى. »[iv] دەپ ئۇچۇر بېرىدۇ . « ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى » دىمۇ « ئىستىل » سۆزى بىلەن  « ئۇسلۇب » سۆزى تەڭداش مەنىدە ئېشلىتىلىدۇ. [v]

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىنمۇ ئەمىلىيەتتە « style » سۆزىنىڭ ئەسلىدە ئۇسلۇپ سۆزىگە قارىغاندا كەڭ نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى بايانلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ؛  « فرانسۇز ئالىمى بوفىن 1753 – يىلى فرانسىيە ئاكادىمىيىسىدە تۇنجى قېتىم ئىستىل تەتقىقاتىنى  مەخسۇس بىر پەن سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇندىن بېرى سىتيلىسكا تەتقىقاتى قانات يېيىشقا باشلىدى. بۇ ئىلىم بەدىئى ئەسەرنىڭ مىللى ئۇسلۇبى ،دەۋر ئۇسلۇبى رايون ئۇسلۇبى ، تىلشۇناسلىق ئۇسلۇبى ، ھەر خىل ئەدەبىيات –سەنئەت ئىجادىيەت مىتود ئېقىملىرى بىلەن ھەرقايسى سەنئەتكارلارنىڭ ئەسىرىدە گەۋدىلەنگەن يۇقىرىدىكى ئامىللارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدىئال تۈزۈلمە ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ »[vi]

 ئاپتور يەنە سىتيلىسكا ئاتالغۇسىنى  تىلغا ئالغاندا ئالاھىدە مۇنداق ئىزاھاتنى قىستۇرىدۇ « بىزدە باگۇ  ئىستىلىنى تەنقىد قىلىشتىن باشلانغان يەنئەن ئىستىل  تۈزەش پائالىيىتى گەرچە  ‹ ئۇسلۇب تۈزەش › دىيىلمەي ،  ئىستىل تۈزەش دەپ توغرا تەلەپپۇز قىلىنغان بولسىمۇ ، كېيىنچە ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە «风格» (ئىستىل  ) ئىبارىسى   « ئۇسلۇب » دەپ، «  修辞学  » « رىتورىكا » ئىبارىسى «سىتيلىستىكا » دەپ ئىستىمال قىلىنغاچقا، بۇ كىتاپتىمۇ ‹ ئۇسلۇپ › ئىبارىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدۇق » .[vii]

ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بايانلىرىدىن بىز ئاز بولغاندىمۇ مۇنداق بىرقانچە خىل ئۇچۇرغا ئىگە بولىمىز .  بىرىنچىدىن، ئىستىل كەڭ ئۇقۇم بولۇپ، بەدىئى ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ھەر خىل ئۇسلۇبلارنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ مۇھىم بىر تەرەپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.  ئىككىنچىدىن،  مۇستەقىل پەن سۈپىتىدىكى تەتقىقات سىتيلىسكىدىن باشلانغان،  ئۇسلۇب ئۇنىڭدىن ئايرىلغان بىر تارماق. ئۈچىنچىدىن،  ئىستىل  ئاتالغۇسىنى ئەسلىدىكى كەڭ ھەم قاتلاملىق مەنالىرى بىلەن چۈشىنىش ۋە قوللىنىش توغرا. تۆتىنچىدىن، خەنزۇچىدىكى «风格» ۋە ئېنگىلىزچىدىكى  « style » سۆزلىرىنى بىر مەنىدە دەپ قاراپ ئۇسلۇب دەپلا ئۆزلەشتۈرۈشتىكى ئەپسۇسلۇق. 


[i] مەھمۇد زەيىدى ، سەمەت دۇگايلى « ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى »  مىللەتلەر نەشرىياتى 1988 – يىلى 7 – ئاي بېيجىڭ 1 – بېسىلىشى   422 – بەت .

[ii]ئابلەت ئۆمەر قاتالىقلار تۈزگەن ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك « ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ئاساسلىرى »  شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1997 –يىل 6- ئاي 1 – نەشرى 768 – بەت .

[iii] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن « قاتلاملىق ئېستېتىكا » شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1994 –يىل 10 – ئاي 1 –نەشرى 417 – 418 – بەتلەر .  

[iv] يۇقىرىدىكى كىتاپ بىلەن ئوخشاش.

[v] مەھمۇد زەيىدى ، سەمەت دۇگايلى « ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى »  مىللەتلەر نەشرىياتى 1988 – يىلى 7 – ئاي بېيجىڭ 1 – بېسىلىشى   422 – بەت .

[vi] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن « قاتلاملىق ئېستېتىكا » شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1994 –يىل 10 – ئاي 1 –نەشرى 417 – 418 – بەتلەر .  

[vii] يۇقىرىقى كىتاپ بىلەن ئوخشاش.

 ( ئاخىرى بار ) 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif