نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » بايانشۇناسلىق ھەققىدە

بايانشۇناسلىق ھەققىدە

ۋاقتى: 2011 - يىلى 27 - ئىيۇن | ئاپتورى: | سەھىپە: بايانشۇناسلىق | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 1,044 قېتىم


ئارىستوتىلنىڭ « شېئىرىيەت » ناملىق ئەسىرىدىكى سيۇژىت ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەردىن تارتىپ ھىساپلىغاندا، غەرپنىڭ بايانشۇناسلىق ئىلمىي ھەققىدىكى ئىزدىنىشى 2000نەچچە يۈز يىللىق تارىخنى ئۆتكۈزدى.
بايانشۇناسلىق ئادەتتىكى پروزا نەزەرىيىسى ئەمەس، ئۇ ژانىرشۇناسلىق ئامىللىرىغا ئىگە ھەم پۈتۈنلەي ژانىرشۇناسلىق ئەمەس، ئۇنىڭ جاۋاپ بېرىدىغىنى « قانداق يېزىش » ھەققىدىكى مەسىلە. بايانشۇناسلىق ئاتالغۇسى فرانسۇزچە « narratologie » ئېنگلىزچە « narratolgy » ئاتالغۇلىرىدىن خەنزۇچىغا 叙事学 ياكى 叙述学 دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بىراق بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئاڭلىتىدىغان مەنىسى ئوخشىمايدۇ. 叙述 سۆزى بايان قىلغۇچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئۇ گەپ –پاراڭ ( ئېيتىم ) قاتلىمىدىكى بايان ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ دىيىش بىراز مۇۋاپىقراق. 叙事 سۆزى بولسا ھىكايە قۇرۇلمىسى ۋە ئېيتىم ماھارىدىن ئىبارەت ئىككى قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نېبراسكا ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1987-يىلى ( University of Nebraska Press, 1987 ) نەشر قىلغان « بايانشۇناسلىق لۇغىتى» دە گېرالد پرىنس « Gerald Prince )    « narratolgy  )سۆزىگە مۇنداق ئېنىقلىما بېرىدۇ.
1. قۇرۇلمىچىلىق نەزەرىيىسى ( 结构主义 ) نىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن شەكىللەنگەن بايانىي ئەسەرلەر ھەققىدىكى نەزەرىيىدىن ئىبارەت. Narratolgy ئوخشىمىغان ۋاستىلاردىكى بايانىي ئەسەرلەرنىڭ خاراكتىرى، شەكلى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتى شۇنداقلا بايانىي ئەسەرنى ئىجات قىلغۇچى ۋە كىتاپخاننىڭ بايان قابىلىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. مۇھاكىمە قىلىش دائىرىسى « ھىكايە » ۋە « بايان » ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. بايانىي ئەسەرلەرنى ھىكايە ۋەقەلىكىنىڭ يېزىقتىكى ئىپادىسى دەپ قاراپ تەتقىقات يۈرگۈزۈش.  ( 以热奈特为代表 ) بۇ خىل چەكلىك دائىرىدە Narratolgy ھىكايىنىڭ ئۆزىگە سەل قارىغان بولۇپ ،ئېيتىمغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرگەن. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى بىرىنچى تەبىردە بايانشۇناسلىق پۈتۈن بايانىي ئەسەرلەر ھەققىدىكى نەزەرىيىنى كۆرسەتسە، ئىككىنچى تەبىردە ئېيتىمنىڭ بايانى ھەققىدىكى نەزىرىيىنى كۆرسىتىدۇ.

غەرپتە 20-ئەسىرنىڭ 60 -يىللىرى فرانسىيەدە مەيدانغا كېلىپ، 70-80 – يىللاردا گۈللەنگەن قۇرۇلما بايانشۇناسلىقىنى « كىلاسسىك بايانشۇناسلىق »، 80- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمالىي ئامېرىكىدا مەيدانغا كېلىپ، 90 –يىىللاردىن بۇيان تەرەققى قىلىۋاتقان كونتېكست بايانشۇناسلىقىنى« كېيىنكى كىلاسسىك بايانشۇناسلىق » دەپ قارىماقتا.
بۈگۈنكى بايانشۇناسلىق نەزەرىيىسى 20-ئەسىرنىڭ 60 يىللىرى ئاندىن قېلىپقا چۈشتى.
فرانسۇز تىلىدىكى « بايانشۇناسلىق » سۆزى لاتىن تىلىدىكى narrato بايان قىلىش، سۆزلەش مەنىلىرىدە بولۇپ، گىرىك تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى logie ( ئىلىم ) سۆزى بىلەن بىرىكىپ ياسالغان. « بايانشۇناسلىق » دىگەن بۇ سۆز ئەڭ ئاۋال فرانسىيە ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى تودورۇۋنىڭ 1969- يىلى نەشر قىلىنغان « ئون كۈنلۈك سۆھبەتنىڭ گرامماتىكىسى » ناملىق كىتاۋىدا ئۇچرايدۇ. ئۇ كىتاۋىدا « بۇ ئەسەر تېخى مەلۇم بولمىغان بىر ئىلىمگە مەنسۇپ، بىز ھازىرچە بۇ ئىلىمنى بايانشۇناسلىق دەپ ئاتاپ تۇرايلى، ئۇ بايانى ئەسەرلەر توغرىسىدىكى ئىلىمدۇر » دەپ كۆرسەتكەن.
بايانشۇناسلىق نەزەرىيىسىدە بۇ ئاتالغۇنىڭ ئورنىنى قانداق بېكىتىش ناھايىتى بىر تەس كاتوگىرىيە. ئىلگىرى بىز ئۇنى پروزا نەزەرىيىسى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن ئىدۇق، لېكىن پروزا نەزىرىيىسى بۇنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئېلىپ بولالمايدۇ، چۈنكى بايانشۇناسلىقنىڭ دائىرىسى بەك كەڭ. بايانشۇناسلىق دىگىنىمىز زادى نىمە؟ بايانشۇناسلىق يەنى بايان قانۇنىيىتى ھەققىدىكى تەلىمات. تودوروۋنىڭ تەبىرى مۇنداق: بايان بولسا بىردىن ئارتۇق ۋەقەنىڭ بايان قىلىنىشى؛ رېنېت : بايان بولسا بىر ياكى بىردىن ئارتۇق چىن ۋە توقۇلما ۋەقەلەرنىڭ بايان قىلىنىشىدۇر. بۇ يەردىكى توقۇلما ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ. تيودوروۋنىڭ بايان ئۇقۇمى كەڭ مەنىدە بولۇپ، ئۇ ھەممە يەردە بار. مەسىلەن، ليوتارد دەل ماكرو باياننى ئوتتۇرىغا قويغۇچى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى تەرەققىياتى، پۈتۈن جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ھەممىسى ماكرو بايان، تارىخشۇناسلىق دەل ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى قانۇنىيەتلىرى شۇنداقلا ماكرولۇق بايان قانۇنىيىتى ھەققىدىكى ئىلىم دەپ قارايدۇ. بايان يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەربىر ئادەم تەرەپىدىن چوقۇم ئىجرا قىلىنىدۇ. شۇڭا جېنېتتى چوقۇم بايانىي ئەدەبىيات ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بايانشۇناسلىق، بۈگۈنكى تار مەنىدىكى بايانشۇناسلىق دەپ قارايدۇ. ئۇ بايانىي ئەدەبىيات كاتوگېرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پروزا نەزەرىيىسى ۋە كەڭ مەنىدىكى بايانشۇناسلىقنى ئايرىدى، چۈنكى بايانى ئەدەبىيات گەرچە ئاساسلىقى پروزىنى كۆرسەتسىمۇ، بىراق ئىلگىرىكى «داستان » دىن ئىبارەت بۇ خىل شېئىرىيەت شەكلى ۋە كېيىنكى كىنو تېلىۋىزىيەلەرمۇ بايانىي ئەدەبىيات، شۇڭا ھازىرقى بايانشۇناسلىق ئۇقۇمى كەڭ مەنىدىكى بايانشۇناسلى كۆرسىتىدىغان دائىرىدىن كىچىك، بىراق پروزا نەزەرىيىسى ئۆز ئىچىگە ئالىدىن دائىرىدىن يەنىلا چوڭ. ئەگەر كەڭ مەنىدىكى بايانشۇناسلىق بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزغا نىسبەتەن كېلەڭسىز ( بەك چوڭ ) بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا پروزا نەزىرىيىسىمۇ ئومۇمىلىققا ئىگە ئەمەس.
بايانشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ئوبېكىتلىرى: باياننىڭ ماھىيىتى، شەكلى، رولى قاتارلىقلار. كونكېرت ئېيتقاندا ھىكايە، بايان ئېيتىمى، بايان ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ، تەتقىقات دائىرىسى بايانى ئەسەرلەردىن ئىبارەت. بايانشۇناسلىق ھىكايىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، بىراق ئىلگىرىكى تەتقىقاتقا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى ھىكايىنىڭ ئەسلىدىنلا قانداق قانۇنىيەتلەرگە ئىگە، بۇ خىل قانۇنىيەتلەر قانداق شەكىللەنگەن دىگەن مەسىلىلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن، تودوروۋنىڭ « ئون كۈنلۈك سۆھبەت » نىڭ ھىكايە قېلىپى ھەققىدىكى تەتقىقاتى، ئۇ مانا مۇشۇ خىل تەتقىقات تەھلىلىگە ئاساسەن بەزىبىر قانۇنىيەتلىك مەنالارغا ئىگە بولدى.
ھىكايە ۋە سيۇژېت: بۇ يەردە ھىكايە ۋە سيۇژېتنى ئايرىش كېرەك، ھىكايە كەڭ مەنىدىكى بايانشۇناسلىق ھەققىدىكى ئۇقۇم، ئەمما تار مەنىدىكى بايانشۇناسلىقتا پەقەتلا سيۇژېت بولىدۇ، ھىكايە بولمايدۇ. بايانشۇناسلىقنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى ھىكايەنىڭ قانداق قىلىپ سيۇژېتقا ئۆزگىرىشى، ئىككىسىنىڭ كەسكىن پەرقى قەيەردە؟ شۇڭا بايانشۇناسلىقتا سيۇژېتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى دىيىشكىلا بولىدۇ، ھىكايىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى دىيىشكە بولمايدۇ.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. قۇتتېكىن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بلوگنى رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم، بلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىپ قويالارسىزمۇ؟
    لوگو:http://www.quttikin.com/wp-content/uploads/2011/06/3578485.gif

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif