نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » خەنزۇ چاغداش ئەدەبىياتىنىڭ پەن تارىخى

خەنزۇ چاغداش ئەدەبىياتىنىڭ پەن تارىخى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 21 - ئىيۇن | ئاپتورى: | سەھىپە: خەنزۇ ئەدەبىياتى | ئىنكاس: 3 پارچە | زىيارەت: 1,094 قېتىم


جوڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى كۆپ خىل ئەدەبىيات پەنلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياش بىر تەتقىقات يۆنىلىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن باشلاپ  ئىزچىل مۇجىمەل( 暖昧 ) ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟ بۇ سۆزىمىز ئىككى خىل مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بىرى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تارىخى يېزىشنىڭ مۈمكىنچىلىكى مەسىلىسى، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، چاغداش ئەدەبىيات تارىخىنى تىكلەشنىڭ مۈمكىن ياكى مۈمكىنسىزلىكى ھەققىدىكى گۇمان مەسىلىسى؛ يەنە بىرى بولسا، چاغداش ئەدەبىيات ئاكادېمىيە (ئالىي مەكتەپ) تۈزۈلمىسىدىكى بىر ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ساھە ۋە ئۇنىڭ تارىخىي مەۋجۇتلىقى ئوتتۇرىسىدىكى  زىددىيىتى مەسىلىسى. ئېنىقكى، ئالدىنقى گۇمان كېيىنكى زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىزنىڭ بۇنداق دىيىشىمىز ھەرگىزمۇ چاغداش ئەدەبىيات تارىخىنى يېزىشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەمىلىيەتتە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى چۈشەنچىسى 1950 – يىللاردىلا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بەلگىلىك ئەدەبىيات تارىخى بايانچىلىق ئەندىزىسىنى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى كەسپىي قۇرۇلىشىنىڭ مۈمكىنلىكىنى ھازىرلاپ كەسپىي ھۇلىنى تىكلەپ بولغان.

يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان زىددىيەت مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن. بىر تەرەپتىن چاغداش ئەدەبىيات تارىخى مۇستەقىل بىر پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالىي مەكتەپلەر تۈزۈلمىسىدە پەيدا بولۇشقا باشلىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، 50 – يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان چاغداش ئەدەبىيات تارىخى بايانچىلىق ئەندىزىسى 80 – يىللاردىن باشلاپ ھەتتا پۈتۈن 80- 90 – يىللاردا بارغانسېرى ئېنىق بولغان گۇمانىي قاراشلارغا ئۇچراشقا باشلىدى ۋە ئىنكارچىلىق بۈگۈنكى زامان جوڭگو ئەدەبىياتى پەن قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى شۇنداقلا ئۇنى كۆپ خىل گۇمانىي كۆزقاراشلار ئىچىگە چۈشۈرۈپ قويدى.

1.گۇمانىي كۆزقاراشلار 80- يىللاردا كەڭ نۇقتىدىن ئېيتىلغان « ئەدەبىيات تارىخىنى قايتا يېزىش» تىن ئىبارەت ئىدىيىۋىي ئېقىمدىن كەلگەن. ئاتالمىش « قايتا يېزىش » بولسا 50 – يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە تۇرغۇزۇلغان ئەدەبىيات تارىخى ئۆلچىمىگە تەڭشەش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە يېڭى بىر خىل يەنى سولقانات ئەدەبىياتقا ئوخشىمايدىغان ئەدەبىيات تارىخى بايانچىلىق ئەندىزىسى تۇرغۇزۇش، سولقانات ئەدەبىيات ھەتتا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەركىۋىگە كىرەلمەيدىغان ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى 4-ماي دىن كېيىنكى ئەدەبىيات تارىخىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈۋېتىشتىن ئىبارەت. بۇنداق بولغاندا، سولقانات ئەدەبىياتقا تەۋە بولغان لېكىن بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى فورمىسىدىكى 50- 70- يىللار ئەدەبىياتى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تارىخى بايان قۇرۇلمىسىدا ناھايىتى شۈبھىلىك ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ ھەم بۇنىڭ ئۆزىلا بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىلىقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئۇنىڭ پەقەت « كۆز ئالدىدىكى ئەدەبىيات » ھەققىدىكى تەنقىد ۋە تەسۋىرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

2. گۇمان يەنە يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە موللىقى تەرەپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يېڭى ئەدەبىيات دەۋرىدىمۇ ئەدەبىيات تارىخى كىتاپلىرى يەنىلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا شەكىللەنگەن ئەدەبىيات فورمىسى ۋە بايان ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇرەككەپ ۋە مول بولغان يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ قىممەت قاراشلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلۈشكە باشلىدى. يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى ناھايتى ئېنىقكى، كۆپ خىل مەدەنىيەت تىپلىرىنى  ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مەنبەسى قىلغان ئىدى، ھەتتا شۇنداق دىيىشكە بولۇدۇكى، سوتسىيالىستىك رىئالىزىمنىڭ ئاساسىي ئۇسۇللىرىدىن ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ چىقىش، پرولتارىيات ئەدەبىياتى تەشكىللىگەن ئاساسىي ئېيتىمنى بۇزۇش دەل يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى ۋە شۇنداقلا ئەدەبىياتنىڭ كۆپ خىللىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئەمما 80- يىللاردا تۈزۈلگەن نۇرغۇنلىغان ئەدەبىيات تارىخى كىتاپلىرى يەنىلا سوتسيالىستىك ئەدەبىيات مەركەزچىلىكىدىكى ئەدەبىيات بايانچىلىقىنى قوللاندى، گەرچە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ خاراكتېرى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات بولسىمۇ لېكىن يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى بىر تاياقتا ئوخشاش تارىخىي بايان ئىچىگە قويغىلى بولمايدۇ، مانا بۇنىڭ ئۆزى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبىياتنى «قاپ بېلىدىن ئۈزۈلگەن ئەدەبىيات » قا ئايلاندۇرۇپ، بۇگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقى بايان ئەندىزىسىدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.

يۇقىرىقى ئىككى سەۋەپتىن 80- يىللار بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پەنلەر قۇرۇلىشىنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى ۋە كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تارىخى يېزىقچىلىقىغا ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 80 – يىللاردىن كېيىن بۇ ئەھۋالدا ئاز – تولا بۆسۈش يۈز بېرىشكە باشلىدى.

بىرىنچى بۆسۈش، تەتقىقاتچىلار يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ئىزچىللىققا ئىگە بولغان تارىخىي بايانچىلىق ئەندىزىسىنى تىكلەشكە باشلىدى، ياكى ئىزچىللىققا ئىگە بولغان تەنقىد مېتودىنى شەكىللەندۈردى.

ئىككىنچى بۆسۈش، تەتقىقاتچىلار يېڭى نەزەرىيىۋىي ئۇسۇللار ئارقىلىق 50-70- يىللار ئەدەبىياتىنى قايتا ئوقۇشقا ھەم بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق 50- 70 – يىللار ئەدەبىياتى ۋە يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىي باغلىنىشىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشتى، بۇنى «قايتا  چۈشەندۈرۈش» دىيىشكىمۇ بولاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭى دەۋر كىرگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن بۆسۈش خاراكتېرىدىكى تەنقىد نەزەرىيىلىرىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىنى قايتا يېزىشى ئىدى. بۇ خىل نەزەرىيە مەنبەلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: قۇرۇلمىچىلىق- قايتا قۇرۇلمىچىلىق، روھىي(پىسخىك) ئانالىز، ئاڭ ئېقىمى تەنقىدچىلىكى، پوستمودېرنىزىم، 3- ئەللەر تەنقىدچىلىكى، كېيىنكى مۇستەملىكە تەنقىدچىلىكى، ئاياللار مەسلىكى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى غەرب دۇنياسىدا 60- يىللاردىن كېيىنكى بىر قاتار تەنقىد نەزەرىيىلىرىدىن ئىبارەت. بۇ خىل نەزەرىيەلەر ئىجادىي ياكى پۈتۈنلەي خاتا ھالدا بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە قوللىنىلغاندا بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى شۇنداقلا ئىلگىرى دىققەت قىلىنمىغان ياكى يوشۇرۇلغان تارىخىي يوچۇقلىرى ئاشكارىلاندى. 90- يىللارنىڭ كېيىنكى يىللىرىدىمۇ غەرپ نەزەرىيىلىرىگە ئۇنچە بەك ئەگىشىپ كەتمىگەن لېكىن تارىخىي قايتا قۇرۇش ئېڭىدىكى تەتقىقاتلار بارلىققا كېلىپ ئىلگىرىكى ئەدەبىيات تارىخى ئەندىزىسىگە ئوخشىمايدىغان بايانچىلىق ئەندىزىسى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.

ئۈچىنچى بۆسۈش، 90- يىللاردىن كېيىنكى بۆسۈش ئاساسلىقى 80- يىللاردا يېزىلغان ئەدەبىيات تارىخىنى يەنە قايتا يېزىشتا كۆرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئانچە بەك ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان مەقسەت شۇكى، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ كەسپىي ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى  ئاساسىي بايانچىلىق ئەندىزىسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت.  

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (3) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ئۇيغۇريار مۇنداق يازغان:

    :o :cool:

  2. كۆكتولۇن مۇنداق يازغان:

    ئەسسلاممۇ-ئەلەيكۇم ئابدۇسالام مۇئەللىم.
    ماقالىلىرىنى ئوقۇۋېتىپ ئۇنى-بۇنى سورىغۇم كەلدى.
    خەنزۇ ئەدەبىياتى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم دېگەندىن يۈزلىنىشنى ئازراق ھېس قىلدىم دېگىنىم راستتەك تۇيۇلدى. يېقىندى بۇيان توردىن 60-يىلدىن 90-يىلغىچە توغۇلغان جوڭگۇ ئەدەبىياتىدىكى شائىر يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمالى بىلەن تونۇشۇپ چىقىۋاتىمەن.بۇ 30 يىل ئىچىدە توغۇلغان يازغۇچىلار بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا توغۇلغان، ئىجادىيەت قىلغان يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىدە تۈپتىن بۇرۇلۇش بار. بولۇپمۇ 80-يىللاردىن كېيىن توغۇلغانلار زامان شارائىتى تۈپەيلى، تېخىمۇ ئەركىن پىكىر قىلىدىغان، ئالدىنقىلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئىتراپ قىلمايدىغان، ئىنكارچى سۈپىتىدە مەيدانغا كەپتۇ. 80-يىللاردىن كېيىن توغۇلغانلار بىلەن بىزدىكى 80-يىللىقلارنى، ئۆزبەكلەردىكى 80-يىللىقلارنى تەبىيلا سېلىشتۇرۇش ئىستىكى توغۇلدى.
    بىز بىلەن تەڭقۇرداشلارنىڭ نەشىردىن چىققان كىتابلىرى، ئىرىشكەن نەتىتجىلىرى ئالدىدا بىز ھىچقانچە ئەمەستەك. يەنە بىر ئويلىسام، بىزدىكى شارائىت، تۈزۈم چەكلىمىسى نۇرغۇن ئىقتىدارلىقلارنى چەكلەپ قويغاندەك.
    ئۇلارغا نەزەر سالغىنىمدا، نەشىردىن چىقارغان كىتابلىرى ناھايتى كۆپ. ئاشۇ يىزىقچىلىقىغا تايىنىپ، ‹ئەڭ باي› يازغۇچى دەرىجىسىگە چۈشىدىغانلاردىنلا نەچچىسى باركەن، بەزىلىرى مالۇم شىركەتلەرنىڭ لىدىرىم، دىرىكتورى دېگەندەكلەركەن. ئۇلارنىڭ باياشاتچىلىق، چەكلىمىسىزلىك ئىچىدە تۇتقان تېمىسىمۇ، ئادامنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خەن-خەنننىڭ تۈزۈم، ئىجتىمائىيەت، سىياسى ھەققىدىكى بايانلىرىنى بىز ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمىز. بۇلاردىن ئەسەرلىرى كىنو، تېلۋىزىيە فىلىمى قىلىنىپ ئىشلەنگىنلىرىمۇ خېلى كۆپلەن.
    تارىختىن بۇيانقى‹ ماۋدۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى›غا ئىرىشكەنلەرنى جەدۋەل بىلەن چىقىرىپ قويۇپتىكەن. ھەممىسىنىڭ تەرجىمالىنى، مۇكاپاتلانغان ئەسىرىنى كۆردۈم. ھەممىدىن بەك دىققىتىمنى تارتقىنى سۇ يىشىن ئىسىملىك خۇيزۇ يازغۇچى بولدى، ئۇ 2010-يىلى بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىپتۇ. 1986-يىلى توغۇلغانىكەن.

    بىزدىكى تەڭقۇرداشلار تېخىچلا كۈن ئېلىش ھەلەكچىلىكىدە. مۇھەببەت، زاماندىن زارلاش، ھەسرەت، كوللىكتىپ خۇدۈكسىرەش تۇيغۇسىدىن پارتىلاپ چىققان قىسىلىش، غېرىبلىق… يازسا يازغىلى بولىدىغان نۇرغۇن تېمىلار بىزنى چەتكە قاقماقتا ياكى بىز جۈرئەت قىلالمايۋاتىمىز.
    بىز جەمىيەت ھەققىدە بەكراق كۈچەپ تەشۋىق قىلساق، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلاردىن چىقىپ كېتەلمەيدىكەنمىز.
    مەن بىزدىكى ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئاننىڭ تەپەككۇرىنى خەن خەندىن كەم دەپ قارىمايمەن. بىزدىمۇ شۇلار بىلەن تەڭ ماڭالايدىغان شائىر، يازغۇچىلار بار. ياشلار بىزدە شېئىرىيەتكە بەكراق كىرىشىپ كەتكەن بولسا،ئۇلاردا پىروزىغا ئۆزىنى ئۇرغان.
    پاسئان، ئابدۇرەشىد، مەھدى، ھەزرەتئەلى، ئايىمنىسا، چوغلۇق، ناۋال، ئۇچتېكىن، زەپەرى. ئۈمۈدۋار، ئۆمەر، زۇلتاپ، سەيدۇللا، تۇران، كۆكتۈرك، بەرچىنئاي، سىدىقچان غۇپۇر، كۈيزار،مەمەتئۆمەر… مەن يەنە ئىسمىنى ئاتىمىغان ياشلار…
    بۇلاردا بەدىي دىت، تەربىيلىنىش يېتەرلىك بار، ئەمما زەپەرى بىلەن ئۆمەر ئېلكىتاب چىقارغادىن باشقا، كىتاب چىقمىدى.
    ئۆزبەكىستاندىكى تەڭقۇرداش ياشلاردىن يەنىلا بىزدىكى ياشلار ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ مېنىڭ ئۇلارنىڭ زىيا ئۇز تورىدىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ھېس قىلغىنىم. ئۇلارنىڭ مەتبۇئاتىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىم بولمىغاچ، ئارتۇق سېلىشتۇرغۇم يوق.
    يېقىنقى ئىجادىيەت ئەھۋالىدىن ھېس قىلىشىمچە بىزدىكىلەر تۇرغۇن ھالتكە كېلىۋالدى. بۇ بەلكىم ئۆزىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تىڭشاشتۇر؟
    ئىچى سىقىلىش، نارازىلىق، تەڭسىزلىك، غېرىبلىق، ئىقتىسادى بېسىم، تۇرمۇشنىڭ گاڭگىرىتىشى، خىزمەتتىكى نامۇۋاپىقلىق… ئۇلارنى شۇنداق قىلىپ قويغان بولىشىمۇ مۇمكىن. تاشقى سەۋەب بىلەن ئىچكى تەنھالىقنىڭ بىرىكىپ، مۇشۇ بىر دەۋىردىكى ئەدەبىياتنىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولمىسىلا بولاتتى.
    كۆپ ئويلايمەن. بۇ يەردىمۇ كۆپ گەپ قىلىپ. تېمىدىن چەتنەپ كەتتىم. ئەپۇ قىلسىلا مۇئەللىم.
    بىزدىمۇ 80-يىلدىن كېيىن كۆتۈرۈلگەن ئەدەبىياتنى قايتىدىن شەرھىلەش كېرەكمۇ يوق؟ نەزەرىيەگە تەدبىقلانمايدىغان ياكى نەزەرىيىسى يىزىلمىغان ئەسەرلەر ھەققىدە نىمە دەيمىز؟ پىسخىكا ئەدەبىياتىغا قانداق قارايلا؟ ئادەم قانچە ئويلانغانچە، ئىچكى تۇيغۇنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەسەرلەرگە(‹ سىتفان زىۋىگ› نىڭكىدەك ئەسەرلەرگە) خۇمار بولۇپ قالامدىغاندۇ؟ ياكى پەرھات تۇرسۇندەك قابىليەتلىك، مىھىرسىز يازغۇچىلارنىڭ ‹ئىدىيە زوراۋانلىقى› ئاساسىي مەقسەت قىلىنىپ يىزىلغان ئەسەرلىرى كۈچۈپ تەشۋىق قىلىنىپ، ئاشۇ خىلى ئەسەرلەرنى ئىزدەپ، سوراپ ئوقۇيدىغان بىچارە ئوقۇرمەن خارەكتىرى ئومومىي توپ بولۇپ شەكىللىنىپ قالارمۇ؟
    ساپ ئەدەبىيات قارىشىدىن گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قىلدىم؟
    بەزى ئەسەرلەرنى ئوقۇسام، چىقىۋاتقان مەنەدىن كۆڭلۈم ئاينىيدۇ. شەھۋانىيلىق، مەينەتلىك، قىلىقسىزلىق ئاشكارا ئوتتۇرغا قويۇلۇپ يىزىلسىمۇ، ئۇنى ماختايدىغان بىر گورو شەكىللەندى. ئادەمنىڭ ئىچىنى قىزىش، نوقۇل جىنسىيەتنىلا كۆرسىتەمدۇ؟
    پاكىز تۇيغۇنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئادەملىرمىزنى سېغىنىپ قالىمەن. جىبران بىلەن تاگور يات دىن كىشىلىرى بولغان بىلەن نى-نى مۇسۇلمان يازغۇچىلار يازالمىغان گۈزەللىكىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرىۋاتتى.
    روھ -ئەبەدىي يېڭى نەرسە، يېڭى نەرسىنى قىزىش، ئېچىشقا قىزغىنلىقتىن بىلەك پاكىز ۋۇجۇت، ساپ ئەقىدە، ئىنسانى مۇھەببەت، مەسئۇىيەتچانلىق، بۇرىچكارلىق تۇيغۇلىرى بولىشى كېرەكقۇ؟
    ئەدەبىياتىمىزنى ساپلاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، مۇھەببەتكە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلساق بولار؟
    بۈگۈن ئۆزۈمچە مۇڭداشقۇم كېلىپ قالغان ئوخشايدۇ. سىلىنى بۇ ئىزتىراپلىرىمغا ئەڭ قايىل قىلارلىق جاۋاب بىرەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
    سالامەت بولسىلان. ياراتقۇچىمىزدىن بەركەت تىلەيمەن. ئاللاھقا ئامانەت.
    2012-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ، گۇگۇم ئالدى
    ئوقۇغۇچىلىرى: ئاينۇر مۇھەممەد كۆكتولۇن

  3. نۇھ مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكوم سالام ئاينۇر! ماقالىنى كۆرگىنىڭىز ۋە مېنىڭ مەقسىدىمنى چۈشەنگىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم. بارىكاللا! تەتىلدىن بۇيان سەپەردە بولغاچ بلوگقا قارىيالمىدىم ھەم سىز يازغان ئىنكاسنىمۇ بۈگۈن كۆرىۋاتىمەن. ۋاقتىدا جاۋاپ يازالمىغانلىقىمدىن ئۆزرىلىكمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەزمۇنلار كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، بەزىلىرىگە جاۋاپ بار، ئاستا – ئاستا پىكىرلىشىمىز. تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif