نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەدەبىي زوق بولسا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئاساسى

ئەدەبىي زوق بولسا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئاساسى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 6 - ئاۋغۇست | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 867 قېتىم


ئەدەبىي زوق بولسا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى تەرەپىدىن بەلگىلەنگەن. تەنقىدچىلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرنى لوگېكىلىق، ئىدراكىي، ئوبېكتىپ تەھلىل ۋە ھۆكۈم قىلىشىنىڭ ئاساسى چوقۇم بەلگىلىك تەنقىد پرىنسىپلىرى ۋە ئۆلچەملىرى ئاساسىدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەسەرنى كونكېرت ۋە ئوبرازلىق ئىگەللەشتىن كېلىدۇ، مانا بۇ خىل ئىگەللەش ئەدەبىي زوقتىن ئىبارەت. بىلىش نەزەرىيىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ بىلىش پائالىيىتى ھىسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە قاراپ تەرەققى قىلغان بولىدۇ، پەقەت ھىسسىي بىلىش باسقۇچىدىن ئەقلىي بىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەندىلا بۇ خىل بىلىش جەريانى ئىشەنچلىك ھەم شەيئىلەرنىڭ تەبىئىتىگە ماس بولغان بولىدۇ. ئەدەبىي زوق بولسا تەنقىدچىلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرگە بولغان ھىسسىي بىلىشى، ئۇنىڭ بۇ خىل ھىسسىي بىلىشى قانچە موللاشسا، كۈچەيسە، ئەدەبىي ئەسەرگە نىسبەتەن ئىدراكىي باھاسى شۇنچە توغرا ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. بەلكى، بىر خىل ئالاھىدە بىلىش پائالىيىتى بولغان ئەدەبىي تەنقىد ئىدراكى بىلىشكە كۆتىرىلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ ھىسسى بىلىشنى چۆرۈۋەتمەيدۇ، بەلكى دائىم ھىسسىي بىلىشكە قايتىپ، ئەسەرگە بېرىلىۋاتقان لوگېكىلىقك ھۆكۈمنى ئەسەردىكى ئوبرازلىق ھىسسىياتتىن ئايرىۋەتمەيدۇ.

ئەدەبىي تەنقىدچىلىك نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، ئەدەبىي تەنقىدچى ئەڭ ئالدى بىلەن بىر كىتاپخاندىن ئىبارەت، ئۇ دەسلەپ ئەسەرنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى روھى گۈزەللىك ئېھتىياجى ئۈچۈن ئوقىغان بولىدۇ. كىتاپخانلىق جەريانىدا ئەسەرگە مەپتۇن بولۇپ، تەسىرلىنىدۇ ۋە يازغۇچى بەرپا قىلغان ئوبراز ۋە ھىسسىيات دۇنياسىغا كىرىپ، بىر خىل تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە ھىسسىيات تەجرىبىسىگە ئىگە بولىدۇ، ئورتاقلىشىدۇ. ئۇ دەسلەپ ئىدراكقا تايىنىپ ئەمەس، تەجرىبە ۋە سەزگۈسىگە تايىنىپ، ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ھىس قىلىدۇ، ئاندىن تەنقىد قىلىش ھاياجىنىغا ۋە ئىستىكىگە ئىگە بولىدۇ. باشتىلا تەنقىد قىلىش مۇددىئاسىدا تۇرغان تەنقىدچىلەرمۇ ئوخشاشلا مانا مۇشۇنداق ئوبرازنى ئىدراك قىلىش ۋە ھىسسىياتنى تاۋلاش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەندىلا ئاندىن تەنقىدنىڭ ئۇستىخېنى چىڭ بولغان بولىدۇ. شۇڭا ياپونىيەلىك يازغۇچى بىڭتىئەن جىڭشىۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ: « ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ چىقىش نۇقتىسى گۈزەللىك تەجرىبىسىدىن ئىبارەت، گۈزەللىكنىڭ تەسىر تەجرىبىسى ۋە گۈزەللىكتىن ھاياجانلىنىش تەجرىبىسى پۈتكۈل ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى باشلىنىش نۇقتىسىدۇر » دەيدۇ.

ئەدەبىي زوقنىڭ ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئاساسى، باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئۇقۇمدىن باشلانماي ئوبرازدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئىگەللەشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىلگىرى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل، ھەتتا ھازىرقى بەزى ئەدەبىي تەنقىد ئەسەرلىرىمۇقىم قېلىپقا ئەسەرنى سالغان بولۇپ، تەييار ئۇقۇم – ئىبارىلەر بىلەن ئەسەرنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەنقىدتە ئۇقۇملاشتۇرۇش، فورمۇلالاشتۇرۇش، تىلى ئېغىر بولۇش، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ماسلاشماسلىق، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە زوقلىنىشقا قىلچە پايدىسى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ دەل ئاتالمىش ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئەدەبىي زوقلىنىشنى ئاساس ۋە چىقىش نۇقتىسى قىلمىغانلىقىدىن ئىبارەت. ياكى ئالدى بىلەن تەنقىدنىڭ تېمىسى، مەزمۇنىنى بەلگىلىۋېلىپ، ئاندىن ئەسەرنى ئىزدىگەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ؛ ياكى ئۆزى ئەسەردىن ياكى ئۆزى ئەسەردىن قىلچە تەسىرلەنمىگەن، ھاياجانلانمىغان تۇرۇپ، باشقىلار ياىشى ئەسەر دىگەچكىلا دوس تارتىشىپ تەنقىدكە كىرىشكەن بولىدۇ؛ ياكى ئەسەرنى چالا – پۇچۇق كۆرۈپلا، ھەقىقىي گۈزەل، بەدىئىي زوقلىنىش ھالىتىگە يەتمەي تۇرۇپ، تەييار ئۇقۇملارنى ئەدەبىي ئەدەبىي ئەسەرگە تەدبىقلاپ قويۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ.بەزىلەر ھەتتا ئەسەرنى كۆرۈپمۇ باقماستىن تەنقىدكە كىرىشىپ كېتىدۇ… بۇ خىل تەنقىد ماقالىلىرىنىڭ يازغۇچىلار ۋە كىتاپخانلار تەرەپىدىن قارشى ئېلىنماسلىقى تەبىئى.

بەزىلەر ئەدەبىي تەنقىد تەسىرات شەكىللىك تەنقىد، زوق شەكىلىدىكى تەنقىد ھەم تەھلىل شەكلىدىكى تەنقىد، ھۆكۈم شەكلىدىكى تەنقىد قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ، ئالدىنقىسىدا ئەدەبىي زوقنى ئاساس قىلىش كېرەك، لېكىن كېيىنكى ئىككىسىدە تەنقىدنى توغرىدىن توغرا ئۇقۇمدىن باشلاش كېرەك دەپ قارىشىدۇ، كېيىنكى باياندا خاتالىق كۆرۈلگەن، كېيىنكى ئىككى خىل تەنقىدنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە شەكلىدە ئازراق ئوخشىماسلىق بار. ھەقىقەتەن ئالدىنقى ئىككى خىل تەنقىد تۈرىدە زوقلىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تەسۋىرىي خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ، كېيىنكى تەنقىدلەردە لوگېكىلىق ھۆكۈم ئاساسى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ تەھلىل خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق ئەدەبىي تەنقىد بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىي زوقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەدەبىي زوقتىن بىر دەرىجە ھالقىغان بولىدۇ.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. كارۋانىم مۇنداق يازغان:

    مەلۇم ئەسەرنى ئوقۇپ شۇ ئەسەردىن زوق ئالالىغان كىشىلەر ئەلۋەتتە ئۇ ئەسەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ.

    بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ دۇرۇس ئېيتىلىپتۇ:‹‹ئەدەبىي تەنقىدچى ئەڭ ئالدى بىلەن بىر كىتاپخاندىن ئىبارەت››

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif