نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » 2011 » سېنتەبىر
ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 3 )

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 3 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 22 - سېنتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 979 قېتىم


ئەگەر تۇرمۇشتا تراگېدىيە بولمايدىكەن، ئۇنداقتا ئەدەبىياتتىمۇ تراگېدىيىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تۇرمۇشتىكى تراگېدىيە ئەدەبىياتتىكى تراگېدىيىنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن ئۇلار كۆرگۈچى(قوبۇل قىلغۇچى ياكى كىتابخان) ئۈچۈن ئوبىيىكتىپ ئۈنۈم جەھەتتە ئوخشاشمايدىغان مەزمۇنلارغا ئىگە بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى تىراگېدىيە ھەر خىل مۇرەككەپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تراگېدىيىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ. يەنى ئۇنىڭدا تراگېدىيىلىك قىممەت بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئېستېتىك مەنىدىكى تراگېدىيە يۈكسەكلىكنى ھېس قىلالمايدۇ. تراگېدىيىلىك ئەسەرلەردە بۇ خىل تراگېدىيە « ھېس قىلدۇرۇلغان » تراگېدىيە ھەم « گەۋدىلەندۈرۈلگەن » تراگىدىيە بولىدۇ. شۇڭا ئۇ كۈچلۈك تراگېدىيىلىك ئۈنۈم پەيدا قىلالايدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 2 )

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 2 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 21 - سېنتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 762 قېتىم


ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇشماسلىق(قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن ئەمەس)كەلتۈرۈپ چېقارغان ئۆلۈم، ئازاپ، يارىلىنىش قاتارلىقلار كۆپچىلىككە ئېچىپ كۆرسىتىلسە، بۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى تراگېدىيىلىك ئىچى ئاغرىتىشنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ. دېمەك، نۇسرەت تراگېدىيىسى يۈكسەك دەرىجىدىكى تراگىدىيىلىك سەنئەت قىممىتى پەيدا قىلىش بىلەن بىللە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىدىغان قەلب بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئاياللارغا كونا ئەخلاق فېئوداللىق قاراشلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭ باراۋەرلىكنى، ئىشەنچنى چېقىش قىلىپ، ئىنسان تەبئىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئاساسىدا مۇئامىلە كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

[ تەپسىلاتى ]

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت( 1)

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت( 1)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 13 - سېنتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 882 قېتىم


ئەدەبىيات بىر خىل قىممەت ئىلمىدۇر. ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئالاھىدە بەلگە ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىممەت سىستىمىسىدۇر. ئۇ ئىنسان روھىي پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى ناھايىتى مۇرەككەپ يەككە پىسخىك ئامىل ۋە ئىجتىمائىي، تارىخىي ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ. ئۇ كۆپ خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىۋىي مەھسۇلات بولغاچقا، ھەر خىل ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتىسىيەلىرىنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتتا ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. ئالاھىدە ئىجتىمائىي رىئاللىق ئۇنىڭغا مۇقەررەر تەلەپ قويغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەرگە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مەزمۇن ۋە يەككە شەخىسنىڭ پىسخىك مەزمۇنى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇ ئوخشىمىغان مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلىگەندە، ئوخشىمايدىغان قىممەتنى نامايان قىلىدۇ.

[ تەپسىلاتى ]