نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت( 1)

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت( 1)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 13 - سېنتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 940 قېتىم


ئەختەم ئۆمەر 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىگىرمە يىلى بىلەن دەۋرلەنگەن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا، ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ ھەقىقىي بەدىئىي قىممىتىنى نامايان قىلىشتا بەلگىلىك تۆھپە ياراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ چىن ھەم ساددا، رېئال تۇرمۇشتەك سىدام ۋە گۈزەل، مەنىۋىي دۇنياسى باي ھەم مۇرەككەپ ئاددىي ئادەملەر تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىز ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قوللىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغان، پىرسۇناژلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، يادلايدىغان، بەدىئىي ئىدىيىسى ھەققىدە بەس مۇنازىرە قىلىدىغان بولدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇنىڭغا ئاددىي ھالدا جاۋاب بەرگەندە يازغۇچى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلىققە ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىنى تونۇتالىدى دېيىش مومكىن.
ئەدەبىيات بىر خىل قىممەت ئىلمىدۇر. ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئالاھىدە بەلگە ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىممەت سىستىمىسىدۇر. ئۇ ئىنسان روھىي پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى ناھايىتى مۇرەككەپ يەككە پىسخىك ئامىل ۋە ئىجتىمائىي، تارىخىي ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ. ئۇ كۆپ خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىۋىي مەھسۇلات بولغاچقا، ھەر خىل ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتىسىيەلىرىنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتتا ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. ئالاھىدە ئىجتىمائىي رىئاللىق ئۇنىڭغا مۇقەررەر تەلەپ قويغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەرگە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مەزمۇن ۋە يەككە شەخىسنىڭ پىسخىك مەزمۇنى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇ ئوخشىمىغان مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلىگەندە، ئوخشىمايدىغان قىممەتنى نامايان قىلىدۇ.
ئەختەم ئۆمەر ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدىغان يەككە، ئىجتىمائىي، روھىي، ئىدراكىي، ئېستىتىكىلىق قىممەتلەرنى جانلىق پېرسۇناژلار ئوبرازلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق ئورگانىك ھالدا ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرەلىدى. شۇڭا بىز ئەختەم ئۆمەر پوۋېسىتلىرىنى ئوقۇغان چېغىمىزدا جامال، ھېكىم، پاتىمە، خۇمارخان ( « زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە » )، يۈسۈپ، نۇردۇن، سارەم، نەفىسە ( «قىيامەتتە قالغان سەھرا» )، نۇسرەت، ياسىن مەدەك، مۇھەممەت ئىمىن سەئىدىن ( «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» )، شەمسىيە، ( «قۇملۇق تىترەۋاتىدۇ» )، قۇۋان توختى ( «مەن قان ئىچمەيىتتىم» ) قاتارلىق پىرسۇناژلارنىڭ ھاياتقا، تۇرمۇشقا، مۇھەببەتكە ۋە رىئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەم قىممەت قارىشىنى، ئۇلارنىڭ خارەكتىر، تەقدىر تراگىدىيىسىنى كۆرىمىز. ئاپتور ئۇلار ئارقىلىق بىر پۇتۇن مىللەتنىڭ ئىجتىمائى ۋە روھي چوڭقورلىقىغا شۇڭغۇپ كىرىپ ،تەكلىماكان بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن جەزىرە روھىنى ئوېىراتسىيە قىلىپ، بۇرۇقتۇرمىلىق، نادانلىق، قاششاقلىق، مەنىۋىي گادايلىقنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ئىزدەش بىلەن ھەرخىل ئجتىمائىي، تارىخىي جاراھەتلەرنى بەدئىي تەپەككۈر بىلەن ئدىراكي تەپەككۇرنىڭ بىر پۇتۇنلىكىدە ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگەن.
ئەختەم ئۆمەر ئەسەرلىرىنڭ بەدئىي قىممىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە ئوخشىمىغان قىممەت نوقتىسىدىن كۆزىتىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئېلان قىلغان پوۋىسىتلىرىنى ئېستېتىكىلىق قىممەت نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغىنىمىزدا ، كۆپىچە تراگېدىيەلىك بەدئي قىممىتىنڭ ئىزچىللىققا ۋە چوڭقۇرلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مەزكۈر ماقالىدە مۇشۇ نوقتىنى تۇتقا قىلغان ئاساستا پىكىر يۈرگۇزىمىز .
ئۇيغۇر پىروزىسىدا زۇنۇن قادىرنڭ « ماغدۇر كەتكەندە » ھىكايىسىدىكى باقنىڭ تەقدىر تىراگېدىيىسىنى ئېستېتىكا كاتوگورىيىسىدىكى تراگېدىيلىك قىمەت يۈكسەكلىكىگە ئىگە دەپ ئېيتالمىساقمۇ، لېكىن كېيىنكى مەزگىللەردە تىراگېديىلىك چوڭقۇرلىققا يەتكەن ئەسەرلەر كەمدىن – كەم مەيداىغا چىقتى. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا ،ئەختەم ئۆمەر ئەسەرلىرىنى يىڭى بىر باشلىنىش ياكى يىڭى بىر بۇرۇلۇش دىيشكە ھەقلىقمىز. خۇددى مامبەت تۇردى يازغاندەك: « ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئجابىي ۋە سەلبىي ئوبرازلارنڭ بالدۇرقى قۇرۇلمىسىنى، فورمىلىسىنى بۇزىۋەتتى…ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى جانسىز مودىللار جانلىق، مۇرەككەپ ئادەمگە ئورۇن بوشاتتى. بۇ بىلگەن ئادەم ئۈچۇن بىر مىللەت ئەدەبىياتىدىكى تارىخى بۇرۇلۇش.»[ مامبەت تۇردى: «روزا بۇزۇلمايدۇ»، «تارىم» 1989 -يىللىق 11-سان.]
بۇ ئەختەم ئۆمەر ئۈچۈن بېرىلگەن ئوبېكتېپ باھا، بۇخىل « تارىخي بۇرۇلۇش » نىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئەختەم ئۆمەر ياراتقان « تىراگېدىيىلىك قىمەت » ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
بىرىنچى، تىراگىدىيلىك سۇژىت شەكلى ۋە تىراگىدىيلىك پىرسۇناژ، تىراگىدىيلىك ۋەقە تىراگىدىيلىك كەيپىيات قاتارلىقلارنڭ كىتابخاننڭ روھىدا ئەكىس ئېتىشىنڭ مەھسۇلىدۇر .ئەلۋەتتە تىراگىدىيلىك سۇژىت شەكلىمۇ ئاپتورنڭ پىرسۇناژ ،ۋەقە كەيپىياتنى قانداق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلغانلىقى بىلەن باغلىنشلىق مۇھىم بىر بايانچىلىق ئامىلىدۇر .بىز ئەختەم ئۆمەر پوۋىستلىرىدىن يىڭچە تىراگىديلىك سۇژىت شەكلىني بايقىۋالالايمىز .
كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىمۇ تېراگىدىيە يىزىلغان، بۇ خىل تىراگىدىيلەر خەلقىمىزنڭ گۈزەللىك قاراشلىرىنڭ ئوبېكتيپ ئىنكاسى بولۇپ، ئۇلاردا بۇددا تەلىماتلىرىدىكى رەھىمدىللىك، ئىسلام كۆزقاراشلىرىدىكى ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىقققا يامانلىق دەيدىغان ئەقىدىلەرنى تاق لىنيلىك ھېكايە سۇژىتى ئارقىلىق بايان قىلىش ئاساس قىلىنغان .
رېئال تۇرمۇشىمىزغا بىر قەدەم تىراگىېديلىك سۇژىت قۇرۇلمىسى ئەلشىر نەۋائيدىن تارتىپ ئابدۇرىھىم نىزارىنڭ مۇھەببەت داستانلىرىغىچە ھەم خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنلىرىدىكى مۇھەببەت تىراگىېدىيىلەرنڭ سۇژىىت قۇرۇلمىسىدۇر .بۇ قۇرۇلما بۇگۇنكى زامان پىروزا تارىخىمىزدىكى تۇنجى رومان « قانلىق يەر » [بۇ رومان خەنزۇتىلىدا«غەربىي شىمال ئەدەبىيات سەنئىتى»ژۇرنىلىنىڭ 1951-يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان. 1993-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى بۇ كىتاپنى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلغان..] دىمۇ ئۆز ئپادىسىنى تاپقان ئىدى. بۇ مۇھەببەت تراگېدىيىلىرىنىڭ سۇژىت قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكىدەك:
« 1. ئاشىق مەشۇقىنى كۆرۈپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ۋىسال ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ.
2. مەشۇق ئاشىقىنى چىن دىلىدىن سۆيىدۇ. ھەر قانداق زورلۇققا باش ئەگمەيدۇ.
3. دادا (ھامىي) ـــ ئاشىق بىلەن مەشۇقنىڭ ۋىسالىغا يول قويمايدۇ، كۈندەشكە يان باسىدۇ.
4. كۈندەش مەشۇقنى زورلۇق بىلەن قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ، ئاشىققا زىيانكەشلىك قىلىدۇ.
5. ئانا قىزىغا ھىسداشلىق قىلىدۇ. لېكىن چوڭ ياردەملەر بېرەلمەيدۇ.
6. مېھرىبان دوسىت، ئاشىقنىڭ ياردەمچىسى ئۇنىڭغا يار يۆلەك بولىدۇ.»[ كىرىمجان ئابدۇرىھىم«بىر خىل سۇژىت شەكلىنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىزچىللىقى ھەققىدە» «تارىم»1995-يىللىق 11-سانى.] ئەنئەنىۋى مۇھەببەت تراگېدىيىلىرىنىڭ خارەكتىرى قىلىپلاشقان ياكى ئۇلاردا ئۆزگىرىشى چوڭ بولمىغان. بىر خىل قىلىپتىكى سۇژىتنىڭ تەكرارلىنىۋېرىشى ئېستىتىك ئۈنۈمنى ئاجىزلاشتۇرۋەتكەن. ئەختەم ئۆمەر پوۋسېتلىرىدا تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە باي بولغان پېرسۇناژلار خارەكتىرى يارىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاددىي ھالدىكى باغلىنىش ۋە مۇناسىۋەتلىرى ئەمەس بەلكى ھەرىكەتچان، زىددىيەتلىك كۈرەشلىرى تەسۋىرلەندى. پېسۇناژلار ئەخلاقىي نۇقتىدىلا ئىجابىي ياكى سەلبىي دەپ ئايرىلماستىن، بەلكى ھەقىقىي ئادەمدە بولىدىغان، ھەرىكەت ۋە ئىدىيە ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىيىتى ئىپادىلىنىدىغان خارەكتىر ۋە تىپلارنىڭ ئۆسۈش تارىخى يورۇتۇلدى.
« قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» پوۋېسىتىدىكى ياسىن مەدەك نەشە چېكىدۇ، قىمار ئوينايدۇ، خوتۇنى بار تۇرۇپ، نۇسرەتكە مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ. لېكىن نۇسرەت نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشتىن نەپرەتلەنمەي، پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرىدۇ؟ مانا بۇ يازغۇچىنىڭ ئىنسان تەبىئىيىتىدىن ئىبارەت مۇرەككەپ، مەۋھۇم ئۇقۇمنى سەنئەت ئاساسىدا نامايان قىلىش ماھارىتى، خارەكتىر يارىتىشتىكى سىھرىي كۈچى. ھەر قانداق ئەسەردە ئىنسان تەبىئىيىتى رامكىغا چۈشۈپ قالسا تەرەققىياتقا ئىرىشەلمەيدۇ. ئاپتۇر ئىنسان تەبىئىيىتىنىڭ مۇقىم ئۆزگەرمەس، قىلىپلاشقان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزگىرىشچان، چەكسىزلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدەك قانۇنىيىتى ئارقىلىق پېېرسۇناژلار خارەكتىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسەتتى. ئۇ «زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە» پوۋېسىتىدا جامال خاراكتىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوبىيىكتىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان غايە،جەمئىيەت، كەسىپ، ئائىلە، دەۋر قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ناھايىتى جانلىق كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋى قېلىپ ۋە ئەندىزىلەرگە چۈشمەيدىغان جامال ئوبرازى مەيدانغا كەلگەن. ئۇ يەنە ئىنسان تەبئىتىدىكى خاراكتىرلىك خۇسۇسىيەتلەرنىڭ پىرسۇناژ خاراكتىرىنى ئېنىقلىققا ئىگە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتەلىدى.« مەن قان ئىچمەيتتىم » پوۋېسىتىدىكى قۇربان توختى ئۈچ ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان ۋەھشىي قاتىل بولسمۇ، بىز ئەسەرنى ئوقۇغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىمىز، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە، ناھەقچىلىقارغا ئېچىنىمىز ، قۇربان توختى بىلەن تەڭ بوغۇلۇپ، تەڭ غەزەپلىنىمىز، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن تەقدىر تېراگىدىيىسىگە ئىچىنىمىز. بۇ دەل ئىنسان تەبئىتىدىكى ئاقكۆڭۈللۈك، رەھىمدىللىك، ھەققانىيەت تۇيغۇسىنىڭ قۇربان توختىدىن ئىبارەت ۋەھشىي قاتىل خاراكتىرىدىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئاپتۇر ئۇنىڭ خاراكتىرىنى ياراتقاندا مۇشۇ ئىنچىكە ئامىللارنى تەسۋىرلەپ بىرەلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ خاراكتىر ئېنىقلىققا ئىگە بولدى. « قۇرتلاپ كەتكەن كۆل » دىكى مۇھەممەتئىمىن سەئىدىنىڭ خاراكتىرىدىكى ھەققانىيلىق، نۇسرەت ئوبرازىدىكى ساددىلىق، رەزىللىككە ئىنتىلىش، « قۇملۇق تىترەۋاتىدۇ » دىكى شەمسىيە، « ئومىقىم كۆزۈڭنى ياشلىما » دىكى مىھرايلارنىڭ مۇھەببەت، تۇرمۇش، ئەخلاق ئۆلچەملىرى دەل بۇ پىرسۇناژلار تەبئىتىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر بولۇپ، مۇشۇ ئۆزگىچىلىكلەر ئۇلارنىڭ خاراكتىرىنى ئاددى، سىدام تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئىچىدە ئىنىقلىققا ئىگە قىلالىدى.
ئىنسان تەبئىتىدىكى زىددىيەتلەر خاراكتىر توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي ئامىلدۇر. « زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە »دىكى جامال ئۆزىدە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى تىكلىگەن بىر زىيالىي ئىدى. ئۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا گۈزەل ئەخلاق- پەزىلەرنى يىتىلدۈرگەن، ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى چۈشەنگەن ياش ئىدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت ئاپەتلىك يىللاردا ئۇنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلرى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،ئۆزىدىكى مەنىۋى گۈزەللىكلەرگە قارىمۇ قارشى بولغان باشقا مۇھىتنىڭ قورشاۋىدا قالىدۇ. ئۇنىڭ غۇرۇرى زەربىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېڭىدا ئۆچ ئېلىش، جاھاننىڭ رەپتارىغا كېرىۋىلىشتەك رەزىل خىياللار ئويغىنىدۇ ۋە بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. كېيىن جامالنىڭمۇ رەسۋاسى چېقىپ، قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇ بىرقانچە يىل تۈرمىدە يېتىپ قايتىپ كېلىدۇ. تۇرمۇش يەنە ئۇنى قوينىغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە ياشاشقا، تېنىمسىز يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلايدۇ.
مانا بۇ ئىنسان خاراكتىرىنىڭ قارىمۇ قارشىلىقتىكى بىرلىكى بولۇپ، ئاپتۇر بۇ ئارقىلىق ھايات چەمبىرىكى ئىچىدىكى ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. بەدئىي تەپسىلاتلارنى چىنلىققا ئىگە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرىنى ۋە ئادەمنىڭ مۇھىتنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىدەك ئاكتىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتچانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدا بىرقاتار تىراگىدىيىلىك ئوبرازلارنى ياراتتى. جامال، ھېكىم، پاتەمخان، خۇماخان(«زېمىن،قارا ئادەملىرىگە»)، مۇھەممەتئىمىن سەئىدىن، نۇسرەت، ياسىن مەدەك، ھاشىرخان («قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»)، يۈسۈپ، سارەم، نەفىسە(«قىيامەتتە قالغان سەھرا»)،شەمسىيە («قۇملۇق تېترەۋاتىدۇ»)، قۇربان توختى(«مەن قان ئىچمەيتتىم»)، مىھراي(«ئومىقىم، كۆزۈڭنى ياشلىما»)قاتارلىق پېرسۇناژلارنىڭ بىزنىڭ قوبۇل قىلىش ئېستېتىكىمىزگە شىددەت بىلەن سېڭىپ كىرىپ، نېرۋىلىرىمىزنى غىدىلاپ، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئوبرازلارنىڭ تېراگىدىيىلىك قىممىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ، بېقىشقا دەۋەت قىلدى.
ئومۇملاشتۇرغاندا، ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ تىراگىدىيىلىرىنى تەقدىر تېراگىدىيىسى دېيىشكە بولىدۇ. «زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە»نى مىسال ئالايلى: پوۋېسىتتىكى جامال كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، تەقدىر تېراگىدىيىسىنىڭ قۇربانى. چۈنكى جامال ئەتراپىدىكى مۇھىت تۈپەيلى تىراگىدىيىلىك تەقدىرگە يولۇقتى. ھېكىم چورۇقنىڭ دەسلەپتە ھوقۇقىغا تايىنىپ، زوراۋانلىق قىلىپ، نۇرغۇن خوتۇن-قىزلارنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىمىز. لېكىن «ئۆتنە ئالەم»دېگەندەك ئۇنىڭ جامال تەرىپىدىن خورلۇققا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، تەكلىماكان ئىچىگە ئەسەبىيلەرچە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا ھېسداشلىقىمىز قوزغىلىدۇ. ھېكىم چورۇقمۇ ئەسەردىكى بىر تېراگىدىيىلىك ئوبراز. ئۇنىڭ تىراگىدىيىسى ئۆزىنىڭ خاراكتىر تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلىدۇر. يەنى ئۇنىڭ تىراگىدىيىسى خاراكتىرا تىراگىدىيىسىدۇر. لېكىن ھېكىم چورۇق گەرچە ئۆز خاراكتىر تەرەققىياتىنىڭ ھەقىقىي جازاسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خاراكتىرىنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىش كېرەك. بىز بۇ تېراگىدىيە قەھرىمانلىرىغا نەپرەت كۆزىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىنسان تەبئىتى نۇقتىسىدىن قاراشقا مەجبۇرمىز.

( بۇ يازمىغا قىزىققان بولسىڭىز ئاخىرىنىمۇ ئوقۇپ چىقىڭ )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. قىسمەت مۇنداق يازغان:

    خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن «ئەختەم ئۆمەرنى ئۈرۈمچى يەپ كەتتى» دېگەننى ئاڭلىدىم.
    مەن بۇرۇن ھە دەپ قويۇپلا كارىم بولمىغان. 2009-يىلى يىل ئاخىرىدا «غېرىب-سەنەم» رومانىنى ئوقۇپ، باشقىلارنىڭ گېپىنى تەستىقلىماي تۇرالمىدىم. ئۇيغۇر ئەقىدىسىدە مۇھەببەتنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ زاتى ئەزىزلەرنى سىز شاللاق، زۇۋانداز كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدىڭىز. قەشقەردىن، بولۇپمۇ مەكىتتىن كەلمىسىڭىز بوپتىكەن، ئەختەمكا…
    ئۈرۈمچى سىزنىلا ئەمەس، خېلى مەن-مەن دېگەن نوچىلارنى ئەمەسلا قىلىپ قويۇۋاتىدۇ، ئەبجەش مەدەنىيەت، تۈگىمەس قائىدە-يوسۇنلار ئىگىسى يوق يىتىم بالىدەك بويۇن قىسىپ قالغان ئەخلاقنى بوزەك قىلىپ كېتىۋاتىدۇ.
    پەقەت كۆللا ئەمەس، يۈرەكلىرىمىزمۇ قۇرتلاپ كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ، بۇ قۇرتلار سىزنىڭ قەلبىڭىزگىمۇ بۆسۈپ كىرمىسىكەن دەيمەن، ئەختەمكا…

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif