ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 5 پارچە |
زىيارەت: 1,469 قېتىم
فراففېسور، شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئۆزىنڭ شېئىرىي تۇيغۇغا باي، تېتىملىق سۆھبىتىدە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق تەرەققىيات جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئۈرۈمچىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن بىر قىسىم چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئەخلاقىي تەرەپلەردىكى تەڭپۇڭسىزلىقى شائىرنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ۋە تەپەككۈرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولۇپ، شائىر بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇر شەھەر ئەدەبىياتىدا ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ھىس قىلدۇردى.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: يېڭىلىق |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 1,123 قېتىم
«خېزىرغا يولۇققان ئاتا » رومانى تۇنجى نوۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى» غا، مەملىكەتلىك 6-نوۋەتلىك كىتاپ يەرمەنكىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك كىتاپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. ئىككى ھىكايىسى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، 12 پارچە ئەسىرى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «قارا ياقۇت ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تۇنجى نۆۋەتلىك «قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»نىڭ «شەرەپ مۇكاپاتى» غا، ئىككىنجى نۆۋەتلىك «قاراماي ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ «ئەسەر مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان، ئاپتور يەنە «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2007-يىل ۋە 2011 – يىللىق «تۆھپىكار يازغۇچى» شەرىپىنىڭ ساھىبى.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 28 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 7 پارچە |
زىيارەت: 1,280 قېتىم
___ ئۇيغۇرلار قەدىمدىن رەيھانگۈلگە ئوخشاش خۇشپۇراق گۈل – ئۆسۈملۈكلەرنى چاي ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ئۆي ھاۋاسىنى تەڭشەيدۇ. ئاش – پولولارغا باسىدۇ. ئۆلگەنلەر بىلەن قەۋرىگە قويىدۇ. چۈنكى رەيھان جەننەتتىن چىققان.
___ ئانام ئاغزىدىن
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 23 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد |
ئىنكاس: 1 پارچە |
زىيارەت: 839 قېتىم
ئەدەبىي تەنقىدچىلىك كونكىرت يازغۇچىلارنىڭ ئەسىرىنى باھالاش بىلەن بىرگە مەلۇم تارىخى دەۋردىكى ئەدەبىيات ھەرىكىتى، ئەدەبىيات ئىدىيىلىرى ۋە ھەر خىل ئەدەبىيات ئېقىملىرىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىدۇ. ئەدەبىيات نەزەرىيىسى بولسا ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزلىنىدۇ ۋە خۇلاسە چىقىرىدۇ. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى زىچ، بىراق، خاراكتىرى، رولى، ئۆلچىمى، ئۇسۇلى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشماسلىقلارغا ئىگە.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 18 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ماقالىلىرىم |
ئىنكاس: 1 پارچە |
زىيارەت: 946 قېتىم
مىللەتنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا ھامان چوقۇنۇش( ئېتىقاد) قارشىلىق ۋە ئىككىلىنىشتىن ئىبارەت غەيرىي ئىدىراكىيلىققا ئىگە تاللاش بولىدۇ. باغراش ھېكايىلىرىدىكى بالىلار ھامان ئۆز مىللىتىنىڭ سەۋەنلىكلىرىگە ئوت ئاچقان، بۇ يولدا ئۆز تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئوبرازلار سېستىمىسىدۇر. « مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقىدا قپتىپ قالغان سۈرەت» تىكى 26 ـ ئوغۇل ۋە « قۇياش ۋە بالا » ھېكايىسىدىكى بالىلاردىكى روھ ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشەنچتىن ھەيران قالىمىز. تاشقى دۇنيانىڭ قالايمىقان شاۋقۇنلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى خاتىرجەملىككە، ئۈمىدكە ۋە ئىشەنچكە تولغاندۇر.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 16 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ماقالىلىرىم |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 949 قېتىم
تۈركىي تىللىق خەلىقلەر ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئورتاق تېرىتورىيدە ياشىقانلىقى، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرۇمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغانلىقى، ئېتنىك كىلىپ چىقىشى جەھەتتىن ئورتاق مەنبەگە تۇتىشىدىغانلىقى، تىل تۇغقانچىلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەمدە ئورتاق مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ تەسىرىگە تەڭ ئۇچرىغانلىقىدەك ئوبىكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ مىللي پىسخىكىسى، مىللىي خارەكتىرى، مىللىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئېستىتىك زوقىدا كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلارۋە ئورتاقىلقلار ساقلانغان. تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئاڭ ، ئېدولوگېيىسىدىكى بۇ خىل ئورتاقلىقلار، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بايان ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ ئېپوسلىرىدا بەلگىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 15 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 880 قېتىم
مۇھەممەت باغراش يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پىروزىسىدا سېھرىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بۇرۇن قوللانغان ۋە مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن يازغۇچى. ئۇنىڭ «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋىسىتى سېھرىي رېئالىزىمنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قۇبۇل قىلىش يولىدىكى بىر قېتىملىق ئىزدىنىش بولدى. لىكىن پوۋىسىت قۇرۇلمىسىنىڭ كېلەڭسىزلىكى، ئىدىيىۋى مەزمۇندىكى چېچىلاڭغۇلۇڭ، سىمىۋول، بىشارەت ئوخشىتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرىۋېتىلگەنلىكى بۇ پوۋېسىتنىڭ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە مەلۇم دەرىجىدە نوقسان يەتكۈزدى. «كەلكۈن»پوۋېسىتى، «تۆت قۇلات»، «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى»، «قۇياش ۋە بالا » ھېكايىلىرى يازغۇچىنىڭ بۇ نوقتىدا داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 12 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ماقالىلىرىم |
ئىنكاس: 1 پارچە |
زىيارەت: 1,203 قېتىم
قىسقىچە تەسىرات ئالدى بىلەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىردىكى تۈركىيە ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . تۈركىيە پروزىسىنىڭ تەرەققىياتى بۇ يىللاردا كۆتىرىلگەن بىر قىسىم سىياسى ئىنقىلاپلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ (ئەسكەرلەرنىڭ ھاكىمىيەت تارتىۋېلىشى ) ئەدەبىياتمۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. ئىجادىيەت ئۇسۇلى يەنىلا رىئالىزىم بولدى ھەم مودېرنىزىملىق ئامېللارنىمۇ چەتكە قاقمىدى. پروزا ھەر خىل شەكىل، [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 9 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: 6 پارچە |
زىيارەت: 1,353 قېتىم
دۇنيادىكى چوڭ مىللەتلەرنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى، كېلىچىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقىلارنى چۈشۈنىشى بۇرۇنراق باشلانغان، ئۇلار تەجرىبە ۋە ئەقىلغە تايانغان. جۈملىدىن رۇسلارمۇ شۇىداق. رۇسلارنىڭ ناۋايى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى باشقا ياۋرۇپا ئالىملىرىغا ئوخشاش19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قولغا ئېلىنغان.I.N.بېريازىننىڭ ‹‹تۈرك خرىستوماتىيىسى›› ناملىق نۇپۇزلۇق ئەمگىكى رۇسىيىدە تۇنجى قېتىم ناۋايى مىراسىدىن نەمۇنىلەر كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلار ناۋايىنى ئىلمىي ساھىيىدە سىستېمىلىق تەتقىق [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 9 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 844 قېتىم
كېيىن ئەندىجان، پەرغانە، سەمەرقەند بۇخارا ۋە خارزمدىن كەلگەن ئالىملار ناۋايىنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە پەزىلىتىگە دائىر مەنىلىك، كونكېرت تەرەپلەر ھەققىدە بىر شىڭگىلدىن ئاغىزاكى نۇتۇق بايان قىلىشتى. ئۇلار ئىلمىي مەجلىسلەردە ماقالە ئوقۇماي كۆپرەك شۇ ئنىساننىڭ پېئىل-پەزىلىتى ۋە ئۇمۇمىيەتچىللىكى ھەققىدە ئەركىن سۆزلىشىدىكەن. مەن ئەنجۈمەننىڭ تەنەپپۇز ۋاقتىدا باشقىلاردىن نەجمىدىن كامىلوۋ بىلەن پىرىمقۇل قادىروۋنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئول تۇرغانلىقىمنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 9 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 947 قېتىم
مەنىلىك ناۋايىخانلىق سۆھبىتى مەندە نەچچە كۈنگىچە شېئىرى ھالەت ھاسىل قىلغاندى. قاراڭغۇلۇقنىڭ گۈزەللىكىدىن ئاي بەختلىك كۈلۈپ تۇرغان ئاخشاملارنىڭ بىرىدە، تۇنجۇققان ۋە ئۆمۈرلۈك ھۈنەرگە ئايلانمىغان ھەۋەسكارلىق تەبىئى جىلمىيىشقا باشلىدى-دە، قىزنىڭ كۆز ئالدىمدىكى غايىۋىي ئوبرازىغا قاراپ لەۋلىرىم پىچىرلاشقا باشلىدى: تاشكەنتتە يامغۇر باھار غۇنچىلىرى سويلايدۇ لېكىن، قىز تىترىمەكتە،يۈرىكى گۈلخان، تاشكەنتتە يامغۇر. تاشكەنتتە يامغۇر. يۇمران ياناقلاردىن ئاقماقتا پەۋەس، دالا گۈللىرىنىڭ [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 7 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 830 قېتىم
شۇنداق قىلىپ مەن ئەسلى پىلانىم بويىچە ناۋايى مۇزېيىنى ئالدىراش ئايلىنىشقا باشلىدىم. مۇزېىي ئەمەلىيەتتە ناۋايىنى مەركەز قىلىپ، بابۇر مىرزىدىن ھازىرقى زامان ئۆزبېك زىيالىلىرىغىچە ئىنتايىن باي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سالون ئىكەن. مەسىلەن، ئىككىنچى قەۋەتتىن باشلانغان ناۋايى قىسىمىغا شائىرنىڭ ھەيكىلى، دىۋانلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋارىيانتلىرى،ئەسەرلىرىگە ئىشلەنگەن قىستۇرما رەسىملەر، سولتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ شائىر ھەققىدىكى پەرمانلىرى، ناۋايىنىڭ مەكتۇپلىرى، ھىرات شەھەرىنىڭ رەسىم [...]
[ تەپسىلاتى ]
- سىز تۇرۇشلۇق بەت: 1 | جەمئىي بەت: 2
- 1
- 2
- >