نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »: ئەنئەنە ۋە ئەپسانىگە قايتىش

«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »: ئەنئەنە ۋە ئەپسانىگە قايتىش

ۋاقتى: 2011 - يىلى 15 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 940 قېتىم


بۇ ماقالە 1997 – يىلى يېزىلغان ھەم « تارىم » ژورنىلىنىڭ 2001 – يىللىق 12- سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى، ماقالىنىڭ بايان ۋە تەپەككۈرىدە ساددىلىق بولسىمۇ لېكىن ئەدەبىياتقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئاشۇ يىللاردىكى دادىللىق ۋە ئىجادچانلىقىمنىڭ بەزىبىر نەتىجىلىرىمۇ بار ئىكەن. بۈگۈنكى تۈگىمەس شەكىللەر ۋە قېلىپلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ شۇ يىللارنى ئەسلەيمەن، قىزغىنلىق، ئىجادچانلىق ھەم ياشلىقنىڭ گۈزەل خاتىرىلىرىگە قايتسام دەيمەن.

 مۇھەممەت باغراش يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پىروزىسىدا سېھرىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بۇرۇن قوللانغان ۋە مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن يازغۇچى. ئۇنىڭ «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋىسىتى سېھرىي رېئالىزىمنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قۇبۇل قىلىش يولىدىكى بىر قېتىملىق ئىزدىنىش بولدى. لىكىن پوۋىسىت قۇرۇلمىسىنىڭ كېلەڭسىزلىكى، ئىدىيىۋى مەزمۇندىكى چېچىلاڭغۇلۇڭ، سىمىۋول، بىشارەت ئوخشىتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرىۋېتىلگەنلىكى بۇ پوۋېسىتنىڭ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە مەلۇم دەرىجىدە نوقسان يەتكۈزدى. «كەلكۈن»پوۋېسىتى، «تۆت قۇلات»، «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى»، «قۇياش ۋە بالا » ھېكايىلىرى يازغۇچىنىڭ بۇ نوقتىدا داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

1.ئەپسانە بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا

  «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى» مەلۇم نوقتىدىن رېئاللىقىمىزدا يارىتىلغان ئەپسانىدۇر. بۇنداق دىيىشىمىزدىكى سەۋەپ، يازغۇچى «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئالىمى، ئىستىتىك ئېڭى، ھايات، تۇرمۇش قاراشلىرىنى ئەپسانە تۈسىدە يۇرۇتۇپ بەرگەن. چۈنچىباي ئائىلىسى تىپىك ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بىرى. چۈنچىباينىڭ قۇمۇش بىلەن قاشالانغان، ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان كېسەك تاملىق ئەسكى ئۆيى ئايالى بىلەن ئوغلى قۇشۇلۇپ ئادەتتىكى بىر ئائىلە سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلە چۈشەنچىسىدە ئۇ بۇ  ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى. ئائىلىدە ئانا ۋە بالا پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا بېقىنىشى ئۇنى مەركەزقىلىپ ئايلىنىدىغان بۇلۇشى كېرەك، ئەڭ مۇھىمى ئەتىدىن كەچكىچە پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرمۇشنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن تىنماي ئىشلەش، پۇل تېپىش كېرەك. پۇللا ھاياتنىڭ خوشاللىقى ۋە تۇرمۇشنىڭ لەززىتى.

چۈنچىباينىڭ ئايالى مايسىخان ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆزىگە چۈشلۇق ئارزۇ- ئارمانغا ئىگە بىر ئايال ئىدى، لىكىن تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقى ئۇنىڭ ئارزۇ –ئارمانلىرىنى يوققا چىقاردى، شۈكۈر- قانائەت  ئۇنىڭ روھىنى ئىگىلىدى، ئۇ بالا تۇغۇش ئارقىلىق باشقا ئارزۇ- ئارمانلارنى كۆمۈپ تاشلىماقچى بولدى. ئانا بولۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك جەمىيەتتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش، ئاندىن چوڭ جەمىئيەتتىكى ئۇرنىنى مۇستەھكەملەش ۋە تۇرمۇشتىكى باشقا ئارزۇ- ئارمارنلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىڭلىغان يىللار داۋامىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېڭىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىۋى قاراشتۇر. مايسىخان تۇغماس ئايال، ئۇنىڭ پەرزەنىت كۆرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى  ئۇنىڭ «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » ھېكايىسىگە ئەپسانىۋى تۈس بەرگەن. غايىپتىن پەرزەنىت تىلەش، غايىپتىن ھامىلدار بولۇش،  سۆگەت گۈلىنىڭ ئاپئاق ئېچىلىشى قاتارلىقلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىتقاد ۋە ئۆرىپ-ئادىتىگە يىلتىز تاتقان سىرلىق ئاڭ ئىپادىلىرىگە خاس ھادىسىلەردۇر.

 باشقا رەڭدە ئېچىلىۋاتقان گۈلنىڭ بىردىنلا ئاق رەڭدە ئېچىلىپ كىتىشى ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، دىگەن قاراش بار. مايسىخان پەرۋىش قىلغان سۆگەت گۈلىنىڭ بىر كېچىدىلا خۇددى سۈف كۆچلىگەندەك ئاق ئېچىلىپ كېتىشى ئۇلارنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. ئانىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن خىيالىغا كەلەىنى ئارزۇلۇق يالغۇز ئوغىلى  بولىدۇ. ئۇ ئادىراسماننى بەل كەتمەنگە سېلىپ، چوغ قويۇپ، ئوغلى ئۈچۈن ئىسىرىق سالىدۇ.

 ھېكايىدە ئاپتور سېھرىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ ھېكايە ئىچىدىن ھېكايە چىقىدىغان قاپلانما قۇرۇلما شەكلىنى قوللىنىپ ، ئاتىللانىڭ تۇغۇلۇش، ئۆلۈش جەريانىنى تەسۋىرلەيدۇ. ھېكايە ئۈچ كىچىك بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان. بىرىنچى بۆلەك ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشى ۋە سۆگەت گۈلىنىڭ ئاپئاق ئېچىلىپ كېتىشى بىلەن پەيدا بولغان ۋەھىمە بولۇپ، بۇ چاغدا ئاتىللا ئاللىقاچان 8-9ياشلارغا كىرىپ بولغان ئىدى. ئىككىنچى بۆلەكتە ، ئاتىللانىڭ غەيرى نورمال ھالەتتە تۇغۇلۇشى ئالدى بىلەن بايان قىلىنىدۇ. بىز ئاتىللانىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىدىكى ھالىتىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلق ئەپسانە –رىۋايەتلىرىدىكى قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلۇش ھالىتى بىلەن تامامەن ئوخشاشلىق بارلىقىنى ھىس قىلىمىز. بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى، ئۇنىڭ رەڭگى –ئۆڭى، ھالىتى پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، نورمال بوۋاقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ تۇغۇلۇشى بىلەن يىغلىمايدۇ، لىكىن قوللىرىنى سوزۇپ نىمىنىدۇر بىر نەرسىنى تۇتماقچى بولغاندەك قىلىدۇ. ئاتىللا تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاندىن ئانىنىڭ بالىغا ھامىلدار بولۇش جەريانى سۆزلىنىدۇ. ھېكايە مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرىشلىك قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، «سۇبىكتىپ ۋاقىت تەرتىپى »ھاسىل قىلىنغان.

ئاتىللانىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ھالىتى غەيرىي بولۇپلا قالماي، مايسىخاننىڭ ئۇنىڭغا ھامىلدار بولۇشىمۇ سىرلىق ۋە ئەپسانىۋى تۈسكە ئىگە قىلىنغان.  ئانا ئۆزىنىڭ تۇغماسلىقىدىن قاتتىق ئازابلىنىپ، غايىۋى كۈچكە سېغىنىدۇ. ئۇ تاڭ سەھەردە ئاللانىڭ مۇقەددەس ئۆيى دەپ تەرىپلىنىدىغان مەسچىتكە بارىدۇ. لىكىن ئادەملەر كۆڭلىنى پاكىزلاپ، ئۇلۇغلىققا تېۋىنىدىغان مۇشۇ جايدا  جاينامازلارنىڭ پاكىز بولماسلىقى ئۇنىڭ رايىنى قايتۇرىدۇ. ئانا چوقۇم پاكىز جاي تېپىشى كېرەك، شۇندىلا ئۇنىڭ تىلىكى ئىجاۋەت بولۇشى مۇمكىن. ئانا قەدىمكى قەلئە خارابىسىگە كېلىدۇ. «مانا بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسنىڭ كۆمۈلگەن.  بۇ يەر شۇنچىلىك پاكىز، شۇنچە ئۇلۇغ. ئانا شۇ يەردە خارابە  توپىسىدا تەيەممۇم قىلىپ نامازغا تىز چۆكتى. خارابىنىڭ ئىسسىق ۋە تازا توپىسى ئانىغا ماغدۇر بەردى، ئانا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى. مانا بۇ ئەپسانە- رىۋايەتلەردە ئۇچرايدىغان ۋەقەلىك.

 ئاتىللانىڭ غەيرى نورمال تۇغۇلۇشى بىزنى قانچىلىك ئەپسانىۋى دۇنيا ئىچىگە ئېلىپ كىرسە، ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى، ھەرىكەتلىرى بۇ ئەپسانىۋى تۈسنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ. ئاتىللا غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر ئەرمىكى تاش داڭگاللارنى يىغىپ ، ھەرخىل شەكىلدىكى نەرسىلەرنى تىزىش ۋە سىزىش بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىمارەتكە، بەزىلىرى چوققىغا، بەزىلىرى ماشىنىغا ئوخشاپ قالىدۇ. لېكىن ئاتىللا بۇنداق نەرسىلەرنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ بۇ ئىشلارنى ئۆمىلىگۈدەك بولغاندىلا قىلالايدىغان بولغان ئىدى. ئۇ مەكتەپ يېشىغا توشۇپ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ مۇرەككەپ نەرسىلەرنى سىزىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ داۋاملىق قۇياشقا قاراپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ خۇددى ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ئادىمى ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ئوت شارىنىڭ ئادىمىدەك كۆرۈنىدۇ.

 ھېكايە مانا مۇشۇنداق ئەپسانىۋى، خىيالى مۇھىت ئارىلىشىپ كەتكەن دىتاللار ئارقىلىق راۋاجلىنىدۇ، ئەگەر بىز چۈنچىباي ئائىلىسىنى رېئاللىقتىكى مىڭلىغان ئادەمگە ئوخشاش ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىشىپ –تىرمىشىپ ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشلەردىن ئايرىپ قارايدىغان بولساق، بىز بۇ ھېكايىنى پۈتۈنلەي ئەپسانە دەپ قارىغان بولاتتۇق. مۇشۇنداق ئەپسانىۋى دىتاللار ۋاستىسى ئارقىلىقمۇ رېئاللىقنى چوڭقۇر ئىپادىلەشتە ئەڭ مۇھىم ئاساس ھېكايىدىكى چۈنچىباي بىلەن ئاتىللا ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن زىددىيەتتۇر . ئاپتۇر مۇشۇ نوقتىدىن فىئوداللىق ئائىلە باشلىقلىق، ئەرلىك ھوقۇقىغا بولغان ئىنكارچىلىق پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنچىباي ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كونا ،قالاق ئادەك كۈچلىرىنى ۋە قاراشلارنى كەسكىن سۆكىدۇ. مانا بۇ ئەسەرنىڭ ئاكتىپ مەزمۇن كۈچىدۇر.

ئاتىللا گەرچە كىچىك بىر بالا بولسىمۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتىدە ئاتىسىغا بولغان نارازىلىق، ئىسىيانكارلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاتا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلىش بىلەن ئىسىيانكارلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇلۇپ شەكىللىنىدۇ، بۇ گەرچە ئائىلە تەشكىلىدىكى كىچىككىنە توقۇنۇش بولسىمۇ، بىز بۇ يەردە چوڭقۇر بىر بىشارەتنى، يەنى بىر ئەۋلاد بىلەن يەنە بىر ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ھەم توقۇنۇشنى بىلەلەيمىز. تورگىنىفنىڭ «ئاتا ۋە بالا »، باجىننىڭ «ئائىلە»، ساۋيۈنىڭ «گۈلدۈرماما» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىنمۇ  بۇ نوقتىنى ھىس قىلالايمىز.

 ئاتىنىڭ جەمىيەتتىكى سالاھىتى ۋە ھوقۇقى  ئۇنى ئائىلە شەكلىدىكى ھۆكۈمرانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى –بالا ئۈستىدىن ھۈكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويىدۇ.

فرېئودنىڭ قارىشىچە، ئاتا –بالا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھامان بالىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن تۈگەللىنىدۇ.  بالا ئاتا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ئاتىنى دوراپ چوڭ بولۇشقا باشلايدۇ.

«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » ھېكايىسىدە چۈنچىباي ئاتىللانىڭ ئالاھىدە خاسىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىشقا باشلايدۇ. ئاتىللا بۇنىڭغا نارازى بولسىمۇ، لېكىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇ مەكتەپكە بارالمايدۇ. ھەرخىل مۇرەككەپ نەرسىلەرنى سىزىپ، جىجاپ، ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ئۆزگىچە ئۆسۈش، پىكىر قىلىش مۇھىتىغا ئېرىشەلمەيدۇ. سۆگەت  گۈلىنىڭ ئاپئاق ئېچىلىپ كىتىشى بىلەن بىشارەت بېرىلگەن تراگېدىيە مانا شۇنىڭ بىلەن يۈز بېرىدۇ. ھېكايىنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدە ئاتتىللانىڭ ئاتا ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۆز خاھىشىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ھالەتلىرى يېزىلغان بولۇپ، ئۇ كاۋاپ ساتىدىغان بولغاندىن كېيىن، كېچىسى جۆيلۈپ، قىزىپ چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇ پەقەت تاڭغا يېقىن ئوڭلىنىپ قالغاندەك بولىدۇ. ئەمما چۈنچىباي بۇ كۈنلەردە ناھايىتى روھلىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ھۈكۈمرانلىقى پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشقان، شۇنداقلا پۇل تېپىشتىن ئىبارەت ئارزۇسىمۇ قانغان ئىدى.  بۇنىڭ بىلەن تىراگېدىيە ئاخىر يۈز بېرىدۇ. ئاتىللا كوچىدىلا ئۆلۈپ قالىدۇ. خۇددى بىر كىم خەۋەر بەرگەندەك كوچىنىڭ ئۇ يېقىدىن مايسىخان ھازا ئېچىپ چىقىدۇ. ئاتىللانىڭ ئارقىسىدىن ئانىسىنىڭمۇ ئۆلۈشى ئەسەرنىڭ تىراگېدىيىلىك ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۈچەيىتكەن. چۈنچىباينىڭ كوچىدا خارلىنىپ ساراڭغا ئايلىنىشى ھېكايىدىكى سېھرىي رېئالىزىملىق ئاممىللانى رېئاللىق بىلەن يانداشتۇرغان.

سىمىۋول، ئوخشىتىش، بىشارەت قاتارلىقلار سېھرىي رىئالىزىمنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاستىلىرىدۇر.  بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا رېئاللىق بىلەن خىيال يۇغۇرۇلۇپ كېتىدۇ. ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەكلەرگە خاس ئالاھىدىلىك قويۇق بولىدۇ.

«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » دە ئىپتىدائىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ –ئادەتكە ياتىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز . يازغۇچى بۇ بەرسىلەرنى ئاددىيلا تەسۋىرلەپ قويمىغان، بەلكى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاكتىپ ئىجتىمائىي قاراشلىرىنى تەبىئىي يۇرۇتۇپ بەرگەن.

يازغۇچى خەلىقنىڭ ئېڭىدا چوڭقۇر يىلتىز تاتقان ئۆرپ- ئادەت خاراكتېرلىك نەرسىلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا، ئۇلارنى ئىپادىلەشكە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. بۇنداق ئۆرپ- ئادەت روھىنى تەسۋىرلەش يازغۇچىدىن رېئاللىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھادىسىلەرنى تەسۋىرلەپ قويۇشنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ھەرخىل مەنىۋى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

چۈنچىباي ۋە مايسىخان خارەكتىرىدە  ئىپادىلەنگەن ئائىلە، ھايات ۋە تۇرمۇش قارىشى، ئۇلاردىكى ئىنتىلىش ۋە شۈكۈر قانائەتچانلىق پىسخىكىسى، ئائىلە ۋە بازارنى مەركەز قىغان تىرىكچىلىك ئېڭى، ھايات ۋە دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچە، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە ئىش ھەرىكىتىدە ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرغان كرىزىس ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى ئەسەردە ناھايىتى ئېنىق بولغان تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، مىللىي تۇرمۇش ئادەتلىرى ئارقىلىق ئوبرازلىق ئەكس ئەتكەن.

ئەسەردە ئانا پەرزەنىت تىلىمەكچى بولۇپ، مەسچىتكە بارىدۇ. بۇ يەردە تېۋىنغۇچىلارنىڭ ئاستىدىكى جاينامازلارنىڭ مەينەتلىكى ئانىنى دەرھال بۇ يەردىن كىتىشكە ئۈندەيدۇ. بۇ بىر بىشارەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، كىشلەرنىڭ قۇدرەتلىك كۈچكە سېغىنىشى، خاتىرجەملىك ۋە ئاسايىشلىققا ئېرىشىش ۋە روھى جەھەتتە ھىمايىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. جايناماز بۇ يەردە ئاشۇ خىل تىۋىنىشنى شەرەتلەپ بېرىدىغان ماس ماددا، لېكىن ئۇنىڭ ۋاستە دەپ قارىلىپ، ئىتىبارغا ئېلىنماسلىقى، كىشلەرنىڭ سەمىمىيىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەمدۇ؟

مايسىخان ھامىلدار بولۇش ئۈچۈن تېۋىنماق بولۇپ  پاكىز جاي ئىزدەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىتقاد ئىزدەش، روھى پاكلىقنى ئىزدەش بولۇپ ،بۇ دېتاللار ئەسەرنى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپلا قالماي، پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ خاسلىقىنىمۇ كۈچەيىتكەن.

مازار ئەجدادلار كۆمۈلگەن جاي. مايسىخاننىڭ ئەجدادلار روھىدىن مەدەت ئېلىپ ھامىلدار بولۇشى كىشلەرنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىقتىن چىقىش يولى تاپالماي گاگگىراپ قالغانلىقى، يەنى روھى تەڭپۇڭسىزلىقى بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ مەنىۋى ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەسەردىكى چۈنچىباي كونىلىقنىڭ، قالاقلىقنىڭ ۋەكىلى. شۇڭا ئۇ ئاتىللانىڭ ھەرىكىتىنى توسىدۇ، ئۇنى چۈشەنمەيدۇ. چۈنچىباي بىلەن ئاتىللا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەنئەنىدىكى ئىلغار تەركىبلەر بىلەن قالاق، قاششاقلىق ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتۇر .

ئاتىللانىڭ ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي سىمىۋوللاشتۇرۇلغان. ئۇ ئائىلە ۋە بازاردىن ئىبارەت بۇ تار مۇھىتنى ئەمەس، بەلكى سەييارە بىلەن يۇلتۇزلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى چۈشۈنۈشنى خالايدۇ. يەر شارى خارەكتىرلىك مەدەنىيەت ئويغىنىشىنى ئىزدەيدۇ. قۇياش سېخى نۇرلىرى بىلەن يۇرۇتقىنىغا ئوخشاش، ئۇ كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى كىرلارنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشنى ئويلايدۇ. بۇ سىمىۋوللۇق ئوبراز ئۆزىگە سىڭدۈرگەن مەزمۇن ئارقىلىق كونا ئادەت كۈچلىرىگە تايىنىپ يېڭىلىق بىلەن قارشىلىشىدىغان جاھىللارنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: جەمىئيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدىمى رىقابەتتە يىڭىلگۈچىلەرنى شاللاپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. تەرەققىيات ھەمىشە ئۆزىنى تۇنۇغان، ئۆزىنى ھەمىشە يېڭىلاپ تۇرىدىغان، يىراقنى كۆرەلەيدىغان غالىپلارغا مەنسۇپ.

( ئاخىرى بار )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ئايتۈرك مۇنداق يازغان:

    باشتىكى تارىم ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 12- سانى تېخى نەشىردىن چىقمىغاندۇ؟مۇشۇ يەردە ئازراق خاتالىق بارمۇ نىمە؟

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif