نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » «ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(3)

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(3)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 1 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 914 قېتىم


 سېلۇشتۇرما تەتقىقات ئوبېكتىنى تاللاش بۇ خىل تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. بىز قىلچە ئىككىلەنمەستىن « ئوغۇزنامە » داستانى بىلەن سېلۇشتۇرىلىدىغان بۇ ئوبېكىتنى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس- داستانلىرىنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرىمىز. چۈنكى «تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۇزاق ئەسىرلىك  تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئورتاق تېرىتورىيەدە ياشىغانلىقى، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش  ۋە ئورتاق تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغانلىقى، ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئورتاق مەنبەگە تۇتىشىدىغانلىقى، تىل تۇققانچىلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەمدە ئورتاق مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە ئوخشاشمىغان دىنلارنىڭ تەسىرىگە تەڭ ئۇچرىغانلىغىدەك ئوبېكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ مىللىي پىسخىكىسى، مىللىي خاراكتىرى، مىللىي تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە ئېستېتىك زوقىدا كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلار ۋە ئورتاقلىقلار ساقلانغان.»[1] ئېنىقكى، بۇ خىل ئوخشاشلىقلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەپسانە – رىۋايەت، ئېپوس، شېئىر- قوشاق، مەسەل، ماقال – تەمسىل قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ.

يۇقىرىقى پىكىرلىرىمىز شۇنى كۆرسىتىدۇكى،« ئوغۇزنامە »داستانىدا خەلق ئېپوسلىرىنىڭ بىر قىسىم قەدىمىي موتىفلىرى ساقلىنىپ قالغان، لېكىن يەنىلا مۇكەممەل دىيىشكە بولمايدۇ.« ئوغۇزنامە »داستانىنىڭ قەدىمىي موتىف تىپلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن چوقۇم باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىغا مۇراجەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل موتىف تىپلىرى يەنە قايسى داستانلاردا ئۇچرىشى مۈمكىن؟ «بەزى قەدىمىي موتىفلار باشقا تۈركى خەلق داستانلىرىدا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بەكلا تولۇقسىز، بىراق، بۇ قەدىمى موتىفلار« ماناس »داستانىدا بىرقەدەر تولۇق ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن: «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى»، «يامان ئاتا موتىفى»، «قېرىنداشلار ئاسىيلىق موتىفى»، «باتۇرلارنىڭ ئاسىيلىق موتىفى» شۇنداقلا «قەھرىماننىڭ قايتا تىرىلىش موتىفى» قاتارلىقلار. باشقا ناھايىتى قەدىمىي موتىفلار، يەنى، «قەھرىماننىڭ دىۋىدەك ئۇخلاش موتىفى» مۇ 《ماناس》داستانىدا ساقلىنىپ قالغان.[2]

بىز يۇقىرىدا « ئوغۇزنامە »نىڭ موتىف تەكشۈرىشىمىزدە ئېرىشكەن     « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى »، «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلىك دەۋرى موتىفى» شۇنداقلا «قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى » ۋە « قەھرىماننىڭ غەلىبە موتىفى » قاتارلىقلار « ماناس » داستانىدىكى بۇ خىل موتىف تەركىپلىرى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىدۇ. ئۇنداقتا « ماناس »داستانىدا ساقلىنىپ قالغان باشقا موتىف تەركىپلىرىنىڭ « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ئەسلى موتىف شەكلىگە ئوخشاش بولۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟ بۇ ئىككى ئېپوس تىپى، تېما، بايان، موتىف ۋە شۇنداقلا قۇرۇلما قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولىشى بىزنىڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. بىراق ئىككى داستاننىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىمىز بۇ ئىككى داستاننىڭ موتىف تەركىپلىرىدە يەنىلا بەزىبىر ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

مەلۇمكى، داستان ۋە ئېپوسلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇئەييەن ئىجتىمائى ۋە ئىدىئولوگىيىلىك تەرەققىياتنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولىشى كېرەك. ئەڭ ئالدى بىلەن ئىجادكار خەلق (قەبىلىلەر ئىتتىپاقى) سەرگۈزەشتلىرى، تەجرىبىلىرى ئاساسىدا مىفلار دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن، ئىلاھىي قەھرىمانلارنىڭ ئورنىنى ئىنسانىي قەھرىمانلار ئىگەللەشكە باشلىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتنىك ئېڭى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇشى كېرەك. « ئوغۇزنامە » داستانىدا ئۇچرايدىغان «مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانىمەن»[3] دىگەن جۈملە بۇ خىل ئېتنىك ئاڭنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئوغۇزخان تىلىدىن بېرىلگەن جاكاسى بولۇپ، بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئېتنىك ئېڭىنىڭ ئۆسۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئېتنىك فولكلورلۇق دەلىلىدىن ئىبارەت. يەنە ئوغۇزخاننىڭ «مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك»(داستان 107 – 108 – قۇرلار) دىيىشى دەل بۇ خىل ئېتنىك ئاڭنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قەدىمقى جەمىيەتكە خاس بولغان ھەرىكەت مىزانى ئىدى. چۈنكى «خەلقنىڭ ئېتنىك ئېڭىنىڭ تەرەققىياتى قەدىمىدە شۇ خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى تېررىتورىيىلىك تەشكىلىنى (جۈملىدىن دۆلىتىنى) تىكلەشكە بولغان ئىنتىلىشىدا گويا بىر قانۇنىيەتتەكلا ئىپادىلىنىپ كەلدى.»[4] داستاننىڭ كېيىنكى سيۇژېتلىرىدىكى ئۇرۇق–قەبىلە ناملىرىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېڭىنىڭ (ئەلۋەتتە ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئېڭى) شەكىللىنىشى بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى تەشكىلىدە شاخلىما ئۇرۇق – قەبىلىلەر ئېڭىنىڭمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە داۋاملىق شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى ئىجتىمائى تارىخى تەرەققىيات جەھەتتىن پەرق قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە سۈپەت جەھەتتىمۇ كەسكىن پەرقلىنىدۇ. دىمەك بۇ نۇقتىدىن تەكشۈرگەندە « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى ۋە ئۇنىڭ مەنسۇبىيەت مەسىلىسىدە تالاش – تارتىش قىلىشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىگى ناھايىتى ئېنىق. يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەككى، داستاننىڭ شەكىللىنىش دەۋرىنى پەقەت ئۇيغۇرلار نامىنىڭ تارىخنامىلەردە پۈتۈلگىنىدىن كېيىنكى دەۋرلەردىن ئىزدەش، ـــــ ئۇلارنىڭ ئېتنىك نامىنى شەكىللەندۈرىشىگىچە بولغان ناھايىتى ئۇزۇن بىر دەۋرىنى كۆرمەسكە سېلىش ياكى قەستەن بۇرمىلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى نۇسخىسىدا بۇددا دىنى، مانى دىنى، خرىستيان دىنى، زوروئاستىر دىنى، ئىسلام دىنى قاتالىق دىنلارنىڭ ھىچقانداق ئىزناسىنى ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭدا ساقلانغىنى يىراق قەدىمكى زامانلاردىكى تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ۋە شامان دىنىنىڭ قالدۇقلىرىدىن ئىبارەت. بۇ پاكىتتىن بىز« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرىنى مىلادى 5- ئەسىرنىڭ ئالدىدا دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى، ئۇرخۇن بويىدىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ 5- ئەسىردىن ئىلگىرى ئەمەس.[5] بۇددا دىنى ماۋوريا خانلىقى (مىلالىدىدىن ئىلگىرىكى 322 – يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 185 – يىللار) مەزگىلىدە كەشمىر ۋە قەندىھار(بۈگۈنكى كابۇل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى رايونى، پەنجابنىڭ شىمالىدىكى پىشاۋۇر ۋە راۋالپىندى قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پايتەختى پرۇشابالىق، بۈگۈنكى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىدىكى پىشاۋۇر) قاتارلىق جايلارغا تارقالدى ۋە بۇيەردە بۇددا پەلسەپەسى ۋە گىرىك سەنئىتى[6] بىلەن ئۇچرىشىپ مەشھۇر قەندىھار بۇددا مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى شەكىللەندۈردى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خىل سەنئەت تارىم ۋادىسىغا سىڭىپ كىرىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. مىرەن، تۇمشۇق، قىزىل ۋە قۇمتۇرا قاتارلىق جايلاردىن قېزىۋىلىنغان سەنئەت بۇيۇملىرىدىن بۇنى ئېنىقلاش تەس ئەمەس. «بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭغا جۈملىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك. شىنجاڭنىڭ ئالاھىزەل ئىككى مىڭ يىللىق يېزىقتا خاتىرىلەنگەن تارىخىدا، بۇددا مەدەنىيىتى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئىگەللەيدۇ. تۇرپان ۋە كۇچار رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇددا مەدەنىيىتى ھەتتا بىر مىڭ بەش يۈز يىلدەك ھۆكۈم سۈرگەن.»[7]  دىمەك، 《ئوغۇزنامە》داستانى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى ئانا ماكانىدا يارىتىلغان بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ مىلادى بەشىنچى ئەسىردىن ئىلگىرى ھەتتا مىلادىنىڭ ئالدىدا يارىتىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئېپوس- داستانلارنىڭ ئاغزاكى يارىتىلىشىدىن تارتىپ ئۇنىڭ مەزمۇن جەھەتتە تۇراقلىشىپ، شەكىل جەھەتتە مۇقىملىشىشىنىڭ مۇئەييەن دەۋرى بولىدۇ. داستاننىڭ يېزىققا ئېلىنىش دەۋرى يەنە باشقا بىر تېما، ئەلۋەتتە.

« ئوغۇزنامە »داستانىنىڭ بارلىققا كېلىشى قەدىمقى تۈركىي تىللىق خەلقلەر قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ جۈملىدىن قەدىمقى ئۇيغۇرلار قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق ئىجادىيەتكە قاتناشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقى دەۋرىنى خېلى يىراق تارىخى دەۋرلەرگە سۈرۈش مۈمكىن. لېكىن « ماناس » داستانىنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ يەنى داستاننىڭ مەركىزى قىسمىنىڭ مۇقىم ھالەتكە كېلىش دەۋرى تەخمىنەن 13 ـ 16 ـ  ئەسىرلەر، ئەلۋەتتە داستاننىڭ ئىككىنچى قىسمىدىن سەككىزىنچى قىسمىغىچە بولغان قىسمى تېخىمۇ كېيىنرەك ،يەنى تەخمىنەن  16ــ   ئەسىردىن 18ــ ئەسىرگىچە شەكىللەنگەن.»[8] دىمەك،  « ماناس » داستانىنىڭ شەكىللەنگەن دەۋرى« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ شەكىللەنگەن دەۋرىدىن   نەچچە ئەسىر كېيىن. شۇڭا كېيىنكى ئەسەر ئالدىنقىسىغا قارىغاندا بىرقەدەر مۇكەممەل ۋە ھەر خىل دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان. لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەنئەنىۋىي داستانچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ داۋاملاشقانلىقى ۋە ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقى بىزنىڭ بۇ داستاننىڭ سييۇژېتى ۋە موتىف قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىپ « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ كەم جايلىرىنى تولدۇرىشىمىزنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.

« ئوغۇزنامە » داستانىدا رىۋايەت – ئەپسانىلاردىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نامىنى چۈشەندۈرىدۇ ياكى رىۋايەت–ئەپسانەلەردىن پايدىلىنىپ قەبىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بايان قىلىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئەسەردىن ئىبارەت. بىراق « ماناس » تا بولسا يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي توقۇنۇشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى كوللىكتىپ ئاھاڭغا قارىغاندا، يەككە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى تىرىشىشلىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرۇدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، « ئوغۇزنامە » داستانى تۈركىي خەلقلەر داستانلىرى ئىچىدە شەكىللىنىش تارىخىنىڭ قەدىمىلىكى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.

« ئوغۇزنامە » داستانى « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى » بىلەن باشلانغان. بىراق ، داستاننىڭ « باش – ئاخىرىنىڭ كەم» ئىكەنلىكىدەك پاكىت بىزنىڭ بۇ داستاننىڭ موتىف قۇرۇلمىسى ھەققىدە تېخىمۇ تولۇقراق پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىمىزغا دەۋەت قىلىدۇ. تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرى ياكى چۆچەكلىرىنىڭ باشلانمىسى، بىر جۈپ پەرزەنتسىز قېرىنىڭ « غايىپتىن ياكى تەڭرىدىن پەرزەنت تىلەش»  ى ئارقىلىق پەرزەنتكە ئېرىشكەنلىكىدەك موتىف بىلەن باشلىنىدۇ. داستان ۋە چۆچەكلەردە بۇ خىل «غايىپتىن پەرزەنت تىلەش موتىفى» ھەر خىل ۋاريانتتا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل تىلەك تەڭرىنى تەسىرلەندۈرگەن ۋاقىتتا، تىلەك تىلۈگۈچى چۈشىدە ئەۋلىيا بەرگەن ئالمىغا ياكى مەلۇم بىر بىشارەتكە ئېرىشىپ، سىرلىق ھالدا قورساق كۆتىرىدۇ. مەسىلەن، « ماناس» داستانىنىڭ بىر نەچچە خىل ۋاريانتلىرىنىڭ ھەممىسىدە چېيېردې ئالمىنى يەپ سىرلىق ھالدا قورساق كۆتىرىپ ماناسنى تۇققانلىقىدەك موتىف بار. ئۇيغۇر خەلق داستانى« غېرىپ – سەنەم »دىمۇ قىز- ئوغۇل باش قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلىشىمۇ ئاپىلىرىنىڭ سېھىرلىك ئالما يىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى باش قەھرىمانلارنىڭ دادىلىرى چۈشىدە خېزىر تەرەپىدىن سېھىرلىك ئالمىغا ئېرىشىدۇ ۋە ئۇنى ئاياللىرىغا بېرىدۇ….مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ تەبىئەت ئېتىقادچىلىق ئېڭى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دېتاللار. ئۇنداقتا،« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك موتىف تەركىپلىرى« غايىپتىن پەرزەنت تىلەش موتىفى»، «چۈشىدە بىشارەت بېرىش موتىفى» ۋە «غايىپتىن ھامىلدار بولۇش موتىفى » قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

 « ماناس » داستانىدا ئۇچرايدىغان باشقا موتىفلار، مەسىلەن، «يامان ئاتا موتىفى»، « قېرىنداشلارنىڭ ئاسىلىق موتىفى »، «باتۇرلارنىڭ ئاسىلىق قېلىش موتىفى »، « قەھرىماننىڭ ئۆلۈپ قايتا تۇغۇلۇش موتىفى» شۇنداقلا « قەھرىماننىڭ ئۆلۈم موتىفى » قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە قايسىلىرى «ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ كېيىنكى كەم قىسمىنى تولۇقلىيالايدىغان موتىف تەركىبى بولالىشى مۈمكىن ؟ «ئوغۇزنامە » داستانىدا ئۇچرايدىغان « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى »، «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى موتىفى »، « سىناق موتىفى »، « ئۆيلىنىش ۋە پەرزەنتلىك بولۇش موتىفى»، « قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى»،    « غەلىبە موتىفى » قاتارلىق موتىف تەركىپلىرى بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ ئايرىلماس بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن، بايان ئۇسلۇبى يېنىك لېكىن جەڭگىۋار، ئەركىن ئەمما تەرتىپلىك بولۇپ، داستانىنىڭ بايان ئۇسلۇبىدىن تەكشۈرگىنىمىزدە داستان بىر خىل شات – خورام، ئازادە كەيپىياتتا ھىكايىنى بايان قىلىدۇ. مەزمۇن ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا داستاندا قەدىمقى زاماندىكى ئەجداتلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىغا مەدھىيە ئوقۇش بىلەن بىرگە قەبىلىلەرنىڭ ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ زورىيىش، قۇدرەت تېپىش يەنى قەبىلىلەر ئىتىتپاقى قۇرۇش، ھەرقايسى ئۇرۇق قەبىلىلەرنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ ئورتاق گۈللىنىشتەك قەدىمقى زامان يايلاق ئوتۇپىيىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. « ئوغۇزنامە » مەيدانغا كەلگەن دەۋرىنى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزىمى ئاخىرلىشىپ ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزىمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى بىلەن باغلاش مۈمكىن. ئوغۇز خاقاننىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە « خان » قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشىمۇ دەل داستان مەيدانغا كەلگەن دەۋرلەرنىڭ دەل ئانىلىق جامائەدىن ئاتىلىق جامائەگە ئۆتۈشتىكى ئىجتىمائى باسقۇچنىڭ قالدۇغى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.[9]

داستاننىڭ يېشىمىدىكى ئوغۇزخاقان ئوغۇللىرىنىڭ ئالتۇن قىسمەتلىك ۋە كۈمۈش قىسمەتلىك بولۇپ ئايرىلىشىمۇ دەل سىنىپىي جەمىيەتنىڭ باشلانغانلىدىن دېرەكلەيدۇ. كىچىك ئوغۇللارنىڭ چوڭ ئوغۇللارغا بويسۇنىشىنىڭ مۇتلەقلەشتۈرىلىشى دەل ھاكىممۇتلەقلىق جەمىيەتنىڭ باشلىنىشى ئىدى. تۈرك شەجەرىلىرىدە ئۇچرايدىغان خاقان – پادىشاھ تېمسالىدىكى « يا » ۋە ۋەزىر تېمسالىدىكى « ئوق » نىڭ ئوغۇزخان ئوغۇللىرىنىڭ قىسمىتىنى بەلگىلىشى قانداقتۇر خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سيۇژېت بولماستىن، بەلكى سىنىپىي جەمىيەتنىڭ باشلىنىشىنىڭ بەدىئى ئەدەبىياتتىكى ئوبرازلىق ئىنكاسى ئىدى.

« يا » ۋە « ئوق » تېمسالى « ئوغۇزنامە »داستانىدا بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان « قىسمەت موتىفى » ياكى « تەقدىر موتىفى » بولۇپ پەقەت قەھرىمانلىق دۋرىدە ياشاۋاتقان خەلقلەردە بولۇشقا تېگىشلىك تەقدىر ئېستېتىكىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. داستاننىڭ« شەجەرەئى تۈرك »تىكى ۋاريانتىدا ئوغۇزخاقاننىڭ يا ۋە ئوق ئارقىلىق تەقدىر بەلگىلەشنى ئەجداتلارنىڭ ئەنئەنىسى [10]دەپ قارىشى بۇ خىل ئېتنىك ـ فولكلۇرلۇق ئادەتنىڭ ئوغۇزخاقان دەۋرىدىن ئىلگىرىلا تۈركىي خەلقلەردە رەسمىلەشكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. كېيىنكى ئۇيغۇر ئاغزاكى ۋە يازما ئەدەبىياتىدا ئۇچرايدىغان « يا » ۋە « ئوق » تېمسالى ئەنە شۇ                 « ئوغۇزنامە » داستانىدىكى «تەقدىر موتىفى» نىڭ ھەر خىل شەكىلدە قايتا ئىپادىلىنىشى بولۇپ، خەلق چۆچەكلىرىدىكى شاھزادە ۋە باتۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرنى يادىن ئېتىلغان ئوقتىن ئىزدىشى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ۋە ئانىمىزىملىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىنساننى مەركەز قىلغان گۇمانىزىملىق دەۋرىنىڭ باشلانغانلىغىنىڭ سىموۋۇلى بولغان « قۇتادغۇبىلىك » تە :

      بويۇم ئىدى ئوقتەك، كۆڭۈل ئىدى يا،

            كۆڭۈلنى قىلغۇچە ئوق، بويۇم بولدى يا. [11]

شەكلىدە ئىپادىلىنىپ، « يا » ۋە « ئوق » تىمسالىنىڭ تەبىئەت تەقدىرچىلىكى مەناسىدىن ئىنساننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئىزلىنىشىنى مەركەز قىلغان يېڭى تەپەككۈر ئەندىزىسىنىڭ باشلانغانلىقى ھەم « يا » ۋە   « ئوق » تىمسالىنىڭ ئۇيغۇر بەدىئى ئەدەبىياتىدا قۇرۇماس ئىلھام مەنبەسى بولۇشىنىڭ تارىخى ـ ئېتنىك باغلىنىشچانلىقىنى دەلىللەيدۇ. چۈنكى « ئىپتىدائى ئوبرازلار شېئىرىيەتتە بارغانسېرى ئۆلچەمسىزلىكتىن مەلۇم ئۆلچەمگە، مۇقىمسىزلىقتىن مۇقىملىققا قاراپ تەرەققى قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ جەريان دەل كونكېرت ئىپتىدائى ئوبرازنىڭ ئادەتتىكى ئۆلچەملەشكەن بەدىئى شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئىگە بولغان ئوبرازغا ئايلىنىش ۋە تەرەققى قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت شۇنداقلا ئىپتىدائى ئوبرازنىڭ بارغانچە ئەسلىدىكى ئۇقۇم مەناسىنى يوقۇتۇپ ئابىستراكىتلەشكەن شەكىلگە ئۆزگىرىش جەريانىدىن ئىبارەت.»[12]

داستاننىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە نەمۇنە بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بايان قىلغۇچىلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى سوبېكتىپ ھىسسىياتى سىڭگەنلىكىنى نەزەرگە ئالغان چېغىمىزدا ھىچقانداق سۈنئى دىنلارنىڭ تەسىرى ئارىلاشمىغان پەقەت قەدىمقى تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ۋە تۇتىم – ئەجدات ئېتىقادچىلىقى ئاساسىي روھىي- پىسخىك تايانچ بولۇۋاتقان دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن « ئوغۇزنامە »داستانىدا « ماناس »داستانىدا ئۇچرايدىغان « يامان ئاتا موتىفى»، «قېرىداشلارنىڭ ئاسىلىق قىلىش موتىفى »، «باتۇرلارنىڭ ئاسىلىق قىلىش موتىفى» قاتارلىق موتىف تەركىپلىرىنىڭ بولۇشى بىزنى دىگەندەك قايىل قىلالمايدۇ. چۈنكى،        « ئوغۇزنامە » داستانى يارىتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئىسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەر تېخى ئۇنچىلىك ئۆتكۈرلىشىپ كەتمىگەن بولۇپ، تەبىئەت بىلەن ئادەم شۇنداقلا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەقەت ئىنسانلارنىڭ بالىلىق دەۋرىگە خاس ساددا ماسلىق مۇناسىۋىتىنى داستاننىڭ ئۆزىدىنمۇ كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

  «قەھرىماننىڭ ئۆلۈپ قايتا تىرىلىش موتىفى» ، « ماناس » شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېغىز ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدە ئۇچرايدىغان موتىف تەركىۋىدىن ئىبارەت. بۇ خىل موتىف تەركىبىنىڭ تېكىست قۇرۇلمىسىدا ئۇچرايدىغان ئورنى ئاساسەن سيۇژېتنىڭ راۋاج نۇقتىسىدا تۇرىدىغان بولۇپ، قەھرىمان قىرانىغا يەتكەن، مەلۇم تۆھپىلەرنى ياراتقان ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ ھەسەت قىلىشى بىلەن قەستكە ئۇچرىغان بولىدۇ. لېكىن« ئوغۇزنامە » داستانىدا «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى » دىن باشلانغان شادىيەنە ئاھاڭغا داستاننىڭ راۋاج قىسمىدىكى «غەلىبە موتىفى» بىلەن بىرىكىپ كەتكەن زەپەر مارشىنىڭ داستاننىڭ بايان ئىستىلىنى ھىچقانداق تەسىرگە ئۇچراتماي داۋاملاشقانلىقى بۇ خىل موتىفنىڭ ھەم « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ئەسلى موتىف قۇرۇلمىسى بولۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ.

« شەجەرەئى تۈرك » تە ئوغۇزنىڭ دادىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. گەرچە بۇ ۋاريانتقا زور دەرىجىدە ئىسلام دىنى ئامىللىرى سىڭگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ « يامان ئاتا » موتىفىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى « ئوغۇزنامە » داستانىدا بۇ خىل موتىفنىڭ بولۇش–بولماسلىقىنى، داستاننىڭ باشقا تولۇق نۇسخىلىرى ئاساسىدا سېلۇشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق يەنىمۇ بىر قەدەم ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. قارىغاندا« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ يېشىمىنى داستاننىڭ شات – خورام ھەم يەڭگىل يېزىلغان ئۇسلۇبىدىن بەكمۇ يىراقلىشىپ كەتمىگەن  ھەم شۇنداقلا قەدىمقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئېستېتىك ئېڭى قوبۇل قىلالايدىغان ھالدا تۈگەللىيەلەيدىغان بىردىن بىر موتىف قۇرۇلمىسى پەقەت «قەھرىماننىڭ ئۆلىمى موتىفى» بولۇشى كېرەكتەك تۇرىدۇ…….

  پايدىلانغان  ماتىياللار:

1. گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانى ئوغۇزنامە » بېىجىڭ ، مىللەتلەر نەشرىياتى ،1980 – يىل 11 – ئاي بىرىنچى نەشرى .(ئۇيغۇرچە)

2. تۈزگۈچى گېڭ شىمىن، رەتلىگۈچى مەھەممەترېھىم سايىت، « قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى» بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006- يىل 6 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)

3. ئوبۇلغازى باھادىرخان « شەجەرەئى تۈرك »،جوڭخۇا كىتاپ نەشرىياتى ، بېىجىڭ ،2006 – يىل 8- ئاي 2- نەشرى ،(خەنزۇچە )

4.يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك »،بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى،  1984 – يىل 5- ئاي بىرىنچى نەشرى.(ئۇيغۇرچە)

5.رادلوف« بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىكى » سانتپېتېرسبۇرگ ،1891- يىل نەشرى.1- قىسمى.(نېمىسچە)

6.رەشىت رەخمەتى ئارات « ماقالىلار »،تۈرك كۈلتۈر تەتقىقاتى ئىنىستوتى نەشرگە تەييارلىغان، ئەنقەرە1987 – يىل. (تۈركچە)

7. پائۇل پېللىئوت « ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئوغۇزخان داستانى توغرىسىدا » ۋەدات كۆكان تەرجىمىسى، ئاتا تۈرك كۈلتۈر ، تىل ۋە تارىخ ئالىي جەمىيىتى تۈرك تىلى ئۇيۇشمىسى نەشرىياتى 1995 – يىلى ئەنقەرە نەشرى.(تۈركچە).

8. مەھمەت ئۆلمەز نەشرگە تەييارلىغان « چاغداش تۈرك ئەدەبىياتىغا تەنقىدى بىر نەزەر » ، ئەنقەرە 1997 – يىل سۇمرۇغ نەشرىياتى.(تۈركچە)

9.ئابدۇشۈكۈر تۇردى قاتارلىقلار تۈزگەن« ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېىجىڭ، 2006 – يىل 4- ئاي بىرىنچى نەشرى.(ئۇيغۇرچە)

10.مەھەممەترېھىم سايىت « تۈركىي تىللار تىلشۇناسلىقىغا كىرىش » بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2004 – يىل 7- ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)

11. لاڭ يىڭ « ماناس تەتقىقاتى »،ئىچكى موڭغۇل ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1999 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)

12.گېڭ شىمىن« شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى »، مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى 2006 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)

13. سىدى تومسېن :« دۇنيا چۆچەكلىرىنىڭ تىپولوگىيەسى»، شاڭخەي ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى، 1991- يىل نەشرى.

14. غەيرەتجان ئوسمان« ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1999 – يىل 6 – ئاي 1 – نەشرى. (خەنزۇچە)

15. دىلمۇرات ئۆمەر « ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ شامان دىنى ئېتىقادى تەتقىقاتى»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995- يىلى نەشرى. (خەنزۇچە)

16. بىي شۈن« قازاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»، مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2006 – يىل 6 – ئاي بىرىنچى نەشرى. (خەنزۇچە)

17.لى جىڭشىن « شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ تەرەققىيات تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 – يىل 10- ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)

18.« دەدە قۇرقۇت چۆچەكلىرى»، توختى تىللا تەرجىمىسى ، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى 2001- يىل 3- ئاي بىرىنچى نەشرى.

19.ئابدۇكېرىم راخمان « ئوغۇزخان ۋە ‹ئوغۇزنامە › ئېپوپىيىسى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزىلەر »، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 1981 – يىلى ئۈچىنچى سان.

20.غەيراتجان ئوسمان« ‹ئوغۇزنامە›نىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى توغرىسىدا»، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 1986 –يىل 2- سان.

21.لى شۇخۇي « قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹ئوغۇزنامە› داستانىدىكى بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە »، « شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى » ژورنىلى 2004 – يىل بىرىنچى سان.(خەنزۇچە)

22.جاۋ پېىلىن « ئوبراز ، دىنىي ئاڭ مەزمۇنىنىڭ بەدىئى شەكىلگە مۇجەسسەملىنىشى » ، « تىئەنجىن ئىجتىمائى پەنلىرى » ژورنىلى 1985 – يىلى 5- سان .(خەنزۇچە)

23.مېھراي مەمتىلى« تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېپوسلىرىدىكى قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى ھەققىدە تەھلىل »، « مىراس»ژورنىلى 1996 – يىل 3 – سان.

24. ئۇيغۇر سايرانى، ھەبىبۇللا خوجا « ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق(نارودنوست) بولۇپ شەكىللىنىشى توغرىسىدا »، « شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى »، 1988 – يىلى 1 – سان.

25.« غەربىي رايون يەر ناملىرى »، جوڭخۇا كىتاپ نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1980 – يىلى.


[1] مېھراي مەمتىلى《تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېپوسلىرىدىكى قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى ھەققىدە تەھلىل 》،《مىراس》ژورنىلى 1996 – يىل 3 – سان، 47 –بەت.

[2] لاڭ يىڭ 《ماناس تەتقىقاتى》،ئىچكى موڭغۇل ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1999 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى. 401- بەتكە قاراڭ.

[3] گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ئوغۇزنامە » ، بېىيجىڭ .مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 – يىلى 11- ئاي بىرىنچى نەشرى،106 – قۇرغا قاراڭ. (رەشىت رەخمەتى ئارات 《ماقالىلار》بىرىنچى جىلت، تۈرك كۈلتۈر تەتقىقاتى ئىنىستوتى نەشرگە تەييارلىغان، ئەنقەرە 1987 – يىل، 619 – بەت 106 – قۇرغا قاراڭ.)

[4] ئۇيغۇر سايرانى، ھەبىبۇللا خوجا《ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق(نارودنوست) بولۇپ شەكىللىنىشى توغرىسىدا》، 《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى》، 1988 – يىلى 1 – سان، 95 – 96 – بەتلەر.

[5] گېڭ شىمىن 《تۈرك خانلىقىنىڭ ئىجتىمائى تۈزىمى ۋە مەدەنىيىتى》، 《شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى》،66 – بەتكە قاراڭ. مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى 2006 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى.

[6] ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ شەرق ئىستىلاسى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن.

[7] گېڭ شىمىن 《بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى شۇنداقلا تۈرك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەھۋالى》، 《شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى》،  136 – بەتكە قاراڭ.

[8] لاڭ يىڭ 《ماناس تەتقىقاتى》،ئىچكى موڭغۇل ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1999 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى. 100- بەتكە قاراڭ.

[9]  گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ 《قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانى ئوغۇزنامە》63 – بەتكە قاراڭ. بېىجىڭ ، مىللەتلەر نەشرىياتى ،1980 – يىل 11 – ئاي بىرىنچى نەشرى .

[10] ئوبۇلغازى باھادىرخان 《شەجەرەئى تۈرك》،جوڭخۇا كىتاپ نەشرىياتى ، بېىجىڭ ،2006 – يىل 8-ئاي 2-نەشرى ،(خەنزۇچە ) ، 22 – بەتكە قاراڭ .

[11] يۈسۈپ خاس ھاجىپ 《قۇتادغۇبىلىك》،بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى،  1984 – يىل 5- ئاي بىرىنچى نەشرى، 117 – بەت 371 – بېيىت .

[12] جاۋ پېىلىن « ئوبراز ، دىنىي ئاڭ مەزمۇنىنىڭ بەدىئى شەكىلگە مۇجەسسەملىنىشى » ، 《تىئەنجىن ئىجتىمائى پەنلىرى》ژورنىلى 1985 – يىلى 5- سان .

( بۇ ماقالە « تارىم » 2007 – يىل 11- ساندا ئېلان قىلىنغان )

 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif