نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » تاغ بار يەردە چوققا بار(1)

تاغ بار يەردە چوققا بار(1)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: 3 پارچە | زىيارەت: 1,111 قېتىم


ـــــ ئۇزبېكىستاندىكى ناۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566 يىللىق تۇيى مىسالىدا

( ئەدەبىي خاتىرە، تولۇق نۇسخىسى )

دوكتۇر تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

تاشكەنتكە نىسبەتەن ئىككىنچى ئاي قۇياشى پارلاق، دېڭىز بىلەن ئاسمان ئالمىشىپ قالغاندەك كۆك يۈزى يارقىن، نىل بۇياقتەك جۇلالىق ياكى ئاخشاملىرى ئاي-يۇلتۇزغا باقساڭ كۆز نۇرۇڭ ئۈزۈلگەن، تەسەۋۋۇرۇڭ يەتمىگەندىن كېيىنكى پايانسىزلىق گويا قارا كۆركۈمزارلىقتەك دىلئارام كۆرۈنىدۇ.
قارا بولكىدەك تۇپراقنىڭ ئېرىق-ئويمانلىرىدىن ئۆرلەۋاتقان ئېقىش ھورنى؛ كۆكاتلاردىكى؛ يەر بېتىدىن خۇددى يۈرەك ئۈنۈپ چىققاندەكلا ئەمما يىراقتىن قارىساڭ ھاۋادا يېلىنجاۋاتقان چوغدەك قىزىل، ئانار، لالە ۋە سەۋسەن گۈللىرىنىڭ لەۋلىرىدىكى؛ مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ گۈللىشى بىلەن شەھەرنى توزدەك بىزىگەن غۇنچە مەڭزىدىكى كۈمۈشتەك شەبنەملەرنى ئۇچۇرۇپ، ئورمانلارنىڭ ئارىلىرىدىن، رەسىمدەك كۆركەم بىنالارنىڭ يۇچۇقلىرىدىن، ئازادە يوللارنىڭ چېكىلىرىدىن پۈتۈن ۋادىنى بويلاپ گۈكىرەپ ئېسىۋاتقان نەم ۋە خۇشبۇي غۇر- غۇر شامال جان نى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. تاشكەنتنىڭ مانا شۇنداق گۈلىستان پەسلىنى مەشھۇر ئۇزبېك شائىرى خەمىت ئالىمجاننىڭ بىر مۇھەببەت لىرىكىسىدا:

مانا ساڭا ئالەم- ئالەم گۈل،
ئېتىكىڭگە سىغقىنىچە ئال.

دەپ تەسۋىرلىگىى ھېلىمۇ ئېسىمدە!
جەدىتچىلىك ۋە مىللىي ئويغىنىش دەۋرى ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن مۇنەۋۋەرقارى ئابدۇرەشىتخان(1878-1931)نىڭ تەشكىلاتچانلىقى بىلەن 1918-يىلى قۇرۇلغان ۋە 1923-يىلدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، مۇستەقىللىق يىللىرىدا مىرزا ئۇلۇغبېك نامىدىكى ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى دەپ ئاتالغان بۇ ئالىگاھنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىي ھاياتىدىكى رولى مىسلىسىز!
ياتاق بىنايىمغا قوشماق قىلىپ سېلىنغان ‹‹ماننان ئۇيغۇر نامىدىكى تاشكەنت دۆلەت سەنئەت ئىنىستىتوتى تەلەبەلەر تۇرار جايى›› نىڭ ئىشىكىدىن بىر خىل غۇرۇر ۋە سۆيۈنۈش تۇيغىسىدا سانسىز قېتىم ئۆتكەنمەنكى، كۆنكرېتنىسى خاتىرەمدە قالمىغان. ‹‹ماننان ئۇيغۇر›› (1928-1993) يەنە كېلىپ ‹‹ئۇيغۇر›› نېمە دېگەن مەنىلىك نام ھە! ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۈزىنىڭ رىجىسورلۇق، ئاكتيورلۇق ۋە تەشكىلاتچىلىق تالانتى بىلەن شۆھرەت قازانغان ماننان مەجىدوۋ ‹‹ئۇيغۇر›› دېگەن بۇ تەخەللۇسنى ‹‹ئوغۇزنامە›› داستانىدىكى ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ شەكىللىنىشىگە دائىر ۋەقەلەردىن ئالغان①. 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى نەۋايىنىڭ ‹‹پەرھات -شىرىن››، ‹‹لەيلى-مەجنۇن››ۋە ‹‹شەيخ سەنئان››داستانلىرىنىڭ يۇقىرى بەدىئىي سە ۋىيىدە سەھنىلەشتۈرۈلىشى ئۇيغۇر ئىجادىيىتىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرىنى ئاچقان. بولۇپمۇ ماننان ئۇيغۇر 1945-يىلى ئوينىغان، ئۆزبېك تىياتىرىنىڭ گۈلتاجىسى بولمىش‹‹ئەلىشىر ناۋايى›› درامىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلققە چەكسىز مۇھەببەت، گۇمانىزم روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان سەھنە ئەسىرى سۈپىتىدە كىشىلەرنى يۈكسەك ئىدىيىلەرسىرى يېتەكلەپ، كۆڭۈللەرگە گۈزەللىك ئۇرۇقىنى سەپكەن، غۇرۇرغا غۇرۇر، مېھىرگە مېھىر قوشقان②. شۇ سەۋەپتىن كۈنىمىزدىكى ئۆزبېك تىياتىر تارىخچىلىرى ئۇيغۇرنى بىردەك ‹‹ئۆزبېك دۆلەت ئاكادېمىك مىللىي دراما تىياتىرىنىڭ ئاساسچىسى››دەپ يۇقۇرى باھالاشماقتا.
ئۆزگە ئەللەردە ۋەتەن گادالىقىدا ئۆرتىنىپ يۈرۈگىنىڭدە ھەممە نەرسەڭ بولسىمۇ ھىچ نەرسەڭ يوقتەك، لېكىن ھىچنەرسەڭ بولمىسىمۇ دىلىڭدا ‹‹ۋەتەن››دېگەن ئۈمۈتنىڭ يېشىل دەرىخى كۆكىرىپ،سېنى مەڭگۈ ياشارتىپ تۇرىدۇ. لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ بىر خىل شېرىن ئازاپ –تە،خالاس! دۇنيادا مېھرىبان ئاتا-ئاناڭنىڭ غېرىپلىقىنى، يۈرەك-باغرىڭ بالىلىرىڭنىڭ ئازابىنى ۋە پەقەت بىرلا كېلىدىغان ھاياتنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى تەرك قىلالىشىڭ مۇمكىن، ئەمما ۋەتەن ئۈمۈدىدىن ۋاز كېچەلمەيسەن! چۈنكى سەن مۇشتەك گۆش ھالەتتە ۋەتەن تۇپىسىغا چۈشكەن، كىندىك ئېتىڭ ۋە قېنىڭ، تۇنجى ھۈجەيرە-چاچلىرىڭ ۋەتەن تۇپرىقىغا تۆكۈلگەن! بىرىنچى يىغا ئاۋازىڭ ۋەتەن شاماللىرىدىن پۈتكەن! ئۇنىڭ ھىدى ئۈچۈن ئۇپا ئورنىدا ۋەتەن تۇپرىقى- سېغىز بەدەنلىرىڭگە سۈرتۈلگەن! چىرايىڭدىكى سۈزۈكلۈك ۋە قىزىللىق ۋەتەن توپىسىدىن رەڭ ئالغان! دېمەك ھەر بىر ئىنساندىكى تەن← بەدەن← ۋەتەندۇر! بىر قېتىم قەشقەر دەريانىڭ قارشى شەھرىگە قىلغان سەپىرىمدە ھىلال ماڭلاي، 16 ياشلاردىكى قىزدىن يول سورىغانمەن. ئۇنىڭ:‹‹ كۆپ گەپ قىلىڭ،توختىماي سۆزلەڭ!››دېگەن ئۆزبېكچە ئىلتىجاسىغا: ‹‹نېمىشقا كۆپ سۆزلىگۈدەكمەن؟!››دەپ تېرىكىپراق جاۋاپ بەرگىنىمدە، قىزنىڭ:‹‹ئەكەجان، بوۋاملارنىڭ دەپ بېرىشىچە بىزمۇ ئۇيغۇركەنمىز! مەن ئۆمرۈمدە ئۇيغۇرچە كۈلمىگەن، يىغلىمىغان. بىزنىڭ ئۇيغۇرچە گەپ نېمەدېگەن تاتلىق، نېمەدېگەن خۇشناۋا! مەن سىزنى ئانامغا دەي مەن›› دەپ چوپ-چوڭ قىزنىڭ يىغلامسىرىغىنىچە يۈگۈرۈپ ئۈيىگە كىرىپ كەتكەنلىكى كۆز قارىچۇقۇمدا قېتىپ قالغان! دېمەك ۋەتەندىن ئەگىپ ياشىغان ھايات كەچكۈز مەنزىرىسىدەك زەپىرەن ۋە پاجىئەدۇر! بىزدە نۇرغۇن شائىرلار: ‹‹ ئىھ،ۋەتىنىم، يىرىڭ كەڭ، بايلىقىڭ مول ۋە سۇلىرىڭ ئەلۋەك بولغاچقا سېنى سۆيىمەن›› دەپ يېزىشقان. ‹‹سەت ۋە نامرات بولسا›› ئۇلار ئاتا ئانىسىدىن ۋاز كېچەمدىكىنە! ئاڭلاپ باقسام ئىدى، شۇلارنىڭ جاۋاپلىرىنى! لېكىن ياتئەل ھايا تىدىكى ئانا يۇرت سېغىنچى ماڭا ۋەتەننى سۆزسىز، ئۈمۈتسىز ، مەقسەتسىز ۋە بارچە مەنپەئەتدارلىقدىن مۇستەسنا ھالدا سۆيۈشنى ئۈگەتتى. چۈنكى ۋەتەن بىزنىڭ تەقدىرىمىزدە! ئۇ سەجدىگاھ كەبى مۇقەددەستۇر!
شۇنداق قىلىپ 2007-يىلى نورۇزنىڭ ھارپا ئېيى بولغان فېۋرال ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس دەملەر بولۇپ، 9-فېۋرال ئەلىشىر ناۋايى تۇغۇالغان خاتىرە كۈن ئىدى. بۈگۈن پۈتۈن ئۆزبېكىستان ھۇدۇدىدا بۇ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرنىڭ تەۋەللۇت ئەييامى مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. دېمەك ھەر يىلى2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆزبېك خەلقى ئۈچۈن نارەسمى شادىيانە بايرام! ناۋايى تۇغۇلغانلىقىغا 566 يىل تولغان بۇ خاسىيەتلىك جۈمە مەن چەتئەلدىكى ھاياتىمدا قاتناشقان ۋە يۇقۇرى مىللىي ئىپتىخاردا نىشانلانغان تەسىرلىك مەرىكە سۈپىتىدە مەن ئۈچۈن ئومۈرلۈك ئارماندۇر!
شۇ كۈنى ئەتتىگەندە مەن ئۇستازىم نۇرباي جاببارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىللىي ئۇنۋېرسىتېت ئۆزبېك فىلولوگىيىسى فاكۇلتېتىنىڭ تولىمۇ چىرايلىق ۋە رەتلىك كېيىنگەن يۇقۇرى كۇر رۇس تەلەبە (سىتۇدېنت) لىرى بىلەن ئازادە ھەم باغۇ-بوستانلىق ‹‹خەلقلەر دوستلىقى››مەيدانىغا كەلدۇق. ئەتتىگەنكى تاشكەنت قۇياشى تېرەك بۇيى ئۆرلىگىنىگە قارىماي ھارارەتلىك ۋە يېقىملىق ئىدى. بىز كەلگەندە ئالا-يېشىل بايراقلار، رەڭگارەڭ لېنتىلار ۋە تۈرلۈك-تۈمەن گۈل-چېچەكلەرگە پۈركەنگەن مەيدان ئاللىقاچان ھېيىت كەيپىياتىدىكى مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئاللانغاندى. ئالىي مەمۇرىيلار، ھەربىيلەر، شائىر-ئالىملار، ئوقۇتقۇچى-مۇئەللىملەر ئىشقىلىپ پايتەختكە دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن زىيارەت ۋە تىجا رەت ئەھلى بولۇپ پۇزۇر كىيىنگەن كىشلەرنىڭ چېھرىدە بىر خىل پەخرىيە تۇيغۇسى جەۋلان قىلاتتى.بۇنى بىر شائىرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى خاتىرە مەرىكىسى دېگەندىن كۆرە ئەڭ ياخشىسى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق تەنتىنىسى، دېگەن تۈزۈك ئىدى. مەيداندا مۇقامچىلارنىڭ ناۋايىنىڭ ‹‹قارا كۆزۈم››، ‹‹جۇنۇن ۋادىسىدا ›› ۋە ‹‹مۇناجات››(كەلمىدى) قاتارلىق غەزەللىرىگە ئىشلەنگەن مۇڭلۇق ناخشىلار ياڭرايتتى. ئارتىستلار ئۇسۇلغا چۈشكەندى. شائىرلار بۇ ئۇلۇق مۇرەببىي تەرىپىدە ھاياجان بىلەن شېئىر دېكلاماتسىيە قىلسا، ئوقۇغۇچىلار ئەلىشىر ناۋايى غەزەللىرىگە خور ئىېيتاتتى. تەتقىقاتچىلار ناۋايى ئىجادىيىتى ھەققىدە تەلقىن ئېلىپ بارسا، يەنە باشقىلار شائىرنىڭ ئەل بەختى، دۆلەت تىنىچلىقى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرى ھەققىدە ھاياجان لىنىپ سۆزلەيتتى. چارەك كەم سائەت توققۇزلاردا مەرىكىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، ئالدى بىلەن پېرىزدېنتنىڭ ۋەكىللىرى ناۋايى ھەيكىلىگە گۈلچەمبەر قويدى. كېيىن ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەلىشىر ناۋايى نامىدىكى تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتوتى، ئاندىن ئەلىشىر ناۋايى نامىدىكى پايتەخت دۆلەت كۈتۈبخانىسى يەنە تاشكەنت شەھەرى نىڭ ئاۋات ۋە گۈزەل ناۋايى كوچىسىغا جايلاشقان ئەلىشىر ناۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيى قاتارلىق يۈزلىگەن ئورۇنلار شائىرغا گۈل تەقدىم قىلدى.
ئەمدىلىكتە زەپەر دەرۋازىسى شەكىللىك پەشھەيۋاننىڭ ئاستىدىكى ئېگىز سۇپىغا قاتۇرۇلغان، بىر قۇلىدا قايسىدۇ بىر دىۋاننى تۇتقىنىچە خىيالغا پاتقان قىياپەتتىكى ناۋايىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك كۆركەم ھەيكىلى گۈل دېڭىزىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغاندى. شائىر ياشلىقىدا سۆيگەن قىزى گۈلگە ئاتاپ ئىشقى غەزەللەرنى يازغاندا گۈلزارلىق بېغىدا مانا شۇنداق قىياپەتتە رەڭگارەڭ گۈللەردىن ئىلھاملانغان بولغىيتتى، دېگەنلەر خىيالىمدىن كەچتى-دە، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مەركىزى، ئۆزبېكىستان ناۋايشۇناسلىقىنىڭ بۆشىكى بولغان ‹‹ ئەلىشىر ناۋايى نامىدىكى دۆلەت ئەدەبىيات مۇزېىي›› غا يېتىپ كەلدىم. مۇزېىي ناۋايى كوچىسىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولغان مەشھۇر كۆكۈلداش مەدرىسى ياكى چارسۇ بازىرىدىن ئالاھىزەل ئىككى بېكەت يىراقلىقتىكى ئۆزبېكىستان مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئاگىنىتلىقى بىناسىنىڭ قارشىسىغا يەنى يولنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، بىنا ئالدىدىكى ئورمانلىق مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا تەخمىنەن ئون نەچچە مېتىر ئىگىزلىكتىكى شائىرنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك مەرمەر ھەيكىلى قاتتۇرۇلغان. ياۋروپا پاسونىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك بۇ ھەشەمەتلىك بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتى مەمۇرىيەت بولۇپ، ئىككىنچى قەۋىتىدە ئەنبەر ئاپا ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال مېنى سۇغاققان كۈتۈۋالدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاپا، ئۈرۈمچىدىن كەلدىم، ناۋايى مۇزېيدا سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى ئاڭلاپ خېلى بۇرۇنلا كۆرىشىپ كېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، كېچىكىپ قالدىم،سالامەتمۇسىز؟- سالام بەردىم ئايالغا.
- ياخشىمۇ سىز، مۇشۇنچىلىك تۇردۇق ئوغلۇم،-ئاددىلا جاۋاپ قايتۇردى ئايال. ئەنبەر ئاپا 60 ياشلاردىن ھالقىغان ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ بوشىشىپ كەتكەن يۈزلىرىدىكى ئۆمۈچۈك تورىدەك قورۇقلار ھايات سەگۈزەشتلىرىدىن رۇشەن بىشارەت بېرىپ تۇرسا، گەپ قىلغاندىكى خۇرسىنىشلىرىدىن ئازاپلىق، پۇشايمانلىق بىر يۈرەكنىڭ نىداسى كېلىپ تۇراتتى.
-ئاپا، سىلەر بۇرۇندىن مۇشۇ يەرلەردە ياشىغانمۇ ياكى كېيىنكى يىللاردا سوۋېت يېرىگە كەلگەنمۇ؟ ھازىرقى ئەھۋالىڭىز قانداق؟- سورىدىم ئايالدىن گەپنى لۆندە قىلىپ ۋە ھەممە قىزىقىدىغان سۇئالنى تەكرارلاپ.
-تۇرسۇنجان، بالام،ئېيىتسام گەپ بولىدۇ، ئېيىتمىسام دەرت، تازا يېغىرىمنى چۇقچىلىدىڭىز. ئاتا-ئانامنىڭ غېرىپ قەۋرى قالغان ۋە ئۇلارنىڭ يالغۇز پەرزەنتى بولغان مەن ئويناپ ئۆسكەن ئانا ۋەتەندىن كەپسىز، بۇ گەپلارنىڭغۇ مەن ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغان،-زۇرىغىراق ۋە قېيىداپراق سۈزىنى داۋاملاشتۇردى ئاپا،- بىز 1960-يىللاردا خۇدايىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن غۇلجىدىن قىرغىزىستاننىڭ ئۇش دېگەن يېرىگە كۆچۈپ كەلدۇق. سىز دۇنيادا يۈرىكى يوق ئادەمنىڭ بارلىقىغا ئىشنەمەسىز، شۇ ئادەم دەل مەن،- ئايال گەپنى ئەمدىلا باشلاپ قىممەتلىك نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغان ئادەمدەك پاڭڭىدە يىغلاۋەتتى، مەنمۇ ئۇڭايسىزلانماقتا ئىدىم. ئەنبەر ئاپانىڭ سەل پىغانى پەسلىگەندىن كېيىن يەنە ئاستاراق سۆزلەشكە باشلىدى،-شۇ چاغلاردا ماڭا دۇنيا بەكمۇ قالايمىقاندەك، ئاتلىق-ئېشەكلىك ئۇچرىغانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ قېيېرىگىدۇ كۆچۈپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. چوڭلار، بالىلار ئىشقىلىپ بىزدەك مۇساپىرلار كىمنىڭ بىر كىگىز پاتقۇدەك ئۈيى بولسا، شۇ يەرگە يىغىلىپ ئەتىسى نېمە ئىش قىلىپ، قەيەرگە بېرىش توغرىسىدا گەپ قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ئىسسىقكۆل بويلىرى، قەشقەرگە يېقىن ساغۇن ۋە قاراكۆل شەھەرلىرىدە بۇرۇندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بىزمۇ شۇلارنى تارتىشىپ كەلگەن بولساق كېرەك. ئۇشتا بىرنەچچە يىل تۇرۇپ، يەنە تىرىكچىلىك ۋە يۇرتلۇقلارنى قوغلۇشۇپ ئەنجانغا كۆچتۇق. بۇرۇنقى ھەرخىل كۆچ-كۆچلەردە كۆپەيگەن بولۇشى مۈمكىن، بۇ يەرنىڭ شەھەر-قىشلاقلىرى قەشقەر ۋە غۇلجىدىن چىققانلار بىلەن تولۇپتۇ. بالام،كونىلار ‹‹ۋىجدانلىق ئوغۇل يولدىن ئازسىمۇ يۇرتدىن ئازماس›› دەپ بىكارغا ئېيتماپتىكەن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرىڭدىن بىر ئايرىلدىڭمۇ قوڭۇڭ زادىلا ئىسسىمايدىكەن. 1980-يىللارغا يېقىن ئائىلىمىزنىڭ سەرسانلىقى يەنە باشلاندى، پارچىلاندۇق. شور پىشانە قىسمەت بىلەن ئىككى ئوغلۇم ‹‹ئانا ۋەتەنگە يېقىنراق تۇرايلى›› دەپ بىرى ئالماتۇغا، ئىككىنچىسى ياركەنتكە كەتتى، بىز تاشكەنتكە ئورۇنلاشتۇق. يۇرۇتتىن چىقىپ كەتكەن20 يىلدىن بۇيان بىچارە ئاتا-ئانىمىز نىڭ ھايات-ماماتى ھەققىدە ھېچ خەۋەر ئۇقالمىدۇق.بىز غېرىپ بولۇپ قالغانتۇق، چۆل قىشلاقلاردا، ئۆگزىدە غۇلجا يۇلىغا قاراپ كۆزۈمىزنىڭ خۇنى ئاقتى. يېشىمىز قۇرۇمىدى، بىر كۈنىمىزمۇ خۇشال ئۆتمىدى. ئادەم ئۇزاق سەپەرگە كەتسىمۇ، نەچچە ئون يىل تۈرمىدە ياتسى مۇ، ئىشقىلىپ ئۆلۈپلا كەتمىسە ھامان بىر كۈنى يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ. لېكىن بىزچۇ؟ بۇ بىزگە نېمە كۈن، نېمە تاراتقۇلۇق؟-ئەنبەر ئاپا يامغۇردەك تۆكۈلۈپ تۇراتتى، ئۇھ تارتاتتى. مۇزېيغا كىرىپ- چىقىۋاتقانلار بىزگە قارىشاتتى. ئالدىراشلىقتا گەپنى باشلاپ قويۇپ، مېنىڭمۇ دېمىم ئىچىمگە چۈشۇپ كەتتى. ئۇڭايسىزلىنپ تۇرساممۇ لېكىن بىچارە ئايالنىڭ ئىچ-قارنىنى بوشىتىۋېلىشى ئۈچۈن سەۋىر قىلماسلىقىمغا بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئايالغا زۇرىغا تەسەللى بىرىپ تۇردۇم:
-ئاپا، بۇنداق كۈن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بېشىغا كەلگەن، زاماننىڭ قالايمىقانچىلىقلىرى ئوڭشالدى. ئېھتىمال ۋەتەنگە بارغانلا، سالامەتلىكلىرىنى ئاسرېسلا.
-يۈرۈكىم ھەرە كۆنىكىدەك بولۇپ كەتتى، ئەمدى ئاسرايدىغان نېمىسى قالدى دەيسىز.ئاۋۋالقى شور پىشانىلىكىم ئازدەك ئاتىسىنىڭ يۇرتقا بېرىپ قېپ قالغانلىقىنى دېمەمسىز- ئايال ئەمدى ئارزۇ-ئارمىنى قۇرۇپ،ئاخىرقى كۈچ-ماغدۇرى قۇرۇپ قايغۇغا تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان تاش ھەيكەلدەك سەل جىمىپ قېلىپراق گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- شۇنداق قىلىپ 1990- يىلى غۇلجىغا باردۇق. ئاتا-ئانىمىز دەردىمىزدە تولا يىغلاپ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كېتىپتۇ، ھازىر تۇپراق بېشىنىمۇ ئىلغا قىلغىلى بولمايدىكەن. نەچچە كۈن قەبرىلەردە دۈم يېتىپ تاڭ ئاتقۇزدۇق. بىر ئايدەك ۋاقتىمىز تۇققانلار بىلەن تېپىشىش ۋە يىغازار قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇ چاغدا شېرمەت ئاكىڭىز 65 لەردىن ئاشقان بولۇپ، ‹‹دەرەخ بىر يەردە كۆكلەيدۇ›› دېگەن شۇ بولسا كېرەك، يۇرتقا كېلىپ كونا كېسەللىرى ساقىيىپ كەتكەندەك بولدى. ھەممە يەرنى ئارىلىدۇق. مەھەللىلەر ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ سوراپ- پۇراپ يۈرۈپ دېگەندەك بۇرۇنقى مەھەل لىمىزنىڭ ئورنىنى تاپتى. ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭگە ئېلىشىپ قالغاندەك سۇ سۈزۈكمۇ – قىيانمۇ، ئادەم بارمۇ-يوقمۇ دېمەي قىپ-يالىڭاچ بولىۋېلىپ چۆمۈلدى، دۈم يېتىپ ئىچتى، ھۆكرەپ يىغلىدى. غۇلجىنى ئايلىنىش جەريانىدا ئۇ يولدا ئۇچرىغان تاش، داڭگال، پەي، قۇرۇت – قوڭغۇز، ھەرخىل ئوت-چۆپ ھەتتا قوي-ئېشەكنىڭ تېزەك-ماياقلىرىدىن ئوتتۇرا تاغار دەك تەييارلاپتۇ، يۇغان توڭغا سۇ قاچىلىدۇق. ئاي-كۈنىمىز توشتى. نېمە ئامال ئۆلمەي تىرىك ۋەتەندىن ئىككىنچى قېتىم ئايرىلدۇق. تاشكەنتكە كەلگەندىن كېيىنكى ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە يۇرتقا بېرىپ كەلگەندىكى ئەسلىمىلەر بىلەن خۇشالراق ئۆتتۈق. غۇلجىدىن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ‹‹تەۋەرۈك››نىڭ بىر قىسىمىنى خالتىغا ئېلىپ ئىشىك بېشىغا ئېسىپ قويدۇم، بەزىلىرىنى ئۇ كىشى يانچۇغىغا سېلىپ يۈرۈدى، ئاشقىنىنى شېرمەتنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنىڭغا ياستۇق قىلىپ بەردىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەنە غېرىپسىنىشقا باشلىدۇق. ئارىدىن ئون يىللار ئۆتۈپ بىر ئوغلۇمنىڭ سودا قىلىپ بېيىشى بىلەن ھال-كۈنىمىز سەل ياخشىلاندى، لېكىن شېرمەتنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشتى. ئېغىزى ئېچىلسىلا يۇرت ۋە ئاتا-ئانىنىڭ گېپىنى قىلىدىغان، بولمىسا ئايلاپ گەپ قىلمايدىغان بولۇۋالدى. داۋالىتىپمۇ باقتۇق ئۈنۈمى بولمىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بالىلار ۋە يېقىنلىرىنى يىغىپ ۋەتەنگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ كېلىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.‹‹يېشىڭىز چوڭىيىپ قالدى، سالامەتلىكىڭىز ناچار ›››دەپ قوشۇلمىدۇق. ھەتتا چوڭ ئوغلۇم ‹‹ ئاتا،كېلەر يازغىچە ياخشى بولۇپمۇ قالارسىز، بۇرۇنقى پىلانىمىز بويىچە ھەرەمگە ئېلىپ بارسام›› دېسىمۇ ‹‹بۇ ئاخىرقى تەلىپىم بولۇپ قالسۇن، ھەجىنىڭ ئىشى كېيىن بىر گەپ بۇلار›› دەپ زادىلا ئۇنىمىدى. ئامال قانچە ئاخىر بالىلىرىم ‹‹ئاتىمىز بىر ئۆمۈر جاپا تاراتتى، ئاخىرقى ئارزۇيىنى بولسىمۇ قاندۇرايلى،خۇدايىم ساقلار›› دەپ مەسلىھەتلىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ 2002 –يىلى كۈزدە شېرمەتنى ياخشى تىلەكلەر بىلەن يولغا سالدۇق. ھەمرالارنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەتەنگە ساق-سالامەت، سەپەردىن قايىتقان ئادەمدەك خۇشال، ناخشىغا غىڭشىپ يىتىپ بېرىپتۇ. ‹‹خۇدايىم ياراتقان بەندەڭگە بىر قېتىم بېرەرمىشسەن، سىناقلىرىڭغا رازىمەن، بۇ مەرتە مۇرادىمنى ئىجابەت قىلىپ ئامانىتىڭنى ئال››دەپ دۇئا قىلىپتۇ، خۇشاللىنىپتۇ، يىغلاپتۇ. كىم ئۇقسۇن 3-كۈنى ئۆلۈم خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق،-سۆز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئەنبەر ئاپا ماغدۇرسىزلىنىپ ئۆپكەدەشكە باشلىدى، ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ئىشخانىسىغا ئىلىپ كىرىشىمگە ئايال شۇنچىلىك قاتتىق يىغلىدىكى يۈرەك باغرى ئېرىپ كېتىدىغاندەك ئىدى. بىز ئىككى ئۇيغۇر ناۋايى مۇزېيدا، ناۋايىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە بۇلۇڭغا كىرىۋېلىپ گويا ھازا ئاچماقتا ئىدۇق.شۇنچە يىللاردىن بېرى ئايالنىڭ كۆڭلى زىدىلەنگەن، قەلىپ جاراھەتلىرىنى ئاشكارىلاشقا غۇرۇرى يول قويمىغان، مېنى ئۆز كۆرگەن، مەنمۇ ئاران تۇرغان يەرگە چېقىلغان-دە، شۇنىڭ بىلەن بىراقلا ھەسرەت-نادامىتىنى تۆكىۋەتكەن. ئاپا بەزگەك كېسىلى تۇتۇپ ئۇزاق جىمجىتلىقتىن كېيىن سەل ھۇشۇغا كەلگەن بىماردەك چوڭ بىر نەپەس ئالدى-دە، ئېغىز ئاچتى:
-بالام، شېرمەت ئەسلى ئۇزاقتىن بۇيان ‹‹ۋەتەن گاداسى،كەپەن گاداسى بولۇپ، ئۆلىكىمىزمۇ سىرتتا قالارمۇ›› دەپ يىغلاپ كەلگەن، ئەسلى ھەممىمىز ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىلمەيلا يولغا سېلىپتۇق، ئۇ دائىم ماڭا ‹‹بىر ئۆمۈر چۆل-باياۋانلاردا، ئىسسىق-سوغۇقتا مېنىڭ كۆڭلۇمنى بەزلەپ كەلگەن قېدىنىسىمسەن، مەن سەندىن رازى، سېنى بەخىتلىك قىلالمىدىم، مەندىنمۇ رازى بولۇپ قال›› دەيتتى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسى بولۇپ شېرمەت ئەسلى ئۇزاقتىن بۇيانقى تەييارلىقى بۇيىچە بۇ قېتىم ۋەتەنگە ئەڭ ئاخىرقى ئامانىتىنى تاپشۇرماق ئۈچۈن كەتكەن ئىكەن…
تەڭرىم ئۇنىڭ بولسىمۇ تەلىپىنى ئىجاۋەت قىلىپ روھىنى ئارام تاپقۇزدى. ئۇنى ئىككىنچى قېتىم غۇلجىغا يولغا سالغىنىمنىڭ توغرا بولغان ،بولمىغانلىقىنى بىلمەيمەن، تەلىۋىگە ئۇنىمىسام ئارمان بىلەن ئۈلەتتى، يولغا سېلىۋىدىم دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن كىشىمدىنمۇ ئايرىلىپ تىكەندەك يالغۇز قالدىم. ئادەم ئۆلمىسىلا ھەممىگە چىدىماي ئامال يوقكەن. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، تاشكەنت گۈزەل شەھەر بولسىمۇ ئۆزەمنى چۆلدىكى ئازغۇن تۆگىدەك، نام-نىشانى يوقۇلۇپ قۇيۇنتاز ھۇشقۇتۇپ تۇرىدىغان يالغۇز قەبرىدەك غېرىپ ۋە بىچارە ھېس قىلىمەن. ئاشۇ يىللاردا سوۋېتقا كېتىش يەتتە ئۇخلىساق چۈشۈمىزگىمۇ كىرمەيدىغان ئىش ئىدى. چەتئەلنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتۇق. زامان تەقدىرىمىزنى بىر كېچىدىلا ئاسمان-زېمىن قىلىپ خارۇ- زارلىق يۇلىغا تاشلىدى، قۇمغا ئىمارەت سالغان كىشىدەك تۇزۇپ ۋە كۆچۈپلا يۈرۈدۇق. شېرمەت قۇ ئۆلۈپ قۇتۇلدى. ئەمدى‹‹كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ››دەپ تۈزۈكباشتىن بالاغا مەن قالدىم. تالاغا چىقىپ كىرگۈچىلىك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە يۇرتتىن ئايرىلىپ 50 يىلغىچە تۈگىمەيدىغان قانداق سورۇقچىلىق بۇ. ئايالنىڭ ئۆمۈر مۇساپىرچىلىقى بايانى خۇددى شېكىسپىر تىراگېدىيىلىرىگە ئوخشاش بارغانچە شىددەتلىنىپ ۋە يېڭىدىن-يېڭى تەئەججۈپ تۇغدۇرۇپ داۋام قىلماقتا ئىدى:
-يەنە قانداق بالا ئاپا،- سورىدىم ھېكايىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تاقەتسىزلىنىپ.

- ئۆزگىگە سادىق بولۇپ قىلساڭمۇ ھەۋەس،
-ئۇ ساڭا ئىشىنىپ ئەي ئوغلۇم دېمەس.

-دەپتىكەن بالام دانىشمەنلەر، نەچچە كۈندە بىر ھەرخىل ئورۇنلاردىن ئادەم كېلىپ ‹‹ئېرىڭىزنى تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگەنلىك ئىسپاتىنى چىقىرىڭ›› دەپ ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ. ئۆلگەنگە يەنە قانداق ئىسپات كېرەك بولسۇن!
تولا يىغلاپ ياشلىرى قۇرۇپ كەتكەن بولسا كېرەك ئاپا ئۆپكىدەيتتى، بەدەنلىرى كىرىشىپ قالغاندەك لاغىلداپ تىترەيتتى. ۋاقىت ئىنتايىن تىز ياكى ئاستا ئۆتمەكتە. مېنىڭمۇ بۇرۇت- ساقاللىرىمدىن ياش ئاقماقتا ئىدى. دېمىسىمۇ ئىككى ئەلنىڭ سىياسىسىي ۋە سۈركۈلۈشلىرىدە خەلق ئەڭ چوڭ زىيان تاراتقۇچى بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭغا تارىختا پاكىتلار كۆپ. شۇ تاپتا ئەنبەر ئاپاغا قانچىلىك ھېسىداشلىق قىلماي، ئۇنىڭغا قۇرۇق تەسەللىدىن باشقا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيتتىم. دەل شۇ چاغدا سىرتتىن ئاڭلانغان ‹‹ئەنبەر ئاپا سىزنى مىلىتسىيە (ساقچى) سورىشۋاتتى›› دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ سۆھبىتىمىز ئۈزۇلدى. بىز خوشلاشتۇق. كېيىن مەن ئاپىنى قايتا ئىزلەپ بارغىنىمدا ئۇ ئىشقا كەلمەپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ھەر قېتىم ‹‹ناۋايى مۇزېىي››دىن ئۆتكەندە ئەنبەر ئاپىنىڭ ئۇپۇقتىكى سۇنۇق، ئىلتىجالىق قىياپىتى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىدىغان بولدى. تەقدىر ۋە زاماننىڭ ئۇنى يەنە قانداق كولدۇرلاتقانلىقى ھەققىدىكى ئويلار بەلكى زادىلا خىيالىمدىن چىقماس بولۇپ قالدى.

( ئاخىرى بار )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (3) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. مەمەت ھوشۇر مۇنداق يازغان:

    ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستىنى بېرىپ ياخشى قىپسىز.ئىزگۈ تېلەكلەر ئۈچۈن تاشلىغان ھەر بىر قەدىمىڭىز بەرىكە تاپقاي….ۋاھ.ۋاھ! بۇ يەراە پىكىر قالدۇرۇشمۇ بەك ھوزۇرلۇقكەن….كونا يېزىق ئاتتەك تىز يورغىلايدىكەن ئەمەسمۇ….سورىۋالاي بۇ تۈركەشنىڭ تولۇق يازمىسىمۇ ياكى ژورنالدا بېرىلگىنىمۇ؟

  2. نۇھ مۇنداق يازغان:

    قەدىمىڭىزگە مەرھابا! بۇ ماقالە « تارىم » ژورنىلىدا قىسقارتىپ بېرىلگەن ئىكەن. ئەسلى تولۇق نۇسخىسىنى تۇرسۇن تۈركەشكامنىڭ رۇخسىتى بىلەن يارىش بلوگىغا يوللىغان ئىدىم. يېقىندا ئاپتور يەنە بەزى مۇھىم تەپسىلارنى بۇ خاتىرىگە قوشتى. شۇڭا بۇ ئەڭ، ئەڭ تولۇق نۇسخىسى دىيىشكە بولىدۇ. قېنى تېپىپ بېقىڭ، قەيەرلىرى قوشۇلغاندەك قىلىدۇ؟ :roll:

  3. مەمەت ھوشۇر مۇنداق يازغان:

    تولۇقلانغان بۆلەكلەرنى ئوقۇپ چىقتىم……تۈركەشنەڭ قەلىمىگە كۆز تەگمىسۇن….

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif