نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » مەملىكەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە داستان ئورۇنلاش كۆرىكى

مەملىكەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە داستان ئورۇنلاش كۆرىكى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 6 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: يېڭىلىق | ئىنكاس: 4 پارچە | زىيارەت: 1,225 قېتىم


مەملىكەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە داستان ئورۇنلاش كۆرىكى 2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىدا ئۆتكۈزۈلدى. 

تەشكىللىگۈچى ئورۇن 

 شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتى 

 شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئانتروپولوگىيە ۋە فولكلور تەتقىقات مەركىزى 

ئۇيۇشتۇرغۇچىلار      

 ئارسلان ئابدۇللا            (شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسورى ) 

راھىلە داۋۇت                ( شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسورى ) 

ئوسمان ئىسمايىل تارىم      ( شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسورى ) 

يىغىن كۈن تەرتىپى  

ۋاقىت: 2011 – يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى 

10:00ـــــــــ 12:00 ( بېيجىڭ ۋاقتى ) ئېچىلىش مۇراسىمى 

رىياسەتچى: شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى 

مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەبرىك سۆزى 

مەدەنىيەت نازارىتى رەھبەر سۆزى 

داستانچىلارغا گۇۋاھنامە بېرىش 

ئاساسىي سۆز 

داستاننى خاتىرىلەش ۋە ئامما بىلەن ئۇچرىشىش ( شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسورى راھىلە داۋۇت ) 

12:00 ـــــــ 12:20 چاي ۋاقتى 

12:20 ـــــــ13:30  ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن ئارىيىلەر 

ئىلمىي مۇھاكىمە 

2011 –يىلى 5- ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن 3:30 ـــــــ 7:30 

بىرىنچى مەيدان: 3:30 ـــــــ 5:00 

رەئىس : ئابدۇبەسىر شۈكۈر 

(1)    ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ تۈرلىرى 

  شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسورى، دوكتۇر ئوسمان ئىسمايىل تارىم 

(2)  قۇمۇل خەلق داستانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا 

شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمىيىتى يۈسۈپ ئىسساق 

(3)  ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ مۇزىكا ئالاھىدىلىكى 

ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى سەنئەت تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياسىن مۇخپۇل 

(4)  خوتەندە تارقالغان ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ ئورۇنداش سەنئىتى 

خوتەن ئالىي تېخنىكوم ياسىن مەتنىياز تېكە 

5:00ـــــــــ 5:20 چاي ۋاقتى 

ئىككىنچى مەيدان: 5:30 ـــــــ7:00 

رەئىس: لىتىپ توختى 

(1)  ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى توغرىسىدا 

شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسورى ئابدۇكېرىم راخمان 

(2) ئۇيغۇر خەلق داستانى « چىن تۆمۈر باتۇر » دىكى ئات ئوبرازىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بىر نەزەر 

شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتى سېكرىتارى، فرافىسور ئابدۇبەسىر شۈكۈر 

(3) ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ شائىرلار ئىجادىيىتىدىكى تەسىرى 

شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسورى غەيرەتجان ئوسمان 

(4) « سىيىت نوچى » داستانىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاريانتلىرى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات 

شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى ماگېستېر ئاسپىرانتى مۇتەللىپ 

بۇ قېتىمقى داستان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە داستان ئورۇنداش كۆرىكىگە قاتناشقان ئەل ئىچى داستانچىلىرى 

قادىر مەخسۇت ( قەشقەر )، شىبىل ئاخۇن ( ئاقتۇ ناھىيىسى )، خۇدابەردى ئاخۇن (ئاقتۇ ناھىيىسى )،  ئوبۇل ھەسەن( خوتەن قاراقاش ). جۈمە نۇر ( خوتەن قاراقاش )، مەمەت توختى ( خوتەن قاراقاش )،  ھېيت نىياز ئاخۇن ( خوتەن قاراقاش )،  مەمەت توختى داكا ( خوتەن قاراقاش )،  ئىبراھىم ياقۇپ ( قۇمۇل )،   ئەمەت ئىسمايىل ( قۇمۇل)،   ئىسمائىل زۇنۇن ( ئېلى ) 

ئەسكەرتىش: بۇ قېتىمقى يىغىنغا تولۇق قاتنىشالمىغانلىقىم ئۈچۈن، يىغىن مەزمۇنى ۋە تەرتىۋىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى ئۇقالمىدىم، شۇڭا بۇ يەرگە پەقەت يىغىن تەشۋىقاتىدىكى مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم، ئەگەر تولۇق قاتناشقۇچىلار بولسا، كام قالغان مەزمۇنلارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشىنى سورايمەن. 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (4) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ئايتۈرك مۇنداق يازغان:

    خوتەن تەرەپلەردىن خېلى كۆپ ئىكەن….داستانچىلار :razz:

  2. پاساھەت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم نوھ، بىلوگىڭىزدا يېڭىلىقلار كۆپ ئىكەن. جىق مەنپەئەت ئالدىم.

  3. پاساھەت مۇنداق يازغان:

    بۇ يىغىنغا مەنمۇ قاتناشقان، يىغىن ناھايىتى غەلىبىلىك ئېچىلدى. بۇ يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى «ئىجتىمائىي پەنلەر» مۇنبىرى ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىدا ئىككى بەت سۈرەتلىك تونۇشتۇردۇق. قىزىققانلار ژۇرنىلىمىزنىڭ 3- سانىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.
    بىلوگىڭىز ماڭا ياراپ قالدى. ئۆزۈمنىڭ بىلوگىغا ئۇلىنىش قىلىۋالدىم.
    بولسا بىلوگىڭىزغا مېنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ھۆرمەت بىلەن پاساھەت

  4. نۇھ مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكوم پاساھەت! يېقىندىن بۇيان ئالدىراشچىلىقتا تورغا چىقىشقا پۇرسەت بولمىدى، بۈگۈن ئۇچىرىڭىزنى كۆردۈم، رەخمەت!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif