نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » 20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا(2)

20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا(2)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 28 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 814 قېتىم


بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ 3- دەۋرى يەنى يېڭى دەۋر باسقۇچى يازغۇچىلىرىمىز پروزا ئېڭىنىڭ پارتلاش يىللىرىدۇر . بۇ يىللار ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى ، ئىزدىنىشى ئەڭ ئاكتىپ ، پروزىچىلىقتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان يىللار بولدى . يېڭى دەۋرنىڭ “ ئىدىيىنى ئازات قىلىش “ تىن ئىبارەت مەنئىۋىي چاقىرىقى يازغۇچىلارغا ئەدەبىيات –سەنئەتنىڭ داغدام يولىنى كۆرسىتىپ بەردى .بۇنىڭ بىلەن يازغۇچىلىرىمىنىڭ ئەدەبىيات –سەنئەت ئېستېتىكىسىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىلدى . يازغۇچىلارنىڭ بۇ يىللاردىكى پروزا ئېڭىنىڭ يېڭىلىنىشى ئەڭ ئاۋۋال جەمىيەت مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئارقىلىق ئىپادىلەندى . بۇ خىل تونۇش پۈتۈن جوڭگۇ جەمىيىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ ،ئۇيغۇر پروزىچىلىقىمۇ جەمىيەتنى ئادەتتىكىچە بايان قىلىشتىن قۇتۇلۇپ ، سىياسى ، ئىجتىمائى ، ئېدولوگىيە ، تارىخ قاتلاملىرىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئىچكىرلىگەن ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ مەملىكىتىمىزدە ئون يىل داۋاملىشىپ ،جەمىيىتىمىز ۋە دەۋرىمىز كىشىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن مۇدھىش تەسىرى تەنقىد قىلىنغان “ جاراھەت پروزىسى “ ھادىسىسى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى .
“ جاراھەت پروزىسى “ ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ يېڭىلىنىشىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە . ئۇ ئەينى دەۋردىكى قاتمۇ – قات ئەدەبىيات مۇھاسىرىلىرىنى بۆسۈپ چىقىپ ، بىرقاتار مۇھىم بولغان جەمىيەت مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم سوتسىيالىزىم دەۋردىكى ترگېدىيەنى بارلىققا كەلتۈردى .ئۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئىجادىيىتىنى قايتىدىن رىئالىزىملىق ئىجادىيەت يولىغا باشلاپ ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى رىئالىزىملىق پروزا ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى .
ئەينى يىللىرى پروزىچىلىقىمىزدا ئىپادىلەنگەن “ جاراھەت “ ئېڭى پۈتۈن جوڭگو ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ ،يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى بىلەنلا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى پروزا ئېستېتىكىسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق سىناقنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « قەرزدار » ، « دولان ياشلىرى » قاتارلىق ھىكايىلىرى ، ئەخەت تۇردىنىڭ « مەرھابا باغۋەن » ھىكايىسى ،ئابلىمىت سابىرنىڭ « ئۇنىڭ ماكانى » ناملىق ھىكايىسى ،جالالىدىن بەھرامنىڭ بۇلبۇل بوستانىنى تاپتى » قاتارلىق ھىكايىلەر شۇ يىللاردىكى ”جاراھەت ئەدەبىياتى“ غا تەۋە پروزا ئەسەرلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بۇ ئەسەرلەردە بىرىنچى قېتىم سوتسىيالىستىك ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئوبراز يارىتىلىپ ، ئادەمىلىكنىڭ بىيۇكىراتلىق ۋە ھەددىدىن ئارتۇق ”سول “ لۇشەننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقىدەك ترگېدىيەلەر يېزىلىپ ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىسىنىڭ ئېچىلىشىغا يول كۆرسەتتى .
پروزىچىلىقتا نوقۇل ”جاراھەت“نى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت ھادىسە 70- يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئاساسەن ئاخىرلاشتى . لېكىن “ جاراھەت “ نى ئىپادىلەش كېيىنكى ۋاقىتتىكى پروزا ئەسەرلىرىمىزنىڭمۇ مۇھىم بولغان تېما ئالاھىدىلىكى بولۇپ ساقلىنىپ قېلىۋەردى . « ئىزلىنىش » (رومان ، زوردۇن سابىر ) ، « « ئاي يامغۇرى »(رومان ، ئەخەت تۇردى ) ،تەڭرىنىڭ ھۆكىمى » (رومان ،توختى ئايوپ ) ،« ساۋاقداشلار » ( پوۋېست ، مەمتىمىن ھوشۇر ) «زىمىن قارا ئادەملىرىڭگە » ، « قىيامەتتە قالغان سەھرا » ، « قۇملۇق تىترەۋاتىدۇ » ( پوۋېستلار ، ئەختەم ئۆمەر ) قاتارلىق ئەسەرلەر تېما جەھەتتە مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى ھەر ساھە ، ھەر قاتلاملارغا قالدۇرغان ئىجتىمائى ۋە مەنئىۋىي جاراھەتلىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىش بىلەن بىللە ، ئىجادىيەت ئېستېتىكىسى جەھەتتە “ جاراھەت پروزىسى “ نىڭ ئاساسلىق مەزمۇن قاتلىمى بولغان “ مەسىلەلەر “ نى يېزىشتىن “ ئادەم “ نى يېزىشقا قاراپ تەرەققى قىلىپ ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ “ ئادەمشۇناسلىق “ تەرەققىيات يولىدىكى بىرىنچى قېتىملىق يۇقىرى پەللىنى شەكىللەندۈردى . ئادەمشۇناسلىق ، ئەدەبىياتنىڭ رىئال تۇرمۇشنىڭ مەركىزىدىكى ئادەمنى ئەكس ئەتتۈرىشىنى كۆرسىتىدۇ يەنى ئادەمىنى تۇرمۇشنى كۈزىتىش ، تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ، ئادەمنىڭ تەقدىرى ، ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا قويۇپ تەسۋىرلەشنى ھەم بۇ نۇقتىدىن تېمىلارغا ئىچكىرىلەپ ، باشتېمىنى تاۋلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ . يۇقىرىقى ئەسەرلەردە يازغۇچىلارنىڭ پروزا ئېڭى نوقۇل بولغان ”جاراھەت “ قاتلىمىدىن ھالقىشنى ھاسىل قىلغان بولۇپ ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئېستېتىك جەھەتتە پۈتۈن جوڭگو ئەدەبىياتى بىلەن تەڭ ماڭالايدىغان بەدىئى كۈچىنى نامايەن قىلدى .
زوردۇن سابىر يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن يازغۇچى . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ھوسۇللۇق ئەڭ گۈللەنگەن مەزگللىرىنىڭ بىرى بولدى . ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى رىئالىزىم ۋە رومانتىزىم بولۇپ ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر پروزىچىلىقى تېما ،باش تېما تەرەپلەردىن كۆپ خىللىققا قاراپ يۈزلەندى . پروزىدا ئوبراز يارىتىش ، تەسۋىر ،بايان ئۇسۇلى ،ھىسسىيات تۈسى قاتارلىق ھەرخىل مەسىلىلەردە مىللىلىشىش يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتىرىلدى .ئۇنىڭ ئىجادىيەت تېمىلىرى ھەر خىل بولۇپ ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىرەرمۇ كۆزنىكى نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . ئۇ باشتىن ئاخىر ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشقان بولۇپ ، ئۆزىنىڭ سېلۇشتۇرۇش خاراكتىرىدىكى سىموۋۇل ئۇسلۇبى ، ئىپوس خاراكتىرىدىكى بايان ئۇسلۇبى ، پەلسەپە ئۇسلۇبى بىر گەۋدىلەشكەن پروزا ئۇسلۇبىنى ياراتقان ئىدى .
زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيىتىدە يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇ شۇ يىللاردا يېزا تېمىسىدا « قەرزدار » ، « دولان ياشلىرى » ،« قوشنىلار » ،« جىگدىلەر پىچىرلايدۇ » ، « ئېھ ،توپىلىق يول » ،« ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە » ، « تارىم سۈيى كەينىگە ئاقمايدۇ » ، « بوش كەلمە تۇرپانلىق » قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ھىكايە پوۋېستلارنى يېزىپ ،پروزىچىلىق ئېستېتىكىسىدا ئۆزىگە خاس بولغان ئىزدىنىشلارنى ئېلىپ باردى ئۇنىڭ يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە ”جاراھەت ”مۇ ، “ تەپەككۈر ”مۇ ۋە “ ئىسلاھات“ مەزمۇنلىرى بار . گەرچە ئۇيغۇر پروزا تەتقىقاتىدا يازغۇچىنىڭ ھەر بىر پارچە ئەسىرىنىڭ قايسى خىل ئېقىمغا ، يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئېستېتىكىسىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىگە ئېنىق چەك قويۇلمىغان بولسىمۇ ،بىراق يازغۇچىنىڭ يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتىي زوردۇر . زوردۇن سابىر يېڭى دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان ۋە ئالاھىدە زور مۇۋاپىقىيەت قازانغان . مەسىلەن ، « ئېھ ،توپىلىق يول » يازغۇچى 80 –يىللاردا يازغان ھىكايە .مېنىڭچە تېما ئالاھىدىلىكىگە قاراپلا بۇ ھىكايىنى يېزا تېمىسىدىكى ئەسەر دەپ ئايرىۋېتىش تولىمۇ ئاددىلاشتۇرېۋېتىش بولىدۇ . بۇ ئەينى يىللاردىكى رىئالىزىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەپەككۈر ئەدەبىياتىنىڭ ھەم يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىسلاھات ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت ئېستېتېتىكىسىغا لايىقلاشقان مۇنەۋۋەر بىر ئەسەر . ھىكايە گەرچە مۇھەببەت تېمىسىغا بېغىشلانغان بولسىمۇ لېكىن يازغۇچىنىڭ كۆڭۈل بولىۋاتقىنى يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن يېزىدىكى غايەت زور ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلەر ۋە ۋە دىخانلارنىڭ ماددى تۇرمۇشىدىكى يۈكسىلىشلەرلا بولۇپ قالماستىن يازغۇچىنىڭ بىزنى تەپەككۈر قېلىشقا ئۈندەۋاتقىنى يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەر بولۇش بىلەن بىرلىكتە ،دىخانلارنىڭ مەنئىۋىي دۇنياسىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزگىرىشلەر يەنى يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر دىخانلىرىدا زادى قانداق مەنئىۋىي تۇرمۇش ،قانداق روھى ھالەت ۋە مەنئىۋى پەزىلەت بولىشى كېرەكلىگىدىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىلەر . ئەسەردە تەسۋىرلەنگىنى رىئاللىقتىكى ئاددى بىر ئادەم لېكىن بۇ ئاددى ئادەم بەدىئى ئىجادىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ماس ھالدا يارىتىلغان ، سىياسى – ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلەر ئۇدۇلمۇ –ئۇدۇل بايان قىلىنماستىن مۇھەببەت ۋاستىسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە سەنئەتلەشتۈرۈلگەن بولۇپ ، ھىكايىدىكى ھەربىر ئىش –ھەركەت ،تەپسىلات كىتاپخانلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىگە لايىقلاشقان بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ ئېتىراپ قېلىشىغا ئېرىشكەن .
ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى “ جاراھەت “ ۋە “ تەپەككۈر “ ئېڭى بىلەن ئېلىپ بارغان پروزا ئىجادىيىتىدە مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ خەلقىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمىگە ئېلىپ كەلگەن توسالغۇ ۋە بېسىملىرىنى پاش قىلغان ھەم تەپەككۈر يۈرگۈزگەن بولسا ، بۇ ئىككى ئەدەبىيات ھادىسىسىدىن سەللا كېيىن مەيدانغا چىققان ئىسلاھات پروزىلىرى ئارقىلىق ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ ،شەھەر ۋە يېزىلاردا يۈرگىزىلىۋاتقان ئىسلاھاتنى ئىپادىلىدى . 1978- يىلى ،پارتىيەنىڭ 11 –نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يىغىنىڭ چاقىرىلىشى پارتىيىمىزنىڭ مەركىزى خىزمەت ھالقىسىنى ئەسلىدىكى سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىشتىن ئىقتىسادى قۇرۇلۇشقا يۆتكىدى ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يېڭىچە روھ بىلەن قاينام –تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىسلاھات مەيدانلىرىنى ئىجادىيىتىنىڭ مەنبەسى قىلدى .ئۇيغۇر يېڭى دەۋر پروزىسىدا دەۋرنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ئىسلاھاتى تېما قىلىنغان ئەسەرلەرمۇ مەيدانغا كەلدى . بۇ ئىسلاھات تېمىسىدىكى پروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ « سىناق مەيدانىكى لەتىپە » ۋە « خەير – خوش ،توققۇز كۈنلۈك ماكان » ھىكايىلىرى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ، بولۇپمۇ بۇ دەۋردىكى ئىسلاھات ھىكايىلىرىنىڭ ئىچىدە يازغۇچىنىڭ « خەير – خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان » ھىكايىسى مەزمۇن ۋە بەدىئى جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيىتى بىلەن ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى نادىر ھىكىيىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى دىيىشكە بولىدۇ .
« خەير – خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان » ئىسلاھات –ئېچىۋېتىشقا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن ئىجتىمائى تۇرمۇش ، ئىدىۋى –ئاڭ ، مەدەنىيەت ،پىسخىكىدىكى ئۆزگىرىش ۋە توقۇنۇشلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھىكايە . ئەسەردە باش پېرسۇناژ ياسىننىڭ مەلۇم بىر داڭلىق مېھمانخانىنىڭ جىڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى توققۇز كۈنلۈك كەچۈرمىشلىرى يېزىلغان . ياسىن بۇ مېھمانخانىدا توققۇز كۈن ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئەزەلدىن ھىس قىلىپ باقمىغان بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ يەنى ئىسلاھاتنى قانداق ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئالاھىدە شارائىتتا غورۇرىنى قانداق ساقلاش مەسىلىسى . بىز بۇ يەردە ھەل قىلماقچى بولغىنىمىز ئەسەرنىڭ ئىدىۋىلىك جەھەتتىكى چوڭقۇرلۇق مەسىلىسى بولماستىن بەلكى يازغۇچىنىڭ پروزا ئېڭىنى قانداق جارى قىلدۇرغانلىقىي مەسىلىسى . ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن جەمىيەتتە ناھايىتى زور غۇلغۇلىنىڭ قوزغىلىشىدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇ يەردە بولۇپ ،يازغۇچى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىقنى سېلۇشتۇرما قىلىدىغان ياكى قۇرۇلۇش بىلەن بۇزغۇنچىلىقنى تەسۋىرلەيدىغان سىنىپىي زىددىيەت خاراكتىرىدىكى كونا قېلىپلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان . گەرچە ئاددى بىر ھىكايە بولسىمۇ ، ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن تارتىپ ئاددى خىزمەتچىلەرگىچە تەسۋىرلىنىپ ، ئىسلاھات قوينىدىكى ھەر خىل ئىجتىمائى كۈچلەر ۋە مەزھەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە زىددىيىتى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان . بىز ئەسەردە ئىسلاھاتچىلارنىڭ يولۇققان مۇشكۈلاتلىرى ۋە توسالغۇلىرىنى ، ئۇلارنىڭ يىتىم قالدۇرۇلغان ۋە چەتكە قېقىلغان ھالىتىنى كۆرىمىز . بۇ ئەسەرنىڭ بەدىئى تەسىر جەھەتتىكى ئۆتكۈرلىكى ۋە قاراتمىلىقى بىزگە چىخوپ ھىكايىلىرىنى ئەسلەتسە ، ئىدىۋىي مەزمۇنىدىكى چوڭقۇر بىشارەت ۋە تەخىرسىزلىك خەنزۇ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىسلاھات ھىكايىلىرىغا ماسلاشقاندەك تۇيۇلىدۇ . لېكىن ھىكايە ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ بايان ۋە ئىپادىلەش يولىدىن يىراقلاشمىغان بولۇپ ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىۋاتقان ،ئېستېتىك ئىزدىنىشىنىڭ كۆپ خىللىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
ئەخەت تۇردىنىڭ « خەير – خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان » ھىكايىسى سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە كادىرلار قۇرۇلۇشى مەسىلىسىگە بېغىشلانغان بولۇپ ، ئىسلاھات دەۋرىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىگە چېتىلغان ئىدى . بۇ دەۋردىكى ئىسلاھات ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى كۆپ خىل بولۇپ ، يازغۇچىلىرىمىز ئىسلاھات دەۋرىنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىشى كۆپ خىل نۇقتۇلارغا كېسىشكەن ئىدى . مەسىلەن ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئاتا » رومانى ئىسلاھات دەۋرىنىڭ يەنە بىر خىل كۆرىنىشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەر دىيىش مۈمكىن . يازغۇچى پروزا ئېڭىنىڭ باشقا يازغۇچىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپى شۇ يەردىكى ، ئۇ تەپەككۈرىنى ئىسلاھات دەۋرىدىكى زاۋۇت – كارخانىلارنىڭ ، يېزا – قىشلاقلارنىڭ ئىقتىسادى ئۆزگىرىشلىرى ، ياكى سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەريانىدىكى زىددىيەتلەرگە قاراتماستىن بەلكى سىياسى ،ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ پۈتۈن خەلقنىڭ مەنئىۋىي دۇنياسىغا ، ئېدولوگىيەسىگە ، ئەخلاقى قاراشلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى قېزىپ چىقىشقا قاراتتى . ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – 90 – يىللىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيىتى ئەڭ ئۆتكۈرلەشكەن ، مىللەت ۋە ئىللەت ھەققىدىكى تەپەككۈرى ئەڭ چوڭقۇرلاشقان يىللار ئىدى . بۇ يىللاردا ئۇيغۇر مىللىتى ھەقىقەتەن زامانىۋىي مىللەت بولۇش قەدىمىنى باشلىغان ، قايتا قۇرۇش ۋە يوقىتىشنىڭ خىرىسلىرىغا دادىللىق بىلەن يۈزلەنگەن ئىدى . زوردۇن سابىر روماندا بىر مىللەتنىڭ توغرا كەسمە يۈزى سۈپىتىدە بىر جەمەتنىڭ قېرىنداشلىق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ، مىللەتنىڭ ئالاھىدە تارىخى دەۋردىكى مەنئىۋى دۇنياسىغا ئىچكىرىلىدى . زوردۇن سابىر قېزىپ تېگىگە يەتمەكچى بولغان بۇ دۇنيا تېخى تۇراقلاشمىغان ، ئۆزگىرىش ھالىتىدىكى مۇقىم بىر خىل مەدەنىيەت تېندىنسىيەسىنى ھاسىل قىلمىغان بولۇپ ، ئىجادىيەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ بولۇشى تەبىئى ئىدى . لېكىن يازغۇچى يۇقىرىقى نۇقتىلاردا خېلىلا ئىچكىرىلىگەن بولۇپ ،بۈگۈنكى كۈندە « ئاتا » رومانى ئىسلاھات تېمىسىدىكى پروزا ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئۆزگىچە بىر نەتىجە بولۇپ قالدى .
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – 90 – يىللىرىنى مەركەز قىلىپ مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھات ھادىسىسىگە تەۋە بولغان يېزا تېمىسىدىكى پروزا ئەسەرلىرىنىڭ تەۋەلىكىگە ئېنىق چەك قويۇش سەل مۈشكۈلرەك ھەم بۇ خىل ئەدەبىيات ھادىسىسىنى قوغلىشىپلا ئۇلارنى تۈرگە ئايرىشمۇ ئەقىلگە تازا مۇۋاپىق ئەمەس ،سەۋەبى ، بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ يېزىلاردىكى يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتلىرىنىڭ پۈتۈن كۆرىنىشلىك تەرەققىيات جەريانلىرىنى سىياسى –ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىدىيىلىرىنىڭ بىۋاستە تەسىرى قىلىپ ئەكس ئەتتۈرۈشكە ، ئىسلاھات روھىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز- ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭغان ئاۋانگارت پېرسۇنازلارنى يارىتىشقا قارىغاندا ، يەنىلا ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئاساسى مەسىلىلەرنى ئاساسى قاتلام رەھبىرى كادىرلارنىڭ چىرىكلىكى ، ئەنئەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئادەتلىرىنىڭ قاتمۇ قات بېسىملىرىنىڭ دىخانلىرىمىزغا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنىڭ ئاساسى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى ،ئىسلاھات دولقۇنلىرىنىڭ يىراق يېزىلاردا تولۇق ئەمىللىلەشمىگەنلىكى قاتارلىق سەۋەپلەرنى ھىس قىلغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . شۇڭا ،بىز بۇ دەۋردە يارىتىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ ئىسلاھات دولقۇنى جەريانىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان سىياسى – ئىجتىمائى ، ئىدىيە ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئادەملەر خاراكتىرىدىكى پەقەت قىسمەن ئىپادىلىرىنىڭ ئەكس ئەتتۈرىلىشى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ . مانا بۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى ئىسلاھات يازغۇچىلىرىنىڭ بۇ خىل تېمىدىكى ئەسەرلىرىگە قارىغاندا بۇ تېمىنى دەل نىشانغا يەتكۈزۈپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بولالمىغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى . شۇنداقتىمۇ يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدە رىئالىزىملىق تەپسىلات تەسۋىرىگە، تىپىك شارائىت ئىچىدە تىپىك پېرسۇناژ يارىتىشقا ئەھمىيەت بەردى . « كىچىك لەقۋا »( سەمەت دۇگايلى ، پوۋېست ) ، « لاي سۇ ئىچكەن جانلار »( ئەنۋەر مۇھەممەت ، پوۋېست ) ، «بۇ چۈش ئەمەس » ( مەمتىمىن ھوشۇر ، ھىكايە ) غا ئوخشاش يېزا تۇرمۇشىمىزنىڭ ئوخشىمىغان كۆزنەكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يېزا تۇرمۇشىدىكى ئەسەرلەر يەنىلا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دەۋر ئېقىمىغا قارۇغىلارچە ئەگەشمەستىن ، ھەقىيقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەيدىغان پروزا ئېڭىنى نامايەن قىلدى .
يېڭى دەۋردە “ جاراھەت “ ،“ تەپەككۈر “ ۋە “ ئىسلاھات “ قاتارلىق پروزا ئېقىملىرى بىلەن قاناتلانغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەينى ۋاقىتتا ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى تەلەپ قىلىۋاتقان “ خاتا مەسىلىلەرنى تۈزەش “ ۋە “ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ”تىن ئىبارەت ئىجتىمائى ، سىياسىي تۈزۇلمە ئىلاھاتىنىڭ چوڭ ئېقىمىدىن كەلگەن بولۇپ ، يازغۇچىلىرىمىز ئىجاد قىلىۋاتقان پروزا ئەسەرلىرىىنڭ مەدەنىيەت ئاساسى يەنىلا ئىجتىمائى –سىياسى ساھەلەر ئىدى . بىراق 50 – 60 –يىللاردىكى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، “ جاراھەت “ يازغۇچىلىرى خەلقنىڭ ھەقىقى يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ ، پروزىچىلىقىمىزنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى كېڭەيتتى ،ئەدەبىياتتا چەكلەنگەن رايون دەپ قارىلىپ كەلگەن ترگېدىيەنى يېزىپ ، رىئالىزىمنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتتى . “ تەپەككۈر “ يازغۇچىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ ، ئېستېتىك قىممەتنى نىشان قىلىپ ، كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ”مەن “ ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى تەپەككۈرنى قانات يايدۇردى .پروزا ئېستېتىكىسىدا تراگېدىيەلىك گۈزەللىككە يېقىنلىشىپ ،ئىنساننىڭ قىممىتى ۋە خەلق ئېڭى ھەققىدىكى ئويغۇنۇشنى ئىلگىرى سۈردى . “ ئىسلاھات ”يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭى بولسا ئەمدى ھەرگىزمۇ دۆلەت سىياسىتىنى جاكالايدىغان كاناي ئەمەس بەلكى ئۇلار يازغان پروزا ئەسەرلىرى بۇ يازغۇچىلارنىڭ سىياسى تۇرمۇشقا ئارىلىشىشتەك روھى ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى .
باش تېما ۋە تېمىنىڭ ئىلگىرلىشىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى پۈتۈنلەي يېڭى بولغان تېما ۋە باش تېما ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يارىتىشتا كۆرىلىدۇ . ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ نۇقتىدىكى ئۈزلۈكسىز ئىزلىنىشى ئارقىسىدا ،شەھەر ئەدەبىياتى تېمىسى ، ئېكولوگېيىلىك تەڭپۇڭلۇق ، ئىنسانىيەت ۋە تەبىئەت ، تەن ۋە روھ مەسىلىسى ، مىللى ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن يىلتىز تېمىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋىي پروزىچىلىقىمىزدا يوق بولغان تېمىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، بۇ جەھەتتە ئۆزدائىرىسىدىن ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تېما يۈزلىنىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۆسۈپ بېرىۋاتقان پروزا ئېڭىنىڭ مۇھىم بىر تەركىېىي قىسمى بولۇپ قالدى .

( ئاخىرى بار )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif