نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » پروزا

پروزا

ۋاقتى: 2011 - يىلى 11 - ئىيۇن | ئاپتورى: | سەھىپە: پروزا نەزەرىيىسى | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 1,064 قېتىم


 

گەرچە پروزا بىزنىڭ ئەڭ باي، ئەڭ خاراكتېرلىك، ئەڭ مودا ئەدەبىيات مەھسۇلاتىمىز بولسىمۇ، ئۇ گەرچە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈنۈمگە، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان قۇرۇلمىغا ۋە ماھارەتلەرگە ئىگە بولۇپ، تەنقىدچىلەرنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كېيىنكى ھادىسە، ئۇنىڭ بەدىئى شەكىللىرى يەنىلا تەرەققىيات ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ.     ــــــــ سۇساننا لاڭگېر 

 جوڭگودا 小说 ئاتالغۇسى ئەڭ دەسلەپ «庄子·外物篇» دە كۆرۈلگەن بولۇپ، « ئەپقاچتى گەپ، ئۇششاق – چۈششەك پاراڭ» دىگەن مەنىلەردە كەلگەن. « خەننامە، ئەدەبىيات ۋەسىقىلىرى مۇندەرىجىسىدە» دە قۇلاق موللىلىرى ئاڭلىۋېلىپ دەپ يۈرگەن سۆزلەر ۋە كوچا پاراڭلىرى小说  دەپ پۈتۈلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئالدىنقى چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەپسانە، رىۋايەت، مەسەللەر، ۋېي، جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاجايىپ – غارايىپ ۋەقەلەر بايان قىلىنغان بىر خىل خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تۈرى بارلىققا كەلگەن، بۇمۇ小说 دەپ ئاتالغان. سوڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە مەدداھلىق ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن قىسسىلەر شۇ نام بىلەن ئاتالغان. يۈئەن سۇلالىسىغا كەلگەندە مۇشۇ ئاساستا « باپلىق رومان قىسسىلەر » (章回小说) بارلىققا كەلگەن. غەرپتە ئاتالمىش  پروزىنى ئىپادىلەيدىغان « story،  novel » قاتارلىق سۆزلەر بار، ئالدىنقىسىنىڭ پروزا مەنىسىدىن باشقا يەنە چۆچەك، ئەپقاچتى گەپ، تارىخىي گەپ دىگەندەك مەنىلىرى بار، بىراق پروزا ژانىرىدا پەقەت ھىكايىنىلا كۆرسىتىدۇ؛ كېيىنكىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنىسى « يېڭى، غەيرى، ياكى يېڭىدىن پەيدا بولغان » دىگەندەك مەنىلىرى بار، بۈگۈنكى غەرپ ژانىرشۇناسلىقىدا روماننى كۆرسىتىدۇ. novel سۆزىنىڭ روماننى كۆرسىتىشى ياۋروپا تىللىرىغا تەۋە دۆلەتلەردە « roman  دەپ  ئاتىلىش ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ئەدەبىي گۈللىنىش مەزگىلىدە بۇ نامنىڭ  ئاتالمىش romance(中古传奇) دىن كەلگەنلىكىدىن. بۇ خىل ئەھۋال روماننىڭ بارلىق بايانىي ئەدەبىيات ژانىرلىرى ئىچىدە ئۆز تەرەققىياتىدا تارىخنى ئۇلاش، سېستىمىلاشتۇرۇش رولىنى كۆرسىتىدۇ.. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، novel بولسا roman غا ۋارىسلىق قىلىپ پەيدا بولغان يېڭى ژانىر، ئۇنى پروزا ژانىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى ژانىر دىيىشكىمۇ بولىدۇ، roman بولسا قەدىمقى ئىپوسلاردىن كەلگەن، ئىپوسلار بولسا يەنە رىۋايەت، ئەپسانىلەردىن تەرققى قىلغان. رىۋايەت – ئەپسانىلەر دەل جوڭگو ۋە چەتئەللەردىكى پروزىنىڭ مەنبەسى.

پروزا ئۇقۇمى مەيلى جوڭگو ياكى چەتئەللەردە بولسۇن مۇئەييەن تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەن. كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تىكلىنىشى چەتئەللەرنىڭ ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى پروزىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلەتتى، شۇنداقلا بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇلارنىڭ پروزا نەزەرىيىسىنىڭمۇ سېستىمىلىق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.بىر خىل ئېتىراپ قىلىنغان قاراش شۇكى، ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى پروزا ئەڭ ئالدى بىلەن ئەنگىلىيىدىن باشلانغان، ئېنگلىز تىلىدا پروزا « Novel » دەپ يېزىلىدۇ، بۇ سۆز ئىتالىيان تىلىدىكى «Novella »دىگەن سۆزدىن ئۆزگىرەپ كەلگەن بولۇپ، «Novella» كېلىش مەنبەسى لاتىن تىلىدىكى « يېڭى » دىگەن سۆزدىن ئىبارەت. پروزا دىگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن بولۇپ، ئەسلى مەنىسى « ھىكايە »، ئۇنىڭمۇ يەنە « يېڭى » دەيدىغان مەنىسى بار. فىرانسۇز تىلىدا « پروزا » « Romans » دەپ يېزىلىدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى «ھىكايە ، رىۋايەت »، « ئەپسانە » دىگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. شۇڭلاشقا چەتئەللىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئەڭ دەسلەپكى پروزا ئەسەرلىرى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئوي – خىيال ياكى رىۋايەت، ئەپسانە تۈسىدىكى چۆچەكلەردىن ئىبارەت. بەزىلەر بۇرۇن پروزىغا تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بەرگەن: « ئاتالمىش پروزا، مۇھەببەت تەۋەككۈلچىلىكى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەردۇر، ئۇ نەسرىي ئۇسۇلدا نەپىس تەسۋىرلىنىپ، كىتاپخانلارنى ھوزۇرلاندۇرۇش بىلەن بىرگە تەجرىبە – ساۋاققا ئىگە قىلىدۇ».

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چەتئەللەردە ئەڭ دەسلەپتە رىۋايەت – ئەپسانىلارنى پروزا دەپ تونىغان، ئەمما بۇ خىل قاراشتا كېيىن يەنە ئۆزگىرىش بولغان. ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر پروزىچى  ھېنرىي فېلدىڭ (Henry Fielding,1707-1754)  پروزىنىنىڭ ئەڭ غايىۋىي تېمىسى رىئاللىقتىكى «كىشىلىك تۇرمۇش» ( ئىجتىمائىي تۇرمۇش )دەپ قارايدۇ. كېيىنچە بەزى تەنقىدچىلەر پروزا ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق بولغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەسىلەن لەيفۇ 1785 – يىلى « پروزا رىئال تۇرمۇش ۋە يەرلىك شارائىت (مۇھىت ) نىڭ كارتىنىسى ھەم شۇنداقلا پروزا يېزىلىۋاتقان دەۋرنىڭ شارائىتى ۋە تۇرمۇشى » دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ پروزىنىڭ رىئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 19- ئەسىردە بالزاك ئوچۇق ھالدا ئۆزىنىڭ « كىشىلىك كومېدىيىسى » يېزىپ چىقماقچى ئىكەنلىكى جاكالايدۇ. پروزانىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبېكتى ۋە  ماتىرىيالىغا بولغان تونۇشنىڭ ئۆزگىرىشى، پروزا تارىخىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئوخشاش، بۇ چەتئەللەردىن جوڭگوغىچە ئوخشاش ئەھۋال.

پروزىنىڭ ئامىللىرى توغرىسىدا، ئىلگىرى چەتەللەردە ئوخشاشمىغان كۆزقاراشلار مەۋجۇت بولغان، كېيىن تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بىردەكلىككە يۈزلەندى. فىېلدىڭ ئۆزىنىڭ « تام جونسون »، « يوسىف ئاندروس » قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا پروزىنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللار توغرىسىدا ئۆز كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھىكايە ( ۋەقە )، ھايۋانات، دولقۇن، پېرسۇناژ، كەيپىيات، ئەخلاق، ستىلىستىكا قاتارلىق بىر قاتار نەرسىلەرنى پروزىنىڭ ئامىللىرى دەپ قارىغان. فېلدىڭنىڭ پروزا ئامىللىرى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى كەڭ ھەم قالايماقان بولۇپ، ئەكسىچە پروزا ئەسەرلىرىدە مۇھىم بولغان قۇرۇلما، شارائىت قاتارلىق ئىككى چوڭ ئامىلنى چۈشۈرۈپ قويغان.

  پروزىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى قاراشنى بىرقەدەر بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان كىشى خۇالۇن ئىسىملىك فراففىسور ئىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ « پروزا تارىخى » (1895 ) ناملىق ئەسىرىدە « پروزا بولسا ئويدۇرۇلما نەسىرنىڭ بايانى، ئۇنىڭدا قۇرۇلما بولىدۇ » دەپ يازغان. قۇرۇلما بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان سيۇژېتنى فېلدىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان.

 پروزا ئۇقۇمىغا بېرىلىدىغان تەبىر ئوخشىمايدۇ. چەتئەللەردىن جوڭگوغىچە بولغان ئەدەبىيات نەزىرىچىلىرى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئەنئەنىۋىي تەبىرلەرنىڭ بىرى پروزىنى چۆچەك سۆزلەش دەپ قاراش . چۆچەك ۋە پروزا  ئاتالغۇلىرى ئېنگىلىز تىلىدا ئوخشاش بىر سۆز story بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . فرانسىيەلىك  ئەدەبىي  تەنقىتچى ئابېر  شوكۇلى   (  阿比尔.谢括利 ) « پروزا نەسرى ئۇسۇلدا بايان قىلىنىدىغان مۇئەييەن ھەجىمدىكى ئويدۇرۇلغان چۆچەكتۇر » دەيدۇ.  ئەنگىلىيە يازغۇچىسى فوست ( 福斯特) بولسا «ھەجىم جەھەتتىن  50  مىڭ خەتتىن ئاشقان ھەرقانداق نەسرى ئەسەرنى پروزا دەپ قاراشقا بولىدۇ »  دەپ ئېيتىدۇ . مەيلى بۇ كۆزقاراشلارنىڭ ھەر خىل بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئومۇملاشقان  تەبىر شۇكى « پروزا پېرسۇناژ، سيۇژىت ۋە مۇھىتنى كونكىرت تەسۋىرلەش ئارقىلىق رىئال تۇرمۇشنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىي تۈردىن ئىبارەت. پروزىنىڭ ئومۇمى خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ۋ . گ . بېلىنىسكىي مۇنداق دىگەنىدى:  « ئۇ باشقا ژانىردىكى بارلىق شېئىرىي ئامىللار بىلەن بىرلەشكەن،يەنى ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ۋەقەلىكنى تەسۋىرلىگەندىكى ھىسسىياتىنى ئىزھار قىلىدىغان لىرىك شېئىرى تۇيغۇسىمۇ بار ، پېرسۇناژلار ئۆزىنى تېخىمۇ روشەن ۋە گەۋدىلىك ئىپادىلەيدىغان ۋاستە —— درامما ئامىلىمۇ بار ، باشقا ژانىردىكى شېئىرلاردا مۈمكىن بولمايدىغان غايىۋانە بايان ،مۇھاكىمە ۋە ساۋاقلار ھىكايە رومانلاردا ئۆزىنىڭ قانۇنى ئورنىغا ئىگە بولىدۇ » بۇ پروزىنىڭ شېئىر ۋە دراممىغا قارىغاندا كۆپ دەرىجىدە ئەركىن بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشنى  تېخىمۇ كەڭ ئەكس ئەتتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . ..

پروزا دىگەن نىمە؟ بۇنىڭغا ئېنىقلىما بېرىش ناھايىتى تەس. ئىلگىرى غەرپتە بەزىلەر « نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان مۇئەييەن ھەجىمدىكى توقۇلما ئەسەرلەر » دەپ تەبىر بېرىشكەن. يەنە بەزىلەر « نەسرىي ئۇسۇلدا يېزىلغان كومېدىيىلىك ئېپوس » دەيدۇ. بالزاك بولسا « ھەيۋەتلىك يالغان گەپ » دىسە، ۋېللىك، ۋاررېن قاتارلىقلار « تەسەۋۋۇرغا ئىگە ئەدەبىيات دەل پروزا (fiction) يەنى يالغان سۆزدۇر »، « بىر پارچە پروزا ئەسىرى ئىپادىلەۋاتقان رىئاللىق ئۇنىڭ رىئاللىق ھەققىدىكى خام – خىيالى »، « ئۇلۇغ پروزىچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا دۇنياسى بولىدۇ، كىشىلەر بۇنىڭدىن ئۇ دۇنيانى ۋە تەجرىبە دۇنياسىنىڭ مەلۇم بىرىكىشىنى كۆرەلەيدۇ. » روسىيەنىڭ سەرگاردان يازغۇچىسى ناپوك تەكىتلەپ « ئەمىلىيەتتە ياخشى پروزا ئەسىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى بىر ئەپسانە » دەيدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، پروزا بىر خىل توقۇلما ئەسەر. ئۇ پروزىچىلارنىڭ بىر خىل بەدىئى ئىجادىيىتى، بۇ خىل بەدىئى ئىجادىيەت بىر تەرەپتىن رىئاللىق ۋە تارىختىن بەزىبىر تۇرمۇش ماتىرىياللىرىنى ۋە بۇ ماتىرىياللاردىكى بەزى ئېلىمېنتلارنى ئۆتنە ئالىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى غايىسى ۋە ئېستېتىك غايىسىنىڭ يېتەكلىشىدە، بۇ خىل ماتىرىيال ۋە ئېلىمېنتلارغا نىسبەتەن پارچىلاش، پىششىقلاش، قۇراشتۇرۇش، تولۇقلاش، ئويدۇرۇش، تەسەۋۋۇر، قىياس، داۋاملاشتۇرۇش ۋە بېيىتىش ئېلىپ بارىدۇ ۋە يەنە بەدىئى تەسەۋۋۇر ۋە قۇراشتۇرۇشقا تايىنىپ تۇرمۇش لوگىكىسى ۋە سەنئەت لوگىكىسىغا ئاساسەن بىر خىل يېڭى تۇرمۇش ۋە يېڭى دۇنيانى تەشكىللەيدۇ. بۇ خىل يېڭى تۇرمۇش ۋە يېڭى دۇنيانىڭ رىاللىق ۋە تارىخ بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋېتى بولىدۇ ھەم شۇنداقلا رىئاللىق ۋە تارىخقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ رىئاللىق ۋە تارىختىن ھالقىغان بولىدۇ…

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. رىفئەت مۇنداق يازغان:

    نوھ ئەپەندى ، ئۇنداقتا بىزدىكى پىروزا ئۇقۇمىغا نىمە دەيمىز؟
    ھىكايە،پۋېسىت،رومانلارغا قايتا تەبىر بىرىدىغان يەرگە يەتتۇقمۇ قانداق؟

  2. نۇھ مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام رىفئەت مېنىڭچە پروزا بىزنىڭ ياكى براۋنىڭ دەپ ئايرىلمىسا كېرەك….

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif