نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » تاغ بار يەردە چوققا بار (5)

تاغ بار يەردە چوققا بار (5)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 9 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: 6 پارچە | زىيارەت: 1,419 قېتىم


 دۇنيادىكى چوڭ مىللەتلەرنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى، كېلىچىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقىلارنى چۈشۈنىشى بۇرۇنراق باشلانغان، ئۇلار تەجرىبە ۋە ئەقىلغە تايانغان. جۈملىدىن رۇسلارمۇ شۇىداق. رۇسلارنىڭ ناۋايى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى باشقا ياۋرۇپا ئالىملىرىغا ئوخشاش19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قولغا ئېلىنغان.I.N.بېريازىننىڭ ‹‹تۈرك خرىستوماتىيىسى›› ناملىق نۇپۇزلۇق ئەمگىكى رۇسىيىدە تۇنجى قېتىم ناۋايى مىراسىدىن نەمۇنىلەر كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلار ناۋايىنى ئىلمىي ساھىيىدە سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. رۇس ئالىمىM.نىكىتسكىي 1856-يىلى تۇنجى بولۇپ ‹‹ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر، ئۇنىڭ دۆلەت ۋە ئەدەبىيات ساھىسىدىكى ئەھمىيىتى›› ماۋزۇسىدىكى  چوڭ ھەجىملىك ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيىسىنى يېزىپ، شائىرنىڭ سىيياسى پائالىيىتى، مەدەنىيەت تۆھپىلىرى شۇنداقلا تۈركىي تىل تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىغان. 1868-يىلىغا كەلگەندە رۇس شەرقشۇناسىV.ۋىليامىنوۋ-زېرنوۋ سانكت-پېتربۇرگدا 16 -ئەسىردىكى ئالايى بىننى مۇھىبىي تۈزگەن ‹‹ئەل لۇغەت ئۇن-ناۋائى يات ۋەل-ئىستىشھادەت ئول-چىغاتائىيات›› ناملىق لۇغەتنىڭ رۇسچە نەشىرىنى چىقارغان. ئارقىدىنلا I.N. ئىلمىنسكىي شائىرنىڭ ‹‹مۇھاكەمەت ئۇل-لۇغەتەين›› ئەسىرىنى تېرەن ئىلمىي تەھلىل بىلەن رۇسچە نەشىر قىلدۇرغان. گەرچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شورالار ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا ناۋايى ئەدەبىي مىراسىغا نىسبەتەن بەزى ئىنكارچىلىق قاراشلار ساقلىنىشتىن قەتئىنەزەر ناۋايىنىڭ بىئوگرفىيىسى، بەدىئىي ۋە ئىلمىي مىراسىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلىنىپ تۇرغان. 1926-يىلى ھېجرى ھېسابىدا شائىر تۇغۇلغانلىقىنىڭ500 يىللىقى  (845-1345) مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ‹‹ناۋايى›› ماۋزۇسىدا ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. B.B.بارتولد مەزكۇر كىتاپتىكى خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ ۋە تۇلۇقلاپ 1928-يىل ‹‹مىر ئەلىشىر›› توپلىمىنى رۇس كىتاپخانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن.مەزكۇر  توپلامدىكى بارتولدنىڭ‹‹ مىر ئەلىشىر ۋە سىياسى ھايات››، B.B.بېرتېلسنىڭ ‹‹ناۋايى ۋە ئەت تار›› ناملىق ماقالىلەر نوپۇزلۇق ئەسەرلەر بولۇپ، ئاۋۋالقىسىدە شائىرنىڭ ھاياتى ۋە دەۋرىگە ئائىت يېڭى مۇھاكىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا،كېيىنكىسىدە بېرتېلس بارتولددىنمۇ ساغلام پوزۇتسىيە بىلەن شائىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە سۇفىزم بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ ناۋايى دۇنيا قارىشى ھەم ئىجادىيىتىنى ئۆز دەۋرىگە قويۇپ تەتقىق قىلىش تەك ئىلمىي كەيپىياتقا يول ئاچقان.

 سابىق ئىتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ1938 -يىلى ئەلىشىر ناۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 500 يىللىقىنى1941-يىلى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللىشى ناۋايىشۇناسلىق توغرىسىدىكى ئىشلارنىڭ يەنىمۇ چۇڭقۇر ۋە ئۇمۇمىيۈزلۈك جانلىنىشىغا سەۋەپ بولغان. گەرچە 1941-يىلى سابىق ئىتىپاق ھۇدۇدىنىڭ 2-جاھان ئۇرۇشى جەڭگاھلىرىغا ئايلىنىشى سەۋەبىدىن بۇ ئىش كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كەسكىن ئۇرۇش مەزگىلىدە چىقىرىلغان بۇ مەردانە قارار ئۆزبېك- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىپتىخارىنى ئاشۇرۇپ،  ئۇلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەتكەن. ناۋايى تەتقىقاتى بىر ئۆزبېكىستاندىلا ئەمەس، بەلكى قامالدىكى سانكت–پېتربۇرگدا l.A.ئوربېلى، l.Y.كراچۆوۋسكىي، A.K.باراۋكوۋ، A.E.ياكۇبوۋسكىي، A.A.سېمېنوۋ، A. N. بولدىرېۋ،  A.N.كونونوۋ، B.B.پىئوتروۋسكىي، B.l.رۇدېنكو قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى ۋە بۇ ئالىملارنىڭ ‹‹ئەلىشىر ناۋايى›› ناملىق ماقالىلەر توپلىمى 1946-يىلى لېنىنگىراتتا نەشىردىن چىقتى. 1948-يىلىنىڭ ماي ئېيىدا ئۇرۇش تەنتىنىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 500 يىللىق تويى پۈتۈن ئىتىپاق مىقياسىدا ناۋايىشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ شەكىللىنىش مۇقەددىمىسىنى ئاچقان.بۇ ۋاقىتقا ۋەكىل قىلىپ بېرتېلسنىڭ شائىرنىڭ ‹‹سەددىي ئىسكەندەرىي›› داستانى ئاساسىدىكى ‹‹ئالېكساندىرنىڭ مۇھاببىتى››، ‹‹ناۋايى›› ناملىق مەخسۇس ئەسەرلىرىنى؛  M.E ماسساننىڭ ‹‹ھېراتنىڭ15-ئەسىردىكى تارىخىي توپوگرافىيىسىگە دائىر›› ناملىق رۇس تىلىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتلارنى تىلغا ئېلىش مۈمكىن. 1968-يىلى سابىق ئىتتىپاق بويىچە تاشكەنت شەھەرىدە ناۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 527يىللىقى نىشانلاندى. دۇنيا تىنىچلىق كېڭىشى مەزكۇر ئالەمشۇمۇل خاتىرىگە يوللىغان بېغىشلىمىسىدا ‹‹ناۋايىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق-پەزىلىتى،ئۇلۇقۋار ئىدىيەسى ۋە ئىلھامبەخىش ئەسەرلىرى ئىنسانىيەتنى تىنىچلىق ۋە تەرەقىيات ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ›› دەپ بېغىشلىما ئەۋەتتى. بۇنداق  تارىخىي خارەكتىرلىك خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شائىر بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ رۇس تىلىدا 10توملۇق قىلىپ نەشىر قىلىنىشى ۋە رۇس تىلىدىكى200 توملۇق مەشھۇر ‹‹جاھان ئەدەبىياتى›› مەجمۇئەسىنىڭ بىر جىلدنىڭ مەخسۇس ناۋايى مىراسىغا بېغىشلىنىشى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ناۋايىشۇناسلىقنى دۇنياۋىي ئىلىم گە ئايلاندۇرغانلىقى ۋە بۇ پەننىڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرىنىڭ يەكۈنلەنگەنلىكىنى نامايەن قىلغان.

 ئۆزبېكىستاندا  ناۋايىنى ئىلمىي ۋە ئاممىباپ يۇسۇندا ئۆگىنىش ئىشلىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشى نىڭ كەسكىن ۋاقىتلىرىدا جانلانغان. بۇ دەۋىردە شائىرنىڭ دەۋرى، ھاياتى، ئىجادىنىڭ بىر پۈتۈن ۋە ئايرىم تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈش ھەم ئاممىباپلاشتۇرۇشتا ئالىم شەرەپىدىنوۋ، مەقسۇت شەيخزادە، خەمىت ئالىمجان، غاپۇر غۇلام، توختاسىن جەلىلوۋ قاتارلىق ئالىملار جانپېدالىق كۆرسەتكەن بولسا سەدىردىن ئەينى، مۇسا تاشمۇھەممەت ئوغلى ئايبېك، ئويغۇن، ئابدۇراھمان سەئىدى ۋە ئىززەت سولتانلارنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ گەۋدىلىك بولغان. يەنە غۇلام كەرىموۋ ۋە ۋاھىد ئابدۇللايېۋ كەبى ياش تالانتلار يېتىشكەن.

بۇ باسقۇچقا ۋەكىل قىلىپ خەمىت ئالىمجاننىڭ ‹‹ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدە››، ‹‹پەرھات-شىرىن››، ‹‹ناۋايى ۋە خەلق››، ‹‹ناۋايى ۋە زامانىمىز››، ‹‹ناۋايى ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنىڭ ياراتقۇ چىسى›› سىڭارى ماقالىلىرىنى؛ ئايبېكنىڭ شائىرنىڭ پەلسەپىۋىي قاراشلىرىنى تۇنجى شەرھىلەپ يازغان ‹‹ناۋايىنىڭ دۇىياقارىشىغا دائىر›› ناملىق ئەمگىكىنى، شەرىپىدىنوۋنىڭ ‹‹ئەلىشىر ناۋايى››، شەيخزادىنىڭ ‹‹گېنىئال شائىر›› لارنى سۆزلەش مۈمكىن. تەتقىقاتچىلار ناۋايىشۇناسلىق بويىچە ئوخشىمىغان نوقتىدىن ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان. تىلشۇناس ۋە يېزىقشۇناس مۇتىخەسىسلەردىن پەرساخان شەمسىيېۋ، سەلھ مۇتەللىپوۋلار تېكستولۇگىيە پېنى پىرىنسىپلىرى بويىچە شائىر بىرقانچە ئەسىرىنىڭ لاتىىنچە نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ناۋايىشۇناسلىقنىڭ تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئېچىشىغا تۈرتكە بولغان. زامانىۋىي ئۆزبېك پېنىنىڭ پېشۋالىرىدىن بولغان بۇ ئالىملار ھەممىنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن شائىر ئەسەرلىرىنىڭ لۇغىتىنى ئىشلەپ تارقاتقان. ناۋايىنىڭ 1948-يىلىدىكى  500يىللىق تۇغۇم تۇيىغا ئاتاپ نەشىر قىلىنغان ‹‹ئۇلۇغ ئۆزبېك شائىرى›› ناملىق ئۆزبېكچە-رۇسچە توپلام سەۋىيىسىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزبېك ناۋايىشۇناسلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى نامايەن قىلىدۇ. توپلامدىكى يەھيا غۇلامنىڭ ‹‹ناۋايىنىڭ دەۋرىنى ئۆگىنىش ھەققىدە›› ۋە ‹‹15-ئەسىردىكى ئاسىيا شەھەرلىرىدە بىنالار تۈركۈمى ئەنئەنىسى››؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ماسساننىڭ ئەسىرى، نەبىيېۋنىڭ ‹‹15-ئەسىردىكى ماۋارائۇننەھرنىڭ سىياسى-ئېقتىسادى ھاياتىدىن››، ئايبېك ۋە دېچنىڭ ‹‹ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئىدىيىلەر دۇنياسى››، باھىد زاھىدوۋنىڭ ‹‹ناۋايىنىڭ بەزىبىر ئىجتىمائىي-سىياسى قاراشلىرى›› ۋە ‹‹ ‹لىسانۇت تەير› پەلسەپىسى ھەققىدە››، ھادى زارىفنىڭ ‹‹لۇتفى ۋە ناۋايى›› ،شەيخزادىنىڭ ‹‹ناۋايىنىڭ لىرىك قەھرىمانى ھەققىدە›› شۇنداقلا تاجىك مۇتەپەككۇرى ئەينىنىڭ ‹‹ناۋايى ۋە تاجىك ئەدەبىياتى›› قاتارلىق ئەسەرلەر چاغاتاي دەۋرى تارىخىي ۋە تۆمۈرىيلەر زامانى ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋىي پىكىرلەر تارىخىنى ئۆگۈنىشكە قوشۇلغان زور تۆھپە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ناۋايىشۇناسلىقتىكى نامايەندە خارەكتېرلىك تەتقىقاتلار سانىلىدۇ.

بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلانغان ئۇلۇغ ئەدىپنىڭ 525 يىللىق تويىغا بېغىشلانغان ئىزدىنىشلەر بۇرۇنقى تەتقىقاتلارنىڭ ئۇسۇل، مەزمۇن ۋە كۆلەم جەھەتتىكى بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇپ، ناۋايىشۇناسلىقنىڭ سەۋىيىسىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى ئىلمىي ساھىيىگە ئېلىپ كىرىپ، قوللانمىلىق مەخسۇس ئەسەرلەرنى يارىتىش بويىچە كۆزنى قاماشتۇرغىدەك نەتىچىلەرنى ياراتقان. شائىر مىراسىنىڭ تۇلۇق بىبلوگرافىيەسىنى تۈزۈش، ئەسەرلىرىنىڭ نادىر نۇسخىلىرىنى ئېنىقلاش بويىچە ئىلمىي تەكشۈرۈش كۈن تەرتىپكە قويۇلغان. مۇھىمى ناۋايى ئەسەرلىرىنى ئىلگىركىدەك پارچە-پۇرات ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە كاندىداتلىق ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرى ياقلاش بۇ دەۋىر ناۋايىشۇناسلىقىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇلار ئىچىدە ئاكادېمىك B.زاھىدوۋنىڭ ‹‹ئەلىشر ناۋايىنىڭ پىكىر ۋە ئوبرازلار دۇنياسى››، M.شەيخزادىنىڭ ‹‹ئۇستادنىڭ سەنئەتخانىسىدا››، مەشھۇر مەتىنشۇناس ئالىم ھەمىد سۇلايماننىڭ ‹‹ئەلىشىرناۋايى لىرىكىسىنىڭ تېكستولوگىيەلىك تەتقىقاتلىرى››، ياقۇپجان ئىسھاقوۋنىڭ ‹‹ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئىلك دىۋانى››، پىشىۋا ۋە تۆھپىكار ناۋايىشۇناس ئالىم ئابدۇقادىر ھېيىتمەتوۋنىڭ ‹‹ناۋايى لىرىكىسى›› ھەم ‹‹ ناۋايىنىڭ ئىجادىي مىتودى›› ئەسەرلىرى ئەدەبىي ۋە تارىخىي پاكىتلىرىنىڭ بايلىقى، ئەقلەن ئومۇملاشتۇرۇشلىرىنىڭ مەنتىق قۇۋۋىتى ۋە يۈكسەك ئىلمىي سۈپىتى جەھەتتىن پەقەت ئۆزبېكىستاندىلا ئەمەس بەلكى سابىق ئىتتىپاق فىلولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ ياخشى سەۋىيەىسىنى نامايەن قىلغان دىسسېرتاتسىيەلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، سابىق ئىتتىپاققا تەۋە ھازىرقى مۇستەقىل دۆلەتلەردە نۆۋەتتە كاندىدات دوكتور ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرىنىڭ ماۋزۇلىرى توردا ئېلان قىلىنىدۇ، ئوخشاش ياكى تەكرار تېمىلار قۇبۇل قىلىنمايدۇ. بىر دىسسېرتاسىيە نەچچە ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات مەركەزلىرىدىكى ئونلىغان مۇتەخەسسىسنىڭ باھالىشىدىن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ قىسقىچە مەزمۇن كىتابى سابىق سوۋېت ئەنئەنىسى بويىچە 150 ئەتراپىدا ئۇنىۋېرسىتېت، كۈتۈپخانا ۋە تەتقىقات يۇرتلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ، دىسسېرتاتسىيەلەر مەزكۇر پەن ساھىيەسىدىكى تۈگەللەنگەن ئىلمىي ئەمگەكلەر قاتارىدا نوپۇزلۇق كۈتۈپخانىلارغا قويۇلۇپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا قوللانمىلىق رول ئوينايدۇ. ئوچۇق نەشىر قىلىنىپ ئۇنى جەمئىيەتتىكى ھەممە ئادەم كۆرەلەيدۇ. قىسقىسى دىسسېرتاسىيە دەپ ئاتالغان يۇقىرىقى ئەمگەكلەر قىلنى قىرىققا يېرىپ يېزىلغان مۇكەممەل ئىلمىي ئەسەرلەر بولۇپ، بۇلارسىز ناۋايىشۇناسلىقنىڭ ئۆتمۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس!

20-ئەسىرنىڭ 70-،80- يىللىرىدا ئۆزبېك ناۋايىشۇناسلىقىنىڭ سۈپەت ۋە ساپاسى يەنىمۇ ئۆسۈپ بارغان. شائىر ئەسەرلىرى ژانىرشۇناسلىق ۋە فولكلورشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىپ، بۇ ھەقتە يىرىك ھەم مەخسۇس ئەسەرلەر يېزىلغان. مەسىلەن، V.زاھىدوۋنىڭ ‹‹ئۇلۇغ شائىر ئىجادىينىڭ قەلبىي››، S.ئەركىنوۋنىڭ ‹‹ناۋايى‹پەرھات ۋە شىرىن›ئى ۋە ئۇنىڭ سېلىشتۇرما تەھلىلى››، N.مەللەيېۋنىڭ‹‹ناۋايى ئىجادىينىڭ خەلقچىل نىگىزى››، ‹‹ناۋايى‹خەمسە›سى›› قاتارلىقلار پىكىرىمىزنىڭ جانلىق دەلىلى. جۈملىدىن ‹‹يازغۇچىنىڭ تەرجىمىھالى -ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدۇر ›› دېگەن قەدىمىي ھېكمەتكە ئاساسلىنىپ دادىل ۋە ئەمەلىيەتچىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىززەت سولتان ئۆز كىتابىنىڭ كىرىش سۈزىدە ؛ ‹‹بۇ  كىتاپ ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدە شۇ ۋاقىتقىچە يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئۆزگىچە…سۆزلەش نۆۋىتىنى بىز بۇ قېتىم ناۋايىنىڭ ئۈزىگە بەردۇق. راستىنلا ناۋايى بۈگۈن بىز بىلەن ئۈزى ھەققىدە ئۈزى سۆھبەت قىلىشى مۈمكىن››دەپ كۆرسەتكەن بولسا،   28-سەھىپىسىدە مىرزا ھەيدەر ۋە ناۋايىنىڭ ‹‹ بەدايېئۇل بىدايە››نىڭ دېباچەسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازغان: ‹‹ئۇنىڭ ئەسلى ( ناۋايىنىڭ) ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى كىچىككىنە باخشى دەپ ئاتىلاتتى، ئاددى كىشىلەردىن ئىدى››، ‹‹بۇ ئۇيغۇر ئىبارىتىنىڭ فۇسەھەسىدىن ۋە تۈرك ئەلفازىنىڭ بۇلەغەسى دىن مەۋلانە سەككاكى ۋە مەۋلانە لۇتفى…كىم بىرىنىڭ شىرىن ئەبياتى ئىشتىھارى تۈركىستانغا بەغايەت ۋە بىرىنىڭ لەتىف غەزەلياتى ئىنتىشارى ئىراق ۋە خۇراساندا بېنىھايەتدۇر ھەم دىۋانلىرى مدۋجۈت ئىدى››. كۆرۈنۈپ  تۇرۇپتىكى ‹‹ناۋايىنىڭ قەلب دەپتىرى›› ئۆزبېك ناۋايىشۇناسلىقىنىڭ ‹‹يارىسى›› ۋە ‹‹ئېھتىيات پەردىسى››نى ئېچىپ تاشلاپ، ئەسلى ئەسەرچىلىك ياكى مەنبەشۇناسلىق تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەردۇر. بۇ يىللاردا ناۋايىشۇناسلىق ئۆزبېبېكىستاندا يۇقىرى كەسپىي ساپا ۋە زور ئىجادىيەت قوشونىغا ئىگە مولھۇسۇللۇق، مۇكەممەل پەنگە ئايلانغان. بىر ئىجادىي كوللېكتىپ ئىشلەيدىغان ئىشلار شەخسلەرنىڭ جاسارىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. ئالىدىغان بولساق، مەتىنشۇناس ۋە مەنبەشۇناس ئالىملاردىن پەرساخان شەمسىيېۋ بىلەن ھەمىد سۇلايماننىڭ قۇم دۆۋىسىدىن كەپەك ئالتۇن تاسقىغاندەك، ئونلىغان ۋارىيانتلارنى سۆزمۇ-سۆز سېلىشتۇرۇپ ئۈزىنى بېغىشلاپ ئىشلىشى نەتىچىسىدە ‹‹خەمسە››نىڭ مۇكەممەل نەشىرى بىلەن ‹‹خەزەيىن ئۇل-مەئانى›› نىڭ ئاكادېمىك نۇسخىسى يۇرۇقلۇققا چىققان. بولۇپمۇ بۇ يىللاردا ئالەم يۈزى كۆرگەن ناۋايى ئەسەرلىرىنىڭ 15توملۇقى (16كىتاپ) ئۆزبېك مىللىتىنىڭ مەدەنىي ھاياتى تارىخىدىكى ئاجايىپ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجتىمائىي،مەنىۋىي ۋەقەلەر سۈپىتىدە دۇنيادا ئالقىشلانغان.   ئۇمۇمەن يۇقۇرىقىدەك تەتقىقات سەمەرىسىدىن باشقا ئۆزبېك خەلقى ئەلىشىر ناۋايى ئەنئەنىلىرىنى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يول ۋە ئەندىزە بىلەن ئۆز ئەدەبىياتىدا داۋاملاشتۇرغان، ئۆزلەشتۈرگەن ۋە  مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئاشقازىنىدا ھەزىم قىلغان.

 بىرىنچى،سەنئەتكارلار ناۋايى داستانلىرىدىكى مەلۇم پوئېتىك ھېكايەلەر ۋە جانلىق ئېپىزوتلارنى ئۈزۈۋېلىپ، بۇنىڭدىن مۇستەقىل ۋە ئىجادىي ئەسەرلەرنى قايتا ياراتقان. بۇنىڭ نەمۇنىلىرى ھېسابىغا شائىر داستانلىرى ئاساسىدا سەھنىلەشتۈرۈلگەن خۇرشىدنىڭ ‹‹پەرھات ۋە شىرىن ››، ‹‹لەيلى ۋە مەجنۇن››؛ كامىل ياشىننىڭ ‹‹مېھىر ۋە سۇھەيىل››، ‹‹دىلئارام›› كەبى مۇزىكىلىق دىراممىلارنى مىسال كۆرسىتىش مۈمكىن. شائىر ۋە دىرامماتۇرگ خۇرشىد 1922- يىل ناۋايى داستانلىرىدىن ‹‹پەرھات ۋە شىرىن››نى، 1925 –يىل ‹‹لەيلى ۋە مەجنۇن››نى سەھنىلەشتۈرگەن. ئاۋۋالقى داستان ئۈستىدە ئىشلىگەندە مېھىنبانۇ بىلەن شىرىننىڭ پائالىيەت سەھنىسىنى ئۆزبېكىستان ھۇدۇدىغا كۆچۈرگەن. شىرىننىڭ پەرھاتقا مۇھەببەت شەرتىنى ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ چوڭ جەزىرە-مىرزا چولگە سۇ باشلاش ماتىۋىغا ئۆزگەرتىپ، ئەسەرنىڭ تۈپ تېماتىك غايىسىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئۆزبېك مىللىي جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قاراتقان. كېيىنكىسىدە ئەسلى داستان سىيوژېتىنىڭ مۇھەببەت تارمىقىنى كېسىۋېلىپ، لەيلى-مەجنۇننىڭ قەدىمىي ئەرەپ روھىيىتىگە خاس سۆيگۈ ماجرالىرىدىن كېلىپ چىققان غەمكىن ۋە مەيۈس كونا پاجەسى ئارقىلىق، ئىنسان شەخسى ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىشى كېرەك، دېگەن زامانىۋىي يېڭى پىكىر يۈكسەكلىكىنى ياراتقان. كامىل ياشىننىڭ ‹‹مېھىر ۋە سۇھەيىل›› مۇزىكىلىق دىراممىسى(1940-يىل)جۈملىدىن ھەمئاپتورلۇقتا يازغان ‹‹دىلئارام ›› ئوپېراسى (1958-يىل)ناۋايىنىڭ ‹‹سەبئەئى سەييار›› داستانىغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق سەھنىلەشتۈرۈرگەن. ‹‹مېھىر ۋە سۇھەيىل›› نىڭ ئاساسى ۋەقەلىكى ‹‹سەبئەئى سەييار›› ىدىكى بەشىنچى ئىقلىمدىن كەلگەن مۇساپىرنىڭ ھېكايەسى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولسا، كېيىنكى ئوپېرامۇ مەزكۇر داستاننىڭ سىيوژېت ئۈزۈندىلىرىگە ئاساسلانغان. K.ياشىن ئەسەردە بەدىئىي فانتازىيىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ناخشىچى دىلئارام بىلەن مىمار-رەسسام مانىنى سۆيۈشتۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم دىرامماتىك تېرەنلىك ھسىل قىلىپ، ئىلغار ئىجتىمائىي كۈچلەر زالىملار بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىشى لازىم، دېگەن ئاكتۇئال بەدىئىي غايىۋىي پىكىرنى ئالغا سۈ رۈگەن، ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ غەلىبىسىگە مەدھىيە ئوقۇغان. ئۇمۇمەن دىرامماتورۇگلار تارىخىي كونا تېمالارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن زامانىسىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىجادىي پايدىلانغان. ناۋايى دەۋرىگە خاس كونا ماتىۋلارنى يېڭى زامان روھىغا ماس ھاياتىيلاشتۇرغان. ئەنئەنىۋىي ماتېرىياللاردىن ئىجادىيەت پىلانىغا ئويغۇن، يۈرىكىگە ياققان دېتاللارنى تاللىۋېلىپ ئۇنى قايتا ئىدراك ئەتكەن، ئۆستۈرگەن ۋە زامانغا لايىق چۈشەنچىلەر بىلەن بېيىتقان.

    ئىككىنچى، ناۋايى ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ھەممە ژانىرلىرىدا شائىرنىڭ كۆپ قىرلىق ئوبرازىنى يارىتىش ۋە ئۇنىڭ خارەكتىرىنىڭ مەلۇم مۇھىم تەرەپلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرش بىلەن باغلىق. بۇ ئۇسۇلدا يارىتىلغان ئەڭ ياخشى ئەسەرلەر ئايبېكنىڭ ‹‹ناۋايى››رومانى، بادېتسىكىينىڭ ‹‹ئاددى ئىنسان›› رومانىنىڭ بىرىنچى قىسىمى، ئۇيغۇن ۋە ئىززەت سولتانلارنىڭ مەشھۇر ‹‹ناۋايى›› دىراممىسى ۋە شۇ ئاساستىكى ‹‹ناۋايى›› كىنو سىنارىيىسى،  L .باتنىڭ ‹‹ھايات بوستانى›› پوۋېستى، مىركەرەم ئاسىمنىڭ ‹‹زۇلمەت ئىچىدە نۇر›› پوۋىستى، ‹‹شائىرنىڭ ياشلىقى››، ‹‹سۈرگۈن››، ‹‹دەرۋىش ئەلىنىڭ پىتنىسى››ھېكايەلىرى؛ غاپۇر غۇلام، خەمىت ئالىمجان، مەقسۇت شەيخزادە، مىرتۆمۈر ۋە باشقىلار نىڭ داستان ۋە شېئىرلىرىدىن ئىبارەت. ئۇمۇمەن ئۆزبېك زىيالىلىرى ئىچىدە ناۋايى ھەققىدە يازمىغانلىرى ئاز. ئۇلار ناۋايى ئوبرازىنى ئىجادىي ئېستېتىك ئىدىئالىغا، ھاياتتىكى ‹‹ياخشىلىق ››، ‹‹ئېزگۈلۈك›› لەرنى كۆرۈش پىرىنسىپىغا، ‹‹گۈزەللىك›››تۇيغۇسىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە  بەدىئىي پىروزىدا، پوئېزىيەدە، سەھنىدە ۋە ئېكراندا ياراتتى. رەسسام چىڭغىز ئەھمەر ۋە قەيدەلوۋلار ناۋايىنىڭ ھەممە ياخشى كۆرىدىغان ئۆلچەملىك گۇيا ھاياتتەك ئويچان رەسىمىنى سىزىپ،شائىرنى جەمئىيەتتە ھەممە ئادەمگە تۇنۇش سىماغا ئايلاندۇردى. ئۇمۇمەن سەنئەتكارلار ناۋايى خا رەكتېرىدىكى پەزىلەت ۋە بەلگىلەرنى بەدىئىي غايىسىگە ئاساسەن تاللىغان. ئۇلار شائىرنىڭ گۇمانىزىمى، خەلقچىللىقى ياكى ئىجادىي ئىلھامىنىڭ ئۆز دەۋرىگە خاس تەرەپلىرىنى، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن، ئايبېك ‹‹ناۋايى›› رومانىدا شائىر ئوبرازىنى ياراتقاندا ناۋايىنىڭ خەلق تەقدىرى يۇلىدىكى تەپەككۇر دۇردانىلىرىنى زامانىۋىلىك پىرىنسىپىدا تۇرۇپ راۋاجلاندۇرغان. شۇڭا ئەسەردە بىر تەرەپتىن، شائىرنىڭ ئۇلۇغ ئىدىيىلەر ساھىبىي ئىكەنلىكى، ئىككىنچى ياقتىن خەلق تەقدىرى يۇلىدا بۇ غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىش خاھىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن.ناۋايى دۇنياقارىشىدىكى كونا زامانغا خاس ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىنى چۇڭقۇرلاشتۇرغان. ئۇيغۇن ۋە ئىززەت سولتانلارنىڭ ‹‹ناۋايى›› دىراممىسى شائىرغا بېغىشلانغان ئىجادىي تېمىلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇپ، مەزكۇر سەھنە ئەسىرىگە ئاپتورلار گۈلنىڭ بىۋاقىت ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن ناۋايىنىڭ ئېغىزىدىن بېرىلگەن مونۇ مەرسىيىنى ئېپوگراپ قىلىپ تاللىغان

 ساڭا بەش بىباھا ھەيكەل قۇيارمەن،

   ياشارسەن  دائىما  داستانلىرىمدا.

  ئېچىلغان گۈل بولۇپ بوستانلىرىمدا،

گاھى لەيلى،گاھى مەجنۇن بولۇپ سەن،

  ئۈچۈنچى، ئۆزبېك ئەدەبىياتىدا ناۋايى ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بۇ يۇلىدا ئەدىپلەر شائىر داستانلىرىنىڭ ۋەقەلىكلىرىدىن بىۋاستە پايدىلانمىغان، شائىرنىڭ ياكى زامانداشلىرىنىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلىمىگەن. بىراق ناۋايى گۇمانىزىمى ۋە ماھارىتىنىڭ جەۋھىرىنى،مىللىي خەلقچىل ساداسىنى يېڭى رىيالىستىك مېتودنىڭ ئەنئەنىۋېلىك پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىجادىيەتلەردە جاراڭلاتقان. بۇ نوقتىدا ئابدۇللا قادىرىنىڭ‹‹ئۆتكەن كۈنلەر››رومانى ۋە خەمىت ئالىمجاننىڭ ‹‹زەينەپ ۋە ئامان›› داستانى ھەققىدە گەپ قىستۇرۇش ئارتۇق ئەمەس!

مىسال ئۈچۈن ‹‹ئۆتكەن كۈنلەر›› نىڭ ‹‹يازغۇچىدىن›› دەپ بېرىلگەن كىرىش سۈزىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ‹‹ئېنىقكى، بىز يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويدۇق. بەس، بىز ھەر بىر يۇسۇندا ھەم شۇ يېڭى دەۋىرنىڭ يېڭىلىقلىرى ئارقىسىدىن ئەگىشىشىمىز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش داستانچىلىق، رومانچىلىق ۋە ھېكايەچىلىقلاردىمۇ يېڭى ئەسەرلەر يارىتىشقا، خەلقىمىزنى شۇ زاماننىڭ ‹تايىر ۋە زوھرا›لىرى، ‹چاھار دەرۋىشلىرى›، ‹پەرھات ۋە شىرىن› لىرى شۇنداقلا ‹بەھرام گور›لىرى بىلەن تۇنۇشتۇرۇشقا ئۆزىمىزدە مەجبۇرىيەت ھېس قىلىمىز››. ئا.قادىرى مەزكۇر بايانلىرى ئارقىلىق رومانىنىڭ تامامەن يېڭى تىپتىكى ئەسەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىلىقىنى تەكىتلىسە،يەنە بىر تەرەپتىن روماندا خەلق كىتاپلىرى،چۆچەكلەر ۋە ناۋايى داستانلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگەنلىكىدىنمۇ بىشارەت بەرگەن. ئالىدىغان بولساق، ‹‹ئۆتكەن كۈنلەر›› دىكى ۋەقەلەرنى مەلۇم ۋاقىتقىچە كىتاپخاندىن سىر تۇتۇش، سىيوژېت ئارىسىغا باش قەھ رىماننىڭ روھى ھالىتىگە ماس قىسسەلەرنى قوشۇش، سۈيۈشكەنلەرنىڭ تىراگېدىيىلىك تەقدىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناۋايى ئەنئەنىسىنىڭ زامانىۋىي ئېستېتىك پىرىنسىپنىڭ بالاياتقۇسىدىن شەكىللەنگەن تۇغۇندىدۇر. گەرچە خەمىت ئالىمجان ‹‹زەينەپ ۋە ئامان›› دا ئاشىق-مەشۇقلار تەقدىرىنى زامانغا لايىق ۋىسال تېپىشقان قىلىپ، ناۋايىدىكى پاجىئەنىڭ ئەكسىنچە يول تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن شائىرنىڭ بەىئىي ماھارىتىگە يەنى ئەسەرنىڭ مەسنىۋىي پورمىسى،جاراڭلىق قاپىيىسى ۋە سۆزلەرنىڭ ئىچكىي مەنادارلىقىدا ناۋايى ماھارىتىنىڭ بەدىئىي ساداسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

 ئۆزبېكىستاندا مىللىي ئىستىقلال شاماللىرى سوقىۋاتقان ئەشۇ يىللاردا ناۋايىنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي بىساتى ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنلىرى بولغان قۇرئان كەرىم،ھەدىس شەرىف ۋە تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى بىلەن باغلاپ تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ نوۋىتىدە شائىرنىڭ 20 توملۇق مۇكەممەل ئەسەرلەر توپلىمى (بۇنىڭغا تۆرت جىلدلىق‹‹ئەلىشىر ناۋايى ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى››نى قوشقاندا جەمئىي 24 توم) نىڭ ئىشلىنىشىگە سەۋەپ بولغان ۋە بۇ غايەت خاسىيەتلىك ئىش ئاخىرقى قېتىم 1987 -2004-يىلىغىچە دۇنيا يۈزى كۆرگەن. ئەدەنىياتشۇناس ئىبراھىم ھەققۇلوۋ ‹‹زەنجىرلەنگەن شېر قېشىدا››، ‹‹ شېئىريەت روھى مۇناسىۋەت ››( 1989- يىل)، ‹‹ئەدەبىيات پەرزەنتلىرى›› (1990-يىل)، ‹‹تەسەۋۋۇپ ۋە شېئىريەت ››(1991-يىل)؛ سەئىدبېك ھەسەنوۋ ‹‹ناۋايىنىڭ17تۆھپىسى›(1991-يىل) قاتارلىق ئەسەر لەرنى ئېلان قىلىپ، بىر تەرەپتىن، ناۋايىشۇناسلىقتىكى كۆپ يىللىق شۇراچە قاتمال  تەپەككۇردىن ئازات بولغانلىقنى نامايەن قىلسا، يەنە بىر تاماندىن شائىرنى ئۆز تارىخىي مۇھىتاغا قويۇپ، ئىجادىنى ئۆز ئەينى بويىچە تەتقىق قىلىدىغان ۋە سۆز ئىشلىتىشتىكى سەنئەتكارلىق تالانتىنى بەدىئىيلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ باھالايدىغان بىر قەدەر ساپ ئەدەبىياتشۇناسلىق ئىستېتىكىسى شەكىللەندى. 1991-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئەلىشىر ناۋايى تۇغۇلغانلىقىغا  550 يىل توشقان ئاشۇ كۈننى پۈتۈن دۇنيا جەلقىنىڭ خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتتى. بۇنداق قوش تەنتەنىلىك تارىخىي شارائىتتا نەشىر قىلىنغان ‹‹ئەلىشىر ناۋايى.غەزەللەر،شەرىھلەر›› ناملىق توپلامدىكى ئەركىن ۋاھىدوۋ، نەجمىدىن كامىلوۋ، مۇھەممەت ئەلى، جامال كامال كەبى ئىجادكار لار قەلىمىگە مەنسۇپ ماقالىلەر ئەنە شۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر. كېيىنكى يىللاردا مەھكەم مەھمۇدوۋ قاتارلىق ئالىملار ياراتقان ‹‹مەنىۋىيەت– كامىللىق سائادىتى››، ‹‹ئىمان- قەلىپ گۆھىرى››، ‹‹ئىشىق،ئاشىق ۋە مەشۇق››، ‹‹ئەلىشىر ناۋايى ۋە نەقشىبەند›› ھەم ‹‹ناۋايى ۋە ئىلاھىيەت›› ماۋزۇلۇق كىتاپلار ناۋايىخانلىقتىكى ‹‹كۈن چۈشمىگەن تەرەپلەر›› نى ‹‹يۇرۇق نوقتا›› غا ئايلاندۇرغانلىقى بىلەن قىممەتلىك.

1957–يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى9-فېۋرالدا ناۋايىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى نىشانلاش مەقسىتىدە جايلاردائىلمىي، ئەنئەنىۋىي يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شائىر مىراسىنى ئۆگىنىش بويىچە قىلىنغان ئىشلار يەكۈنلەنمەكتە، يېڭى پىلانلار تۈزۈلمەكتە. بۇلاردىن باشقا ناۋايىغا بولغان تۈگىمەس ھۆرمەت-مۇھەببەتنى ئىپادىلاش، شائىرنىڭ نامىنى ئەبىدىيلەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋىلاشتۇ رۇش مەقسىتىدە سەمەرقەند بىلەن بۇخارا ئوتتۇرىسىدىكى بىپايان ۋە قەدىمىي زەرەپشان ۋادىسى ‹‹ناۋايى ۋىلايىتى››گە ئۆزگەرتىلگەن. گۈزەل تاشكەنت شەھەرىنى شەرقتىن غەرپكە كىسىپ ئۆتىدىغان ئاۋات كوچىغا ‹‹ناۋايى كۆچىسى›› دەپ نام بېرىلگەن. كوچا مەركىزى ۋە يول بويىغا ‹‹ ئەلىشىر ناۋايى نامىدىكى ئەدەنىيات مۇزېي›› قۇرۇلغان، شائىرنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان. سەمەر قەند دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، ياۋروپاچە گويا سۈرئەتتەك گۈزەل ئۆزبېك دۆلەت ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىرى، ئۆزبېكىستان دۆلەت كۈتۈپخانىسى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى ۋە يېنىدىكى كۈتۈپخانا، زور مۇكاپاتلار ، يەنە نەچچە ئون مەدەنىي مۇئەسسەلەر، يۈزلىگەن مەكتەپلەر، يېزا-كەنتلەرنى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش قارارلاشتۇرۇلغان. ئۆزبېكىستاننىڭ ياپۇنىيە ۋە فىرانسىيىدىكى ئەلچىخانىلىرىغا ناۋايىنىڭ ئۇلۇقۋار ھەيكىلى ئورنىتىلغان.

قىسقىسى 2007–يىلى ئامېرىكا پارلامېنت كۈتۈپخانىسىدا ئېچىلغان ‹‹ئەلىشىر ناۋايى ۋە ئۇنىڭ مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتىغا تەسىرى›› ناملىق دۇنياۋىي مەجلىستە ۋاشىڭتۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركۈلوگى E،سىرتەئۇتەس خانىم ئېيىتقاندەك، ناۋايى مۇستەقىل ئۆزبېكىستاننىڭ سىموۋۇلى بولۇپ قالغان، ھەتتا بۈيۈك بىرىتانىيىدە ئۇلۇغ شېكىسپىرمۇ ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر ناۋايى شۆھرەت قازانغاندەك ئالقىشلانمىغان! غەرپنىڭ تۇنۇلغان ناۋايىشۇناسى A.بادراگىلىگېتىنىڭ سۈزى بىلەن ئېيتقاندا، ‹‹يەر شارىدىكى تاغلار ئارىسىدا ئەڭ ئىگىزى ھىمالايا چوققىسى بولسا شائىرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۈكسىكى ھەزرەت ناۋايىدۇر››. بىراق ناۋايى15-ئەسىردىكى تەكشى تۈزلەڭلىكتىن تەسادىبىي ئۆسۈپ چىققان تاغ ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بېرى شەكىللەنگەن ئۇزاق قەدىمكى تاغ تىزمىلىرىدىن ھاسىل بولغان يۈكسەك چوققا! دېمەك تاغ بار يەردە چوققا بار، تاغ يوق يەردە چوققىمۇ يوق!

ئەلىشى ناۋايىنىڭ تەسىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىن ياپۇن دېڭىزىغىچە؛ ھىنگان، ئالتاي تاغلىرى دىن ھىمالايا چوققىسىغىچە بولغان بىپايان مەركىزى ئاسىيا زىمىنىدا ياشىغۇچى خەلقلەر ئارىسىغا ېيىلغان. ناۋايى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شائىر ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ياۋروپادا تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. دۇنيادىكى ئۇلۇغ ھېكمەتخانا (كۈتۈپخانا) لار شائىر ئەسەرلىرى بىلەن بىزەنگەن. ئىجادىيىتى ئېنگلىز مۇتەپەككۇرلىرىدىن شائىر ئېللوتقا ۋە ئوكيان ئاتلاپ ئامېرىكىلىق يازغۇچى مارك.تېۋىنغىچە تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ناۋايى  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتكە يەنە بىر سوۋغىسىدۇر! لېكىن ئەقلىمىزنى ئىنساپقا چىللاپ شۇنىمۇ ھەققانى ئېيتىشىمىز كېرەككى، ئېرىتىش دەرياسى بىزدىن باشلانغان بىلەن مەنزىلدىكى ئەللەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ ‹‹ئانا دەريا›› ۋە ئۇنىڭ سۈيى ‹‹ئابى ھاياتتۇر››. بىر مېۋەلىك دەرەخكە نىسبەتەن كۆچەت تىككۈچىنىڭمۇ، ئۇنى ئاسراپ-پەرۋىشلەپ مېۋەگە كىرگۈز گۈچىنىڭمۇ ھەققى-ھوقوقى بار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن،مائارىپ ۋە مەدەنى يەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ باي قوليازمىلار فوندى›› رويىخىتىگە ئېلىنغان شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىدىن ئىبارەت يۇقۇرى ئەۋزەللىكى بىلەن ھازىر ئۆزبېكىستان دۇنيا ناۋايىشۇناسلىقىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە تەن ئېلىنىپ، شائىر ھەققىدىكى تەتقىقات ئالتىنچى يۈز يىللىقا قەدەم قويماقتا، ناۋايى ئەسەرلىرى تاشكەنت قاتارلىق مەدەنىيەت ئۇچاقلىرىدا دۇنياۋىي كىلاسسىك ئەسەرلەر قاتارى ھەر يىلى يېڭى سەۋىيە، يۇقۇرى سۈپەت ۋە كۆپلىگەن نۇسخىدا نەشىر قىلىنماقتا، چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنماقتا. زىكرى قىلىنغاندىكىدەك، بۈگۈنكى ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر ناۋايىنى ئىدىئاللاشتۇرۇپ چۈشەنمەسلىكنىڭ ھېچبىر ئامالى يوق. كۈنىمىزدە بۇ دۆلەتتە ناۋايى بېغى دۇنيانىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرگىدەك دەرىجىدە ئۈزىنىڭ مول-ھۇسۇللۇق پەسلىگە كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆزبېك خەلقى شائىرغا سىڭگەن ئەسىرلىك مېھنەت تەرىنىڭ ئالتۇن سۈيىدە ‹‹ناۋايى ئېنسىكلوپېدىيىسى›› نىڭ سەلتەنەتلىك قەسرىنى بىزەمەكتە. ھالبۇكى بۇ قەسىرنىڭ بوسۇغىسى بىزلەر ئۈچۈن گويا ئەپسانە تەرىزدە دۇنيايىمىزنىڭ تېشىدىكى مۇئەمما بولۇپ تۇرماقتا!

بېلىق سۇغا تويمايدۇ! قۇش تىلىنى قۇش بىلىدۇ!

ئىزاھلار:

②①مەمۇر ئۇمەروۋ: ‹‹ماننان ئۇيغۇر ۋە مىللىي تىياتىر ئېستېتىكىسى››،تاشكەنت، 2006- يىلى نەشىرى،4-،14-بەت.

مەھمۇدخوجا بەھبۇدى(1875-1919) 20-ئەسىر بوسۇغىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىجتىمائىي-سىياسىي ھەرىكەتچىلىكىنىڭ ئەڭ يىرىك نامايەندىسى، يېڭى دەۋىر ئۆزبېك مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسچىسى.

ئىززەت سولتان: ‹‹ناۋايىنىڭ قەلىپ دەپتىرى››،تاشكەنت،1973-يىلى نەشىرى،1-بەت.

‹‹ئۆزبېكىستان ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى››، 2007-يىلى،6-ئاپرېل سانى.

( تۈگىدى )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (6) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. مەمەت ھوشۇر مۇنداق يازغان:

    …………………ھازىرچە تىل گاللاشتى دەپلا تۇراي……….

  2. بېھزاد مۇنداق يازغان:

    ھەزرىتى ئەلشىر ناۋائىسىز ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئۆزبېكىستان ئىلىم ئەھلىنىڭ ھەزرىتىم ئەسەرلىرى تەتقىقاتى ئۈچۈن سىڭدۇرگەن مېھنىتىگە بىھىساب تەشەككۈرلەر بولسۇن! …..مەزكۈر ئىلىم زىيارەت خاتىرىسى بۇ يىل مەن ئوقۇغان ئەڭ ئسىل يازمىدۇر،ئەسەر ئىگىسىگە بىسىيار تەشەككۈر ،ئالقىش،رەھمەتلەر بولسۇن!

  3. بېھزاد مۇنداق يازغان:

    مۇشۇنداق خاتىرە ئەسەرلىرىڭىز يەنە بارمۇ،تۈركەش ئاكا؟

  4. نۇھ مۇنداق يازغان:

    بېھزاد تۇرسۇن تۈركەش ئاكىمىزنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى بىر كىتاۋى نەشردىن چىقتى، يېقىندا تارقىتىلىدۇ، بلوگىمىزدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىمىز. دىققەتتە بولارسىز.
    تۇرسۇن تۈركەش ئاكىمىزنىڭ ۋاقتى يەتسە سىزگە يەنە ئايرىم جاۋاپ يازىدۇ.

  5. رىفئەت مۇنداق يازغان:

    تۇرسۇن قۇربان مۇئەللمنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسى تەرپىدىن ئاڭلاتقان ئەلشىر نەۋائى توغرىسىدىكى پروگراممىسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شائىر توغرىسىدىكى نۇرغۇن مەن بىلمەيدىغان مەزمۇنلارنى بىلىۋالدىم!
    ئۇلۇغ ئاللا ئىلمې ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇئەللىملىرىمىزنىڭ قۇلىغا بەركەت،كۈنلىرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن!!!

  6. بېھزاد مۇنداق يازغان:

    «شەرق رېۋايەتلىرىدە ئەلشىر ناۋائى» ناملىق كىتاپنى ئالدىم…قەلەم ئىگىسىگە تەشەككۈر!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif