نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » روھ دىئالوگى

روھ دىئالوگى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 27 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 4 پارچە | زىيارەت: 1,197 قېتىم


 روھىڭنى يوقۇتۇپ قويدۇڭ. روھىڭنى ئىزدەش سېنى يىگانىلىققا ئېلىپ باردى. يىگانىلىق ئۆزىنى چۈشۈنۈش،ئۆزىنى بىلىشنىڭ تۈنجى قەدىمى.  ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا سەن روبىنزون كروزو ئەمەسسەن. سەن ھەم مەلۇم غايىۋىلىكنىڭ نىشانى سۈپۈتىدە يارىتىلغان قەھرىمانمۇ ئەمەس ھەم تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن مەلۇم فىزىكىلىق ماكانغا قامىلىپ، يىگانىلىقنىڭ ئاجايىپ ئاچچىق ئازاپلىرى ۋە ئۆلۈمنىڭ قورقۇنۇچلىرىنى بارغانسېرى مۇزلاۋاتقان تېنىڭ ھەم شۇنداقلا تېخىچە ھاياتتىن ئاداققى ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن روھىڭ بىلەن سېزىۋاتقان تەۋەككۈلچى سەيياھمۇ ئەمەسسەن.
سەن رىئال
ئادەم. ھەرىكىتىڭ سېنى توختىماستىن رىئاللىقنىڭ قوينىغا چىللايدۇ. سېنىڭ ئۆزۈڭ ئىجتىمائىلىق.
لېكىن سەن يەنىلا يالغۇز-يىگانە. زامانىۋىي ھاياتنىڭ شاۋقۇن –سۈرەنلىرى، رەڭدار كۆرىنىشلىرى سېنى مەپتۇن قىلىدىيۇ لېكىن سەن ئۇنىڭدىن بىزار. سەن ھەم ياتلىشىشتىن قورقىسەن، قورققانسرى شۇنچىلىك ياتلىشىۋاتقانلىقىڭدىن ھەيرانسەن.
يىگانىلىق _____غېرىپلىق…
ئەسىرنىڭ رەھىمسىز رىقابىتى سېنى جەڭ مەيدانىغا چىللايدۇ. سەن ئۆز قۇۋۋىتىڭ ۋە ماھارىتىڭنىڭ خۇددى دونكىخوت بىلەن سانچۇ پانسانىڭ قەھرىمانلىقىدەك كۈلكىلىك نەتىجىگە قالىدىغانلىقىنى بىلىسەن.
يىگانىلىق_____بىچارىلىق…
ئەتراپىڭ ئىجتىمائىلاشقان مەخلۇقلارنىڭ توپى. ساختا تەبەسسۇملار، ساختا دىئالوگلار، ساختا تەنتەنىلەر، ساختا ھاياجانلىنىشلار، ساختا ۋەدىلەر سېنى بىزار قىلىدۇ. ئۆزەڭ بىلەنلا پىچىرلىشىشقا مەجبۇر بولىسەن. ئۆز روھىڭنىڭ مونولۇگىلا سېنى سەمىمىيەتكە باشلايدۇ.
يىگانىلىق______روھنىڭ ئىزتىراپى…
ئۆز روھىڭنى چۈشىنىش ئىستىكى سېنى يىگانىلىقنىڭ دەشتلىرىگە باشلايدۇ.
يىگانىلىق______ئاشىقلىق سەۋداسى….
يىگانىلىق______ئارىپلىق سەۋداسى….
سەن كىم؟ خۇددى دەشتى – باياۋاندىكى ئالۋۇننى كۆرۈش مۈمكىن بولسىمۇ ئۇنىڭغا يەتكىلى ۋە تۇتقىلى بولمىغاندەك سەن ئۆزەڭدىكى يوقلۇقنى ۋە چەكسىزلىكنى مەڭگۈ تولدۇرۇپ ۋە ئېنىقلاپ بولالمايسەن.
سەن بىر تىلسىمات. بۇ تىلسىماتنىڭ ئاچقۇچى سېنىڭ روھىڭدۇر. يىگانىلىق بۇ ئاچقۇچقا ئىگە بولۇشتىكى يول.
بارسا كېلەر………
بارسا كەلمەس……..
بارسا كېلەر ياكى كەلمەس…….
روھىڭنى ئىزدەش ئۆتمۈشنىڭ تەپەككۈرى بىلەن زامانىۋىي تەساۋۋۇرلارغا تۇتاشقان. ئىزدەشنى رىئاللاشتۇرىۋاتقان ئادەم ____ ئۇ سەن ئۆزۈڭسەن.
يىگانىلىق يولى ئارقىلىق ئېرىشكىنىڭ ئازغۇنلۇق بولسا تاللىغىنىڭ بارسا كەلمەس يولدۇر.
ئارىپلىق مۇقامىغا ئېرىشمەكنى كۆڭلىگە پۈككەن زاھىت ئېتىقادىدىن تەۋرەنسە ئارىپلىق مۇقامىغا يېتەلمىگەندەك، روھى ئازغۇنلۇق ساڭا بەرىكەتسىز خامان قالدۇىدۇ.
روھلار ئاقماقتا…….. كىتاپلارنىڭ ئىچىدىكى ھەرپ-بەلگىلەر بىلەن، رادىيو-تېلىۋىزورلارنىڭ بوشلۇقتىكى چاستوتىلىرى بىلەن،
ھوللىۋۇد كىنو قەھرىمانلىرىنىڭ غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ جاسارىتى سىڭدۈرۈلگەن كۆرىنىشلىرى بىلەن، بوللىۋۇد كىنو ساھىپجماللىرىنىڭ زامانىۋىي چۆچەكلىرى بىلەن……..
روھلار ئاقماقتا………بەزىلىرى غەرپكە قاراپ، يەنە بەزىلىرى شەرققە قاراپ………
روھىڭ سېنى توختىماستىن رىئاللىقنىڭ قوينىغا چىللايدۇ. سەن رىئاللىققا يۈزلەنگىنىڭ ئۈچۈن ئىنسانسەن. روھىڭ تاللاشقا مۇھتاج. ئالتۇن ئوتتا تاۋلانغاندەك، روھىڭ رىئاللىقتا تاۋلىنىدۇ. بۇ بارسا كېلەر يا بارسا كەلمەس يولدۇر.
زامانىۋىلىق تەسەۋۋۇر بىلەن بىرلىشىپ كەتتى. لېكىن روھىڭنى ئىزدەشنى تەسەۋۋۇر بىلەن ھەل قىلىش مۈمكىن ئەمەس. بۇ يول چۆچەكلەردىكى غايىۋىي يول ئەمەس. ئوڭۇشلۇق،خەۋپ-خەتەرسىز يولنىڭ بولىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس. بۇ ھەم چۆچەك دەۋرى ئەمەس، بارسا كېلىدىغان يولنى ھىچكىم ۋەدە قىلالمايدۇ.
سەن ئىجتىمائىلىققا تەۋە بولۇش بىلەن، ئۆزۈڭگە تەۋەسەن، ئۆزلۈك______ يىگانىلىق. يىگانىلىق ئۆزلۈك ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. ئۆزۈڭنى چۈشەنگىن، روھىڭنى چۈشەنگىن .ھەقىقى،گۈزەل،پەردازسىز دۇنيا سېنىڭ ئالدىڭدا نامايەن بولىدۇ.
روھنى ئىزدەش _________ يىگانىلىقنىڭ دىئالوگى.
روھنى ئىزدەش چۆچەكلەردىكى غايىۋىلىك بىلەن رىئاللىقتىكى رىقابەتلەرگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.
ئىزدىگۈچى سەن، مەنزىلىڭ ھەم سەن.

2004-يىل 19-فېۋرال

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (4) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ساھابىلەر مۇنداق يازغان:

    ئۇلىنىش قىلىۋالساق بۇلامدۇ رەخمەت
    مەنمۇ قىلىۋالدىم
    http://sahabilar.blogbus.com/

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      بلوگىمىزنى قوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر. بلوگىمىز مەخسۇس ئەدەبىيات بلوگى بولغانلىقى ھەم مەركەزلىك ھالدا ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئونۋېرسال ياكى باشقا مەزمۇندىكى بلوگ ۋە بەتلەرنى ئۇلىنىش قىلىشقا ئۆزرىلىكمىز، سىزنى ئۇلىنىش قىلماسلىقىمىزنى توغرا چۈشەنگەيسىز.

  2. قىسمەت مۇنداق يازغان:

    كەمىنە ئۈچۈن يىگانىلىق-بەزى يىرىك ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

  3. رىفئەت مۇنداق يازغان:

    تورداشلار تۆۋەندىكى دىيالوگنى كۆرۈپ باقايلى!

    بىركۈنى چىۋىن بىلەن چۈمۈلە كىمنىڭ بەكرەك قىممىتى بارلىقى ئۈستىدە تالىشىپ قاپتۇ.
    چىۋىن مۇنداق دەپتۇ؛
    -سەن بىر نەسلى پەس ئۆمۈلۈگۈچى، تېخى مەن بىلەن تەڭ بولماقچىمۇ؟ مېنىڭ خان ئوردىسىغا كىرىپ، زىياپەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرۇشۇم ئادەتتىكى ئىش،كالا ئۆلتۈرۈپ ئاتا-بوۋىلار ئۈچۈن نەزىر-چراغ ئۆتكۈزگەندە،ئۇنىڭغا ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ داخىل بولىمەن. ئەمما سەندەك ئاجىز، بىچارە جانىۋارشۇ چاغدا نەدە يۈرىسەن؟ سەن قانداقتۇر نان ئۇۋىقى دېگەندەك نەرسىلەردىن ئازراق يۈدىۋىلىپ ئۆيۈڭگە كىتىۋالساڭلا، ئۇنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۈچ كۈن يەيسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن خان، پادىشاھ ياكى ساھىپجاماللارنىڭ بېشىدا تۇرۇپ باققانمۇ؟ مەن چىرايلىق نازىنىنلارنى تېخىمۇ جەلىپكار قىلۋېتەلەيمەن، شۇڭا سېنىڭ ئاشلىق ئامبىرىڭنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا ۋاتىلداپ بېرىپ مېنى بىزار قىلشىڭ ھاجەتسىز.
    -ئاغزىڭ زادى بېسقامدۇ -يوق؟-دەپتۇ ئائىلە باشقۇرۇشقا ئۇستا بۇ چۈمۈلە ئۇنىڭغا رەدىيە بېرىپ،-دۇرۇس، سەن خان ئوردىسىغا كىرىپ-چىققان، ئەمما ھەممەيلەن سېنى تىللايدۇ، سەن نەزىر چىراققا ئاتىغان قۇربانلىقنى ئالدىنئالا ئوغىرلاپ يەۋالغىنىڭنى ئابرۇيلۇق ئىش دەپ قارامسەن؟ بۇسېنىڭ قۇربانلىققا شەك چۈشۈرۈپ ،كىسەللىك مىكروبى تارقاتقانلىقىڭ،سېنىڭ پادىشاھنىڭ ياكى ساھىپجامالنىڭ بېشىدا تۇرغانلىقىڭ ئەمىلىيەت،لېكىن مەن سېنىڭ ھېچنىمىدىن-ھېچنىمە يوقلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىڭنىمۇشۇنداق كىشىنى بىزار قىلىدىغانھەركىتىڭگە بىرىلگەن جازا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوپتان بىلىمەن.
    ئەمدى سەن قۇرۇق گەپ ساتماي، ئۆزۈڭنى قالتىس چاغلايدىغان بۇئادىتىڭنى دەرھال ئۆزگەرتكىن!
    قىش يېتىپ كەلسە ئىككىنچىلەپ بازىرىڭ قالمايدۇ،ئاچ قالىسەن، توڭلايسەن ، يوقىلىسەن، لېكىن مەنچۇ، ئەمگەك مېۋەمدىن خاتىرجەم بەھىرلىنىمەن، ئالدىراپ تىنەپ يۈرمەيمەن، جۇدۇن -چاپقۇندا قالمايمەن، غەم-ئەندىشىسىز بەخىتلىك تۇرۇش كەچۈرمەن. مېنىڭ بۈگۈن ئەستايىدىللىق بىلەن ئەمگەك قىلشىم،بۇندىن كىيىنكى كۈنلىرىمنى بەخىتلىك ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. مەن سېنىڭ نىمىنىڭ شەرەپ، نىمىنىڭ ئابرۇي پەرەسلىك ئىكەنلىكىنى بىلۋىلشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    مەن بىرمۇنچە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلۋەتتىم، ئىشلەيدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالدى. شۇنى بىلشىڭ كېرەككى ، ئاشلىق ئامبىرىمنى ۋە ئاشخانامنى قۇرۇق گەپ بىلەن تولدۇرغىلى بولمايدۇ.

    ‹‹ئويلىنىپ باقايلى ~~~سىز نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟››
    مەنبە___تىل-ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif