نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » زوق بىلەن تەنقىدنىڭ ئەدەبىي ئەسەرنى ئىگىلەش ئۇسۇلى

زوق بىلەن تەنقىدنىڭ ئەدەبىي ئەسەرنى ئىگىلەش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 987 قېتىم


ئەدەبىي زوق ۋە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ يېتەكچى مەقسىدى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر ئەسەرنى ئىگىلەش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشاشمايدۇ. زوقلىنىشنىڭ ئەسەرنى ئىگىلەش ئۇسۇللىرى يەنى ئوبرازلىق ئىدراك، ھىسسىيات تەجرىبىسى قاتارلىقلار كۈچلۈك سوبېكتىپچانلىققا ئىگە بولىدۇ؛ ئەمما ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئەسەرنى ئىگىلەش ئۇسۇلى بولسا، ئوبرازلىق ئىدراك ۋە ھىسسىيات تەجرىبىسى ئاساسىدىكى ئىلمىي، ئەقلىي، لوگېكىلىق تەھلىل، ھۆكۈم ۋە تەتقىقاتلارنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ.

ئالدىنقى تېمىمىزدا ئېيتىپ ئۆتكىنىزدەك، زوقلىنىشمۇ مەلۇم قىممەت باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇمۇ ئەقلىي تەپەككۈرنى تەلەپ قىلىدۇ، بىراق بۇ شەخسنىڭ سوبېكتىپ ياخشى كۆرىشى تەسىرىدە شەكىللەنگەن مەلۇم ئەسەرگە بولغان ئوبېكتىپ باھا بولۇپ، بۇ خىل ئوبېكتىپ باھا سوبېكتىپ ياخشى كۆرۈشنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئەدەبىي تەنقىدتىكى بۇ خىل باھا بولسا ئەدەبىي ئەسەرگە بولغان ئوبېكتىپ باھانىڭ نەزەرىيىۋىي بايانىدىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، ئەدەبىي تەنقىد كونكېرت ئەدەبىي ئەسەر ھەققىدىكى زوقلىنىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇ زوقلانغۇچىنىڭ شەخسىي قىزىقىشى بىلەن ئىچكى مۇناسىۋەتكە ئىگە بولىدۇ، تەنقىدچى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەسەر ياكى ئۇنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكى، مەلۇم نۇقتىسىنى تاللاپ تەنقىد يۈرگۈزسە بولىدۇ، مانا بۇ ئاتالمىش « تەنقىد – تاللاشتۇر ». بىراق ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاساسلىقى تەنقىدچىنىڭ شەخسىي قىزىقىشىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ بەلكى ئۇ ياخشى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەن ئەسەر ھازىرلىغان تارىخىي، ئوبېكتىپ بەدىئى قىممىتىگە ھۆكۈم يۈرگىزىدۇ. ئادەتتىكى زوقلانغۇچىلار ئەدەبىي ئەسەردىكى بەدىئى سەزگۈسىگە تايانسا بولىدۇ، لېكىن تەنقىدچىلەر بەدىئى سەزگۈسىگە تايىنىشقا بولمايدۇ.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. پاساھەت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بلوگىڭزىنى ئۇلىنىش قىلۋالدىم! ۋاقىپ بولۇپ قېلىڭ!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif