نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 3 )

تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 3 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 23 - نويابىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 930 قېتىم


ئەدەبىيات مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە مەدەنىيەتمۇ ئەدەبىياتنىڭ ئەكس ئەتتۈرىشتىكى بىر كۆزنىكىدىن ئىبارەت. مەدەنىيەت ناھايىتى چوڭ كاتوگىرىيە، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي تۇمۇش، ئاڭ – ئىدولوگىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر پارچە روماندا ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.«جاللات خېنىم» رومانىدىمۇ بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن نۇقتىلار تەبىئى ھالدا مەلۇم چوڭقۇرلۇقتا ئىپادىلەنگەن. لېكىن يۇقىرىقى نۇقتىلارنىڭ ئىچىدە  ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئىدولوگىيە كۈلتۈرىنى ئۆزىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش نۇقتىسى قىلغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىكتۇر. بۇ خىل ئەكس ئەتتۈرۈشنى تەكىتلىشىمىزدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ روماندا مەلۇم سالماقنى ئىگەللىگىنىدىن بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ روماننىڭ بەدىئى فورما ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شەكىل گۈزەللىكى ياراتقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.

روماندا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ جەمىيەت كەيپىياتى، ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، خان- پادىشا، ئەمىرلەرنىڭ تۇرمۇشى، كىيىنىش، يىمەك – ئىچمەك، ئوردا مۇراسىم – ئەھكاملىرى، ئەل – ئاۋامنىڭ تۇرمۇش، ئېتىقادى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان نۇقتىلار خىلى تەپسىلى يېزىلغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. گەرچە بۇ نۇقتىلار قارىماققا يازغۇچىنىڭ ئىجتىمائى مەنزىرە تەسۋىرىدىكى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان تەرەپلىرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دەل مانا مۇشۇ نۇقتىلار چوڭ ۋەقە ۋە ھادىسىلەر شۇنداقلا ئوبرازلارنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ تۇرغان “ قان“ غا ئايلانغان، بۇنىڭ بىلەن رومان چوڭقۇر تارىخىي تۇرمۇش روھىغا ۋە تارىخىي مۇكەممەللىككە ئىگە بولغاندە، يازغۇچى چىن – ھەقىقى بولغان تارىخىي كەيپىيات يارىتىش مەقسىدىگە ئېرىشكەن.

تارىخىي كەيپىيات يارىتىش تارىخىي رومانچىلىققا قويۇلىدىغان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ. مۇھىمى بۇ خىل تارىخىي كەيپىياتنىڭ چوڭقۇر ۋە مۇكەممەل يارىتىلىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش مەسىلىسىدە. روماندا بۇ خىل تارىخىي كەيپىياتنىڭ چوڭقۇرلىقى شۇ يەردىكى تارىخىي ۋەقەلەر پەقەت زىددىيەتلەر راۋاجىنىڭ ئوبېكتىپ تەرەققىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئوبرازلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن سوبېكتىپ ئاڭ- ئىدولوگىيىلىك پىكىر تەلقىنلىرىدە قىيامىغا يېتىۋاتقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇكەممەللىكى شۇ يەردىكى، ئەسەردە گەرچە يىلنامە خاراكتىرىدىكى تارىخ ھەر بىر چوڭ تارىخىي ۋەقە -  زىددىيەتلەرنىڭ باشلىنىشى ۋە تۈگەللىنىشىدە زامان ئۇقىمىنى بىزگە ھەر زامان ئەسكەرتىپ تۇرسىمۇ، لېكىن يازغۇچى تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى بايانچىلىقتىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، يازغۇچى بەدىئى ئالىمىدىكى سيۇژىت تارىخنىڭ ھەقىقى رىئال تەرەققىياتىغىلا مەھكەم باغلىنىپ قالمايدۇ ھەم تارىخىي چىنلىقنى بەدىئى چىنلىقتىن يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىپ قويمايدۇ. بەلكى روماندىكى ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ نەتىجىسىنى، ئوبرازلار خاراكتىرىنىڭ چوڭقۇر مەنئىۋىي قاتلاملىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتە بايانىي خاراكتىرلىك باھا، تەسىرات شەكلىدىلا ئىپادىلەپ قويماي، ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ نادىر لىرىك شېئىرىي ئۈلگىلىرى بىلەن قېزىپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. بۇ خىل ئۇسلۇب روماننى ناھايىتى زور كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئېرىشتۈرگەن بولۇپ، بۇ شېئىرلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئىدولوگىيىلىك مەنئىۋىي قاتلاملار ۋە ئىنساننىڭ روھىي تاكامۇللىقى ھەققىدىكى مەنئىۋىي ئىزدىنىش داۋانلىرى ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە مەزكۇر روماندا ئەكس ئەتتۈرۈلىۋاتقان زىددىيەت بۆھرانلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ كۈلتۈر ئاساسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇ شېئىرلارنىڭ ئەسەر ئوبرازلىرى ئارقىلىق بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ ئەسەرنىڭ بەدىئى ئېستېتىك سۈپىتىگە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرنى بېغىشلىغان. ئەڭ ئالدى بىلەن، رومانغا سترولۇق تۇيغۇ بېغىشلىغان بولۇپ، بايانى ئەسەر بولغان تارىخىي رومانغا لىرىك شېئىرىي كەيپىيات بېغىشلاپ، يازغۇچىنىڭ ۋەقەلەر بايانىدىكى ئوبېكتىپ، ئىدراكى، سالماق بايان كەيپىياتىنىڭ ئەسەر ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان سوبېكتىپ، ھىسسىي، لىرىك كەيپىياتقا تويۇنىشىغا ئاساس سالغان. يازغۇچىنىڭ ئىديىۋىي ھىسسىياتى گەرچە ۋەقەلەر بايانىغىمۇ سىڭگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن كەيپىيات ئوخشىمايدىغان بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ئەسەر قۇرۇلمىسىدىكى بۇ خىل دادىل سىنىقى نەتىجىسىدە ئەسەر لىرىك ھىسسىياتقا شۇنداقلا مەنئىۋىي تۇرمۇش كەيپىياتىغا تويۇنغان. نەتىجىدە بىزنىڭ كۆرگىنىمىز يازغۇچىنىڭ سوبېكتىپ كەيپىياتى ۋە ئوبرازلار كەيپىياتىنىڭ ئەسەر قۇرۇلمىسىغا بىرلىكتە بىر پۈتۈن، تولۇق قاتنىشىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

روماننىڭ بۇ خىل بايان ئالاھىدىلىكى روماندا ئىپىكا ۋە لىرىكىدىن ئىككى خىل ژانىرنىڭ بىر – بىرىگە سىڭىپ مۇكەممەل بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. بايانچىلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، يازغۇچى ئەسەردە تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پېرسۇناژلارنىڭ دىئالىكتىك مۇناسىۋىتى ئارقىلىق بەدىئى تىپىكلىككە ئېرىشكەن، كىلاسسىك لىرىك شېئىرلار ياردىمىدە ئۆزى ئىنتىلگەن غايىنىڭ يارىتىلىشى، تىپىك ھىسسىيات، كەيپىيات، روھى ھالەت قاتارلىقلارنى بەرپا قىلغان. بۇ خىل ئېپىكىلىق ۋە لىرىكىلىق ئېستېتېك تۇيغۇنى بىرلا ۋاقىتتا بەدىئى ئىجادچانلىق بىلەن ئىپادىلەش يازغۇچىنىڭ سەئىدىيە تارىخىي ۋەزىيىتىنى تارىخىي ماتىرىياللار، تەزكىرىلەر ئارقىلىقلا ئىگەللەپ قالماي، كىلاسسىك بەدىئى نەمۇنىلەرنىڭ ياردىمىدە مەنئىۋىي، ئىدولوگىيىلىك مەدەنىيەت مۇھىتى ھەققىدە تەقلىدى، تۇيغۇدىكى چىنلىققا ئېرىشىشكەنلىكى ۋە بۇلارنى بەدىئى تەسەۋۋۇر، بەدىئى ئىجادچانلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئىجادىيەت ئېستېتتىكىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بۇ خىل ئىجادىيەت ئېستېتىكىسى يازغۇچىنى ئۆزىمۇ ئاڭلىق يوسۇندا ھىس قىلىپ كېتەلمىگەن بەدىئى زىمىنغا باشلاپ كىرگەن بولۇپ، تارىخىي روماننى كۈچلۈك ئىپوسلۇق خاراكتىرىگە ئىگە قىلغان.

يازغۇچى ئۆز رومانىدا ئېپوس بايانچىلىقىدىكى لىرىكا ۋە ئېپىكىلىق بايانلارنىڭ ئەركىن قوللىنىشىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنى مەلۇم تەرتىپتە ئىپادىلەيدۇ. ئېپوسلاردا بۇ خىل ئەركىنلىك قېلىپسىز ھالەتتە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، ياسىنجان سادىقنىڭ ئىجادىيىتىدە بۇ خىل ئەركىنلىك ۋەقە – ھادىسىلەر ۋە ئوبرازلارنىڭ ئەسلى تەرەققىيات تىزگىنىگە تاپشۇرۇلغان دىيىش مۈمكىن. خېيدىگېر ئىپوس ھەققىدە“ ئەسلىدىكى ئوبېكتىپ ھالەت(كۆرۈنۈش) بويىچە ئوبېكتىپ شەيئىنى تەسۋىرلەش“ تە دەپ كۆرسىتىپ “ بىر خىل كەڭ دائىرىلىك ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ ئۆزلىكىدىن تەرەققى قىلىدىغان شەكىلنى قوللىنىپ، ئەسلىدىنلا مۇكەممەل بولغان ھەركەت ۋە بۇ ھەركەتنى ئېلىپ بارغۇچى پېرسۇناژنى تەسۋىرلەش“[1] دەپ كۆرسىتىدۇ. «جاللات خېنىم» رومانىدا بىز ياسىنجان سادىقنىڭ نەسرىي بايان ۋە لىرىك باياندىن ئىبارەت قوش لىنىيىدىن پايدىلىنىپ، “ كەڭ دائىرىلىك ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ ئۆزلىكىدىن تەرەققى قىلىدىغان “ شەكىل ياراتقانلىقىنى، “ ئەسلى مۇكەممەل بولغان ھەركەت“ نى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، قەھرىماننىڭ دەۋرنى ئەمەس، دەۋرنىڭ قەھرىماننى يارىتىدىغانلىقىدەك ئوبېكتىپ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەرنىڭ يەنىلا بەدىئى ئېستېتىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرىمىز.

بىزنىڭ«جاللات خېنىم» رومانىنى ئىپوسلۇق خاراكتىرىگە ئىگە دەپ باھا بېرىشىمىز يازغۇچىنىڭ بايان ماھارىتىگە نىسبەتەن ئېيتىلغان. يازغۇچى ئۆز بايانلىرىدا تارىخىي تەجرىبە ۋە توقۇلما باياننى ئورگانىك بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرىدۇ. تارىخىي تەجرىبە بايانلىرىنى ئۆتكەن زامان، تارىختىكى ھەقىقى چىن ۋەقە، ئەمەلىيەت، زامان، ماكان ۋە بۇلارنىڭ سەۋەپ نەتىجىلىك مۇناسىۋەتلىرى تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇلار سيۇژېت ۋە ۋەقە دېتاللار  ياردىمىدە روياپقا چىقىدۇ. تارىخىي تەجرىبە بايانىنىڭ يەنە بىر تەرەپىدە تەقلىدى، تۇيغۇدىكى چىنلىق تۇرىدۇ، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن زاماندىن تارتىپ يازغۇچى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتقىچە بولغان مۇھىت، ئىجتىمائى، سىياسىي، پىسخىكىلىق، ئىدولوگىيىلىك، ھەركەتتىكى ئۇقۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سيۇژىتسىز بايانلاردا ئىپادىلىنىدۇ. روماندىكى توقۇلما بايانى يازغۇچىنىڭ ئىدىيىۋىي ئەخلاق ۋە بەدىئى ئېستېتىك غايىسى بولۇپ، رومانتىك، غايىۋىي دۇنياسى، مۇھەببەت – نەپرەت ھىسسىياتى، تەلپۈنىشلىرى مانا بۇ خىل بايانغا سىڭىپ كەتكەن. بۇ خىل باياننىڭ يەنە بىر تەرەپى ئىدراك ئالىمى، ئەخلاقى قىممەت ھەققىدىكى ھاياجانلىشىدا يازغۇچىنىڭ قەلبىدىكى ئوتنى كىتاپخاننىڭ قەلبىگە يەتكۈزىدۇ. روماندىكى سيۇژېتلار ئارىسىغا قىستۇرۇلغان كىلاسسىك شېئىرى نەمۇنىلەر روماندا ئىپادلەنگەن تەقلىدى، تۇيغۇدىكى چىنلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدىكى ۋە توقۇلما بايانننىڭ ئىزچىللىققا ئىگە بولىشىدىكى ماددىي شەكىل سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.

«جاللات خېنىم» رومانىدا غايەت زور ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە بەدىئى ئومۇملاشتۇرۇش ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، مىللەتنىڭ ھايات – ماماتلىق تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقە – ھادىسىلەرنى تارىخىي بايان ۋە توقۇلما باياننىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى ئارقىلىق روياپقا چىققان ناھايىتى كەڭ، چوڭقۇر زامان ماكان كۆرىنىشىدە ئىپادىلەيدۇ. بۇ يىرىك ئەسەرلەرنىڭ ئىپوسلۇق خاراكتىرىگە يېتىشىدىكى بىرىنچى پەللە. روماندىن بۇ خىل ئىجادىيەت مەنزىلىگە يېتىشتىكى تىرىشچانلىقنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

بەزى يازغۇچىلارنى تارىخىي تېمىلاردىن پايدىلىنىپ، ئەدەبىي شەكىل ۋە تىل نۇقتىسىدا ئىپادىلەش ماھارىتىنى نامايەن قىلدى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيىسى تارىخنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ، تارىختىكى ھەم بۈگۈنكى ئاساسىي ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلغاچقا، بۇ خىل ئەسەرلەردە ئىدراكى چىنلىقنى ئىگەللەش نىسبەتەن ئاسان بولىدۇ. يەنە بەزى يازغۇچىلار تارىخى رومانچىلىقتا يەتمەكچى بولغان پەللىسى تارىختا ئاساسىي ئېقىم تەرەپىدىن ئىنكار قىلىنغان ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇ خىل ئىنكارنى پوزىتسىيىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن قىممەت ھۆكۈملىرى بولۇپ، بۇ يازغۇچىنىڭ ئىدىيىدە تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى قىممەت قاراشلىرىنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى، ئىجادىيەتتە ئۆزلىكىدىن ھالقىپ، يۈكسەك بولغان ئىدراكى چىنلىق بەرپا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئاتالمىش “ جاللات خېنىم“ ئوبرازى تارىخىي مۇرەككەپلىككە تولغان ئوبراز بولۇپ، ئۇ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرى ۋە خوجىلار دەۋرىدىكى ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە شەخس. ئۇيغۇر تارىخىدا بۇ شەخسكە غەيرى سىياسىي نۇقتىدىن( دىنىي ئىدولوگىيىنىڭ سىياسىغا ئارىلىشىشىدىن شەكىللەنگەن) ۋە تار دائىرىدىكى ئىسلام ئەخلاقى نۇقتىسىدىن ”جاللات“، ”قانخور“ دىگەندەك باھالار بېرىلگەن بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنى قانلىق باستۇرغان تەرەپىنى كۆرگەن.  بىزگە يېتىپ كەلگەن ئاز بىر قىسىم تارىخىي ماتىرىياللاردا ۋە خەلق ئارىسىدا بۇ ئوبرازغا ئىجابىي باھا بېرىلمىگەن، ھەتتا بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەردىمۇ بۇ ئوبرازنىڭ سەلبى تەرەپلىرىلا تەسۋىرلەنگەن.[2] بۇ خىل قىممەت ھۆكمىنىڭ مەيدانغا كېلىشى دەل بۇ شەخسنىڭ تارىختىكى ئاساسى ئېقىم تەرەپىدىن ئىنكار قىلىنغانلىقىنى دەلىللەيدىغان پاكىتتىن ئىبارەت. بۇ يەردە بۇ خىل ئاساسىي ئېقىمنىڭمۇ مۇرەككەپلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. جاھالەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى سۇفىلار دەۋرىدە مۆھتىرەم خېنىم مەلۇم خىل سىياسىي ئىدىيە، سىنىپىي مەيدان كۆزقارىشىغا ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارشىسىدىكى دىنى گۇرۇھنىڭ سىياسىي گۇرۇھقا ئايلىنىشى ۋە كۈچىيىشى نەتىجىسىدە مۆھتىرەم خېنىم ۋۇجۇدىدىكى ئىجابىي قىممەت ئاجىزلاشقان ۋە مۇقىملىقىنى يوقاتقان. سىنىپىي جەمىيەتتە مەلۇم سىنىپنىڭ ئومۇمىي مەنپەتىگە ماس بولغان نەرسىلەر ياخشىلىق، ئەكسىچە بولغانلىرى يامانلىق دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، مۆھتىرەم خېنىمنىڭ سەئىدىيە خاندانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن  خاندانلىققا ئاساسىي تەھدىت بولىۋاتقان خوجىلار مۇرىتلىرىنى قانلىق باستۇرىشى نەتىسىدە ئۇنىڭ سەلبى قىممەت ھۆكمىگە ئېرىشىپ قېلىشى ناھايىتى تەبىئى. ھەرقانداق مەسىلىنى ئەخلاقىي نۇقتىدىن باھالاش، كۈزىتىشكە ئادەتلەنگەن خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قان تۆكۈش گۇناھ، بۇنىڭ ئۆزىلا مەلۇم شەخس ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا يېتەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمىيەتنىڭ رىئالنى تەلىۋى ھەمىشە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۆز دەۋرى سىياسىي، ئىجتىمائى، ئىدولوگىيە مۇھىتى مۆھتىرەم خېنىم سەلبىي ئوبرازىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا تولۇق شارائىت يارىتالايدۇ.

ياسىنجان سادىق “ جاللات خېنىم“ ئوبرازى ھەققىدە نۇرغۇن ئىزدىنىشلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تارىختىن تا ھازىرغىچە بۇ شەخس ھەققىدىكى سىياسىي ۋە ۋە ھەر خىل بىرتەرەپلىمىلىككە ئىگە ئەخلاقى ھۆكۈملەرنىڭ تەسىرىدىن تولۇق ئازات قىلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىدولوگىيە كۈلتۈرى نۇقتىسىدا قايتا كۈزىتىپ، بۇ ئوبرازنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان. مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازى مىللەتنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت، ئىدولوگىيىسى ۋە ئۇ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئوردىنىڭ ئاكتىپ سىياسىي كۆزقاراشلىرىنىڭ نەتىجىسى شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ ئوبرازنى ئىگەللىشىدىكى زامانىۋىي ئاڭ يۈكسەكلىگىنىڭ ئۆزارا يۇغۇرۇلمىسى دىيىشكە بولىدۇ. مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازى مەدەنىيەت، ئىدولوگىيە ۋە سىياسىي ئاڭنىڭ قوش تەسىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئوبراز بولۇپ، ئۇ ئۆز ئەجداتلىرىغا ئوخشاش ئەلەم (سىياسىي ) بىلەن تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇشنى، دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ خەلققە، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى، قەلەم (مەدەنىيەت) بىلەن  ئالاھىدە تارىخىي داۋۇلغۇش يىللىرىدا تۇرۇۋاتقان خەلقنىڭ ئىدىيە ماڭقۇرتلىقىنى تۈگىتىشنى ئىستەيدۇ. لېكىن بۇ يەردە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، “ جاللات خېنىم“ سىياسىيون ئەمەس، ئۇنىڭ ئەلەمگە قىزىقىشى، ئۇنى سەئىدىيە خانلىقىدىكى داڭلىق سەركەردىگە، سىياسىنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرغان بولسىمۇ ئۇنىڭ سىياسىي ئاتموسفىرا ۋە سىياسىي يۈزلىنىشنى ئىگەللىيەلەيدىغان ھەقىقى سىياسونغا ئايلىنىشى تارىخىي ئەمەلىيەتتە مۈمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ روماندا باشتىن – ئاخىر سىياسىي ھەققىدىكى غايىۋىي كۆزقاراشلىرىنى ئەنئەنىۋىي ئەخلاقى – ئېتىكا، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە ۋە رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىشى بۇ ئوبراز ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قوش قاتلاملىق خاراكتىرنىڭ ئېچىلىشىدىن ئىبارەت. سىياسىي غايە سىياسىغا تەڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازىدىكى بۇ سىياسىي غايە سەئىدىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي مۇھىتتا  ھەرىكەتكە ئايلىنىشى مۈمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى سىياسونغا ئايلىنىشىدىن ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى مۇتەپپەككۈرگە، بۈگۈنكى سۆزىمىز بىلەن ئېيتقاندا زىيالىغا ئايلىنىش مەنزىلى يېقىنراق تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ خاراكتىرىدە ئىپادىلەنگىنى“ ھوقۇق ۋە كۈچكە راست سۆزىنى ئىيتالايدىغانلىقى“، ئۇنىڭ“ بولۇپمۇ چوقۇم مەڭگۈ ھازىرقى ئەھۋالغا قارشى تۇرىدىغانلىقى“ دا ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ بۇ خىل يولنى تاللىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سىياسىي يولنى تاللىشى ئەمەس بەلكى دەۋرنىڭ ئۇنىڭ خاراكتىر سۈپىتىنى بەلگىلىشى ئىدى. چۈنكى “ جاھالەت دەۋرىدە، زىيالىلار دائىم ئۆز مىىللىتى كىشىلىرى تەرەپىدىن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، شۇ مىللەتنىڭ ئازاپ – ئوقۇبەتلىرىگە يېتىشى ۋە شاھىت بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.“ [3] مۆھتىرەم خېنىمنىڭ ئاخىرىدا سىياسىي يولنى تاللىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ خاراكتىر سۈپىتىگە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنئىۋىي دۇنياسىدىكى “ ئىسيانكارلىق“ نىڭ سىياسىي قىممەتتە ئەمەس، ئەخلاقىي قىممەتتە كۆپرەك ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك. بۇ خىل قىممەت مايىللىقىنىڭ ئۇنىڭ سىياسىي سەھنىگە چىقىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ”قىساس ئېلىش“ خاراكتىرىدىكى ”سىياسىي ھەرىكەت“ تە ئىپادىلىنىشى  ئۇنىڭ ھاياتىي تراگىدىيىسىنىڭ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ”جاللات خېنىم“ دىن ئىبارەت خاراكتىر قىممىتىنىڭ ئوبېكتىپ تامغىسى بولۇپ قالدى.

مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازىدا تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئىلغار تەرەپلىرى ئىپادىلەنگەن، ئۇ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ گۇمران بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆز دەۋرى ئىجتىمائى، سىياسى مۇھىتىنى ئىگەللىشى ۋە كونتۇرۇل قىلىشى مۈمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسىي تىرىشچانلىقلىرى مەۋجۇت رىئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە مۈمكىن بولغىنىدا ئىدى، بۇ ئوبراز شۇ تارىخىي دەۋردىلا ئىجابىي قىممەتكە ئىگە قەھرىمان ئوبرازغا ئايلانغان بولاتتى. بىراق ئۇنىڭ رىئاللىقنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازىنىڭ تارىختىن بۇيان لەنەت تۈۋرىكىگە مىخلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەپ. گەرچە بۇ ئوبراز بىزدىن زامان ئارىلىقى ناھايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ ئۇنىڭ روھىي ئەرۋاھى ئۇيغۇر ئىدولوگىيە، سىياسىي تارىخىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە بولغان ھەر بىر سەھىپىسىدە ئۇچرىتىش مۈمكىن. مانا بۇ تارىخنىڭ تارىخ ياراتقۇچىلار ئۇچۈن ئاچچىق كىنايىسى، تارىخنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەقسەت مۇددىئاسىغا پۈتۈنلەي ئاكتىپ بويسۇنمايدىغانلىقىدەك لوگىكىسى.

مۇھىمى يازغۇچىنىڭ ئېپوس خاراكتىرىدىكى پەللىگە ئېرىشىشتىكى بەدىئى ۋاستىسى بىزنىڭ تەھلىل يۈرگىزىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.  يازغۇچىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشى يەنە ئۇنىڭ مىللىي خاراكتىر، مىللىي روھ، مىللىي ئېتىقاد ۋە مىللىي غورۇر سۆيىنىشى ئىلكىدىكى ئىندىۋۇدال ئوبرازلار سېستىمىنى يارىتىشقا تىرىشقانلىقىدىنمۇ كۆرىۋېلىش مۈمكىن. ئەگەر روماندىكى ئوبرازلار سېستىمىسىنى ئوبرازلارنى ئەنئەنىۋىي زوقلىنىش ئادىتىمىز بويىچە ئوبرازلارنىڭ ۋەزنى ۋە سۈپىتى بويىچە تۈركۈملەرگە ئايرىشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىمىز. مۆھتىرەم خېنىمنىڭ باش پېرسۇناز بولالىشى ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ۋەقە – ھادىسىلەرنى ئىزچىل تەشكىللىشىدە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئوبرازىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدىيە يۈكسەكلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئوبرازنىڭ ئەسەر سيۇژىت قۇرۇلمىسىدا ھىلى كۆرۈنۈپ ھىلى غايىپ بولىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ياش، جىنىس، كىملىك خاراكتىرىگە ماسلاشقان. يازغۇچى ئۇنىڭ خاراكتىرىگە سەئىدىيەنىڭ ئوبېكتىپ تارىخى ھەم بۇ ئوبېكتىپ تارىخ تىندىنسىيىسى  تەسىرىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىدولوگىيە تارىخى ھەققىدىكى ئىدراكى تەپەككۈرىنى يىغىنچاقلايدۇ. ئادەتتە بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىدىيىسى  يازغۇچىنىڭ سوبېكتىپ ئىدىيىسى ۋە ئەسەرنىڭ ئوبېكتىپ ئىدىيسىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سوبېكتىپ ئىدىيە يازغۇچىنىڭ ياراتقان ئوبرازلىرى ئارقىلىق ياراتماقچى بولغان ئىدىيىسى، ئوبېكتىپ ئىدىيىسى بولسا ئەسەردىكى ئوبراز ۋە ئوبرازلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىگەن ئىدىيىسىدىن ئىبارەت. روماندا بۇ خىل سوبېكتىپ ئىدىيە يازغۇچىنىڭ ئۆز ئوبرازلىرىغا بولغان مايىللىقىدا، ئەسەرنىڭ ئوبېكتىپ ئىدىيىسى بولسا بۇ ئوبرازلارنى ئوراپ تۇرغان ماددى ۋە مەنئىۋىي مۇھىت، سيۇژېت، دېتاللارنىڭ چىنلىقىدا ئىپادىلەنگەن. يازغۇچى روماندا ئۆزىنىڭ سوبېكتىپ ئىدىيىسى ۋە ئەسەرنىڭ ئوبېېكتىپ ئىدىيىسى ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان ئەسەر ئىدىيىسىنى بەدىئى تەشكىللەش ئەمگىگىدە بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىك مۇناسىۋىتىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەن، بولۇپمۇ مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازغا يازغۇچىنىڭ چىن ھىسسىياتى، مايىللىقى سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا، ئوبرازنىڭ روماندىكى ئورنى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر يەنىلا جانلىق، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ئوبرازغا ئايلانغان. يازغۇچىنىڭ يەنە باشقا ئوبرازلارنى يارىتىشتا ھەركەت ئىدىيىگە، ئىدىيە خاراكتىرغا تەڭ  دەپ قارايدىغان ئاددىلاشتۇرۇش خاھىشىدىن، ئەخلاقىي نۇقتىدىن ئىجابىي سەلبىي ئوبرازلار لاگىرى ياساش قېلىپىدىن ھالقىشتا ئىپدىلەنگەن ئوبراز يارىتىش ئالاھىدىلىكىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك.

بۈگۈنكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىلدە باشقا مىللەتلەر پروزىچىلىق ئەندىزىسى تەسىرىنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقى ئوبېكتىپ ھەقىقەت. «جاللات خېنىم» رومانىنىڭ مۇكەممەل بەدىئى قۇرۇلمىسى شۇنداقلا مىللىي ئالاھىدىلىكلەرگە باي بولغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئۇنىڭ ئىپوسلۇق خۇسۇسىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن شۇنداقلا يېڭى ئەسىردىن كېيىنكى تارىخىي رومانچىلىقىمىزنىڭ ئەڭ نادىر بەدىئى سەۋىيىسىنى نامايەن قىلغان ئالاھىدىلىكى دىيىشكە بولىدۇ. روماندا بىز ھەم تارىخىي شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز ھەم تارىخىي ۋەزىيەت، كەيپىيات، مەدەنىيەت، ئىدولوگىيە، ئۆرۈپ – ئادەتلەر بىلەن تونۇشىمىز. روماندىن بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز ئالدىنقىسىغا قارىغاندا كېيىنكىسىنىڭ بەدىئى تەسىرى زورراق تۇرىدۇ.   بۇ يەردە بىز شۇنى بايقايمىزكى مەزكۇر رومان باشقا رومانلارغا ئوخشاش تارىخىىي ۋەزىيەتتىكى قەھرىمان شەخسلەرنىڭ تارىخنى تەشكىللىشىدەك ئاكتىپ پائالىيەتچانلىقىلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئوبرازلارنىڭ تارىخىي ئۇرۇنۇشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇرخۇن مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىمىزمۇ شەخسلەر تەزكىرىسىگە بېغىشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تېكىستتە بەزىدە كۆرۈنۈپ، يەنە بەزىدە يوقاپ تۇرىدۇ. تېكىستە ئىزچىل تۇرىدىغىنى يەنىلا خەلق ۋە خەلق تەقدىرى، تارىخ، مەۋجۇدلۇق، ئېتىقاد، ئىرادە، ھايات ھەققىدىكى چوڭقۇر سۇئاللار. بۇ سۇئاللارنىڭ نېگىزىگە تەڭرى، تەبىئەت ھەققىدىكى ئەجداتلار پەلسەپەسىنى ئۈگۈنمەي يېتىش مۈمكىن ئەمەس.«جاللات خېنىم» رومانىنىڭ بەدىئى قۇرۇلمىسىدىكى ئوبرازلارنىڭ ئورنىنى بۇنىڭغا سېلۇشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەسەردە بەزىدە پەيدا بولۇپ بەزىدە يوقاپ كېتىدىغان ”جاللات خېنىم“ ئوبرازىنىڭ ئارقىدا ئۆز خەلقى ۋە مىللىتى تەقدىرىگە، ئۆز دەۋرىگىلا ئەمەس كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى بۇ ئوبرازنىڭ تىپىكلىككە ئېرىشىشىدىكى ئىچكى ئاساس.

قىسقىسى، «جاللات خېنىم» رومانى يازغۇچى ياسىجان سادىق چوغلان ئىجادىيىتىدىكى بىر بۆسۈش خاراكتىرىدىكى ئەسەر بولۇپلا قالماي ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدىكى يېڭى بىر پەللە دىيىشكە ئەرزىيدىغان ئەسەر. روماندا يەنە بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىجتىمائى تارىخىي، دىنىي، پەلسەپىۋىي، ھەربىي، جۇغراپىيە، فولكلور، تىلشۇناسلىق قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلار بار. بۇلارنى تەتقىق قىلىش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش تارىخىي رومانچىلىقتىن ئىبارەت بۇ قوش جىنسلىق ژانىرنىڭ سەنئەت ۋە مەدەنىيەت رولىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشىمىز ھەم بىزنىڭ مىللىي ئەدەبىي ژانىر بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىشىمىزگە تۈرتكە بولالايدۇ.

2008 –يىل 1-ئاي

ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: « تەڭرىتاغ » ژورنىلى 2009 – يىلى 3- سان.


[1] (گېرمانىيە)خېيدىگېر ،《ئېستېتىكا》، 3-توم ، (ئىككىنچى قىسمى)جۇ گۇئاڭچىئەن تەرجىمىسى، 99 – بەت،  بېيجىڭ، شاڭۋۇ نەشرىياتچىلىقى. 1991 يىل.

[2] تۇرسۇن يۇنۇس《قانلىق يىللار》دراممىسى، ئەخەت تۇردى《بەختسىز سەئىدىيە》رومانلىرىغا قاراڭ.

[3] (ئامېرىكا) ئېدۋارد سەئىد  《زىيالىلىق توغرىسىدا》، دان دېشىڭ تەرجىمىسى، 14، 15، 40  -بەتلەر. بېيجىڭ، سەنلەن كىتاپچىلىقى، 2002 – يىل نەشرى.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif