نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » « سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى(2)

« سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى(2)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 31 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 1,042 قېتىم


داستاننىڭ تۆتىنچى بۆلىكى  شائىر تراگىدىيە ئېڭىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، رىۋايەت بىلەن ئووتتۇرىغا قويولغان شېئىرى تراگېدىيە شائىرنىڭ تەپەككۈرىدە قەدىم بىلەن كېيىنكى ئەسىرلەرنى، ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى ئۇلايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ساددا ھايات ۋە تەبىئەت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، رىئاللىققا يۈزلىنىپ، ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇيدىغان بىر پەللە سۈپىتىدە نامايەن قىلىنغان. ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇش باشقىلارنىڭ پاجىئەسىنى كۆرگەندە كۈچىيىدۇ. دىمەك، پاجىئە ۋاستە بولىدۇ. « كېتىك شەھىرىنىڭ قۇمغا غەرق بولىشى » تەكلىماكان تراگىدىيەسىنىڭ  بىر قىسمىلا خالاس. شائىر سەنئەتكار سۈپۈتىدە بۇ خىل تراگىدىيەنى ئېستېتىك قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىش بىلەن پەلسەپىۋىي تەپەككۈرگە تايىنىپ تراگېدىيەنىڭ مەھەللىۋىي – مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ.

      سۇ ئىلاھى قۇدرەت كۈچىنى

     كۆرسىتىدۇ فىروزەسىمان .

   داستاننىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە تەكلىماكان ۋە چۆل روھىنى تەسۋىرلىگەندە ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ قۇرغاق مۇھىتى بىلەن ئىچكى جىپسىلىققا ئىگە بولۇپ، شائىرنىڭ شائىرانە تەسەۋۋۇرىغا زادىلا بېقىنمىغان سۇ ئوبرازى بۇ بۆلەكتە رەسمى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۆللۈكتە قەدىمدىن بۇيان سۇ مەسىلىسى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شائىر داستاندا بۇ مەسىلىنى ئاقما ھىساۋات شەكلىدە ياكى لىرىكىدىن ئايرىلغان ئىپىكىلىق بايان شەكلىدە ئوتتۇرۇغا قويماي بەلكى شېئىردا ھىسسىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغان. شېئىردىن كۆرىمىزكى شائىر داستاندا مۇھىتنىمۇ يازغان، لىرىكىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. بەزىلەرنىڭ قارىشىدا پەلسەپىۋى شېئىرلاردا شېئىرى شەكىل ئارقىلىق پەلسەپىۋىي قاراشلار سۆزلىنىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ خاتا. پەلسەپىۋىي شېئىرلارنىڭ ماھىيىتى— كۈچلۈك لىرىكا ئىچىگە چوڭقۇر پەلسەپىۋىي ھىكمەتلەر سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ.  « سالغا تېشى» دەل مانا مۇشۇنداق ئىجادىيەت مۇددىئاسى ئورۇندالغان مۇنەۋۋەر داستان.

قۇم چېچىپ يۈرگەن ياۋايى تۆگە،

تۆگە يەنە بىر سالغا تېشى،

بۇ يەر ئۈچۈن چۈشىشى،

بۇ يەر ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىشى،

ئۇتتۇرۇش ئەمەس زۇۋانسىزلىقى،

چۆلدە يۈرگىنى ئەمەس غاپىللىقى.

   داستاننىڭ بېشىدا چۆل ۋە ئىنسان تەقدىرى سالغا تېشىغا  سىموۋۇل قىلىنغان بولسا، داستاننىڭ 5 – بۆلىكىدە تۆگە سالغا تېشىغا سىموۋۇل قىلىنىپ، شائىرنىڭ تەقدىر قارىشىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتىرىدۇ. شائىرنىڭ تەپەككۈرىدىكى تەقدىر قارىشى تاللاشتا ئەمەس، —— ياشاشتا؛ تىز پۈكۈشتە ئەمەس، —— باتۇرلۇقتا؛ غاپىللىقتا ئەمەس —— ئاڭلىق قوبۇل قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ھايات پەلسەپەسىنى پەقەت چۆل خەلقىنىڭ تەبىئەت بىلەن بىرلەشكەن ئوبراز ئىدىئالى ——  دەشتتىن تۆرەلگەن تۆگە ئوبرازى ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

   رىۋايەتلەر ئارقىلىق يىراق تارىخ ۋە ئۇنى ياراتقۇچىلارنىڭ روھى كەچمىشلىرىنى سەكرەتمە شەكلىدىكى شېئىرى بوشلۇقلۇقلارغا، تاشقى شەكىل ئالاھىدىلىكىگە قارىغاندا ئىچكى رېتىمدارلىققا ئىگە قىلىنىشى داستاننىڭ ناھايىتى چوڭ مۇۋاپىقىيىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شائىرنىڭ تۆگە ھەققىدىكى رىۋايىتى يەنىلا ئىنسان ۋە ئىنسان روھىغا ئىچكىرىلەش ئۈچۈن. ئۆتمۈشنىڭ شانۇ – شەۋكىتى، تارىخنىڭ سەلتەنىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنىلا روھلار كەچمىشى، روھلار نامايىشى، روھلار تاللىشى. شائىر  ئەجداتلارنىڭ ھاياتلىق  سەپىرىدىكى يارىتىش ۋە يوقۇتۇش، ئىلگىرىلەش ۋە چېكىنىشلەرنى لىرىكىلىق مۇھاكىمىگە تاپشۇرۇپ، روھنى بارلىق ماددى ۋە ئىجتىمائى جەريانلارنىڭ نېگىزىنى ئېنىقلاشنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە:  

   بىز ئىنسان، بىز كىبىر ئىچىدە،

روھى بىلەن كەلدۇق ئېتىشىپ.

    دەپ تەسۋىرلىسە، ئارقىدىنلا ئەجداتلارنىڭ ھەر بىر روھى پارلاقلىقىنى  پەخىرلىنىش بىلەن ئەسكە ئالىدۇ:

  ئۇ بۈگۈنگە ئايلانغان قەدىم،

يىراق دېڭىزغىچە بارغان، راست.

يېرىم ئۇخلاق ياۋروپاغا،

يىپەك يېپىندۇرغان، راست.

بۇشېئىرىي جۈملىلەر بىزنى زوقلاندۇرىدۇ،تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇ خۇددى داراپېر ئېيتقان« ئەگەر ياۋروپا ئىدىيىلىرى باكتىرىيە ئارقىلىق يىراق شەرققە تارقالغان دەيدىكەنمىز، ئوخشاشلا ئاسىيا چۈشەنچىلىرى ئاشۇ قانال ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقالغان » [1]  دىگەن سۆزنىڭ  شائىرنىڭ شېئىرىي ھىسسىياتى بىلەن تويۇنۇپ، لىرىكىلىق شەكىلدە شېئىرىي تۈستە ئىپادىلىنىشىدەك كۆرىنىدۇ. لېكىن شېئىرنىڭ بىزنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىشى يىپەك يولىنىڭ ئىللىنىزىملىق [2] مەدەنىيەت ھادىسىسىدىكى  ئاكتىپ پائالىيەتچانلىق ئورنىىغا بولغان قايىللىق ۋە ھۆرمەتنىڭ شائىرنىڭ ھىسسىيات بۇلىقىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقانلىقى، شېئىردىكى ئىماگ، سىموۋۇل، مەنئىۋى مۇھىتلار  بىلەن بىرلىشىپ بىزنى بۇ خىل ھىسسىياتنى ھىس قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

 كۆپ خىل ۋە قاتلاملىق ئىماگلارنىڭ يارىتىلغانلىقى «سالغا تېشى » نىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. ھەرقانداق شېئىردا ئىماگ بولىدۇ، گەپ ئىماگنىڭ چوڭقۇر يارىتىلغان ياكى يارىتىلماسلىقىدا. داستاننىڭ 6 – بۆلىكىدە بىزنى شېئىرنىڭ مەنە قاتلىمىغا باشلاپ مېڭىۋاتقان شېئىرى كۈچنىڭ شائىرنىڭ سوبېكتىپ دۇنياسىدا  مەلۇم خىل يۈكسەكلىكلەرگە، زاماننىڭ قىسمىتى،  ماكان (  ۋەتەن ) نىڭ قىممىتىگە تەڭداش بولۇپ كېلىۋاتقان ئىماگلار قاتارى ئىكەنلىكىنى  كۆرىمىز.

ئابىھايات تامغان توغراقلارغا

مىڭ يىل ياشايدۇ تىك تۇرۇپ،

مىڭ يىل ياشايدۇ يانچە يېتىپ،

مىڭ يىل ياشايدۇ قىغى، تۆرىلىپ ….

توغراق، توغراق يېشىل روھمىكىن،

                      لەيلەشلىرى كۆركەم ۋە نازۇك.

  شېئىردىكى توغراق ۋە باشقا ئىماگلار ئاساسەن تەبىئەت دۇنياسىدىن ئېلىنغان ئىماگلار بولۇپ، ئۇلار مۇستەقىل  ئوبېكتىپ مەۋجۇتلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسان مەۋجۇتلىقىغا تايىنىپ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ ياكى ئادەملەرنىڭ خوشاللىق – قايغۇلىرى ئۇلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ. بىراق بۇ ئىماگلار بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئېستېتېك تەجرىبىسى  ۋە مەنئىۋىي پەزىلەت سۈپىتىنىڭ تەسىرىدە چۆللۈك ۋە چۆل ئادەملىرىنىڭ  ئەڭ يۈكسەك ھاياتىي قۇۋۋىتى ۋە مەنئىۋى قۇدرىتىنىڭ سىموۋۇلىغا ئايلىنىدۇ.                                                                                    

   داستاننىڭ بۇ بۆلىكىنى شېئىرنىڭ ئەۋجى قىسمى دىيىش مۈمكىن. چۈنكى شائىر بۇ بۆلەكتە چۆللۈك ھەققىدە، مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى، قىسمىتى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت روھى، قەھرىمانلىق قاراشلىرى ۋە باشقىلار توغرىسىدا باشقا بۆلەكلەردىكىدەك ئۈزۈك زامان ھالىتىدە  ئوتتۇرىغا قويماستىن، بىر پۈتۈنلۈكتە ئىپادىلەيدۇ. شېئىردىكى پەلسەپىۋىي تۈس بارغانچە قېنىقلىشىپ، شائىرنىڭ ھىسسىياتىغا مەنبە بولۇۋاتقان مىللى مەدەنىيەتنىڭ  ماددى ۋە روھى تارىخى قىياپەتلىرى گۈزەل لىرىكىلىق ئوبرازلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

داستاننىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە شائىرنىڭ توختىماي يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان لىرىك ھىسسىياتى  قېنىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن  پۈتۈن شېئىردا ئىزچىللىقا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان شېئىرى كەيپىيات،  شېئىرى مۇھىت يەنىلا داۋاملىشىدۇ. ئىخچام، شېئىرى بوشلۇقلارغا ئىگە شېئىرىي جۈملىلەر شائىرنىڭ تېخى بىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقان تەكلىماكان، تارىم ۋە مىللەتنىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلىرى تېخى ئاخىرلاشمىغاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ…

 سىموۋول «سالغا تېشى » داستانىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش  ئۇسۇللىرنىڭ بىرى. «سالغا تېشى» داستاننىڭ ماۋزۇسى ۋە داستاندىكى سىموۋۇل ئاساسى بولۇپ، ئۇ داستاندا شائىرنىڭ پۈتۈن ئالەم ۋە تەبىئەت ھەققىدىكى ئومۇمى قاراشلاردىن  چۆل ۋە ئىنسان ھەققىدىكى پەلسەپىۋىي پىكىرلەرگە بۇرۇلىشىدىكى سىموۋۇللۇق ئوبراز بولغان.

      تەقدىرنىڭ سالغا تېشىغا،

     ئوخشاپ قالىدۇ چۆل بىلەن ئىنسان.

      ئۇنىڭدا بار يارىلىش، ئۇدۇم،

      كەلدى ياشاپ مۆجىزىسىمان.

داستاندا «سالغا تېشى» تەڭداش ھالدا چۆل ھەم ئىنساننىڭ سىموۋۇللۇق ئوبرازى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. شائىرنىڭ شېئىرىي تەپەككۈرىدىكى بۇ خىل تەسەۋۋۇر تەبىئەت ۋە ئىنساننىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىنىڭ گارمونىيىلىك ھالدا ئېچىپ بېرىلىشى بولۇپ، شائىرنىڭ شېئىرى تەپەككۈرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىۋاتقان مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىل مەنبەلىك ھەم شۇنداقلا مىللىلىككە تويۇنغانلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. شۇنى كېسىپ ئوتتۇرىغا قويۇش مۈمكىنكى، « سالغا تېشى » داستانى ئەسىر ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت تۈسىگە ۋە مىللىي روھ مەزمۇنىغا ئىگە بولغانلىقىنى جاكالىدى. داستاندىكى يەرلىك مەدەنىيەت ۋە مىللىي روھ ماكان ۋە زاماننىڭ تەرەققىيات تارىخى جەريانى ۋە  ئۇنىڭ كېسىشمىسى، يۇغۇرۇلمىسى ئارقىلىق «تەكلىماكان» مەدەنىيىتىنىڭ بەدىئى مەنزىرىسىنى نامايەن قىلىدۇ. داستاندا ئۆتمۈشنىڭ ئىپتىدائى مەنزىرىلىرى ۋە«تەكلىماكان» ئادەملىرى ياراتقان مەدەنىيەت سەمەرىلىرى ئۆزارا گىرەلىشىپ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلسا، بۇ مەدەنىيەت تارىخىغا باغلانغان ئىنسانلار توپىنىڭ ئىشەنچ، ئۇدۇم، ئېتىقادى شۇنداقلا تاللاش ۋە شاللاشلاشلىرى، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى مەردانە، ئوچۇق – يورۇق شۇنداقلا قىزغىن، ئۈمۈتۋار كەيپىياتنى تەبىئى ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. داستاندا يۇقىرىقى ئىككى تەرەپ ھەرگىزمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىلمىگەن بولۇپ، بىر- بىرى بىلەن يۈكسەك ئىچكى جىپسىلىققا ئىگە قىلىنىپ تويۇنغان خاراكتېر گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ.

چۆل بىلەن ئىنسان ئوبرازىنىڭ داستاندا جىپسىلىشىپ كېلىشى، تەكلىماكاننىڭ قۇرغاق مۇھىتى، چۆل بوستانلىقلىرى، ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى شۇنداقلا ئۇلارغا باغلانغان ئىنسانلار توپىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە شېئرىي ئوبرازغا  ئايلانغان مۇجەسسىمى. داستاندىكى ئۆتمۈش مەنزىرىلىرى ۋە رىۋايەتلىرى، ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى خىلمۇ – خىل شېئىرىي ئوبراز ۋە ئىماگلار ئارقىلىق ناھايىتى گۈزەل شېئىرىي مۇھىتنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ خىل شېئىرىي مۇھىت ئوقۇرمەننى قەيسەر، مەردانە شۇنداقلا ھاياجانلىق روھىي ھالەتتە يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، بۇ خىل يۈكسەكلىكنىڭ تەسىرىدە «سالغا تېشى» داستانىنىڭ ئىپتىدائى مەنزىرىلەر، ئۆتمۈش رىۋايەتلىرى ۋە ياكى ئاللىقانداق مەدەنىيەت سەمەرىلىرى، ئېتىقات، ئۆرۈپ – ئادەتلەرنى ئەمەس بەلكى مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي تىندىنسىيەلىك روھى ھالىتىنى ئېچىپ بېرىشكە بېغىشلانغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. مانا بۇ مىللىتىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق روھىي خاراكتېرى بولۇپ، ئۇ كۈندۈلۈك كۈلتۈر ئادەتلىرىمىز، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق تارىخ ۋە كەلگۈسىگە تۇتىشىدۇ. 

تەكلىماكاننىڭ قۇرغاق مۇھىتى چۆل ئادەملىرىنىڭ جىسمانى قۇدرىتىنى تاۋلاش بىلەن روھ – ئىدراكىنى پاكىزلىغان، يەرلىك مىللىي مەدەنىيەت بىلەن كىرمە مەدەنىيەتلەرنى يۇغۇرۇپ ئۆزگىچە تەكلىماكان مەدەنىيىتىنى ياراتقان. چۆل بوستانلىقلىرى بۇ يەردىكىلەرگە ئىدراك ۋە ھىسسىيات ئاتا قىلغان، ئۆزلۈك ۋە ئۆملۈكنى، تەبىئەتنى سۆيۈشنى ئۈگەتكەن. تەكلىماكاندىكى دەريالارنىڭ ئانا تۇپراقتىن باشلىنىپ، يەنىلا ئۈن – تىنسىز ئانا تۇپراققا سىڭىپ كېتىشى تەكلىماكانلىقلارغا سەۋرى-تاقەت، جاسارەت، باتۇرلۇق، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تونۇتقان. مانا بۇلار «سالغا تېشى»داستانىنىڭ سىموۋۇللۇق مەنىسى.

  داستان كىلاسسىك داستانچىلىقىمىزدىن كەسكىن پەرقلەنگەن. شائىرنىڭ ئىستىلى ھەققىدە يەنە شۇلارنى دىيىش مۈمكىن؛ شائىر بۇغدا ئابدۇللا بۇ داستاندا ئۇزۇن يىللىق شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە شەكىللەندۈرگەن لىرىكا ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرغان. داستان پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە روھىنى ئۆزىدە تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن بولسىمۇ، ئېپىكىنى ئەمەس لىرىكىنى ئاساس قىلغان. ئەنئەنىۋىي ئىجتىمائى ئەخلاق تېمىسى ئەمەس، چاغداش دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئۆزلۈك ھەققىدە، مەدەنىيەت ھەققىدە ئزدىنىش ئاساسى لىنىيە قىلىنغان. شائىرنىڭ پىكرى چاقماقتەك تېز، ئۆزگىرىشچان، ھاياجانلىق بولۇپ، ئېستېتىك جەھەتتىن يۈكسەكلىك ۋە تراگېدىيە بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ شائىرنىڭ شېئىرىي ئىندۇۋىدۇئاللىقى ھەم شائىر قەلبىنىڭ ئېچىلىشىغا تولۇق ئىمكانىيەت ياراتقان.     

قىسقىسى، «سالغا تېشى» مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى مىللەتنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تەپەككۈرىنى ئىچكى ئىجادىيەت مەنبەسى قىلغان. پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خاس بولغان ھاياتلىق ۋە مەدەنىيەت روھى بىلەن مىللەتنىڭ مىللى- ئىتنىك مەدەنىيەت مەنبەلىرىنىڭ كېسىشمىسىدە ھاياتلىق ھەقىقەتلىرى ۋە روھى ھەققىدە ئىزلىنىلگەن. شېئىرىيەت نۇقتىسىدىن كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئىنسان روھىنى مەركەز قىلىدىغان تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ يېڭى شېئىرىيىتىمىزدىكى نادىر ئۈلگىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شېئىرى شەكىل، شېئىرى ئوبراز، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي تىل، بەدىئى غايە قاتارلىق جەھەتلەردە شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ يېڭى بىر بەدىئى دۇنياسىنى بەرپا قىلغان.

«سالغا تېشى» ئالدىنقى ئەسىردىن يېڭى ئەسىرگە قارىتىپ ئېتىلغان. ئۇ ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتنىڭ بەدىئى سېپىللىرىدىن قاڭقىپ چىقالىدى. ئىشىنىمىزكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى ئېنىرگىيەسى بارغانچە كۈچىيىدۇ . چۈنكى  « شېئىر  مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ » .[3]

پايدىلانغان ماتىرىياللار :

1 . بۇغدا ئابدۇللا ئەسەرلىرىدىن تاللانما (1)  «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق »  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004 –يىلى  8 – ئاي 1- نەشرى.

2. بۇغدا ئابدۇللا ئەسەرلىرىدىن تاللانما ( 2) «كومزەك كۆتۈرگەن قىز »  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004–يىلى  8 – ئاي 1- نەشرى.                          

3. « قەشقەردىكى يەر شارى » ،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى 12 – ئاي 1 – نەشرى.

4 . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《 ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997 – يىل 8 – ئاي 1 – نەشرى.

5 . بۇغدا ئابدۇللا « شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ »،   شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى     2002 –يىلى     10 – ئاي 1- نەشرى.         

 

 2005 – يىلى 26 – ئىيۇن


[1]  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《 ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》، 52 –بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997 – يىل 8 – ئاي 1 – نەشرى.

[2] ئېللىنىزىم  —  ئىلىن (گرېك ) مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان، گرېكلەشكەن دۆلەتلەر دەۋرىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەتنى كۆرسىتىدۇ.)يۇقىرىقى كىتاپ 53-بەت)

[3]  بۇغدا ئابدۇللا « شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ »،   شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 2002 – يىلى 10 – ئاي 1- نەشرى.         

 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. قەھرىمان روزى ئەرچىن مۇنداق يازغان:

    بۇ تەقرىزىڭىز ناھايىتى ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ.
    سالغا تېشى داستانى ھەققىدە يېزىلغان تەقرىزلەر ئىچىدە، مەن ئوقۇغان ئەڭ مۇكەممەل تەقرىز.

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      مەرھابا قەھرىمان روزى ئەرچىن بلوگىمغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن، كۆپرەك پىكىر بېرەرسىز،(ۋاقتىدا جاۋاپ يازالمىدىم، كەچۈرۈڭ. )مەزكۇر ماقالە ھەققىدىكى ئىنكاسىڭىزغا رەخمەت، لېكىن بۇ ماقالىمۇ ماقالە يازغۇچىسىغا ئوخشاش نۇرغۇن كەمچىلىكلىكلەرگە ئىگە.

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif