نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەدەبىي زوق،
ئەدەبىي زوقنىڭ  ئالاھىدىلىكلىرى

ئەدەبىي زوقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 5 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 827 قېتىم


ئەدەبىي زوقلىنىش بىر خىل بىلىش پائالىيىتى بولۇپ، بىراق سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئوبرازچانلىقى، ھىسسىياتچانلىقى شۇنداقلا كىتاپخاننىڭ ئەسەر ئوقىغان ۋاقتىدىكى تەسىراتى ۋە تونۇشى ئەلۋەتتە پەن -تېخنىكا ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئوخشاشمايدۇ. پەن تېخنىكا ئەسەرلىرىدە دەلىل ۋە ئىسپاتلار تولۇق بولغاندىلا باشقىلارنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ ئەمما ئەدەبىي ئەسەرنى ئوقىغان ۋاقىتتا، ئەسەرنىڭ ئېنىقلىقى، تەسىرلىك بەدىئى ئوبرازلار تەرىپىدىن مەستخۇش بولىمىز ياكى تەسىرلىنىمىز. شۇڭا ئەدەبىي زوق باشتىن ئاخىر ئوبرازدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىزچىل كۈچلۈك ھىسسىياتقا ھەمرا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىدراكى پائالىيىتى باشتىن – ئاخىر ھىسسىي پائالىيەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بىر خىل ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۈرنى ئاساس قىلغان بەدىئى بىلىش پائالىيىتىدىن ئىبارەت.

[ تەپسىلاتى ]