2016-يىللىق خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تېمىسى: سۈپەتلىك مائارىپ، تىل ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمى
-
2016-يىللىق خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تېمىسى: سۈپەتلىك مائارىپ، تىل ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمى
ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 7541 قېتىميانفوندا كۆرۈش
تەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
ئانا تىل كۆپ خىل تىل لايىھەسىدىكى سۈپەتلىك مائارىپنىڭ ئاساسىي تەلىپى، ئۇ ئەسلىدىنلا ئامما ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھوقۇقىنىڭ ئاساسىدۇر.
----ئىرىنا بوكوۋا: ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى
2016-يىللىق ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تېمىسى: سۈپەتلىك مائارىپ، تىل ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمى
بۇ يىلقى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تېمىسى 2030 سىجىل تەرەققىيات كۈن تەرتىپىنىڭ 4-مۇددىئاسى بىلەن بىردەك بولۇپ، دەسلەپكى مائارىپتا مۇۋاپىق بولغان تىل ئوقۇتۇشىنى (بولۇپمۇ ئانا تىل) تەكىتلەشتە مۇھىملىققا ئىگە. بۇنداق بولغاندا، تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ۋە يەرلىك تىللار مائارىپ پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بولۇپمۇ قىز-ئاياللار ۋە بالىلار؛ يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش ۋە ئىجاد قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوگما يادىلاش ئۇسۇلىنى تاشلاپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.
2000-يىلى 2-ئايدىن بىرى، ھەر يىلى تىل ۋە مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى شۇنىڭدەك كۆپ خىل تىل قوللىنىلىدىغان خەلقئارا كۈنى ئېلىپ بېرىلىدى. بۇ كۈن 1952-يىلىنىڭ مۇشۇ كۈنى، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ بېنگال تىلىنى ئەينى ۋاقىتتىكى پاكىستاندىكى ئىككى مىللەت تىلىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساقچى تەرىپىدىن بېنگالنىڭ پايتەختى داككادا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كۈنىدۇر.
تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىلسىز، شەكىللىك مىراسلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال. ھەر خىل تىل تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى تىلنىڭ كۆپ خىللىشىشى ۋە كۆپ خىل تىل مائارىپىغا پايدىلىق بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق چۈشىنىش، سىغىشىش ۋە دىئالوگلىشىش ئارقىلىق دۇنيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://www.un.org/zh/events/motherlanguageday/
-----------------
بۈگۈن خەلقئارا ئانا تىل كۈنى دەپ ئۈندىداردا بىر كۈن ھاياجانغا چۆكۈپ، ئەتە سىيىپ كىرىپلا ئۇخلاپ قېلىپ، ئاندىن ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتكەندىن كۆرە، ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن بولسىمۇ، كۈندە يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئانا تىلدا ئەسەر ئوقۇسا، مەنچە ئانا تىلغا بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت بولسا كېرەك.---ئىلقۇت: يانكىتاب تورى (www.yankitab.com)
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كەسىپتە بىرگە ئىشلەشكە بولمايدىغان 10 خىل كىشىلە
2015-06-07 14:40:016055مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
2015-06-07 14:01:396101ئانا تىل يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئانا تىلچىلار
2015-05-18 23:56:376923ئىگىلىك تىكلىگۈچى، كارخانىچى، مۇتەپپەكۇر، سىياسى
2015-06-24 10:13:5611453ئاۋاتار ۋە ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى
2016-06-07 00:55:281755«كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دىن تەسىرات
2015-06-23 13:24:336908كۆپۈك رومانىدىن ئۈزۈندە
2015-06-07 14:06:586860سالوننى يېزىقچىلىقىڭىزنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى قىلىۋ
2016-08-03 13:17:27377
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-