مىكرو بلوگ ۋە بىزدىكى مىكرو بلوگچىلىق
-
مىكرو بلوگ ۋە بىزدىكى مىكرو بلوگچىلىق
ۋاقتى: 2016-11-01 ئاۋاتلىقى: 6198 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىر ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تورچىلىقى خېلى يامان ئەمەس تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تورچىلىقى نۇرغۇنلىغان ئوت يۈرەك ياشلىرىمىزنىڭ ھاردىم-تالدىم دېمەي تىرىشىشى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئاساسىي جەھەتتىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىنتېرنېت تەرەققىياتى بىلەن ماسلىقنى ساقلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىنتېرنېت تور تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بەلگىلىك ھەسسىسىنى قوشىۋاتىدۇ. بۇ بىر ئادەمنى خۇرسەن قىلىدىغان ياخشى ئەھۋال. گەرچە بىزگە ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدىكى شەيئىلەردىن مۇنبەر نىسبەتەن بالدۇر كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىنتېرنېت مەھسۇلاتى بولمىش بلوگ ئۇقۇمى بىر مەزگىللىك تۇرغۇنلۇقتىن كېيىن ئاندىن سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان ، بلوگ ئۇقۇمى تۈزۈك ئومۇملاشماي تۇرۇپلا، ئۇچقاندەك تەرەققىياتنىڭ تۈرتكىسىدە، مىكرو بلوگ ئۇقۇمى سىڭىشكە باشلىدى ۋە دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭمۇ ياخشى قوللاپ بېرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە مىكرو بلوگلارمۇ تەدرىجىي بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىزمۇ ئانا تىلىمىزدا مىكرو بلوگ يازالايدىغان مىكرو بلوگنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتۇق. ئەمما بىزدە مىكرو بلوگ ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچە ئايدىڭ ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ مىكرو بلوگ ھەققىدىكى قاراشلىرى پەقەت ئەڭ ئىپتىدائىي ھالەتتىلا تۇغۇنلۇق ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.
مەن بۇ ئىنكاسنى كۆرۈپ نېمە دېيىشىمنى زادىلا بىلەلمەي قالدىم.
مەن ئالدى بىلەن مەزكۇر تور تېخنىكا شىركىتىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بىزنى نىسبەتەن تۇراقلىق، ئابونت سانى نىسبەتەن كۆپ بولغان مىكرو بلوگ سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ جەھەتتە، بۇ تور تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭمۇ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتىمىز. ئۇ قېرىندىشىمىزمۇ تورداشلارغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىمەن دەپ كۆپ جاپا چېكىۋاتىدۇ ۋە توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئەمما مەزكۇر تور تېخنىكا شىركىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك بىر ئىنكاسنى يېزىشىنى زادىلا توغرا چۈشىنەلمىدىم. ئەجىبا مەزكۇر مىكرو بلوگىدا تۇغۇلۇشىدىنلا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ تۇغۇلغان، زاكىسىدا چولپانغا ئايلانغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بولغان سەنئەتچىلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلساق بولىدىكەنۇ، ئەمما مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن كەسپىي مەزمۇنلاردىن خەۋەر بەرسەك، خەلقىمىزنى پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىسەك بۇ ئاتالمىش «ئېلان» بولۇپ قالىدىكەن.
بۇنى زادى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ مەزكۇر تور تېخنىكا شىركىتى كەڭ تورداشلار ئۈچۈن مىكرو بلوگ سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈنلا، مۇشۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟ يەنە بىر مېنى ئويلاندۇرۇۋاتقان مەسىلە، مەزكۇر تور تېخنىكا شىركىتىنىڭ مۇنبىرىگە مۇنبىرىگە ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ يازمىلىرىدىن تاللاپ يوللىسام تەستىقلىمايدىيۇ، ئەمما باشقىلار ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ يازمىسىنى مەنبەنىمۇ ئەسكەرتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يوللىسا تەستىقلىنىدۇ. بۇنى يەنە قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
مەن پەقەت مۇنۇ سوئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، تورداشلارنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىپ قالدىم.
1. مىكرو بلوگ دېگەن نېمە؟
2. مىكرو بلوگنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمە؟
3. مىكرو بلوگنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى نېمە؟
4. مەزكۇر تور تېخنىكا شىركىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى سەل بېكىنمىچىلىك قىلمىشىمۇ قانداق؟
5. مەن بىنورمالمۇ ياكى جاھان شۇنداق بولۇپ كەتتىمۇ؟تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مىللىتىمىز ئىچ ئاغرىتىش دەرىجىسىگە باردىمۇ؟
2015-06-07 15:05:257395تىلەمچىنىڭ ئارزۇسى
2015-10-22 02:04:517162بىلوگ مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى
2015-06-24 10:09:228892ئۆز-ئارا ئىناق بولغان مۇھىت يارىتىشنىڭ 10 تۈرلۈك
2015-06-23 12:03:266985خوش-خەۋەر: «شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق فىلىم رەسمىي
2015-07-26 01:10:3817788«قۇم باسقان دېڭىز» پوۋىستىدىن تەسىرات
2015-06-07 13:56:467380لىفىت ۋەقەسى ۋە بىخەتەرلىك ھەققىدە
2015-07-31 00:45:2817763ھايات چاقچىقى(1)
2015-06-23 12:19:238198
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-