ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىم بولغىلى بولىدۇ(3)

قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىم بولغىلى بولىدۇ(3)

ۋاقتى: 2016-11-08 ئاۋاتلىقى: 7628 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەرجىمە قىلغۇچى ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسدىن:

ئادالەت غوپۇر

تەھرىر: ياسىنجان مەترۇزى ئىلقۇت

بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىم بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

بىرىنچى، ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار نېمە ئىش قىلىش ياكى قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىشى لازىم. ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى كونكىرت خىزمەت ۋە ئىشلار بولماستىن بەلكى باشقۇرۇشتۇر. باشقۇرۇش بولسا ئادەم باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، باشقىلارنىڭ كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ مەلۇم خىزمەتنى تاماملاش.

باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى ئاساسلىق پىلان تۈزۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش، رەھبەرلىك قىلىش، كونتىرول قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى پىلاندۇر، ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار بىر تەرەپتىن رەھبەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەپچىللىك بىلەن قىسمەن تاكتىكىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. مەزكۇر بۆلۈمنىڭ نىشانىغا ئاساسەن ۋە شۇ تارماقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ماس پىلان تۈزۈشى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرشى لازىم. پىلاننى يۇقىرى تۆۋەنگە يەتكۈزۈپلا قالماي، پۇتۇن كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىشى، خىزمەتچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ پىلاننى ياخشى ئەمىلىيلەشتۈرۈشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا بۆلۈملەرنىڭمۇ ماسلىشىشىنىمۇ قولغا كەلتۈرۈپ، پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ئۇلارنىڭ يەنە مەزكۇر بۆلۈمنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە تۈرنىڭ تەرەققىيات مەسلىھەتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلار تەشەببۇسكار، ئىجابىي، ئالغا ئىلگىرلەيدىغان بولغاندىلا شىركەت ئاندىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ.

ئىككىنچى، ئوتتۇرا قاتلام باشلىقلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى كوللېكتىپنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش. يالغۇز بىر ئادەم يەككە كۆرەش قىلماستىن بەلكى ئادەم كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خادىملارنىڭ خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشۇرۇپ، بارلىق خادىملارنىڭ يوشۇرۇن كۇچىنى تولۇق ئويغاتقاندىلا خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئۇلار يەنە خادىملارنى تەربىيەلىشى كېرەك. ئۇلار ئوقوغۇچىسى تۇنجى قېتىم يولغا چىققاندا ئۇلارنى ياخشى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەر قانداق خىزمەت پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تەربىيەلەش ۋە يىتەكلەشنى ئاساس قىلىپ خادىملارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلىشىغا ياردەم قىلىشى لازىم. خىزمەتتە مەسىلە كۆرۈلگەندە ئۇلارغا ياخشى مەسلىھەت، قوللاش ۋە ئىلھام بېرىپ، ئىككى تەرەپ تەڭ مۇنازىرلىشىشى، ھەتتا خىزمەتتىكى ئېغىر خاتالىقلارنى ئاشكارىلاپ، ھەر قانداق خاتالىقلارنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە ھەل قىلغاندىمۇ، خادىملارنى تەربىيەلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. خادىملارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئۇلار خىزمەتنى مۇستەقىل ئورۇنلىيالايدۇ.

ئۈچىنچى، ئۆزىنى توغرا تونۇشى كېرەك. ياخشى روھى كەيپىيات يىتىلدۈرۈپ، ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە كۆز قارىشىنى يېڭىلىشى لازىم. ياخشى پۇرسەت كەلگەندە بەس-بەس بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش، مەسىلىگە يولۇققاندا بولسا ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋېلىشتىن، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋېلىشتىن، ياكى بولمىسا باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئاكىتىپچانلىق بىلەن ھەل قىلغاندا، خاتالىقنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان بۇنداق يامان ئىدىيەنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

تۆتىنچى، ئېچىۋېتىلگەن پسىخىكا ۋە ئۆگىنىش روھى ھالىتى بولۇش كېرەك. شىركەت ۋە شەخسنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان خاتا چۈشەنچىدىن تولۇق ھالقىپ چىقىش ئۈچۈن، خادىملار كۆڭلىدىكى ھەرخىل خىياللارنى چىقىرىپ تاشلىشى، كىبىرىنى تاشلىشى، بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىدىن ۋاز كېچىشى، كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى، باشقىلارغا سەمىمىي بولۇشى، ئىدىيەسى ئوچۇق باشقۇرغۇچى بولۇشى، كارخانا بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇشى كېرەك.

بەشىنچى، ياخشى نازارەت قىلىش. ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار شىركەت قائىدىسىگە، تەرتىپىگە ۋە ئۆلچىمىگە تولۇق بويسۇنۇش ئاساسىدا، ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ”چوڭقۇرلاش، سەرخىللاش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، تەرتىپلەشتۈرۈش“ قاتارلىقلارنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، خادىملارنى قېلىپلىق باشقۇرۇش لازىم. پەقەت قېلىپلىق باشقۇرغاندىلا، خادىملارنى مۇۋاپىق نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىپ كېتىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. پەقەت خادىملارنىڭ سەۋەنلىكى ۋاقتىدا تۈزىتىلگەندىلا، ئۇلار ياخشى خىزمەت ئادىتى يىتىلدۈرەلەيدۇ.

ئالتىنچى، باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم قول ئاستىدىكىلەرگە ئۆرنەك بولۇشى لازىم. باشقۇرۇش ياخشى بولمىسا نۇرغۇن كىشىلەر شىركەت سىتراتېگىيەسى ياخشى ئەمەس، تۈزۈم مۇكەممەل ئەمەس، تەرتىپ قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئەمما ھالقىلىق مەسىلە يەنىلا باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۇقىرى تۆۋەننى ياخشى باغلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىنى ئۈنۈملىك ئادا قىلىش قىلالماسلىقىدا. ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى باشقىلارغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار پرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى، ئۆزى ئۆلگە بولۇشنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرشى كېرەك، پەقەت مۇشۇنداق قىلالىغاندىلا كوللېكتىپنى بىر كۈچلۈك ئېجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە كوللېكتىپ قىلىپ چىققىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ”سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ“، شۇنداقلا پۈتۈن كوللېكتىپتا پاسسىپ ۋە ئۈمىدسىز كەيپىيات پەيدا قىلىپ، كۆڭۈلسىز نەتىجىلەرنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ھەر ۋاقىت قول ئاستىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويالايدىغان، ھەر قانداق ئىشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئۆزى ئېرىشىشنى خالىمىغان نەرسىلەرنى باشقىلارغا تاشلاپ بەرمەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇلار ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق خادىملار ئارىسىدا ئابروي تىكلىشى لازىم. شۇنداق قىلالىغاندىلا پۈتۈن كوللېكتىپنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

داۋامى بار….

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى