ئۆي سېتىۋېلىش، كەسىپكە مەبلەغ سېلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەتچىلەرنىڭ تاللىشى
-
ئۆي سېتىۋېلىش، كەسىپكە مەبلەغ سېلىش ۋە مۇۋەپپەقىيەتچىلەرنىڭ تاللىشى
ۋاقتى: 2016-09-28 ئاۋاتلىقى: 6234 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاخشام بىرى مەندىن ھازىر ئۆي سېتىۋېلىشقا قۇربىڭىز يېتەمدۇ؟ دەپ سوراپ قالدى! (ئەمەلىيەتتە بۇ سوئال يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئوخشىمىغان ئادەمدىن ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا قايتا-قايتا سورالدى.) مېنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىم تۆۋەندىكىچە:
مېنىڭ ھازىر ئۆي سېتىۋېلىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ، ئەمما بۇ مېنىڭ كەلگۈسىدىمۇ ئۆي سېتىۋالالمايدىغانلىقىمغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەگەر مېنىڭ ھازىر ئۆي سېتىۋېلىشقا قۇربىم يەتكەن تەقدىردىمۇ مەن ھەرگىز ھازىر ئۆي سېتىۋالمايمەن. ئەكسىچە ئۆي سېتىۋالىدىغان شۇ پۇلنى مەبلەغ قىلىپ كەسىپكە مەبلەغ سالىمەن، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆيدىن بىر نەچچە يۈرۈش سېتىۋالساممۇ بولىۋېرىدۇ، ئەلۋەتتە كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، يەنە كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىم بولغاندا ئۇلارنىڭ نامىدىمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ئۆي سېتىۋالالايمەن. ئەگەر ھازىر شۇ ئۆي سېتىۋېلىشقا بولىدىغان پۇلنى كەسىپكە مەبلەغ سالماي، ئۆي سېتىۋالسام، بەلكىم كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىمگە ئۆي سېتىۋېلىپ بەرگۈدەكمۇ قۇربىم بولماسلىقى مۇمكىن.
ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىگە يوللانغان بىر ماقالىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ماقالە ھازىرقى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر نەچچە مۇۋەپپەقىيەتچىنىڭ ياشلىقىدىكى تاللاش مەسىلىسى ھەققىدە ئىكەن، قارىغاندا مېنىڭ تاللاش قارىشىم ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاللاش لوگىكىسىغا ئاساسەن چۈشىدىكەن.
98-يىلى ما خۇاتېڭ قاتارلىق بىر قانچىسى بىرلىشىپ 500 مىڭ يۈەن جۇغلاپ تېڭشۈن شىركىتىنى قۇرغان، ھەرگىزمۇ ئۆي سېتىۋالمىغان.
98-يىلى شى يۈجۇ 500 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ناۋبەيجىننى بازارغا سالغان، ھەرگىزمۇ ئۆي سېتىۋالمىغان.
99-يىلى دىڭ لېي 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ 163.com نى قۇرغان، ھەرگىزمۇ ئۆي سېتىۋالمىغان.
99-يىلى چېن تيەنچىياۋ پايچېكى ئويناپ 500 مىڭ يۈەن تېپىپ، شېڭدانى قۇرغان، ھەرگىزمۇ ئۆي سېتىۋالمىغان.
99-يىلى ما يۈن قاتارلىق 18 ئادەم 500 مىڭ يۈەن جۇغلاپ ئالى بابا شىركىتىنى قۇرغان، ھەرگىزمۇ ئۆي سېتىۋالمىغان.
ئەگەر ئۇلار ئەينى يىلى بۇ 500 مىڭ يۈەنگە ئۆي سېتىۋالغان بولسا، ھازىر ئۇلار بەلكىم تېخىچە شۇ بانكىنىڭ قەرزىنى تۆلەپ بولالماي ئۆتكەن بولار ئىدى…
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كارخانىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېقىپ كېتىشى ھەقق
2015-06-07 13:52:008077«ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن» دىن تەسىرات
2015-06-23 12:00:007390[كۆچۈرۈلمە] كارخانىچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيى
2016-08-15 10:00:221144تېنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە
2015-05-19 01:10:077787لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ \"ئېنتېرنېت +\" ھەرىكەت پىلانى
2016-01-11 20:48:1411236ئىنتېرنېت دەۋرىدە رىقابەتچىڭىزدىن تېز سۈرئەتتە ھ
2016-10-30 12:38:42440مۇنەۋۋەر كىشىلەر كۆپ، ئەمما ئورنىغا باشقىلارنى د
2015-10-31 04:36:229949لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-06-07 13:45:317524
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-