بلوگ ھەققىدە تاقا-تۇقۇ پاراڭ
-
بلوگ ھەققىدە تاقا-تۇقۇ پاراڭ
ۋاقتى: 2016-10-17 ئاۋاتلىقى: 6865 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بۇ يىل بلوگىرلارغا بايرام بولامدۇ نېمە؟ بۇ يىل كىرگەندىن بېرى ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەننىڭ مىكرو بلوگ ئېچىپ خەلقنىڭ دەردىنى ئاڭلىشى، شىنجاڭ خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بلوگ، مىكرو بلوگ ھەققىدە سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيۇشتۇرۇشى، مانا ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە سەندىن مەن قالامدىم دېگەندەك شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشى ئاخىرى كېلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم (كەسپىي كىشىلەردىن ئەڭ يۇقىرى ئونۋانلىق بلوگىر، ئەلۋەتتە، بۇرۇن جېك ئىدى.) نىڭ بلوگىرلار سېپىگە قوشۇلۇشى، بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن كەسپىي ساھەدىكىلەرنىڭ بلوگ ئاچماسلىقىغا خاتىمە بەردى.
مېنىڭچە، بۇنىڭدىن كىيىن يۇقىرىقىدەك تەشۋىقات ۋاستىسىنىڭ رولى ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمدەك كەسپىي كىشىلەرنىڭ بلوگ ساھەسىگە قېتىلىشى بىلەن، بىزنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى يېڭى بىر مەدىنىيەت __ ئۇيغۇر بلوگ مەدىنىيىتى ۋۇجۇدقا كەلگۈسى!
كەمىنە بلوگ ساھەسىگە تۇنجى قەدەم قويغان ۋاقىت 2008-يىلى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا جېك بلوگىنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇپ بلوگ ئىشياقى چۈشكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن سەندىن مەن قالارمەنمۇ دېگەندەك بلوگ سېپىگە قېتىلغانلاردىن ئىدىم. دەسلەپ دەۋر بلوگىنى يېزىپ بىر مەزگىل تەرەققىي قىلغاندىن كىيىن، ئىلقۇت دېگەن بۇ ئىسىمدا بلوگ يېزىپ كېلىۋاتىمەن.
ئىلقۇت بلوگىنىڭ ئاساسلىق تەرەققىيات نىشانى ئىقتىساد، باشقۇرۇش ئىلمى (MBA)، مىللىي كارخانىلار ھەققىدە، جەمئىيەت كۈزىتىش ھەققىدە شۇنىڭدەك كەمىنىنىڭ بەزىبىر تاقا-تۇقۇ پاراڭلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كەسپىي ھالدا ئىقتىساد، باشقۇرۇش ئىلمى (MBA)، مىللىي كارخانىلار توغرىسىدىكى دېيىلمىلەرنى تۈپ نىشان قىلغان، بىر قەدەر كەسپىيلەشكەن بلوگ.
ھازىر كەمىنە بىر قەدەر ياقتۇرىدىغان بلوگلاردىن: يۈكسەل بلوگى، تەپەككۇر بلوگى، قىسمەت بلوگى، شاھ ئۇيغۇر بلوگى، ئۇيغۇربەگ بلوگى، جېك بلوگى شۇنىڭدىن يېڭىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان بلوگلار بار.
بلوگنى قانداق يېزىش كېرەك؟ دېگەن سۇئالغا نىسبەتەن، ئىلقۇت بلوگىدا بلوگ ھەققىدە خېلى يازمىلار يوللانغان، ئەگەر قىزىقساڭلار نەزىرىڭىلارنى ئاغدۇرۇپ باقساڭلار بولىدۇ.
يېقىندىن بېرى، بلوگ بەكلا كەسپىي بولۇپ كەتتىمۇ بىلمىدىم، بلوگ دېگەنگە ئانچە-مۇنچە تاقا-تۇقۇ پاراڭلارنىمۇ يېزىپ قويمىسا بولمامدۇ نېمە؟ قارىسام بلوگنىڭ زىيارەت سانىدا ئازراق ئېغىش باردەك قىلىدۇ. ياكى تورداشلار ئۆزىنىڭ تەلىپى بولسا ئوتتۇرىغا قويمىدى، تورداشلارنىڭ تەلىپى بويىچە «تەلەپ ۋە تەقدىم» ئۇسلۇبىدا بلوگ يازىدىغان گەپمۇ يە؟
ئەستا، ماۋۇ يازمىنىڭ تېمىسىنى تاقا-تۇقۇ دەپ قويۇپ، ئېغىزىمدىن سا چىكەتتىمۇ نېمە؟ راستىنلا تاقا-تۇقۇ بولۇپ كېتىپتىغۇ بۇ پاراڭلار، شۇنداق بولسىمۇ توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇر
2015-06-07 13:42:137122ھەمبەھر ئىگىلىكى ئەندىزىسى دېگەن نېمە
2016-09-25 21:36:24839گېرمانلار روھى: (1) پادىشاھ بىلەن تۈگمەنچى
2015-08-22 12:16:0910626ئادەم، توختاۋسىز ھاياتلىق يولىدا ھاياتلىقنى ئۈزل
2015-05-18 23:37:386355ۋىتۋىلاق ۋە بىز
2015-05-19 00:19:416356سىزدە \"ھاۋالە ئىدىيەسى\" بارمۇ؟
2015-05-19 01:06:008357قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام با
2015-06-07 13:36:236620مۇئەللىم شىركىتىنىڭ بازار ئېچىش لاھىيەسى ھەققىدى
2015-06-07 14:20:146518
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-