ئادەم، توختاۋسىز ھاياتلىق يولىدا ھاياتلىقنى ئۈزلۈكسىز چۈشۈنۈپ يېتىدۇ…
-
ئادەم، توختاۋسىز ھاياتلىق يولىدا ھاياتلىقنى ئۈزلۈكسىز چۈشۈنۈپ يېتىدۇ…
ۋاقتى: 2016-09-28 ئاۋاتلىقى: 6361 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەسەر تەمىنلىگۈچى: ئالمىرە ئىسھاق
ئەسلى ئەسەر (خەنزۇچە) مەنبەسى: ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرى
بىر ئىنسان بەختكە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، بەك ئەقىلىقمۇ، بەك ئەخمەقمۇ بولماسلىقى كېرەك، دېمەك ئەقىللىق بىلەن ئەخمەقلىق ئۇتتۇرىسىدىكى ھالەت ئەڭ ئاقىلانىلىق، يەنى بۇ ئەقىل-پاراسەتتۇر.
ئەقىلىيە سۆز: سەن بەك ئەقىللىق بولۇپ كەتسەڭ كىشىلەر ئاسانلا سەندىن ئېھتىيات قىلىدۇ، ياكى ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئەخمەق بولساڭ سېنى كولدۇرلىتىدۇ، دېمەك ھەر ئىككىلىسى سەمىمىيلىكتىن يىراق…
شۇڭا بەزىدە ئەتراپقا ئېنىقسىزراق مۇئامىلە قىلغانمۇ ياخشى.
ئادەم ئىشلىتىش پاراسىتى: ئالدى بىلەن دانىشمەن، كېيىن ئېسىلزادىلەر، ئۇنىڭدىن قالسا پاراسەتسىزلەر بولسىمۇ ھەرگىز تېگى پەس قەبىھ كىشىلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى كىشىلەر داۋاملىق ئۇچىغا چىققان ناچار ئادەملەردىن ياخشى سۈپەت بولىۋالغان ساختىپەزلەر قۇرقۇنچلۇق دەيدۇ.
سۆيگۈڭ بولمىسا ئۆزىڭنى تارت، سۆزلىگۈڭ كەلمىسە ئاغزىڭنى يۇم، نەپرىتىڭ بولمىسا كۆڭۈل-كۆكسىڭنى كەڭ قىل. چۈنكى ھەممە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھەرقانداق ئىشتا جاھىللىق قىلىشنىڭ ئورنى يوق.
ئادەم زىددىيەتلىككە تولغان بىر ھايۋان، قولىدا ھېچنەرسە بولمىغان چاغدا ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە ياخشى بىلىنىدۇ. بىرىگە ئېرىشكەندە بولسا، يەنە بىرى ياخشى بىلىنىدۇ. ئادەم ھاياتىدا بەك تەمەخور بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ھەممە ئىشلارنىڭ بىز ئويلىغاندەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
مەن مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى كۆرگەن: «نامرات كىشىنىڭ باي بولغۇسى كېلۇر، باي كىشى مەڭگۈ قېرىماسلىقنى تاما قىلۇر، مەڭگۈ قېرىماس كىشى چەكسىز ئازابتا—بۇنداق كۈنلەر قاچانمۇ ئاياغلىشار دەپ يۈرەر.» شۇڭا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۆزىڭىزدە بار بولغاننى قەدىرلەش.
ھەرقانداق پاسسپ كەيپىيات ۋە پوزىتسىيە، سىز نارازى بولغان ئىشلارغا پايدا ئېلىپ كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىڭىز ۋە يېقىنلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ خالاس. ئادەم ئۈمىد ئىچىدە ياشىشى كېرەك، ئادەمنىڭ ھاياتى تولىمۇ قىسقا، بەلكىم سىزنىڭ بىر ئۆرلىشىڭىز بىلەنلا ھاياتىڭىزنىڭ چېكى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئازابنى ھېس قىلالمىغان مۇھەببەت ھەقىقىي مۇھەببەت ھېسابلانمايدۇ، بەختنى ھېس قىلالمىغان نىكاھ ھەقىقىي نىكاھ ئەمەستۇر. مۇھەببەت ئۇ بەزىدە بىر كۈلكە بىلەن غايىب بولىدىغان كارتىنا، نىكاھ بولسا ئۇزۇن مۇھەببەت ھېكايىسى، لېكىن بەخت بولسا ئۇ بىر خىل ھېسسىيات ئارزۇسىنىڭ قاندۇرۇلىشىدۇر.
نىكاھلىق تۇرمۇشۇڭدا باشقىلارغا ھەۋەس قىلما، سەن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرەلمەيسەن. چۈنكى ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.
سەمىمىي سۆزلەشنىڭ پايدىسى سەن ئۆزۈڭنىڭ قىلغان سۆزلىرىدىن گۇمانلىنىپ ئەستە ساقلاپ يۈرمەيسەن. چۈنكى بەزىدە بىر ئېغىز يالغان گەپنىڭ بەدىلى ئون ئېغىز ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ يالغان سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈشتىنمۇ جاپالىق كېلىدۇ.
مەڭگۈلۈك قەسەم دائىم تاغ ۋە دېڭىزنى ئوڭايسىزلاندۇرغاندىنمۇ قوبۇل قىلىش مۈشكۈل بولغان ئېغىر دەرىجىدىكى ۋەدىدۇر. بىراۋنىڭ ۋەدىسىگە ئوڭايلا ئىشىنىپ كەتمىگىن.
ۋاقىت ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇچلۇق نەرسە. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتلەر مەڭگۈلۈك كۆمۈلۈپ ياتىدۇ ۋە يەنە بىرقىسىم ھەقىقەتلەر بولسا ئاشكارىلىنىدۇ. بەزىدە ئۆزۈڭمۇ ئويلاپ باقمىغان رىئاللىقلار ئەتراپىڭدا پەيدا بولىدۇ. ھەرقانداق ئىشتا تەلىيىمگە باغلىق دەپ ئولتۇرماسلىق كېرەك.
قەھۋەنىڭ تاتلىق ياكى ئاچچىقلىقى، ئۇنى ئارىلاشتۇرۇشتا ئەمەس بەلكى شېكەر سالغان سالمىغانلىقتا. مەلۇم ۋاقىتلىق ئازابنىڭ يۈز بېرىشى، ئۇنى قانداق ئۇنتۇشتا ئەمەس، قايتىدىن باشلاش جاسارىتىڭنىڭ بار يوقلىقىدا ئىسپاتلىنىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي ئازابنى ھېچكىم سەن ئۈچۈن تارتىشىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ سايىسىدىن پەقەت ئۆزۈڭگە تايىنىپ قۇتۇلۇپ چىقىشىڭ كېرەك.
ئادەم ھاياتىنىڭ پەقەت %5 لا قالتىس، يەنە %5 بولسا ئازابلىق، قالغان %90 ئادەتتىكىدەك ئۆتىدىكەن. كىشىلەر داۋاملىق %5 لىك ئېسىللىقنىڭ ئازدۇرىشى بىلەن %5 لىك ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، %90 ئاددىيلىق ئىچىدە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن. ئەجىبا راستىنلا ئادەم ھاياتىنىڭ پەقەت %10 ى كونترول قىلىنامدۇ؟ ئويلىنىپ بېقىڭ، پەقەت ئاددەتتىكىدەك تۇرمۇشلا ھاياتلىقنىڭ غول يىلتىزى.
ھەقىقىي مۇھەببەت ئۇ قارشى تەرەپنىڭ نۇرغۇنلىغان ياخشى تەرەپلىرى كۆزدە تۇتۇپ بىرگە بولۇش بولماستىن، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماسلىقتۇر. بىر كىشىنى سۆيۈش، پەقەت ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا سۆيمەي يامان تەرىپىنىمۇ قوبۇل قىلىشتۇر. چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ۋاز كەچمەسلىك ھەقىقىي ئاشىقلىقنىڭ پاسىلىدۇر.
ئىككى ئادەمنىڭ بىرگە بولغان ۋاقتى ئۇزارغانسىرى، ئۇلار بىر جۈپ (ئوڭ ۋە سول) قولغا ئوخشاپ قالىدۇ. گەرچە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالسىمۇ يەنىلا بىرگە بولۇشنى تاللايدۇ. چۈنكى شۇنچە ئۇزاق يىللىق مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن ناھايتىمۇ زور جۈرئەت كېرەك. بەلكىم بۇ جەرياندا سىز ھاياتىڭىزدىكى سىز ئەڭ سۆيىدىغان ئادەمنى ئۇچراتقان بولىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇ پەقەت يول ئۈستىدىكى بىر مېھمان خالاس. سىز يەنىلا سىزنىڭ ئوڭ ياكى سول قولىڭىزنى تۇتۇپ مېڭىشنى تاللايسىز. مۇھەببەت ئۇ دەسلەپتە بىر قەسەم سۆزى، كېيىن مەسئولىيەت، ئاخىرىدا بولسا ئۇ بىر ئادەت. كۆيگەندىن كۆنگەن بەك يامان. «سېنىڭ قولۇڭنى تۇتۇپ، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە بىرگە ياشىسام دەيمەن.»
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كۆپۈك رومانىدىن ئۈزۈندە
2015-06-07 14:06:587724ھاياتلىق تولىمۇ قىسقا، قۇرۇق قول ئۆتۈپ كەتمەڭ
2015-06-24 10:10:4214849ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى تەھرىرلىك ۋە تەھرىرنىڭ مەسئۇ
2016-07-29 15:36:172063كىشىلىك ھاياتتىكى ئادەمنى ئەڭ پۇشايمانغا (پۇشايم
2015-06-24 10:11:3410965كەسىپتە بىرگە ئىشلەشكە بولمايدىغان 10 خىل كىشىلە
2015-06-07 14:40:016607«بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
2015-08-08 20:59:2625948ئىدراك ۋە پىتنە-ئېغۋا (تاقۇ-تۇقۇلىرىم)
2015-05-19 00:16:466462مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
2015-06-07 14:01:396559
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-