شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ "ئېنتېرنېت +" ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى
-
لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ "ئېنتېرنېت +" ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى
ۋاقتى: 2016-06-24 ئاۋاتلىقى: 10268 قېتىميانفوندا كۆرۈش
لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ "ئېنتېرنېت +" ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىتەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت2015-يىلى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، لى كېچىياڭ زۇڭلى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا: گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە گۈللىنىۋاتقان كەسىپ ھالىتى رىقابەتنىڭ يۈكسەك پەللىسى. يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەر، ئۇچۇر تورى، بېرىكمە توك يولى، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى، يېڭى ماتېرىيال، بىئو تېببىي-دورا، ئاۋىئاتسىيە ماتورى، تەبئىي گازلىق ماشىنا قاتارلىق چوڭ تۈرلەردە، بىر تۈركۈم گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى ئاساسىي كەسىپ قىلىش كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.
دۆلەت ئاللىبۇرۇن 40 مىليارد يۈەنلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردە ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى يېتەكچى فوندىنى قۇردى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ غەملەپ، كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا ياردەمچى كۈچ بېرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ما خۇاتېڭ "ئېنتېرنېت +" دۆلەتلىك ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن
ئېنتېرنېت ساھەسىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ما خۇاتېڭ شۇ قېتىملىق ئىككى يىغىندا تۆت تۈرلۈك لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دەل "ئېنتېرنېت +" لايىھەسىمۇ بار ئىدى.
ما خۇاتېڭ تەكلىپ بېرىپ، چوققا قاتلام لايىھە يۈزىدىن دۆلەتنىڭ "ئېنتېرنېت +" تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، "ئېنتېرنېت +"نىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ كۆرسەتمە پىكىرىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنتېرنېت ۋە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ بىرىكمە يېڭىلىق يارىتىشىنى تېزلىتىپ، تېخنىكا، ئۆلچەم، سىياسەت قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ئېنتېرنېت بىلەن ئەنئەنىۋى ساھەلەرنى تولۇق ئۇلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە ئېنتېرنېت تورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ما خۇاتېڭ تەكلىپ بېرىپ، چوقۇم بازار ئىجازىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئارا ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، بىرلەشمە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، بىرىكمە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى بولغان سىياسەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت چوقۇم يېڭىلىق يارىتىشنى رىغبەتلەندۈرۈش پىرىنسىپى ئاستىدا تەدرىجىي ھالدا يېڭىچە مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، يېڭى شەيئىلەرگە تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە بوشلۇقى بېرىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى، ئۈندىدارنىڭ تۈرتكىسىدە 95 مىليارد 200 مىليونلۇق ئۇچۇر ئىستېمالى يارىتىلغان بولۇپ، بۇ 2014-يىللىق جۇڭگو ئۇچۇر ئىستېمالى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %3.4 گە تەڭ بولۇپ، 10 مىليون 70 مىڭ ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پەرەزگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى يىل ئاخىرىغا بارغاندا، ئۈندىدارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇچۇر ئىستېمالى 142 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.
"ئېنتېرنېت +" گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
جۇڭگۈەنسۈننىڭ كېيىنكى ئەۋلاد ئېنتېرنېت تورى كەسىپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ كاتىپى جاڭ جىيەننىڭ مۇخبىرغا "ئېنتېرنېت +" نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۆتمۈشتە بولۇپ باقمىغان مۇھىملىققا ئىگە، ھەمدە "يېڭى بىر تۈركۈم گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى ئاساسىي كەسىپ قىلىش" زۇڭلىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكىلاتىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.
جاڭ جىيەننىڭ مۇنداق بىلدۈرگەن: "12-بەش يىللىق" پىلانى ئاخىرلىشىش يىلىدا، ھۆكۈمەت ئاللىبۇرۇن بىر قانچە چوڭ ئىستراتېگىيە خاراكتېرىگە ئىگە گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتكەن، ئەمما ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگىنى "يېتىشتۈرۈپ چىقىش" ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئەمما يېقىنقى ئىككى يىلدىن بىرى، بولۇپمۇ كۆچمە ئېنتېرنېت تورىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، بۇلۇت ھېسابلىشى، چوڭ مەلۇمات، ماددا تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سىڭىپ كىردى. بولۇپمۇ پۇل-مۇئامىلە ۋە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، كىرا ماشىنىسىغا ئولتۇرۇش قاتارلىق خەلققە قولايلىق ساھەلەر شۇنىڭدەك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋىي ياساش كەسىپلىرى قاتارلىقلاردا كۆرۈنەرلىك بولدى. كومپيۇتېر ئېنتېرنېت دەۋرىنىڭ كۆچمە ئېنتېرنېت دەۋرىگە تەرەققىي قىلىشى، ئېنتېرنېت تورى تېخنىكىسى ۋە سانائەتلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى بىرىكتۈرۈش تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە.
جاڭ جىيەننىڭنىڭ قارىشىچە، "12-بەش يىللىق" پىلان ئۇچۇر تېخنىكىسى ئاساسىدا، بۇ قېتىملىق زۇڭلىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكىلاتىدا "ئېنتېرنېت +" ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، دەل مەزكۇر يېڭى ئىستراتېگىيە يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئەنئەنىۋىي كەسىپلەرنى "ئىكولوگىيەلىك بىرلەشتۈرۈش"تەك يېڭىچە نىشان بېكىتكەن ئىكەن.
ئەسلى مەنبە:
http://tech.china.com/news/net/156/20150310/19365177.html
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
«رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد» ناملىق يازمىدىكى
2015-06-07 14:24:187171جالالىدىن بەھرامنىڭ ھايات قىسسىسىدىن تەسىرات
2015-05-19 00:58:437479بىز نېمە ئۈچۈن بلوگ يازىمىز؟
2015-05-19 00:34:055956سىتېۋ جوبس (Steve Jobs) نېمە دەيدۇ؟ —جوبسنىڭ ئۈم
2015-05-19 01:08:036080لىفىت ۋەقەسى ۋە بىخەتەرلىك ھەققىدە
2015-07-31 00:45:2815669لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-06-07 13:45:316707قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام با
2015-05-21 13:46:526751ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشىر قىلىش چۈشى (4)
2015-06-24 10:08:419134
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-