ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشىر قىلىش چۈشى (4)

ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشىر قىلىش چۈشى (4)

ۋاقتى: 2016-08-17 ئاۋاتلىقى: 9539 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىقىدىن ئانچە چوڭ ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ھازىر رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇرچە شىنخۇا كىتابخانىلىرىنى ئارىلايدىغان بولساق، كىتابخانىلاردا ئاساسەن بىز ئىزدىگەن كىتابلىرىمىزنى تاپالمايمىز. ماتىرىيال مەنبەسى ئاز ياكى يوق دېيەرلىك. كىتابخانىلارغا كۆز يۈگۈرتسەك، كىتابخانىلىرىمىز ئاساسەن دېگۈدەك رومان، پوۋىست، ھېكايە، شىئىر قاتارلىقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەپ كەتكەن، باشقا ھەرخىل ئايلىق ژورنال ۋە پەسىللىك ژورناللىرىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئادەمنىڭ دىلىنى سۈيۈندۈرگىدەك ئەسەر يوق، پەقەت ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە كىتابخانىلاردىن قايتىپ چىقىشقا مەجبۇرى بولىمىز خالاس.

3. ئۇيغۇر شىنخۇا كىتابخانىلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش
مەن ئالىي مەكتەپكە يېڭى چىققاندا ئۆزۈمنىڭ كومپىيوتىر ساۋادى بەك تۆۋەن بولغاچقا، ئۈرۈمچى يەنئەن يولىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىغا كىرىپ «كىتابخانىدا بىرەر پارچە ئۇيغۇرچە كومپىيوتىر ساۋادى كىتابلىرى بارمىدۇر؟» دەپ كۆپ ئىزدەپ كەتتىم، لېكىن مەن ئىزدىگەن كىتابلارنىڭ بىرەر تۈرىدىنمۇ ماتىرىيال كۈرۈنمەيتتى، مەن ئۆزۈم ئېھتىياجلىق كىتابلارنى تاپالماي ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم. ئىككىنچى يىلى تەتىلگە قايتقاندىمۇ يەنىلا كىتاب تاپالمىدى.
بىر قېتىم كىتابخانىنى ئارىلاۋېتىپ، تۇيۇقسىز «بۆرە توتىمى (狼图腾)» دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۇچرىتىپ ناھايىتى خوشال بولدۇم، چۈنكى بۇ كىتاب ئىچكىرىدە ناھايىتى بازارلىق كىتاب ئىدى. كىتابنى قۇلۇمغا ئېلىپ قارىغاندىن كىيىن خوشاللىقىم ناھايىتى تىزلا خۇددى مامىكاپ گۇلى تۇزىغاندەك تۇزۇپ كۆپۈككە ئايلاندى، چۈنكى مەن بۇ كىتابنىڭ باھاسىنى كۆرۈپ چۆچۈپلا كەتتىم، باھاسى 94.00 يۈەن ئىدى. بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ھەقىقىي نەشىرىنىڭ توردىكى ئەڭ يۇقىرى باھاسىمۇ 32.00 ئىكەن. مەن شۇ ھامان ئويلاندىمدە، بۇنى تەرجىمە قىلىپ نەشىردىن چىقارغۇزغان ئادەم زادى نېمە قىلماقچى؟ كىتابنىڭ باھاسىنى مۇشۇنداق يۇقىرى بەلگىلەپ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ ھازىرقىدەك كۆپلىگەن كىشىلەر خەنزۇ تىلىدىن ساۋادىنى چىقىرىپ قوش تىل يۆنىلىشى بۇيىچە مەلۇم ساۋاتقا ئىگە شارائىتتا، بىر كىتابنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭ باھاسىنى ئەسلىدىكىدىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىنمۇ يۇقىرى بىكىتىپ، بۇ كىتابنى نەشىر قىلدۇرغۇچى قانچىلىك نەپ ئالالىغاندۇ؟ سىڭدۇرگەن ئەجرىگە چۇشلۇق تەرجىمە قىلغان كىتابى خەلق ئاممىسىغا ئاز-تۇلا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزەلىگەنمىدۇ؟ بۇنداق يۇقىرى باھادا كىتاب تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى نەشىردىن چىقىرىپ ئىسراپچىلىق قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى؟…..
مەن بۇلارنى ئويلاپ، ئۇ كىتابنى ئېلىش ئۇيۇمدىن يالتايدىم-دە، مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن خەنزۇچىسىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇشنى قارار قىلدىم. يەنە مەندەك ئويلىغانلاردىن قانچىلىك باركىن تاڭ؟
مېنىڭچە بىر كىتابنى مىڭ بىر جاپادا تەرجىمە قىلىپ نەشىرىدىن چىقىرىپ، ئۇنىڭ باھاسىدىكى ئەسلى نۇسخىسى بىلەن بولغان پەرقىنى بۇنداق چوڭ قىلىپ باھا بىكىتىپ، ئەسلىدىنلا كىتاب ئوقۇش ئارزۇسى بار ئوقۇرمەنلەرنى ئۇنى سېتىۋېلىشتىن يالتايدۇرۇپ، ئۇلارغا «قولۇڭ يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.» دېگەن تۇيغۇنى بىرىپ قويسا، بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟
ئەمدى نەزىرىمىزنى مېنىڭ ئىلگىرى يېزىپ قالدۇرغان «كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار ۋە كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار» ناملىق يازمامدىكى مۇنۇ قۇرلارغا ئاغدۇرۇپ باقايلى.
«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەبنى جانلىق پاكىتلار بىلەن شەرھىلەپ چىققان بولۇپ، ئاساسەن مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان(شەخسىي كۆز قارىشىمنى قوشۇپ رەتلەپ چىقتىم):
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار كىتابقا نىسبەتەن پەرۋاسىز ھالەتتە. يەنى، ئۇيغۇرلار كىتابقا قىزىقمايدۇ(كۆپ ساندىكى). ئۇلار كىتابنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتمىگەن. كۈنلىرى دېگۈدەك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى(يېيىش، ئىچىش، كىيىش) بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن.
ئىككىنچى، ئۇيغۇرلاردا پۇل يوق. كىتاب تىلغا ئېلىنسا ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ پەرۋاسىزلىق قىلىشى ناتايىن. كىتاب كۆرىدىغانلار(بىر قىسىم) مۇ بار. ئۇلار كىتاب كۆرۈشكە شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن ئۇلاردا كىتاب سېتىۋالغۇدەك پۇل يوق(شەخسەن ئۆزۈم مۇشۇ تۈرگە تەۋە). شۇڭا ئۇلار كىتاب سېتىۋېلىشقا پۇلى بولمىغاچقا كىتابخانىلارغا تىزىقلىق كىتابلارغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇيۇ لېكىن سېتىۋالالمايدۇ.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇغىلى كىتاب يوق. كىتابخانىلاردا تىزىقلىق كىتابلارنىڭ تۈرى ئاز، مەزمۇنى يىتەرسىز، سانى چەكلىك. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابقا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان. ئۇلارنىڭ باشقا تىللار(مەسىلەن خەنزۇ تىلى) دىن خەۋىرى بولمىغاچقا پەقەت ئۇيغۇرچە كىتابلارغىلا قاراشلىق بولۇپ قالغان. باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلاردىن پايدىلىنالمىغان. شۇڭا ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ، مول مەزمۇنلۇق كىتابلارنى يېزىپ چىقىشىنى ياكى باشقىلارنىڭ باشقا تىللاردىكى نادىر كىتابلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تەلمۈرۈپلا ئۆتىدۇ خالاس(«ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى» يۇقىرىقى سەۋەب تۈپەيلى تەشكىللەنگەن) ۋە باشقىلار………
ئۇنداق بولسا، ئەمدى مۇنۇ بىر قاتار سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى:
1. ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن كىتاب كۆرمەيدۇ؟
2. ئۇيغۇرلار راستىنلا كىتاب كۆرمەيديغان (كىتابقا قىزىقمايدىغان) مىللەتمۇ؟
3. ئۇيغۇرلار راستىنلا چەتئەلنىڭ كىتابلىرىغا ئېھتىياجلىق ئەمەسمۇ؟
4. دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ «جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان خەت» ناملىق بىر يۈرۈش ماقالىلىرى راستىنلا ۋاختى ئۆتكەن ماتىرىيالمۇ؟
5. مەن « Microsoft Office Excel 2007 نىڭ رەسىملىك تۇلۇق ئۆگىتىش» نى تەييارلاش ئۈچۈن چۇقۇم مۇتەخەسسىس بولۇشۇم كېرەكمۇ؟ مەن بۇ سەۋىيەنى ھازىرلىشىم شەرتمۇ؟
6. ……………………
ئەمدى يەنە مۇنۇ سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقايلى:
1. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ ھېلىقى بۆلۈم باشلىقى نېمە ئۈچۈن مەن ئېلىپ كىرگەن تەرجىمە ماتىرىياللىرىغا شۇنچە كۈلكىلىك سەۋەبلەرنى قويۇپ مېنى ئۈمىدسىز قالدۇرىدۇ؟
2. بىزنىڭ ئۇيغۇر نەشىرىياتلىرىمىز ئىقتىسادقا ئائىت، تېخنىكىلىق بىلىملەر، ئىلمى ماقالىلەرنى نەشىردىن چىقارسا راستىنلار بازىرى بولمامدۇ؟
3. مەن بۇنىڭدىن كىيىن ماتىرىيال تەرجىمە قىلىمەن دەپ ۋاختىمنى «ئىسراپ» قىلىپ يۈرمەي ئويۇنۇمنى ئوينىشىم كېرەكمۇ؟
4. …
سۇئاللار مانا مۇشۇنداق يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چىقىۋەرسە، بۇنىڭ جاۋابىنى زادى كىم بېرىدۇ؟ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا، ئاخىرى زىيان تارتىدىغىنى زادى كىم؟ «كېسەلنى يۇشۇرساڭ، ئۆلۈم بېشىڭدا.»
بىز ھەممىمىز جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ غايەت چوڭ دەرەخنىڭ بىر تال يۇپۇرمىقىمىز. بىز جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ دەرەختىن ئۇزۇقلۇققا ئېرىشىمىز ۋە ياشىرىپ، ھاياتى كۈچكە تولىمىز. بىز بىزنىڭ يىلتىزىمىز مىللەتتىن ئىبارەت. پەقەت ئاشۇ يىلتىز مۇستەھكەم بولسىلا بىز تېخىمۇ ياخشى ئاينىپ، تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇپ، تۇلۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە تولىمىز. بىز يۇپۇرماق ھالەتتىن تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ، شاخقا ئايلىنىمىز. بۇ شاخنى كۆكلەتكۈچى دەل بىزنىڭ مىللەتتىن ئىبارەت يىلتىزىمىزدۇر. شۇڭا بىز مىللىتىمىزگە مەسئول بولىشىمىز كېرەك. مىللەتكە مەسئول بۇلۇشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان مەسئولىيىتى بار.
بىزنىڭ نەشىرىياتچىلىرىمىز ئەگەر داۋاملىق بۇنداق بازارنى قوغلىشىپ كىتاب نەشىر قىلسا، تۇرمۇشتا ئەڭ ئېھتىياجلىق ماتىرىياللارنى نەشىر قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمىسە، بىز بۇنىڭدىن كىيىن كىتابتىن قۇبۇل قىلىدىغان مەنىۋىي ئۇزۇقىقىمىزنىڭ مەنبىيى ئۈزۈلۈپ قالسا، بىزنىڭ يەنە نەشىرىياتلاردىن ئۈمىد كۈتۈشىمىز دۇرۇسمۇ؟ شۇڭا نەشىرىيات رەھبەرلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر ئالاھىدە سەگەك بولۇپ، ئۆزىنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىم رولىنى تۇلۇق تۇنۇپ يىتىپ، ھە دېسىلا پوققا ياماشقا چىۋىندەك ھەممىسى رومان، پوۋىستقىلا دۈم چۈشمەي، ھەر خىل ژانىردىكى كىتابلارنىڭ نىسبىتىنى ساقلاپ، تەڭپۇڭ ھالەتتە ھەممىنى تەڭ ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىشى كېرەك.
ئەگەر نەشىرىياتلار ھېلىقىدەك «بىز بۇنداق كىتابنى نەشىردىن چىقارساق بازار تاپالمايدۇ، خەق ئوقۇمايدۇ.» دەپ ئىقتىساد تۈرىدىكى ۋە باشقا تېخنىكا تۈرىدىكى كىتابلارنى نەشىر قىلىشقا سەل قارىسا، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ بازاردا پايپاق ساتىدىغانلار بىلەن نېمە پەرقى، ئەقەللىيسى، قاراڭغۇ بازاردا پايپاق ساتىدىغانلار بازارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مال كىرگۈزۈپ ساتىدۇ. لېكىن نەشىرىيات ئورۇنلىرى بولسا ھەممە ئادەم خالىغىنىچە قۇرىۋالىدىغان ئورۇن ئەمەس، ئۇ پەقەت دۆلەت ھوقۇق بەرگەن كىشىلەرلا مەشغۇلات قىلىلايدىغان ئورۇن. شۇڭا بىزنىڭ نەشىرىيات ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە قانۇنى ھوقۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆپرەك خەلق ئۈچۈن نادىر، تۈرى مول بولغان كىتابلارنى نەشىردىن چىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ كىتابقا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك. نەشىرىيات ئورۇنلىرى ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت ئىلىپ كېلىدۇ.
ئاخىرىدا مەن ماقالەمنى ئاتاقلىق تىل تەتقىقات ئالىمى مىرسۇلتان ئوسمانۇۋ ئاكىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
يازغۇچى يولداشلاردا ئانا تىل توغرىلىق مەسئولىيەت تۇيغۇچى بولسا ياخشى بۇلاتتى. ئۇيغۇر تىلىغا مەسئول بولغاندىلا ئۇيغۇر تىلىنى يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى قوش تىل مائارىپى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئانا تىل ئوقۇتۇشنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بىزنىڭ ياشلاردىن كۈتىدىغىنىمىز، ئۆز-ئۆزىنى تۇنۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئۆزىنى تۇنۇش بىلىمدىن كېلىپ چىقىدۇ، بىلىمگە تايانمىغان تۇنۇش ھېسسىي تۇنۇش بولىدۇ.
توغرا، ھەر قانداق مىللەتتە يامان خۇي، ئىللەتلەر بولىدۇ. ئابدۇقادىر داموللا «نادانلىق جاھىللىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.» دەيدۇ. ياشلار مىللەتنى روناق تاپقۇزىمىز دەيدىكەن جىقراق ئوقۇسا، ئۆگەنسە بولىدۇ. بىز ئوقۇغاندا كىتاب-ماتىرىيال يوق ياكى بەك ئاز ئىدى. ھازىر ماتىرىياللار تولا، لېكىن ئۆگەنمەيدۇ.
ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى تىكلىشى كېرەك. بىز مەيلى قەيەرلىك بولايلى «مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن؟» دەپ ئويلىشى كېرەك. نادانلارنىڭ قارىشى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ. ئازراق مەنپەئەتنى كۆرسىلا ئۆزگىرىدۇ. بىزنىڭ مىللەت قارىشىمىز ئىنتايىن سۇس، ياشلار ھەتتا كىلاسسىك مۇزىكىلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. نېمىشقا ئىكەنلىكىنى سورىسىڭىز «چەشەنمىسەك.» دەيدۇ. بىز تىل مەسىلىسىنى ئالساق، ئۇچرىغان ئاتالغۇلارنى قايسى قۇرال كىتابلارغا ئاساسلىنىپ توغرىلىشىمىز كېرەك؟ بىزدە ئۆلچەم قىلغۇدەك كىتاب يوق. لوغەتلەرنى تۈزىۋاتىمىز، ئۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز، خاتا قوللانغانلارنى ھېچكىم ھېچنىمە قىلالمايدۇ. تىلنىڭ ئۆزى بىر زىمىن. بىزدە، ھازىر تىلنى ئادەتكە تارتىدىغان خاھىش بار. چۈنكى ئۇلار خاھىشنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ. ئىملا قائىدىسىنى مورفولوگىيىلىك پرىنسىپقا تەس ئەكەلدۇق، يېزىقتا سۆزلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى-غولىنى ساقلاپ قېلىش، جانلىق تىلغان ئەگىشىپ كەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ياشلار ئانا تىلىنى قەدىرلىشى، پىششىق ئۆگىنىپ توغرا قوللىنىشى، ئۆز غۇرۇرىنى تىكلىشى كېرەك.
- مىرسۇلتان ئوسمانۇۋ
شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى ماقالە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە تاماملاندى، ئەگەر پۇرسەت بولسا مەن يەنىمۇ ئىزدەنگەن ھالدا ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ ئويلىغانلىرىمنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا سۇنىمەن.
ھۆرمەت بىلەن:
ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى