ۋىتۋىلاق ۋە بىز
-
ۋىتۋىلاق ۋە بىز
ۋاقتى: 2016-08-17 ئاۋاتلىقى: 5878 قېتىميانفوندا كۆرۈش
«كۆنگەن يامان.» دەپ مۇشۇ ۋىتۋىلاق (QQ نى دېمەكچى، يېقىندا باشقىلار بۇنىڭغا ۋىتۋىلاق دەپ ئىسىم قويۇپتىكەن، بەك يېقىملىق ئاڭلانغاچقا مەنمۇ مۇشۇ ئىسىمنى ياقتۇرۇپ قالدىم) دېگەن نەرسە، ھەر قاچان كوميۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئادەم بىرىنچى بولۇپ ئىشلىتىدىغان ھەم كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىستىكى مۇشۇ ۋىتۋىلاقنىڭ تۈرتكىسىدە كۈچىيىپ كېتىدىغان دېتال بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى.
ۋىتۋىلاق بىر ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى بىر مەزگىل قوللىغانتى. گەرچە خەت يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا بولۇپ، ئوڭدىن سولغا تەڭشەشكە مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە خەت يازساق قارىشى تەرەپ نورمال تاپشۇرىۋالالايتتى. ئەمما كېيىن تېڭشۈن شىركىتى ۋىتۋىلاقنىڭ ئۇيغۇرچە قوللاش ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسە ئۇيغۇرچىنى پەقەتلا قوللىمايدىغان بولدى، يېزىش كۆزنىكىگە ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ يوللىغان تەقدىردىمۇ، خەتنى سۈزىۋېلىپ، قارىشى تەرەپكە بارمايتتى.
شۇ سەۋەبتىن بىر مەزگىل ئانا تىل دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن قېرىنداشلار بۇ دېتالنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىمۇ خېلى كۈچەپ باقتى، بەزىلەر ھەتتا بۇ نەرسىنى تىللاپ، خېلى قاقشاپ باققانمۇ بولدى. ئەمما بۇ نەرسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوللىمىغىنى شۇ قوللىمىغان بويىچە قېلىۋەردى. گەرچە بۇنى بايقۇت قىلىمىز دېگەن شۇئار خېلى كۈچلۈك چىقىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قېرىنداشلىرىمىز ھە دەپلا قويۇپ، ئەكسىچە كۆنگەن يامانكەن دەپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمەي، بۇ دېتالدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي كەلگەن ئىدى.كېيىن تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئۈندەللال (ۋېيشىن دېتالى دېمەكچى) دېتالى ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ئۈندەللالنىڭ ئۇيغۇرچە قوللىشى نورمال بولدىيۇ ئەمما ۋىتۋىلاق يەنىلا ئۇيغۇرچىنى قوللىمىدى، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم قېرىنداشلاردا ۋىتۋىلاق بىلەن ئۈندەللال تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئانا بىر دادا باشقا بالىسى دېگەندەك گەپلەرمۇ بولۇندى.
بۇ يەردە، ۋىتۋىلاقنىڭ ئۇيغۇرچە قوللىماي، ئەكسىچە ئۈندەللالنىڭ ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللىشىدىكى سەۋەب: ۋىتۋىلاقنىڭ نىشانلىق بازىرى پەقەت دۆلىتىمىزدىلا چەكلىنىپ، دۆلىتىمىزدىن ھالقىپ باقمىدى ياكى دۆلىتىمىزدىن باشقا جايلاردا دېگەندەك ئالقىشقا ئېرىشەلمىدى. شۇڭا ئۇ دۆلىتىمىزدىلا تەسىرچانلىققا ئىگە بولغاچقا، ئەرەپ تىلى سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش تىللارنى قوللاشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۈندەللال بولسا ۋۇجۇدقا كېلىپلا، يالغۇز دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خەلقئارادا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن خەلقئاراغا يۈزلىنىش سەۋەبلىك ئۈندەللال ئەرەپ تىلى سىستېمىسىدىكى تىللارنى نورمال قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەجبۇرى بولۇپ قالدى. يەنى ئۈندەللالنىڭ ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللىشى پەقەت بازارنىڭ مەجبۇرىلىشى بىلەن مەجبۇرى ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىدى.
ئەمدى ئۈندەللالنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىشى تەسىر كۆرسەتتىمۇ قانداق، ماۋۇ ۋىتۋىلاقنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللايدىغان شۇنداقلا قارىشى تەرەپكىمۇ ئوڭۇشلۇق يوللىغىلى بولىدىغان بولۇپتۇ. بۈگۈن تويۇقسىز بىر قېرىندىشىمىز ئۇيغۇرچە يېزىۋاتىدۇ ھەمدە خېتى ماڭا نورمال كەپتىكەن، مەن ئالدىنقى بىر مەزگىلدىكى يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى ياساپ چىققان ۋىتۋىلاققا ئۇيغۇرچە يوللاش دېتالىدا يوللىغان ئوخشايدۇ دەپ قارىسام، يوللانغىنى رەسىم ئەمەس بەلكى ئەسلى خەت ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ يوللاپ باقاي دەپ يوللىسام راستلا نورمال يوللاندى. شۇنداق قىلىپ بۇ ۋىتۋىلاقمۇ ئۈندەللالنىڭ تەسىرىدە ئاخىرى تەن بېرىپ ئەرەپ تىلى سىستېمىسىدىكى تىللارنىمۇ نورمال قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغاندەك قىلىدۇ.
رەسىمگە قاراڭ:ئەمدى ۋىتۋىلاقتىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەنلەر، ۋىتۋىلاقنى بايقۇت قىلىشقا كۈچىگەن، ۋىتۋىلاقنى تىللاپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يەنە ئاستا «كۈنگەن يامانكەن.» دەپ ئاخىرى بۇ دېتالغا بولغان رىشتىمىز ئۈزۈلمەس رىشتىگە ئايلىنىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
گېرمانلار روھى: (1) پادىشاھ بىلەن تۈگمەنچى
2015-08-22 12:16:099541ئۆز-ئارا ئىناق بولغان مۇھىت يارىتىشنىڭ 10 تۈرلۈك
2015-06-23 12:03:266227«رادىل ئابلاغا دوستانە تەنقىد» ناملىق يازمىدىكى
2015-06-07 14:24:187210قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام با
2015-05-24 18:02:257039«باھادىرنامە» 4-قىسىمدىن تەسىرات
2015-06-07 14:54:117197كەسىپتە بىرگە ئىشلەشكە بولمايدىغان 10 خىل كىشىلە
2015-06-07 14:40:016096يانكىتابنىڭ قۇرغۇچىسى-ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
2016-07-31 16:15:141307چوڭ مېڭىمىزنى قانداق چېنىقتۇرىمىز؟
2016-06-16 00:11:191555
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-