مۇئەللىم شىركىتىنىڭ بازار ئېچىش لاھىيەسى ھەققىدىكى يۈزەكى ئويلىغانلىرىم
-
مۇئەللىم شىركىتىنىڭ بازار ئېچىش لاھىيەسى ھەققىدىكى يۈزەكى ئويلىغانلىرىم
ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 6053 قېتىميانفوندا كۆرۈش
[ئىلقۇت ئىلاۋىسى] ئالدىنقى ھەپتە مۇئەللىم شىركىتىنىڭ قوياش كىتابخانىسى (باغۋەن تاماقخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا) يېنىدىن ئاچقان تۇنجى ئۆلچەملەشكەن، كەسىپلەشكەن «مۇئەللىم مەخسۇس سېتىش دوكىنى» نى كۆرۈپ، مۇئەللىم شىركىتىنىڭ 2007-يىلى10-ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشىپ بىرىنچى مەھسۇلاتى «مۇئەللىم» ئېلىكتىرونلۇق لوغىتىنى بازارغا سالغان ۋاقتىنى خىيالەن ئەسلەپ قالدىم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزۈم 2007-يىلى «مۇئەللىم» ماركىلىق تۇنجى ئەۋلاد لۇغەتنى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىم بويىچە يېزىپ قالدۇرغان مەزكۇر «مۇئەللىم شىركىتىنىڭ بازار ئېچىش لاھىيەسى ھەققىدىكى يۈزەكى ئويلىرىم» ناملىق ماقالەمنى قايتا بلوگىمغا يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
مەزكۇر ماقىنىڭ ئورگىنالى ئەڭ دەسلەپتە 2007-يىلى 11-ئايدا خەنزۇچە يېزىلغان ھەمدە 2008-يىلى 2-ئايدا ئۆزۈم ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپ چىققان ئىدىم. كېيىن مەزكۇر ماقالىنى مۇئەللىم شىركىتىگە تەمىنلەپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ماقالەمدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى ئىزچىل ھالدا قۇبۇل قىلىپ، ئۆزلۈكسىز مەھسۇلات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ تەرەققىي قىلىش بەدىلىگە ھازىرقى ھالەتكە كەلدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىم شىركىتى يېڭى قۇرۇلۇپ تۇنجى ئەۋلاد مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن، ئىزچىل ھالدا مەزكۇر شىركەتكە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن ھەم شىركەت قۇرغۇچىسى بىلەنمۇ دائىم ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ قېتىم مۇئەللىم شىركىتىنىڭ زور مەبلەغ سېلىپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن دوكىنىنى كۆرۈپ مۇئەللىم شىركىتىدىن خىيالەن خۇرسەن بولۇپ قالدىم.
قېنى ئەمىسە، كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرماي، بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن يېزىپ قالدۇرغان ماقالەمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي، بەلكىم بۇ ماقالە ھازىر ئاللىبۇرۇن قىممىتىنى يوقاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ مەزكۇر ماقالىنىڭ بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن قىممىتى بولمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. 4 يىلدىن كېيىن ماقالىنىڭ قىممىتىنى يوقىتىشى تامامەن ئەقىلغا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. چۈنكى ھازىرقى پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىش سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز بولىۋاتىدۇ.
قېنى دىققىتىڭىز ماقالە مەزمۇنىدا بولسۇن!
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئىش-ھەرىك
2016-06-03 19:39:421714لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-06-07 17:02:226906قىزلارنىڭ نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللاردىن ئۆيى بولۇشن
2015-05-18 23:41:227429ئۈندىدار سالونچىلىرى دىققەت: سوتقا چىقىپ قېلىشتى
2015-11-26 04:13:3914358«ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن» دىن تەسىرات
2015-06-23 12:00:006489ستېۋ جوبستىن كېيىنكى دۇنيانى ئۆزگەرتكۈچى: ئېلون
2016-02-11 16:52:258562ئىلقۇتنىڭ تەرجىمىچىلىك ھاياتى
2015-06-23 12:14:276580ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشر قىلىش چۈشى (2)
2015-06-24 10:08:4917819
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-