تىلەمچىنىڭ ئارزۇسى
-
تىلەمچىنىڭ ئارزۇسى
ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 6559 قېتىميانفوندا كۆرۈش
تىلەمچىنىڭ ئارزۇسى
تەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
ھەر كۈنى ئاخشىمى ئىشتىن چۈشكەندە، بوبى بىلەن ئۇنىڭ قىز دوستى لىسا بىرلىكتە نيۇيورك مەركىزى باغچىسىدىن ئۆتىدىكەن. ئۇلار شېرىن پاراڭلاشقاچ، كۈلگەچ ئۆيىگە قايتىدىكەن. بوبى كىيىملىرى جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن بىر تىلەمچىنىڭ ھەمىشە باغچىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغىنىچە، جىمجىت ھالدا ئالدىدىكى ھەشەمەتلىك مېھمانخانىغا تىكىلگىنىچە، چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەنگىنىچە ئولتۇرغىنىغا دىققەت قىلىپ قاپتۇ. ئۇ قىزىقسىنغان ھالدا تىلەمچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن: «كەچۈرۈڭ، سوراپ باقسام، مەن سىزنىڭ ھەر كۈنى نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە ئولتۇرىدىغىنىڭىزنى چۈشەنمىدىم.» دەپ سوراپتۇ.
تىلەمچى ساددىلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ: «گەرچە مېنىڭ ئۆيۈم ياكى پۇلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە ئولتۇرسام ھەر كۈنى ئازتولا بولسىمۇ سەدىقىگە ئېرىشىمەن، كېچە كىرگەندە، يەنە ھەشەمەتلىك مېھمانخانىنىڭ رەڭگارەڭ چىراقلىرى ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەن ھەمىشە ئۆزۈمنى ئاشۇ ھەشەمەتلىك، راھەت مېھمانخانىدا ياتقاندەك ھېس قىلىمەن.» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
بوبى بۇ خىل ئۆزىنى ئالداش خاراكتېرىدىكى شادلىق تۇيغۇسىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىپتۇ. شۇڭا ئۇ سېخىيلىق بىلەن تىلەمچىگە 100 ئامېرىكا دوللىرى بېرىپتۇ. تىلەمچى ئەزەلدىن بۇنچە چوڭ سوممىلىق سەدىقىگە ئېرىشىپ باقماپتىكەن، شۇڭا پۇلغا قارىغىنىچە ھاڭ-تاڭ تۇرۇپ قاپتۇ-دە، ئۆزىنى سەزگىنىدە بوبىغا قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىپ كېتىپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى، بوبى قىز دوستى بىلەن باغچىدىن ئۆتكەندە، يەنە شۇ تىلەمچىگە يولۇقۇپ قاپتۇ. بوبى ھاۋانىڭ سوغۇقىدا تىلەمچىنىڭ توڭۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەنە سېخىيلىق بىلەن 100 ئامېرىكا دوللىرى بېرىپتۇ. تىلەمچى ئىختىيارسىز ھالدا لىسانى ماختاپ: «ئوغۇل دوستىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى ئادەم ئىكەن.» دەپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى، ئىككىسى باغچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، تىلەمچى ئورۇندۇقنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغىنىچە ئۇلارنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ، شۇڭا ئۇلارنى كۆرۈپلا: «مېنىڭمۇ پۇرسەت بولسا ئاشۇ ھەشەمەتلىك مېھمانخانىدا بىر قېتىم تۇرۇپ باققۇم بار، شۇڭا ماڭا ياردەم قىلسىڭىز.» دەپ ئۆتۈنۈپتۇ. بوبى بېشىنى لىڭشىتىپ، ئۇنىڭغا يەنە 100 ئامېرىكا دوللىرى بېرىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر قېتىم ئىشتىن چۈشكەندە، تىلەمچى ھەمىشە ئاكتىپلىق بىلەن بوبىغا دوستانىلارچە سالام قىلغاندىن كېيىن، دائىم مېخمانخانىدا تۇرۇش ئارزۇسىنى ئېيتىپ پۇل سوراپتۇ. بوبى ھەر قېتىم ناھايىتى سېخىيلىق بىلەن پۇل بېرىپتۇ. مۇشۇ تەرىقىدە 10 كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن، بوبى داۋاملىق ياردەم بېرىشكە ئىقتىسادى يار بەرمەي، باغچىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان، شۇ ئارقىلىق تىلەمچىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇپتۇ.
ئۇ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، لىسا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا: «بۈگۈن ھېلىقى تىلەمچى مەندىن ئالاھىتەن سىزنى سورىدى. ئۇ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.» دەپتۇ. بوبى بۇنىڭغا ھېچنېمە دېمەپتۇ. ئۇ ئەلۋەتتە تىلەمچىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت بوبىنى كۆرمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭدىن پۇل سورىيالمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنىدىكەن.
كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلاپ ئۆتۈپتۇ، ئاخىرى بىر كۈنى، بوبى يىراقتىنلا ئاشۇ تىلەمچىنىڭ لىساغا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ ئۆيى تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى، يەنە قايتا-قايتا ئاغرىنغان ھالدا: «ئوغۇل دوستىڭىز ئاغرىپ قالدىمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىدۇ؟ ئىلگىرى مەن پەقەت مېھمانخانىدا تۇرۇش خىيالىدا بولغان ئىدىم، ئەمما ئۇ مەندە مېھمانخانىغا كىرىش ئىستىكىنى پەيدا قىلىپ قويۇپلا يوقاپ كەتتى. بۇ ماڭا ھەقىقەتەنمۇ ئازاب ئەمەسمۇ؟» دەپتۇ. بوبى شۇندىلا ئەسلىدە ئۆزىنىڭ سېخىيلىقىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن تىلەمچىنىڭ خۇشاللىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇر.
ھاياتلىقتىكى ئازاب، ھەمىشە بېكىتكەن بەخت ئۆلچىمى بىلەن ئۈمىدنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىدىن ياكى خاتا ھالدا باشقىلارغا بەخت يۈكلەپ قويۇش ياكى ئۈمىد باغلاش سەۋەبلىك بولىدۇ. تىلەمچى شۇنداق بولغان ئىكەن، نورمال كىشىلەر بۇنداق ئەمەسمۇ؟تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
«ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن» دىن تەسىرات
2015-06-23 12:00:006472خىزمەت ئۈنۈمى قانداق بولۇشى كېرەك؟
2015-06-23 11:52:326052بىمەنىلىك: شەكلى ئۆزگەرگەن ئىئانە قىلمىشى
2015-05-19 00:22:156335غەمخورلۇق، ئىرادە، ئۆزلۈك تېڭىرقېشى ۋە مەۋجۇتلۇق
2015-06-24 10:14:1217283ئىدىيە يېتەكچىلىرى، تەپەككۇر باشلامچىلىرىنىڭ مۇن
2015-06-24 10:09:078512كىتاب ۋە مەن (تاقا-تۇقۇ پاراڭ)
2015-06-07 14:53:046627كىشىلىك ھاياتتىكى ئادەمنى ئەڭ پۇشايمانغا (پۇشايم
2015-06-24 10:11:349466ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەش ھەققىدە تاققا-
2015-06-23 12:13:426777
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-