مەنتەڭ نەزەرىيەسى ۋە مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى
-
مەنتەڭ نەزەرىيەسى ۋە مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى
ۋاقتى: 2016-10-01 ئاۋاتلىقى: 19275 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مەنتەڭ نەزەرىيەسى ۋە مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
مەنتەڭ نەزەرىيەسى ھەققىدە توختالغاندا لېكسىيە سۆزلىگۈچى مۇئەللىم شىنجاڭدىكى نۇرغۇن تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىلگىرى مەنتەڭدىن پايدىلىنىش پىرىنسىپىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقانلىقى، ئەمما بۇ قېتىملىق «بىر يول بىر بەلباغ» سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن تاشقى سودا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئەمدى مەنتەڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمىز، شۇڭا مىللى كارخانىلار رايونىمىزدىكى كارخانىلار ئارا بولغان رىقابەتكە يۈزلىنىپلا قالماي، يەنە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تېخىمۇ كۈچلۈك كارخانىلاردىن كېلىدىغان رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى، مىللى ئىگىلىكىمىز بۇنىڭدىن كېيىن تارىختا بولۇپ باقمىغان خىرىسلارنى كۈتىۋالىدىغانلىقىدەك بىر قاتار تەخىرسىزلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى.
لېكسىيە سۆزلىگۈچى مۇئەللىمنىڭ تەبىرى بويىچە بولغاندا، چۆپتىن قەتئى ئۈمىد يوق، پەقەت باشقىلار چۆپ سېلىپ ئېشىپ قالغان مەنتەڭنى ئىچىپ ئېھتىياجنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت. يەنى، مىسال ئالساق، ئىلگىرى رايونىمىزدىكى تاشقى سودا شىركەتلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكى ۋە رايونىمىزغا قوشنا بولغان دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پەقەت دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى دىيارىمىزدىن چەتكە چىقىرىش ئارقىلىق ئارىلىقتىكى باھا پەرقى (مەنتەڭ)دىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن.
ئەمما بۇ قېتىم دۆلەتنىڭ «بىر يول بىر بەلباغ» سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خەلقئارالاشقان تور سودا ۋە سىياسەت جەھەتتىكى قوللاشقا ئېرىشكەن چىگرا سودىسى سەۋەبلىك ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇت-كارخانىلار بىلەن چەتئەللىكلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋاسىتىسى سەۋەبلىك بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ۋە سودا قىلىشى بىلەن ئوتتۇرىدىكى باھا پەرقى يوقاپ، رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن تاشقى سودا شىركەتلىرىگە «مەنتەڭ»مۇ قالماسلىقتەك ھالەت شەكىللىنىدۇ.
بازار ئەزەلدىن ھېسسىيات ۋە ساختىلىقنى قوبۇل قىلمايدىغان ئەڭ ئادىل ھەم ئەڭ شەپقەتسىز جەڭگاھتۇر. بۇ جەڭگاھتا پۇرسەت ھەم خىرىس ھەممىگە ئورتاق. پەقەت ھەقىقىي كۈچلۈكلەر بازاردىن ئىبارەت بۇ ئادىل تارازا ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۇرسەت ئالدىدا زىيادە كۆرەڭلەپ كەتمەي، رىقابەت ۋە خىرىس ئالدىدا قورقۇپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، ھەر ۋاقىت تەمكىن، سەگەكلىكنى ساقلاپ، توختىماستىن پۇرسەت ئىزدەپ ھەم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئۆزىنىڭ كاۋاك چالمىسى رولى (بۇ ئۇقۇم ھەققىدە كېيىنكى يازمىمىزدا تەپسىلىي توختىلىمىز)نى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان كۈچلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بايلىقتىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ئاساسىدا، ئىچكى قىسىمدا ھەمكارلىقنى ياخشى قىلىپ، تاشقى رىقابەتتىن ياخشى مۇداپىيەلىنىشى كېرەك.
تارىخ سەھنىسىدە ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ھەم كۈچلۈكلەر سېپىدىن ئورۇن ئېلىپ، تەرەققىي قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشتە، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن. بۇ قېتىم دۆلىتىمىزنىڭ «بىر يول بىر بەلباغ» سىياسىتىنىڭ مىللىتىمىزگە ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسىتى ۋە خىرىسلىرى ئەڭ كەسكىن ھەم ئەڭ شەپقەتسىز بولۇشى ئېنىق. مىللىتىمىز بۇ قېتىم دۇچ كېلىدىغان ئاساسلىق مۇھىم مەسىلە قانداق تەرەققىي قىلىش بولماستىن، بەلكى كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىستىن قانداق مەۋجۇتلۇقنى ساقلاشتىن ئىبارەت.
بۇنىڭدىن كېيىن دىيارىمىزدىكى كارخانىچىلار دۇچ كېلىدىغان ھەم چوقۇم ياخشى ئويلانمىسا بولمايدىغان مەسىلە، بىرسى مەلۇم ساھەدە ئازراق ئۇتۇق قازانسا، ھەممىمىز خۇددى چىۋىن پوققا ئولاشقاندەك، باشقا قىلغىلى ئىش يوقتەك شۇ ساھەگە يۇپۇرۇلۇپ بېرىپ ئەسلىدىلا بازار بوشلۇقى كۆپ بولمىغان بازارنى قالايمىقان قىلىپ، ئۆز ئىچىمىزدىن كەلگەن ئاتالمىش «رىقابەت» ئارقىلىق ئۆزىمىزنى نابۇت قىلماي، ئەكسىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيىتى بولغان ئەھۋالدا ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىپ، بازارنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ ھەم تەھلىل قىلىپ، ئوخشىمىغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، بازاردا ھەقىقىي ئادىل رىقابەت مۇھىتىنى يارىتىپ، بازارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىڭ خىرىس ئېڭىمىزنى يېتىلدۈرۈپ، يېتەرسىزلىكىمىزنى ۋاقتىدا بايقاپ ھەم تۈگىتىپ، ئىچكى قىسىمدىن بىر-بىرىمىزنى تۈگەشتۈرىۋەتمەي، ئىچكى قىسىمدا كۈچلۈك بىردەكلىنى ساقلاپ، تاشقى رىقابەت ھەم خىرىسقا ئورتاق قارىشى تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
ئىمكان بولسا يالغۇز دىيارىمىزدىكى بۇ كىچىككىنە چەكلىك بازارنى نىشان قىلىۋالماي، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بازارنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تارىختىكى مۇسا بايوفلار ئىزىنى بېسىپ، دۇنيا سەھنىسىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى جۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك.
قارار چىقىرىشتا قارىغۇلارچە تەپەككۇر قىلىشتىن ساقلىنىش، ھەر ۋاقىت ئۆزىمىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن، ئەڭ ئەۋزەللىكىمىز بولغان ساھەلەرگە كىرىپ تەرەققىي قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ بىرسى ئاشپەزلىكتە ئۇتۇق قازانسا ئاشپەزلىكتىن قىلچە خەۋىرىمىز يوق ھالەتتە ئاشپەزلىك ساھەسىگە كىرىپ بۇ بازارنى قالايمىقان قىلماسلىقىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ «قۇشقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن!» دېگەن ئۆگۈتلىرى ئاساسىدا ئىش كۆرۈپ، كېرەم ئاتۇشنىڭ «ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاسپورتسىز بازار!» دېگەن سۆزىنى ياخشى چۈشىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارلار ۋە شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ياشاشنىڭ قاتلىمى
2016-06-13 01:52:553352[كۆچۈرۈلمە] ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيەسى ۋە ئانىلا
2015-05-18 23:38:457010قەھرىماننىڭ ئاھ-زارى (ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆ
2015-05-18 22:16:489539ھايات چاقچىقى (4)
2015-06-23 12:37:367014ياشلاردىكى پۈچەك نەتىجىخۇمارلىق ۋە زىيادە ۋاپادا
2015-06-24 10:13:511113821-ئەسىرنىڭ بۈگۈنىدىكى بازار رىقابىتىنىڭ يۈزلىنى
2015-06-07 17:49:317618ناخشا: ئۇلۇغلارڭلار ئانىلارنى بالىلار
2016-09-25 21:35:02923لى كېچىياڭ زۇڭلىنىڭ \"ئېنتېرنېت +\" ھەرىكەت پىلانى
2016-01-11 20:48:1411225
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-