ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىمەنىلىك: شەكلى ئۆزگەرگەن ئىئانە قىلمىشى

بىمەنىلىك: شەكلى ئۆزگەرگەن ئىئانە قىلمىشى

ۋاقتى: 2016-10-28 ئاۋاتلىقى: 7248 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۈگۈن ماتېرىيال ئىزدەۋېتىپ توردا تۆۋەندىكى تېما دىققىتىمنى تارتىپ قالدى.

ئەسلى تېما (خەنزۇچە): ئەمچەكنى شوراپ 20 ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىش
ئەسلى يازما (خەنزۇچە): يېقىندا تورداشلار تورغا بىر سىن ھۆججىتىنى چىقارغان بولۇپ، سىن ھۆججىتىدە ئۈچ بايۋەتچە يولدىن ئۆتكەن پەرىزاتلارغا: «ئەمچىكىڭنى شورىغىلى قويساڭ، مەن ئەمچەك راكى فوندىغا 20 دوللار ئىئانە
قىلىمەن.» دېگەندە، كۆپلىگەن پەرىزاتلار بۇ تەلەپكە قوشۇلغان ۋە بۇ ئەھۋال توردا غۇلغۇلا قوزغىغان.
تۆۋەندىكى رەسىملەرگە قاراڭ:

2013-10-25_140823 2013-10-25_140846 2013-10-25_140904 2013-10-25_140920 2013-10-25_140934 2013-10-25_140947 2013-10-25_141005

ئەمدى بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇشۇمدىكى سەۋەب، تۆۋەندىكى بىر قانچە سوئالنىڭ جاۋابى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىش.
1. پۇلنى مەركەز قىلىپ ئايلانغان تۇرمۇشنىڭ لەززىتى بولامدۇ؟ بۇ خىل لەززەت قانچىلىك ئۇزۇن داۋاملىشار؟ ئادەمگە ھەقىقىي خۇشاللىق ئاتا قىلالامدۇ؟ ئەگەر سىزدە بۇ خىل ھەممىنى پۇلغا باغلاپ چۈشىنىدىغان، پۇلنى مەركەز قىلىپ (زىيادە) ئىش كۆرىدىغان ئەھۋال بولسا ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىمدۇ يوق؟ ئەگەر تۇرمۇشىمىزدا پۇلنى زىيادە مەركەز قىلىپ كەتسەك، نۇرغۇن ئەھۋاللاردا تۇرمۇشتىن بىزار بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا بەزىدە پۇلنى زىيادە مەركەز قىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، بەزىبىر پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە مېھنەتسىز قىلىنغان پاراۋانلىق ئىشلىرى ئادەمگە بەكرەك ھوزۇر بېغىشلايدۇ.
2. يۇقىرىدىكى ئاۋۇ «بايۋەتچىلىرىمىز»نىڭ ئەمچەك راكى فوندىغا 20 ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىشى ئەمەلىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن شەھۋانىيلىق تۇرسا، يەنە بۇنى ئىئانە دەۋېلىش قانچىلىك نومۇسسىزلىقتۇ؟ بۇ يەردە بۇ ئىئانىنى ئاشۇ ئاتالمىش «بايۋەتچىلىرىمىز» ئەمەس بەلكى راك ئازابىنى تارتىۋاتقان نۇرغۇن ئانىلارنىڭ بالدۇرراق ئازابتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىۋاتقان پەرىزاتلار ئىئانە قىلغان بولىدۇ. بىز پەقەت ئېغىر ئوھسىنغان ھالدا مۇنۇسۆز «كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن بىر كۈن ئۆلمىگىنىڭ!»نى ئۆزىمىزگە خىتاپ قىلماقتىن باشقا ۋە ئۇلۇغ ياراتقۇچىدىن ئىمان-ئىتىقادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە نىسىپ قىلىشىنى تىلىمەكتىن باشقائىش قىلالمىساق كېرەك. گەرچە يۇقىرىقىدەك بۇ خىل بىمەنىلىك، نومۇسلۇق ئىشلار بىزدە كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىزدە باشقا شەكىلدىكى بىمەنىلىكلەر كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزگە كۆپرەك سوئال قويۇشىمىز، بىلىپ-بىلمەي بىمەنىلىككە چۆكۈپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك.
3. ئىمانسىزلىقنىڭ پەرقى نېمە دېيىلسە مېنىڭچە ئىمانسىزلىقنىڭ پەرقى روھىي جەھەتتىكى توقچىلىق ۋە غۇربەتچىلىكتىن ئىبارەت بولسا كېرەك. كۆپ پۇل تېپىش ھەرگىز خۇشاللىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، پەقەت سىز پۇلىڭىزنى جايىدا خەجلەپ، ئىمان-ئىتىقادىڭىزدىن چەتنىمەي، كۈنلىرىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزسىڭىزلا ھاياتىڭىز چەكسىز بەختكە چۆمۈشى مۇمكىن. سىز روھىي جەھەتتە بايمۇ ياكى يوقسۇلمۇ؟ جاۋابىنى يۈرىكىڭىزدىن سوراڭ!

ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دەۋرنىڭ بىزدىن كۈتكەن سىنىقى كۈنسېرى ئېغىرلاۋاتىدۇ، بىزگە كەلگەن بېسىم ھەر جەھەتتىن كۈچىيىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرىۋاتىمىز. چۈنكى سەللا دىققەت قىلمىساق، ئاسانلا ئادىشىپ قېلىشىمىز، ئاسانلا ئەقلىمىزنى لال قىلىدىغان ئىش-ھادىسىلەردىن ئۆزىمىزگە ۋابا يۇقتۇرىۋېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، ياخشى تەرەپنى قوبۇل قىلىشىمىز، يامان تەرەپتىن ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇپ، ئۆزىمىزگە يۇقتۇرىۋېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى