شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
Google Noto خەت نۇسخىسى دۇنيادىكى بارلىق يېزىق ۋە تىللارنى قوللىماقچى
-
Google Noto خەت نۇسخىسى دۇنيادىكى بارلىق يېزىق ۋە تىللارنى قوللىماقچى
ۋاقتى: 2016-10-27 ئاۋاتلىقى: 1041 قېتىمGoogle Noto خەت نۇسخىسى بىر ھەقسىز خەت نۇسخىسى بولۇپ، ھەر قانداق شەخس خالىغانچە چۈشۈرسە ۋە ئىشلەتسە بولىدىكەن. ئۆتكەن بەش يىلدا، گۇگۇل شىركىتى ئىزچىل Noto خەت نۇسخىسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولۇپ،ھازىرغا قەدەر، Google Noto خەت نۇسخىسى ئامبىرى ئاللىبۇرۇن 800 دىن ئارتۇق تىل ۋە 100 دىن ئارتۇق يېزىقنى قاپلىغان. Noto بولسا No Tofu نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، مەقسەت كىچىك تىللارنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولۇپ، گۇگۇلنىڭ نىشانى دۇنيادىكى ئىنسانلار ئىشلىتىدىغان بارلىق تىل ۋە يېزىقنىڭ خەت نۇسخىسىنى Google Noto غا بىرىكتۈرۈش ئىكەن.يانفوندا كۆرۈش
Monotpye شىركىتىنىڭ ئىجادىي تەپەككۇر باش نازارەتچىسى ستېۋ ماتتېرسون: «گۇگۇلنىڭ Noto خەت نۇسخىسى بارلىق ئۈسكۈنىلەر، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئەپلەرنى ئىشلەتكەن ئىستېمالچىلارنىڭ خەت كاتاكچە («دۇفۇ پارچىسى») چىقىۋېلىش مەسىلىسىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.» دەيدۇ.
ئىلقۇت ئاددىي تەھلىلى:
گۇگۇلنىڭ بۇ تۈرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئىشىنىمىزكى ھەر قانداق بىر قەۋمنىڭ ئانا تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئېسىل ئىشتۇر. يۇقىرىقى قىستۇرما رەسىملەردىنمۇ شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر تۈردە تۈركىي تىللار سىستېمىسىدىكى ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىدىكى زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەردە يېزىقىمىزنىڭ چاپاق چىقىۋېلىش مەسىلىسى ئۈزۈل كېسىل ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
دېمەك، يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىمۇ Google Noto خەت نۇسخىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، زامانىۋىي پەن-تېخنىكىنىڭ ھاسىلاتى بولغان ئەڭ يېڭى ئۈسكۈنىلەردىمۇ چاپاق چىقىۋېلىش، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىش مەسىلىسى تەبئىي ھەل بولۇپ كېتىشى، ئۇ ۋاقىتتا، بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنىلىرىمىزگە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلىمايمۇ ئانا تىل ھوزۇرىنى سۈرەلىشىمىز ھەم ئارتۇقچە خەت كىرگۈزگۈچ ياكى خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇشىمىز مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، Google Noto خەت نۇسخىسىنىڭ تىلىمىزنى گۈزەل چىرايلىق كۆرسىتىپ بېرىشى ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن بىر قىسىم نامسىز قەھرىمانلار تۆھپە قوشىۋاتقان بولۇشى (ئەلۋەتتە ئۇلار مەزكۇر تۈر ئۇچۇرىدىن خەۋەردار بولغان بولسىلا) ياكى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشقا ئۆزىنىڭ گۈزەل لايىھەسى ياكى تىلشۇناسلىق بىلىملىرىنى تەقدىم ئېتىپ، تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن. شۇڭا تىلىمىزنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆركەم، گۈزەل بولۇشى، ھەم ئارىمىزدىكى ئەڭ ئۇستا لايىھەچى، ئەڭ داڭلىق تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ مەزكۇر تۈردىن بىخەۋەر قالماسلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئۇچۇرنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە كەڭ تارقىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، بەلكىم سىزنىڭ كىچىككىنە ھەرىكىتىڭىز ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن چەكسىز مەدھىيەلەرگە مۇيەسسەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، قېنى مەزكۇر ئۇچۇرنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە كەڭ تارقىتىشنى باشلىغايسىز.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھەدەمنىڭ ئىدىيەسىدىكى 180 گىرادۇسلۇق ئۆزگىرىش...
2015-07-27 03:18:2924772ماركا ئېڭى ۋە ئۇيغۇرلار
2015-05-16 00:18:378915ئېشەكنىڭ خىزمەت قىلىشى
2015-12-30 13:05:0013667خوجايىن بىلەن خىزمەتچىنىڭ پەرقى (ھېس قىلىپ يېتەل
2015-06-24 10:07:228994لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-06-07 16:40:33743221-ئەسىرنىڭ بۈگۈنىدىكى بازار رىقابىتىنىڭ يۈزلىنى
2015-06-07 17:49:317507«قوشكېزەكلەر» ناملىق رومانىدىن تەسىرات ۋە ئۇنىڭد
8762سائەت ئىلگىرى11371ئۇ ئامېرىكا مائارىپىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، بىل گاي
2015-09-14 01:09:099164
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-