شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور مەخپىي نومۇرى: 6142243534
-
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور مەخپىي نومۇرى: 6142243534
ۋاقتى: 2016-10-12 ئاۋاتلىقى: 684 قېتىمجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى سىياسىي بىيرۇسى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى تور كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە 36-قېتىملىق كوللېكىپ ئۆگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.يانفوندا كۆرۈش
بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى نېمە؟
تور ئۇچۇر تېخنىكىسىدا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، سىفىرلىق ئىگىلىكنىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تېزلىتىش، تور باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىشنى تېزلىتىش، تور ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تېزلىتىش، دۆلىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنىڭ خەلقئارادا سۆز ھوقۇقى ۋە بەلگىلىمە تۈزۈش ھوقۇقى بولۇشنى تېزلىتىش، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش يۆنىلىشى بويىچە قەتئىي بوشاشماي تىرىشىش.
2. بىر پەرق
دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر ئىنتېرنېتنى ئىقتىساد تەرەققىياتى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيە يۆنىلىشى قىلغان. گەرچە دۆلىتىمىز تور ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تور بىخەتەرلىك كاپالىتىدە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا زور پەرق بار.
3. تۆت «ئەڭ»
تور ئۇچۇر تېخنىكىسى دۇنيادىكى تەتقىقات سېلىنمىسى ئەڭ مەركەزلەشكەن، يېڭىلىق يارىتىش ئەڭ جانلىق، قوللىنىش ئەڭ ئومۇملاشقان، تەسىر كۆرسىتىش رولى ئەڭ چوڭ بولغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدۇر. پۈتۈن دۇنيانىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش رىقابەت يۇقىرى پەللىسىدۇر.
4. ئىككى مىخانىزىم
پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىغا بولغان سېلىنما-ھاسىلات مىخانىزىمى ۋە تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىش مىخانىزىمىنى ئىسلاھ قىلىش، تور ئۇچۇر ساھەسىدە يادرولۇق تېخنىكا ئەسلىھەلىرىنى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاش، كۆچمە ئالاقە، كۋانت ئالاقىسى، يادرو ئۆزەك، مەشغۇلات سىستېمىسى قاتارلىق تەتقىقات ۋە قوللىنىشلاردا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش.
5. تۆت «كېرەك»
ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، تارقىتىش كۈچى ۋە باشلامچىلىق كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تور جىنايىتى بولۇپمۇ يېڭىچە تور جىنايىتىدىن قەتئىي ساقلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتى شۇنىڭدەك جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك؛ تور تارقىتىش ھەمتۈرتكىلىكى، كۆرۈپ بېقىش، ھەمبەھرلىنىش ئەۋزەللىكىنى جارىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش، ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ توردا ۋە ئەمەلىيەتتە بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ، تەڭ تۇتۇش ۋە ئورتاق باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، بىرلىكتە ئىجتىمائىي خەۋپتىن ساقلىنىپ، بىرلىكتە قەلبداش بولغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك؛ تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى ۋە تور سانلىق-مەلۇماتلىرىنىڭ پۈتۈنلۈكى، بىخەتەرلىكى، ئىشەنچلىكلىكىنى قوغداپ، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش.
6. ئۈچ «بىرلەشتۈرۈش» ۋە بەش «ھالقىش»
ئىنتېرنېتنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى رولىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەتنى كېڭەيتىپ، يېڭى تىپتىكى ئىدراكلىق شەھەر قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، سانلىق-مەلۇماتلارنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ھەمبەھرلىنىشنى جەريان قىلىپ، مەملىكەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن دۆلەتلىك چوڭ مەلۇمات مەركىزى قۇرۇپ، تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈش، كەسىپنى بىرلەشتۈرۈش، سانلىق-مەلۇماتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، قاتلامدىن ھالقىش، رايوندىن ھالقىش، سىستېمىدىن ھالقىش، بۆلۈملەردىن ھالقىش، كەسىپلەردىن ھالقىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش.
7. ئۈچلەشتۈرۈش
ئىنتېرنېت تەپەككۇرىنى، ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىشنى تەكشىلەشتۈرۈشنى، دىئالوگلۇقنى (ئالاقىلىق)، تېزلىشىشچان ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنىڭ ئىلمىيلىشىشىنى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى توغرىلاشتۇرۇشنى، ئاممىۋىي مۇلازىمەتنى يۇقىرى ئۈنۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ جەمئىيەت ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىش، ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، قوشۇمچە قارارلارنى ئىجرا قىلىش.
8. تۆت خىل ئىقتىدار
ھازىر، ھەر قايسى رەھبىرى كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئەگەر تورنى چۈشەنمىسە، تورنى قوللىنىشقا ماھىر بولمىسا، خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا قانات يايدۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار تور ئۆگىنىشى، تورنى چۈشىنىشى، تورنى ئىشلىتىشى، ئاكتىپ پىلانلاپ، ئىنتېرنېت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات، ئوچۇق ۋە مۇستەقىللىق، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىنتېرنېت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى، تور جامائەت پىكرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تېزگىنلەش ئىقتىدارىنى، تور بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قەھرىماننىڭ ئاھ-زارى (ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆ
2015-05-18 22:16:489536«كىتاب كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلار» دىن «كىتابخۇمار ئۇ
2015-07-24 01:48:2524882ئارماننىڭ خادىم ئىشلىتىش ئەندىزىسى ھەققىدە يۈزەك
2015-06-07 14:22:596900ستېۋ جوبس (Steve Jobs)نىڭ تەرجىمىھالىدىن تەسىرات
2015-06-24 10:11:4711397گېرمانلار روھى: (1) پادىشاھ بىلەن تۈگمەنچى
2015-08-22 12:16:0910623«ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن» دىن تەسىرات
2015-06-23 12:00:007371ھاياتىمدا ئارمان كۆپ، ئەمما ھەمراھ يوق
2015-05-19 00:31:597125ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشىر قىلىش چۈشى (4)
2015-06-24 10:08:4110358
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-