ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كىتاب ۋە ھايات

كىتاب ۋە ھايات

ۋاقتى: 2016-11-07 ئاۋاتلىقى: 8757 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلاۋە: ئىلقۇت بلوگىدا بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كىتاب ئوقۇش ھەققىدە بىر قانچە پارچە يازما يوللانغان، گەرچە ئۇ يازمىلار كەمىنىنىڭ تېخى پىشىپ يىتىلمىگەن، تەپەككۇرلىرىم تېخى خام، تىلىم ئاجىز ھالەتتە ئانچە-مۇنچە كۆڭلۈمدىكى خىياللىرىمنى يېزىش بەدىلىگە ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل ھالدا تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى. بۇ قېتىم مەزكۇر ماقالىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم. شۇڭا مەزكۇر ماقالىنى كۆرمىگەن تورداشلارنىڭ ئەستايىدىللىق، سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىتاب ۋە ھايات

(ئەدەبىي خاتىرە)
باتۇر روزى

ياشاش قەۋەت خاسىيەتلىك بىر ئىش. لېكىن كىتابسىز ياشاش ياشىمىغان بىلەن باراۋەر. ھېچبولمىغاندا «كىتاب ئوقۇپ ياشىغىنىڭ پۈتۈن ياشىغىنىڭ، كىتاب ئوقۇماي ياشىغىنىڭ كەم دېگەندە ھاياتىڭنىڭ يېرىمىنى ياشىماي قويغىنىڭ بىلەن باراۋەر.»
تەخمىنەن ئون يىللار ئىلگىرى مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيۇپ تېلېۋىزور ئېكرانىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شېئىر ئوقۇغان چېغىدا، دېھقانلىرىمىزغا: «ئېتىزغىمۇ كىتاب ئوقۇپ چىق» دەپ خىتاب قىلغانىدى. ئەينى چاغدا بۇ مىسرالار مەندەك بىر كىتاب مەستانىسىگىمۇ بەئەينى بىر مىسرا قوشاق شەكلىنى ئالغان چاقچاقتەك تۇيۇلغانىدى. مەرھۇممۇ چاقچاقچى ئادەم بولغاچقا، ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى ماڭا كۆپ ھاللاردا ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا، مۇنداقچە ئېيتىپ قويغان بىر گەپتەك ياكى ئالدى-كەينىنى ئويلاشماي ئاغزىغا كەلگىنىچە دەۋەتكەن بىرەر ئېغىز چاقچاقتەك تۇيۇلاتتى. مانا ئەمدى ئويلىسام، مەرھۇم ئوقۇغان بايىقى بىر مىسرا خىتابنىڭ ئاجايىپ ۋەزنى بار ئىكەن.

نيۇتون: «يېنىمدىكىلەرگە قارىغاندا يىراقنى كۆرەلىگەنلىكىم گىگانت كىشىلەرنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرغانلىقىمدۇر» دەيدۇ.
سىزمۇ كىتاب ئوقۇپ، ھارماي ئۆگىنىپ بىلىم ئىگىلىسىڭىز نيوتۇنغا ئوخشاش گىگانت ئادەملەرنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرالايسىز. چۈنكى نيوتۇنمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئادەم. تالانت ئاسماندىن «پوككىدە» ئالدىڭىزغا تاسادىپىي چۈشۈپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس.
مېندىلىۋنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا: «بىر ئۆمۈر تىرىشسا تالانتقا ئايلىنىدۇ».
تولىستوي: «كۆڭۈلدىكىدەك كىتاب پاراسەتنىڭ ئاچقۇچى، كىشىلەرنى يۇقىرىغا باشلايدىغان شوتا، كىشىلەرنى مۇكەممەللىشىشكە ئېلىپ بارىدىغان كېمە» دەپ بەك توغرا ئېيتقان.
گوركى: «ئادەم كىتابنى قانچە كۆپ ئوقۇسا روھىي جەھەتتىن شۇنچە ساغلام، باتۇر بولىدۇ» دەيدۇ.
گىيوتى يەنە: «ياخشى كىتابتىن بىرنى ئوقۇسىڭىز، نۇرغۇن ئالىيجاناب ئادەملەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندەك بولىسىز» دېسە، رومىن روللان: «كىتاب بىلەن بىللە ياشىغان كىشى ھەرگىزمۇ ھەسرەت چەكمەيدۇ» دەيدۇ.

خىزمەتداشلارغا، يېقىن دوست-ئاغىنىلەرگە ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا لايىق كېلىدىغان بىرەر كىتابنى سوۋغا قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا ياخشى ئۇستاز ۋە خالىغاندا سىرداشقىلى بولىدىغان دوسىتتىن بىرنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتقانغا باراۋەر. ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت خەزىنىسىنى ئاچىدىغان بىر ئالتۇن ئاچقۇچ بەرگەن بىلەن باراۋەر. بىزگە شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە پسىخىكا، ئاڭ-سېزىم جەھەتتىكى قىسمەن پەرقلەر تۈپەيلىدىن ئىلىم-پەننى، مەدەنىيەتنى ئاران 5 مىليون ئاھالىسى بار دانىيىلىكلەردەك سۆيەلمىدۇق، قەدىرلىيەلمىدۇق.
دانىيىلىكلەر كىتابقا بەكمۇ ھېرىسمەن بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىتاب نىسبىتىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ دانىيە ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر ئىچىدە ئەمگەك كۈچى سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى، تېخنىكا خادىملىرى ئەڭ تولۇق بىر دۆلەت بولۇپ قالغان.
ئاران 260 مىڭ ئاھالىسى بار ئىسلاندىيىدە كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ نىسبىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئىسلاندىيە خەلقىنىڭ كىتاب ئوقۇش ھېرىسمەنلىكى، سەنئەتكار ۋە يازغۇچىلارغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقى قاتتىق سوغۇق بولىدىغان بۇ دۆلەتكە نۇرغۇن ئىللىقلىق ئاتا قىلغان.
10 مىليون ئاھالىسى بار توكيودا يەر ئاستى پويىزىغا ئولتۇرۇپ خىزمەتكە بارىدىغان، خىزمەتتىن يانىدىغان ئادەملەر مىغ-مىغ قىستىلىپ ئولتۇرسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ياپونلار بىر قولىدا پويىز ئېسىلغۇسىغا ئېسىلىپ، بىر قولىدا كىتاب ياكى گېزىت تۇتۇپ ئوقۇپ ماڭىدىكەن. ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيىدە تەخمىنەن 76 پىرسەنت ئادەم بوش ۋاقتىنى كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. ياپونىيىدە ھەر يىلى سېتىلىدىغان كىتاب-ژۇرناللارنىڭ سانى بىر مىليارد پارچىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
ئەنگلىيىلىكلەرمۇ بوش ۋاقىت تاپسىلا كىتاب بازىرىنى ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ئاياللىرى، بولۇپمۇ يېشى چوڭراق ئاياللار ئادەتتە ئەرلەرگە قارىغاندا كىتاب ئوقۇشقا تېخىمۇ ئامراق ئىكەن. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، 40 پىرسەنت ئادەم ھاجەتخانىدىمۇ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن.
ئەپسۇسكى، بىزگە شۇنچىلىك مىجەز، شۇنچىلىك تىرىشچانلىق نېسىپ بولماپتۇ. ئەكسىچە، نېسىپ بولغان ۋە شۇنداق ئادەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارنى چىدىماي مازاق قىلدۇق، كۈلدۇق. بىز بىراۋنىڭ بىرەرسىگە كىتاب سوۋغا قىلغىنىنى كۆرسەك، ئاڭلىساق، «چىدىماس، ھېچ نەرسە تېپىلمىغاندەك كىتاب ئېلىپ كەلگىنىنى» دېدۇق. دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بالنىتسىدا يېتىپ قالغان دوستلىرىمىزنى يوقلاشقا يەنە قەنت ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى مازاق قىلغاندەك ئىشلارنى قىلىشقا رازى بولدۇقكى، بىرەر پارچە كىتابنى ئېلىپ بېرىپ ئوقۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلمىدۇق.
قىسقىسى، بىز كىتاب سوۋغا قىلىشنى ئېڭىمىزغا زادىلا سىغدۇرالمىدۇق.
ئويلاپ باقايلى، زادى كىتاب سوۋغا قىلىشنىڭ بىز ئېڭىمىزغا سىغدۇرالمايدىغان قانداق يامان تەرەپلىرى بار؟
ئۇيغۇرلار يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان كىتابنى سۆيىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغان ئاجايىپ ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە.
قەشقەرلىق پېشقەدەم تارىخچى ئابدۇرېھىم سابىت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقىمىز ئەزەلدىن تارتىپ مەدەنىيەتكە، ئىلىم-مەرىپەتكە، كىتابلارغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بۇ يالغۇز ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئادەت ئەمەس، دىيارىمىزغا ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن ئىلگىرىكى ئۇزاق زامانلاردىمۇ خەلقىمىز كىتابلارنى قەدىرلەشنى ئۆزىنىڭ ئىزچىل ئادىتى قىلىپ كەلگەن، كۆپ كىتاب ساقلاش ۋە كىتابلارنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مىراس قالدۇرۇش قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان. بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، قەشقەردىكى بۇرۇنقى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا دۆۋە-دۆۋە كىتابلار ئەسىر-ئەسىرلەپ ساقلىنىپ كەلگەنىكەن. ئۇ زامانلاردا كىتابلار ئاساسەن ئىبادەتخانىلاردا ساقلىنىدىكەن. ئەينى زاماندىكى كىشىلەر كىتابنى ”ئىنتايىن مۇقەددەس، ئۇلۇغ، خۇدانىڭ كالامى، تەڭرىلەر شەخسنىڭ دىلىغا ئىلاھىي ۋەھىيلەرنى سالغاچقا، شەخسلەر تەڭرىنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە ئىلھام بېرىشى ئارقىلىق كىتابتىن ئىبارەت مۇشۇنداق مۇقەددەس ئابىدىلەرنى پۈتۈپ چىققان، كىتابلار شەك-شۈبھىسىز تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن يېزىلغان.“ دەپ قاراپ، بەندىنىڭ قولى بىلەن يېزىلغان كىتابلارنىڭ ھەر قاندىقىنىمۇ مۇقەددەس بىلىپ، مەخسۇس ئىبادەتخانىلاردا ساقلىغان. كىتابلارنى ئىلاھىي تەۋەررۈك، خاسىيەتلىك نەرسە، مۇقەددەس بۇيۇم سۈپىتىدە ئەتىۋارلاپ، كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ ئادەتلەنگەن. كېيىنكى كۈنلەردە دىيارىمىزغا ئىسلام دىنى كىرىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ كىتابلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى «كۇپپارلارنىڭ سۆزى» دەپ قارىلىپ، كۆيدۈرۈلۈپ، ۋەيران قىلىنىپ تۈگىتىۋېتىلگەن. دۇنخۇاڭدا ساقلىنىپ قالغان ۋە چەت ئەللىك ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر ئاچىقىپ كەتكەن قەدىمىي كىتابلىرىمىز ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى زامانلاردا ساقلىنىپ قالغان كىتابلىرىمىزنىڭ ساقىندىلىرى، خالاس. ئىسلام دىنى كىرگەندىن كېيىنمۇ، ئىسلام دىنىدا كىتابلارنى گەرچە شەخسلەر يازسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ئومۇم پايدىلىنىدۇ، دەپ ئوخشاشلا ئەتىۋارلانغان. ئەينى زامانلاردا مەتبەئە بولمىغاچقا، كىشىلەر كىتابلارنى قول بىلەن كۆچۈرۈپ كۆپەيتىپ ساقلىغان ۋە قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ تالىشىپ ئوقۇغان. كىتاب ئىگىلىرىمۇ كىتابنى قانچە كۆپ ئادەم ئوقۇسا شۇنچە ساۋاب بولىدۇ، دەپ قاراپ، قولىدىكى خۇسۇسىي كىتابلارنى مەدرىسىلەرگە، مەسچىتلەرگە ۋەخپە قىلىپ تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن. ساۋاتلىق كىشىلەر كىتاب ئوقۇغۇسى كەلسە ئۇنى مەسچىت ۋە مەدرىسىلەرنىڭ قىرائەتخانىسىغا بېرىپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيدىكەن، مۇھىم جايلىرىنى ۋە قىسقىچە مەزمۇنلىرىنى خاتىرىلىۋالىدىكەن. ئاندىن كىتاب يازغۇچى ۋە ساقلىغۇچىغا ئاتاپ دۇئا-تەگبىر قىلىدىكەن. كىتاب ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابلارنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. چۈنكى مەتبەئە يوق زامانلاردا كىتابلار ئاران بىرنەچچە نۇسخىلا ساقلىنىدىغان بولغاچقا، بىرەر ئادەم ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتسە، ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەملەر پايدىلىنالمايدىغان بولغاچقا، مەسچىت ۋە مەدرىسىلەرنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرى كىتابلارنى شەخسلەرنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئوقۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايدىكەن. كىتاب يازغان كىشىلەرمۇ كىتابلىرى يېزىلىپ پۈتكەن ھامان ئۇنى بىرنەچچە نۇسخا كۆپەيتىپ، جامائەتنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەسچىت ۋە مەدرىسىلەرگە ۋەخپە قىلىپ تاپشۇرۇشقا ئادەتلەنگەنىكەن. كاتىپلار، پۈتۈكچىلەر كىتاب كۆچۈرۈشنىڭ ئۆزىنىمۇ ناھايىتى ساۋابلىق ئىش، جامائەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ بىر خىل يولى دەپ ھېسابلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرى ۋە ئەرەب-پارس ئالىملىرى يازغان كىتابلارنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ، تالىشىپ تۇرۇپ كۆچۈرۈپ كۆپەيتىشكە ئادەتلەنگەنىكەن. بۇ خىل ئادەت 12-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تازا ئەۋجىگە چىققان.
دىيارىمىزدا يۇقىرىقىدەك كىتابلارنى قەدىرلەشتەك ئېسىل ئەنئەنىلەر ئىزچىل داۋاملاشقاندىن سىرت، يەنە ناۋادا بىر كىتاب كۆيدۈرۈشتەك ئىنسانىيەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان رەزىل قىلمىشلارمۇ سادىر بولغان.
بۇنداق قىلمىشلار ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا ئوخشاش تاسادىپىي ھادىسىلەر تۈپەيلى يۈز بەرمىسە، نورمال ۋەزىيەت ئاستىدا خەلقىمىز ئۆزى خالاپ تۇرۇپ كىتاب كۆيدۈرىدىغان ئىشلار مۇتلەق يۈز بەرمىگەن. خەلقىمىزنىڭ ئادىتىدە كىتاب كۆيدۈرۈش، قەغەز كۆيدۈرۈش ئىنتايىن ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىپ كەلگەن. ھەتتا بىرەر پارچە ئاق قەغەز بولسىمۇ، تەڭرىنىڭ سۆزى پۈتۈلىدىغان قىممەتلىك نەرسە ھېسابلىنىپ ئەتىۋارلىنىپ ساقلانغان. كىچىككىنە بىر قەغەز پارچىلىرى ئۇچراپ قالسىمۇ، ئۇنى توپىغا كۆمۈلۈپ، ئەخلەت-چاۋار ھېسابىدا سۈپۈرۈلۈپ تاشلانمىسۇن، دەپ ئۇنى ئاۋايلاپ ئېلىپ، تامنىڭ تۆشۈكىگە ۋە ئېگىز-ئېگىز دەرەخلەرنىڭ كاۋاكلىرىغا تىقىپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن. قەغەزلەرنى تۇتۇرۇق قىلىپ ئوت تۇتاشتۇرۇش ئىنتايىن ناچار ئادەت ھېسابلىنىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىزچىل تۈردە نەپرەت بىلدۈرۈشىگە ۋە چەكلىشىگە ئۇچراپ كەلگەن.
تارىخىمىزدا كىتاب كۆيدۈرىدىغان ئىشلار كۆپرەك مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە يۈز بەرگەن. ئەينى يىللاردا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىنتايىن زور قالايمىقانچىلىقلار يۈز بەردى. ئىلىم ئىگىلىرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى. كىتابلار خالىغانچە كۆيدۈرۈلدى ياكى يىغىۋېلىنىپ يوق قىلىندى.
ئىسلاھات ئېچىۋىتىشتىن بۇيان نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىمىزدا زور جانلىنىش يۈز بەردى. نۇرغۇن ياخشى كىتابلار ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىندى. بۇ، تارىخىمىزدا ئىلگىرى يۈز بېرىپ باقمىغان ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. بىزدە بۇرۇنلا ئەمەس، ھېلىمۇ بۇنداق كىتاب مەستانىلىرىنى ئاز بولسىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. بۇنداق كىتاب مەستانىلىرى ئىچىدە ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ئىجادىي ئىلھام ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب خەزىنىسىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشۇپ ئۆتكەن ئەدىب ۋە ئالىملىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.
كىتاب ئوقۇماق ئاسان، لېكىن كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كىتاب يازالايدىغان ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقماق مۈشكۈل قىيامەت بىر ئىش.

قەشقەرلىق ئەدىب ھاجى ئەخمەت كولتېگىن ئەنە شۇنداق نەچچە ئونلىغان ئۆلمەس كىتابلارغا ئاپتور بولالىغان ھەقىقىي كىتاب مەستانىسى. بىز مەخسۇس مۇشۇ تېما بويىچە ئۇستاز ئەدىب ھاجى ئەخمەت كولتېگىننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ياشىنىپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغىنىغا، قۇلىقىنىڭ ئېغىرلىشىپ، كۆزلىرىنىڭ خىرەلىشىپ قالغىنىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ ئائىلە كۇتۇپخانىسىغا بېكىنىپ، باش كۆتۈرمەي كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرغانىكەن.
- بۇ ئادەم ھېلىمۇ كۈنلەپ-كۈنلەپ دەرۋىشكە ئوخشاش كىتابخانىغا بېكىنىۋالغىنى بېكىنىۋالغان. «قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار» دەپ، بۇ ئادەم بالا چېغىدىكى خۇيىنى تا ئۆلگۈچە ئۆزگەرتمەيدىغان ئوخشايدۇ،-دېدى ئايالى بىزنى كۇتۇپخانىغا باشلاپ كىرىۋېتىپ.
بىز ھاجى ئەخمەت ئاكىنىڭ چاققانغىنا، پاكىز ۋە چىرايلىق جابدۇلغان كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەلگىنىمىزدە، پۈتۈن دىققىتى بىلەن بېرىلىپ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرغان ھاجى ئەخمەت ئاكا دەلدەڭشىپ دېگۈدەك ئورنىدىن تۇرۇپ، بىز بىلەن بىر-بىرلەپ قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
ھاجى ئەخمەت ئاكىنىڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ تۆت تېمىنىڭ يۈزىنى تولۇق ئىگىلىگەن قەۋەت-قەۋەت ئىشكاپلارغا پاتماي قالغان كىتابلىرىغا قاراپ كۆزلىرىمىز نۇرلىنىپ كەتتى. ھەر بىر تامدىكى كىتابنىڭ سانى شەك-شۈبھىسىز ئۈچ-تۆت مىڭدىن ئاشاتتى.
- كىتابخانا مېنىڭ جەننىتىم! -دېدى ھاجى ئەخمەت ئاكا بىردەملىك قىزغىن ئەھۋاللىشىشتىن كېيىن، بىزگە ئەگىشىپ دىققىتىنى ئۆزىنىڭ كىتابخانىسىغا بۇراپ،-مېنىڭچە، ئىنسانىيەت تارىختىن بۇيان ياراتقان مۆجىزىلەر ئىچىدە كىتابنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان كاتتا مۆجىزە يوق! ئىنسان يەر يۈزىگە تۆرەلگەندىن كېيىن تەڭرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا خىلمۇخىل ھەۋەس ئوتىنى تۇتاشتۇرىدىكەن، خىلمۇخىل قىسمەتلەرنى پېشانىسىگە پۈتۈۋېتىدىكەن. يەنە كېلىپ ئادەملەرنىڭ ھەۋەس-ئىشتىياقلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. ئۇلارنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن قىسمەتلەرمۇ بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدىكەن. مىليونلىغان ئادەملەرنى بىر-بىرىگە ئوخشاتماي، مىليون خىل چىراي-شەكىل، مىليون خىل خۇي-پەيل، مىليون خىل ھەۋەس-ئىشتىياق ۋە قىسمەتلەرگە ئىگە قىلىپ ياراتقىنى ئىلاھىي مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولسا كېرەك. قارىغاندا، كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىك تەڭرى مېنىڭ پېشانەمگە پۈتكەن قىسمەت، قىيامەتلىك ئىشتىياق ئوخشايدۇ. مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 -، 5-يىللىقلىرىدىن باشلاپ كىتاب يىغىشقا ۋە كىتاب ئوقۇشقا باشلىدىم. ئۇ چاغلاردا كىتابلار ھازىرقىدەك مول ۋە رەڭگارەڭ ئەمەس ئىدى. ئۇ چاغلاردا بىز تاپالايدىغان كىتابلار «پولات قانداق تاۋلاندى؟»، «ئادىلە»، «قۇللار»، «قۇتلۇق قان»، «ناۋائى» دېگەنگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتنىڭ دەسلەپكى بىخلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىتابلار ئىدى. شۇ چاغلاردا كىتابنىڭ ھەۋەس-ئىشتىياقى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ، مېنى سەۋدايى ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانىدى. ھەتتا بىرەر كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتمىگىچە ئاش-تاماقتىنمۇ قالىدىغان، كېچە-كېچىلەپ ئوقۇغان كىتابلىرىم ۋە ئوقۇماقچى بولۇپ تاپالماي يۈرگەن كىتابلىرىم ھەققىدە ئويلاپ، گاھ شېرىن، گاھ ئىزتىراپلىق خىياللارغا غەرق بولىدىغان، كۈن-كۈنلەپ پەرىشان بولۇپ يۈرىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدىم. ئەلىشىر ناۋائى ھەزرەتلىرىمۇ بالا ۋاقتىدا پارس شائىرى پەرىدىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇت تەيىر»(قۇشلار تىلى) ناملىق پەلسەپىۋى داستانىنى ئوقۇپ ئەنە شۇنداق سەۋدايى ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، ئاتا-ئانىلىرىنى خېلىلا ئەنسىرەتكەنىكەن. مېنىڭ ئەينى يىللاردىكى ھالىتىممۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشايتتى. ئەينى يىللاردا بىز ياشاۋاتقان مۇھىتتىن مەن ئوقۇغان كىتابلاردىكى مۇھىت بەكرەك ئازادە، گۈزەل ۋە شەيدا قىلارلىق بولۇپ تۇيۇلاتتى. كىتابتىكى مۇھىت مەن ياشاۋاتقان مۇھىتقا سېلىشتۇرغاندا باشقىچە بىر دۇنيا ئىدى. ئۇنىڭدىكى ئادەملەر ئوبرازىمۇ باشقىچە جانلىق، يېقىملىق ۋە ئالىيجاناب ئىدى. ئۇلارنىڭ ئوبرازىدىن ھەقىقىي ئادەمدەك ياشاۋاتقان جانلىق سىمالارنى كۆرگەندەك بولاتتىم. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتا بولسا ئادەملەر مىسكىنلىك، سۇلغۇنلۇق، موھتاجلىق ۋە نامراتلىق ئىچىدە بىر توپ ئاچ ئەرۋاھلاردەك ئەلەڭلەپ يۈرۈپ كۈننى كەچ قىلاتتى. ئۇلارنى كىتابلاردىكى پېرسوناژلارغا ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. پەقەت كىتابلارلا ماڭا ئادەم بولغۇچىنىڭ قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇ چاغدا پېشانەمگە قىسمەت بولۇپ پۈتۈلگەن ئاشۇ كىتاب ئىشتىياقى مەندىن ھېلىغىچە ئۆچمىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مېنىڭ ھاياتىمنى تۇتۇپ تۇرغان يىقىلماس مەنىۋى تۈۋرۈك ئاشۇ كىتابلاردىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. بالا چاغلىرىمدىن تارتىپ كۆپرەك كىتاب ئوقۇسام، كۆپرەك كىتاب يىغسام دېگەندىن باشقىنى ئاساسەن ئويلىمايتتىم. تاكى بۈگۈنگىچە كۆپرەك كىتاب ئوقۇۋالسام، كۆپرەك كىتاب ئوقۇۋالسام دېگەن ئارزۇ بىلەنلا ياشاپ كەلدىم. پۇل تېپىۋالسام ياكى كاتتا ئۆي-ئىمارەت سېلىۋالسام ياكى ماشىنا ئېلىۋالسام دېگەندەك ھاۋايى-ھەۋەسلەرنى خۇدا مېنىڭ كۆڭلۈمگە سالمىدى. مانا مۇشۇ جەھەتتىن مەن ئۆزۈمدىنمۇ، خۇدادىنمۇ رازى. كىچىكىمدىنلا قولۇمغا ئازراقلا پۇل كىرسە، شۇنى يىغىپ ساقلاپ كىتاب سېتىۋالاتتىم. دادام دىنىي ئەقىدىسى كۈچلۈك ئادەم بولغاچقا، دىنىي كىتابلاردىن باشقا كىتابلارنى ياقتۇرمايتتى. مەن ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئەدەبىي ۋە پەننىي كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئېلىپ چىقسام دادام قولىغا ئېلىپ يىرتىپ تاشلاپ، باشلىرىمغا ئېتىپ، «بۇنداق كۇپۇرلۇقنى تەرغىب قىلىدىغان كىتابلارنى ئوقۇپ نېمە قىلىسەن؟ ئۇنىڭ ئورنىغا ھەپتىيەك ئوقۇساڭ بولمامدۇ، قۇرئان ئوقۇساڭ بولمامدۇ؟» دەپ خاپا بولۇپ قايناپ كېتەتتى. مەن بۇنداق كىتابلارنى شەھەردىن سېتىۋېلىپ ئېلىپ چىقىپ، بىدىلىكلەردە، بۇغدايلىقلاردا، قوناقلىقلاردا، ئوت-خەسلەرنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇپ، كەچ تەرەپلەردە ئوت ئالغىلى چىققاندا ياكى تېزەك تەرگىلى چىققاندا سېۋەتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ ياندۇرۇپ كىرەتتىم-دە، ئۆيدىكى كىگىزلەرنىڭ، پالاسلارنىڭ تېگىگە تىقىپ قوياتتىم. دادام يوق چاغلاردىن پايدىلىنىپ پەم بىلەن تىقىپ قويغان جايلىرىمدىن ئېلىپ ئوقۇيتتىم. ئويلايمەنكى، كىتاب ئوقۇمىغان بولسام، بەلكى مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن كېيىن دۇنيادا يەنە باشقا مەكتەپلەرنىڭ بارلىقىنى، يەنە مەن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىلىمنىڭ بارلىقىنى بىلمەي، باشلانغۇچ مەكتەپتىنلا ئېتىزغا قايتىپ كەلگەن بولاتتىم. كىتابلار مېنى ئاشۇنداق يېتەكلەپ، ئالدىمدا يېڭى يول ئېچىپ بەردى، ماڭا يېتىپ بارىدىغان نىشانىمنى كۆرسىتىپ بەردى. كىتابلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مېنىڭ ئوقۇش ھەۋىسىم كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن تەشكىلدىن «ئوقۇتقۇچى بول» دەپ بوينۇمدىن باغلىغاندەك زورلىسىمۇ ئۇنىماي، «ئوقۇيمەن» دەپ، سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كېتىپ قالدىم. كەسىپ تۈرىنى تاللايدىغان كاتەكچىلەرنىڭ ھەممىسىگە «ئەدەبىيات، ئەدەبىيات» دەپ توشقۇزغانىدىم. نەتىجىدە شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپتىمەن. ئىشقىلىپ، كىتاب ماڭا ناھايىتى جىق نەپ بەردى. ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ھاياتىمدا ئاز-تولا ئىش قىلالىدىم دەپ ھېسابلىسام، بۇنىڭ ھەممىسىنى كىتابلىرىمنىڭ شاراپىتىدىن دەپ بىلسەم بولىدۇ. مەسىلەن، مەن يازغان «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە»، «ئالىم ۋە ئەدىبلىرىمىز ھەققىدە ھېكايىلەر»، «ھېكمەتلىك سۆزلەر»، «دېڭىز ئۈنچىلىرى» قاتارلىق كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسى بىر ئۆمۈر كىتاب ئوقۇپ يازغان تەسىراتلىرىمنى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن كېلىپ چىققان ھاسىلاتلاردىن ئىبارەت، خالاس. يۇقىرىقى كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۆز ئىچىمدە توقۇماي، كىتابلاردىن پايدىلىنىپ يازدىم دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسى مەن ئوقۇغان كىتابلاردىن ماڭا سىڭگەن، ماڭا يۇققان كىتابىي بىلىملەردىن ھاسىل بولدى. ئارىدا «كىتاب ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت» دەپ بىر ماقالىلەر توپلىمىمۇ چىقاردىم. ئۇنىڭدىمۇ كىتاب ئوقۇشنىڭ چوڭ بىر ئەدەبىي مەكتەپ سۈپىتىدە يازغۇچىنى تاۋلايدىغان ۋە يېتىشتۈرىدىغان بىر ئەدەبىي ئوچاق ئىكەنلىكىنى، زور بىر بىلىم خەزىنىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتتۈم. ئىلگىرى يىغقان كىتابلىرىم مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا كۆيدۈرۈلۈپ ۋە بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ تۈگىگەنىدى. كېيىنكى چاغلاردا يىغقان كىتابلىرىمنى توپلاپ، رەتلەپ ئاران بالالىقتا چىقىرىۋالغان مۇشۇ كىچىككىنە كىتابخانامغا رەت-رىتى بىلەن تىزىپ قويدۇم. ھازىر كىتابخانامدىكى كىتاب-ژۇرناللىرىمنىڭ سانى ئون مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ. بۇ كىچىككىنە كىتابخانا مېنىڭ جەننىتىم. ھەممە كىتاب ئىشكاپلىرىمنىڭ ئاغزىنى ئۇلۇغ ئېچىۋېتىپ، ھېچ ئىش قىلمىدىم دېگەندىمۇ، كىتابلىرىمنى ماۋۇ ئىشكاپتىن ئاۋۇ ئىشكاپقا، ماۋۇ تەكچىدىن ئاۋۇ تەكچىگە، ئۈستىدىن ئاستىغا، ئاستىدىن ئۈستىگە يۆتكەپ كۆڭلۈمنى خۇش قىلىمەن. كىتاب ئوقۇپ چارچىسام كىتابلىرىمنى مۇقاۋىلاپ ئوينايمەن. كۆپ ھاللاردا كۈن بويى كىتابخانامدىن چىقماي كۈننى كەچ قىلىمەن. مېنىڭچە، بۇ بىر خىل سەۋدالىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ھەۋەس بولسا كېرەك. ئىخلاسمەن دوست-ئاغىنىلەر، كۆڭۈل يېقىن بۇرادەرلەر ئۆزى يازغان ياكى ئۆزى نەشرگە تەييارلىغان، تۈزگەن بىرەر كىتابنى ئىسمىنى يېزىپ ماڭا تەقدىم قىلسا، مەن ئۈچۈن بۇ ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق چاغلاردا قاتتىق سۆيۈنۈش ھېسسىياتىغا چۆمۈلۈپ، نەچچە كۈن، ھەتتا نەچچە ئاينى خۇشال ئۆتكۈزىمەن. ئۇلار سوۋغا قىلغان كىتابنى تەپسىلىي، بەزىلىرىنى ھەتتا نەچچە ياندۇرۇپ ئوقۇپ چىقىمەن. ئۇلار ئۆزلىرى تەقدىم قىلمىسىغۇ، ئەلۋەتتە پۇلغا سېتىۋالىمەن. بازارغا ھەر كىرسەم تاغارلاپ كىتاب ئېلىپ چىقىمەن. لېكىن ئۆزلىرى ئاتايىتەن تەقدىم قىلسا قەۋەت سۆيۈنۈپ كېتىمەن. بۇنىڭ قىممىتى ماڭا نېمىشقىدۇر باشقىچە تۇيۇلىدۇ. گويا قىممەتلىك بىر بايلىق نېسىۋەمگە قېتىلغاندەك گۈلقەقەلىرىم ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئۆزۈممۇ ئەڭ ئىخلاسمەن دوست-ئاغىنىلەرنى يوقلاپ قالسام، مەيلى ئۆزۈم يازغان كىتابلار بولسۇن، مەيلى باشقىلار يازغان كىتابلار بولسۇن، بەش-ئون پارچە كىتاب ئېلىپ يوقلاپ بارىمەن. ئۇلار ئۆيۈمگە كەلسىمۇ كىتابلارنى سوۋغا قىلىپ ئۇزىتىپ قويىمەن. ئۆتكەندە بازارغا كىرىپ كىتابخانىغا باش تىقسام، نۇرغۇن ياخشى كىتابلار سېتىلماي بېسىلىپ يېتىپتۇ. ھەتتا دۆۋە-دۆۋە كىتابلارنى تازىلىق قەغىزىگە تېگىشىش ئۈچۈن كىتابخانىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان ئوغلۇمنىڭ ماشىنا ئامبىرىغا ئەكىرىپ بېسىۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى. ئوغلۇمغا: ‹كىتابلارنى بۇنداق خارلىسا قاراپ تۇرغۇچە ھەممىنى ئېلىپ قالساڭ بولمامدۇ؟ تازىلىق قەغىزىنى سەن ئەكېلىپ بېرىپ، كىتابلارنى ئالدىڭغا تارتىۋالساڭ بولمامدۇ؟› دەپ بىرھازا كايىدىم. ئوغلۇم: ‹بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى كونا كىتابلار› دېۋىدى، ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچتى: ‹كىتاب دېگەننىڭ كونىسى، يېڭىسى بولمايدۇ، بالام. كىتاب دېگەن تېخى كونىرىغانسېرى ئەتىۋار بولىدۇ. چۈنكى ئۇنى ئاسان تاپقىلى بولمايدۇ…› دەپ ئاچچىقنى ئىچىمگە يۇتۇپ بىردەم نەسىھەت قىلدىم. بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى قېلىن بىر قەۋەت توپا بېسىپ كەتكەچكە ئالدىراپ تۇتقىلىمۇ بولمايتتى. بەزىلىرى ھەتتا چىرىپ كېتىپتۇ. قارىسام، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئېسىل كىتابلار بار ئىكەن. مەسىلەن، ‹دىۋانى زەلىلى›، ‹نىزارى داستانلىرى› دەيدىغان تېپىلغۇسىز كىتابلارمۇ بار ئىكەن. ھەتتا ئۇلۇغ رۇس شائىرى پۇشكىننىڭ داستانلىرىمۇ ئاشۇ تازىلىق قەغىزىگە تېگىشىدىغان كىتابلارنىڭ قاتارىغا كىرىپ كېتىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئېزىلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن چاپىنىمنى سېلىۋېتىپ، قالپىقىمنى ئېلىۋېتىپ، توپا-تۇمانغا مىلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاشۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدىن ئوقۇغىلى بولغۇدەكلىرىنى تاللاپ، ھەر بىرىدىن بەشتىن-ئوندىن تاللاپ ئېلىۋالدىم. ئۆزۈم كىتابخانامغا تىزىپ ئېشىپ قالغانلىرىنى ئەل-ئاغىنىلىرىمگە تارقىتىپ بەردىم. بۇنداق ئەھۋاللارغا مەن قاتتىق ئېچىنىمەن. ئەگەر ئاشۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى پاتقۇدەك ئۆيۈم بولغان بولسىدى، دىۋانە بولۇپ كەتسەممۇ ھەممىنى سېتىۋېلىپ ياندۇرۇپ كەلگەن ۋە ئۆز قولۇم بىلەن ئەتىۋارلاپ ساقلىغان بولاتتىم! ئىلگىرى بىز كىتابلارنى بىر دانىدىن ئەمەس، ئۈچ-تۆتتىن، ياخشىلىرىنى ھەتتا بەش-ئون نۇسخىدىن سېتىۋالاتتۇق. بۇ كىتابلارنىڭ بىرلا نۇسخىسىنى ئۆزىمىز ئوقۇيدىغانغا ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى پېتىدىن چۈشۈرمەي ئەتىۋارلاپ ساقلايتتۇق. تەدرىجىي مال باھاسى ئۆستى، كىتابلارنىڭ باھاسى تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتتى. شۇڭا ئىلگىرىكىدەك بەش-ئون نۇسخىدىن كىتاب سېتىۋېلىشقا چىقىش قىلالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. شۇنداقتىمۇ ھەرقانداق كىتابتىن بىر نۇسخىدىن بولسىمۇ چوقۇم ئېلىپ ساقلاپ قويۇشنى ئىزچىل ئادەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. كىتابخانامدا ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تولۇق ساقلانغان. يالغۇز ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىي پەنگە ئائىت كىتابلارلا ئەمەس، بەلكى تەبىئىي پەنگە ئائىت كىتابلارمۇ تولۇق سېتىۋېلىنغان. پەقەت مۇشۇ كىتابلىرىم بولغاچقىلا ھازىرغىچە تىرىك ياشاپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا كىتابلىرىم بىلەنلا ھەپىلىشىپ، ھەتتا ئاي-ئايلاپ ئىشىك ئالدىغىمۇ چىقمايمەن. كىتابلىرىم بىلەن مەلىكە بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتىمەن. يەھۇدىيلار ئۇلۇغ مىللەت. ئۇلارنىڭ كىتابنى قەدىرلەش روھىنى ھەقىقەتەن پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۆگەنسە ئەرزىيدۇ. بىزمۇ ئەۋلادلىرىمىزغا ئۇلارنىڭ كىتابنى ئەتىۋارلاش روھىنى سىڭدۈرسەك بولىدۇ. يەھۇدىيلار ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلۈپ كەتكۈچى ھايات ۋاقتىدا ياخشى كۆرۈپ ساقلىغان كىتابلىرىنى بىللە قوشۇپ كۆمىدىكەن. يەھۇدىي بالىلىرى تۇغۇلۇپ بەش-ئالتە ياشقا توشقاندا بىز خەتنىسىنى قىلغاندەك ئۇلارمۇ دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، تەۋراتنىڭ مۇقاۋىسىغا ياكى بەتلىرىگە ھەسەل سۈركەپ، بالىلارغا يالىتىدىكەن. بۇ خىل مۇراسىم ئارقىلىق بالىلارغا كىتابلارنىڭ ھەسەلدەك شېرىن ۋە لەززەتلىك ئىكەنلىكىنى، كىشىلىك ھاياتقا تەم كىرگۈزىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشقا گۈزەللىك ۋە لەززەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولىدىكەن. ئۇرۇش ياكى باشقا تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلى قېچىپ كېتىشكە توغرا كەلسە ئالدى بىلەن كىتابلىرىنى ئېلىپ قاچىدىكەن. ئۆي-ۋارانلىرىغا ئوت كەتسىمۇ ئالدى بىلەن كىتابلىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا تىرىشىدىكەن. بىز ياش ئەۋلادلارغا يەھۇدىيلارنىڭ كىتابنى قەدىرلەش ئەنئەنىسىنى قانچە تەشۋىق قىلساق ئەرزىيدۇ.

بىر چاغدا كىتابخانىغا كىتاب سېتىۋالاي دەپ بارسام، ‹لىۋىيە ھېكايىلىرى› دېگەن كىتاب كۆزۈمگە چېلىقتى. كىتابقا ئون نەچچە لىۋىيە يازغۇچىسىنىڭ ئىككى-ئۈچ پارچىدىن ھېكايىسى كىرگۈزۈلۈپتۇ. يازغۇچىلارنىڭ قىسقىچە ھايات پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپتۇ. مەن بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنغىنىغا قەۋەتلا سۆيۈنۈپ كەتتىم. چۈنكى مەن ئاشۇ بىر پارچە كىتابنى ئوقۇپ بىزگە مۇشۇ كەمگىچە مەلۇم بولماي كەلگەن لىۋىيىدەك يات بىر ئەلنىڭ ئەدەبىياتى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم. نەشرىياتلىرىمىز ھازىر قىممىتى يۇقىرى، ياخشى كىتابلارنىمۇ چىقىرىۋاتىدۇ. ئەكسىچە ھېچقانداق قىممىتى يوق كىتابلارنىمۇ بازارغا سېلىۋاتىدۇ. بۇنداق كىتابلارغا ئادەملەر قىزىقمايدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئاممىباب، كەڭ كىتابخانلارنى بىردەك ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان كىتابلار چىقسا، مەسىلەن، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئەدەبىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئەسەرلەرنى تاللاپ تونۇشتۇرىدىغان كىتابلار كۆپرەك نەشر قىلىنسا، بۇنداق كىتابلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بىز ئەنە شۇ خىلدىكى كىتابلارنىڭ بىرىنى ئوقۇپلا بىر ئەلنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايمىز، شۇ ئەلنىڭ ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز. تەرجىمە ئەسەرلەرنى نەشر قىلغاندا ئىمكان بار تىل ئاتلاپ تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلمىساق. تىلدىن تىلغا يۆتكىلىپ يۈرگەن ئەسەرلەر تىل جەھەتتىن چوقۇم بۇزۇلىدۇ، ھەتتا ئەسلى ئەسەرگە ئوخشىمايدىغانلا بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن، تۇرسۇنئاي ساقىم تەرجىمە قىلغان ‹مەمەت ئاۋاق›، ‹چالىقۇش› دېگەن كىتابلارنى ئوقۇساق قالتىس راھەت ھېس قىلىمىز. خۇددى ئۆزىمىز سۆزلىشىۋاتقاندەك، پېرسوناژلارنىڭ ئورنىدا ئۆزىمىز ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك چۆكۈپ كېتىمىز. ئەگەر بۇ كىتابلار ئۆز تىلىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنماي، ئالدى بىلەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئاندىن خەنزۇچىدىن بىزنىڭ تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان بولسا، بەلكىم ئۇنداق ھۇزۇر ھېس قىلالمىغان بولاتتۇق. ھەتتا بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھېچقانچە لەززىتى قالماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ئارىدا تىل ئاتلاپ تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىمۇ خېلى ئۇچراتتىم، ئەسلى ئەسەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەم ھېچنېمىگە ئوخشىمايلا قاپتۇ. بولۇپمۇ ئەرەب ئەدەبىياتى ۋە تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىش خويمۇ كۈلكىلىك بىر ئىش. نەجىپ مەھپۇزنىڭ ‹ئۈچ كوچا ترىلوگىيىسى› نېمىشقا سېتىلماي بېسىلىپ قالدى؟ چۈنكى ئۇ تىل ئاتلاپ تەرجىمە قىلىنغاچقا كىشىلەرگە ياقمىدى. بىزدە ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ئادەملەر خېلى بار. ئەرەب ئەدەبىياتىنى تەرجىمە قىلالايدىغان ئادەملەرنى تاپماقمۇ ئانچە تەس ئەمەس. نەجىپ مەھپۇزنىڭ رومانلىرى ئەگەر ئاشۇ ئادەملىرىمىزنىڭ قولى ئارقىلىق ئەرەبچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنغان بولسا، بەلكىم بازىرى چاپ-چاپ كىتابلاردىن بولۇپ قالغان بولاتتى. بۇ ئاچچىق ساۋاقنى ئوبدان يەكۈنلىمەي بولمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىمكان بار ئۆز تىلىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشقا تىرىشساق. خەلقىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئاپتورلىرى يازغان ئەسەرلەرنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ. بولۇپمۇ مىللىتىمىزنىڭ تارىخى ئەكس ئەتكەن ئەسەرلەرنىڭ بازىرى چاپ-چاپ بولۇۋاتىدۇ. ئاڭلىسام، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تارىخىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھاياتىنى ھېكايىلەشتۈرۈپ، ھەر بىر شەخس ھەققىدە بىردىن كىتاب چىقارماقچى بوپتۇ. بۇ قالتىس خاسىيەتلىك ئىش بوپتۇ. بۇ ئىشنى ئىلگىرى مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنمۇ ئويلاپتىكەن. ئۇ مېنىڭ ‹دېڭىز ئۈنچىلىرى› ناملىق كىتابىم نەشردىن چىققان ۋاقتىدا ماڭا خەت يېزىپ، ‹ئىككىمىز ھەمكارلىشىپ مۇشۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن شەخسلەرنىڭ ھەر بىرى ھەققىدە بىردىن كىتاب يازساق› دەپ تەكلىپ بەرگەنىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغۋار پىلان ئىدى. بىز تەييارلىقلىرىمىزنى پۈتتۈرۈپ، بۇ ئىشنى باشلايلى دەپ بولغۇچە مەرھۇم ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. 50-يىللاردا سوۋېتتىن كىرگەن دەرسلىكلەردە ئومۇمەن كىتابلارنى ‹پەننىي ئەدەبىيات›، ‹بەدىئىي ئەدەبىيات› ۋە ‹سىياسىي ئەدەبىيات› دەپ چوڭ ئۈچ تۈرگە بۆلگەن. بىزدە نەشر قىلىنغان كىتابلاردىن ‹شىمپەنزىلەر چاقىرماقتا›، ‹ئالەمنىڭ سىرى› قاتارلىق كىتابلارنىڭ ھەممىسى پەننىي ئەدەبىياتقا كىرىدۇ. ماركس، ئېنگېلىسلارنىڭ كىتابلىرى سىياسىي ئەدەبىياتقا كىرىدۇ. بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە چۈشىنىشلىك. ‹پەننىي ئەدەبىيات›قا دائىر كىتابلار بىزدە ناھايىتى ئاز نەشر قىلىندى. ئەمەلىيەتتە بىزدە ‹پەننىي ئەدەبىيات›قا دائىر كىتابلارغا بولغان ئېھتىياج زىيادە كۈچلۈك. نەشرىيات ئورۇنلىرىغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىن ‹پەننىي ئەدەبىيات›قا دائىر ئاممىباب ئوقۇشلۇقلارنى كۆپرەك نەشر قىلىپ بەرسە. دىققىتىمىزنى ئەمدى كۆپرەك ‹پەننىي ئەدەبىيات›قا دائىر كىتابلارنى نەشر قىلىشقا قاراتساق. مەن بەزىدە كىتابخانامغا بېكىنىۋېلىپ ئاي-ئايلاپ گەپ قىلماي ئۆتۈپ كېتىمەن. شۇڭا بۈگۈن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ كۆپرەك سۆزلىۋالدىم. گەپ قىلىشنى مەشىق قىلىپ تۇرمىغاچقىمۇ، گەپ قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەي دەپ قالدىم. شۇڭا گەپلىرىم تاغدىن-باغدىن، تاققا-تۇققا بولۇپ قالدى. ئەپۇ قىلغايسىلەر!…». بىز ھاجى ئەخمەت ئاكا بىلەن خوشلاشقان كۈنى كەچتە قەشقەر چاسا بىناكارلىق شىركىتىدە سۇۋاقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوسمان مۇھەممىدىنىڭ 10 مىڭغا يېقىن كىتاب ساقلانغان ئائىلە كۇتۇپخانىسىنى زىيارەت قىلدۇق. ئائىلىلەردە كىچىك تىپتىكى كۇتۇپخانىلارنى قۇرۇش گەرچە ناھايىتى مۈشكۈل ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن ئادەملەر قىلالمايۋاتقان ۋە قىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمايۋاتقان ئىش بولۇپ قالدى. ئائىلە كۇتۇپخانىسى ھازىرقى كۈندە مەدەنىيەتلىك ئەللەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئومۇملاشقان ئىش. بەزى ئەللەردە ھەتتا بۇ ئۇزاق تارىخقىمۇ ئىگە. ئائىلە كۇتۇپخانىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئاڭ ساپاسىنى، مەدەنىي تۇيغۇسىنى ۋە ئىنسانىي پەزىلىتىنى ئىپادە قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئائىلە كۇتۇپخانىسىنى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېچىۋېتىش ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئۇچرايدىغان، قەلبلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان، سۆيۈنۈشكە ۋە ئىپتىخارلىنىشقا ئەرزىيدىغان ساۋابلىق ئىش.

ئوسمان ئاكىنىڭ 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك كىتاب-ژۇرناللار ساقلانغان بىر ئائىلە كۇتۇپخانىسىنىڭ خېلى يىللار ئىلگىرىلا قۇرۇلۇپ، ئەتراپتىكى «كىچىك جەمئىيەت»كە ئېچىۋېتىلگەنلىكى زامانىمىزدىكى ھەر بىر كىشى ۋە ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە، ياخشى نەمۇنە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتىنى يارىتىش، شۇنىڭدەك پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئائىلە كۇتۇپخانىسىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش نۆۋەتتىكى ئىنتايىن جىددىي مەسىلە.

ئوسمان ئاكىنىڭ بىزگە سۆزلەپ بەرگەنلىرى ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ:
- كىتابخۇمارلىق بىزگە ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن مىراس بولۇپ قالغان ئۇدۇم. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەينى زامانلاردا قەشقەردىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلاردىن ئىدى. چوڭ دادام سەيپۇل داموللام موللا-ئۆلىما ئادەم ئىدى. ئەقلىمگە كەلسەم، چوڭ دادام بىزگە «سوپى ئاللا يار»، «يۈسۈپ-ئەھمەد»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ بېرەتتى. دادام-ئاناملارمۇ 30-يىللاردىكى كونا مائارىپچىلاردىن. دادام كېچە-كۈندۈزلەپ زېرىكمەي كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم ئىدى. مەن كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىپ قالدۇرۇشنى كىچىكىمدىلا دادامدىن ئۆگەنگەن. بۇ ئادەتنى تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. دادامنىڭ مەخسۇس ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ مەزمۇنىنى، تىرمىنلارنى ۋە ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇپ قويىدىغان بىر خاتىرىسى بار ئىدى. دادامنىڭ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىدىن مۇنداق بىر ئۇچۇرنى ئوقۇغىنىم ھازىرقىدەك ئېسىمدە. 1957-يىلى نەشر قىلىنغان بىر گېزىتتە ئەھمەد ئىسھاق ئىسىملىك بىر ئەرەب ئالىمىنىڭ، جۇڭگودا يەنە ئون يىلدىن كېيىن چوڭ بىر قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى قىياسى بېسىلغانىكەن. دادامنىڭ خاتىرىسىدىن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ ھەيران قالغانىدىم. دېگەندەك، ئارىدىن ئون يىل ئۆتەر-ئۆتمەيلا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى يۈز بەردى. مەن ئاران تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئوقۇيالىغان. ئوقۇش ھاياتىمدىمۇ تاپقانلا پۇلۇمغا كىتاب ئالاتتىم. كىتاب يىغىش ئادىتى كىچىكىمدىن تارتىپ قان-قېنىمغا سىڭىپ كېتىپتىكەن. 1958-يىلى ئوڭچىلارغا قارشى كۈرەشتە دادام، ئانام ئىككىلىسى قالپاق كىيىپ تارتىپ چىقىرىلدى. بىز بۇ كۈرەشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتۇق. خۇسۇسەن مەن ئاشۇ كۈرەشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتىم. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىدىم. گەرچە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىزچىل ئەلاچى بولۇپ ئوقۇغان بولساممۇ، «بەش خىل ئۇنسۇرنىڭ بالىسى» دېگەندەك بەتناملار بىلەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدۇم. دەسلىپىدە كەنت باشلىقى بولدۇم، كېيىنچە ئوقۇتقۇچى بولدۇم. ئۇزاق ئۆتمەيلا مېنى «بەش خىل ئۇنسۇرنىڭ بالىسىكەن» دەپ ئوقۇتقۇچىلىقتىنمۇ ھەيدىۋېتىشتى. مەن تەلىيىمنىڭ تەتۈرلۈكىدىن چاسا بىناكارلىق شىركىتىدە تامچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. بىراق تەقدىرىمدە مەيلى قانداق ئۆزگىرىشلەر بولسۇن، كىتاب ئوقۇش ۋە كىتاب يىغىش ئادىتىمنى زادىلا ئۆزگەرتمىدىم. تا ھازىرغىچە كۈندە ئەتىگەندە بىر-ئىككى سائەت، كەچتە بىر-ئىككى سائەت كىتاب كۆرۈپ خاتىرە قالدۇرۇشنى ئادەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئىلىم-پەنگە ۋە ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى بەكرەك ئوقۇيمەن. 1967-يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابى باشلىنىپ كەتتى. 1970-يىلى قەشقەردە ئومۇميۈزلۈك تارقاقلاشتۇرۇش باشلىنىپ كەتتى. بوۋىمىز پومېشچىك، دادىمىز پومېشچىكنىڭ بالىسى، بىز پومېشچىكنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تەرىقىسىدە دەسلىپىدە يېڭىشەھەرنىڭ تازغۇن يېزىسىغا، كېيىن ئانىمىزنىڭ يۇرتى ئۈستۈن ئاتۇشقا تارقاقلاشتۇرۇلدۇق. كۆچۈپ يۈرۈش جەريانىدا ئاتا-بوۋىمىزدىن مىراس بولۇپ قالغان نەچچە ساندۇق كىتابنى يوقاتتۇق، يەنە نەچچە ساندۇق كىتابنى قىزىل يەڭ بەلگىسى تاقىۋالغان بۇلاڭچىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇپ تۈگەتتۇق. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئېغىر كۈنلەردە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قانچە قىينالساممۇ، بىر ئاماللارنى قىلىپ كىتاب سېتىۋېلىپ، يوقاتقان كىتابلىرىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشقا تىرىشتىم. ھازىر كۇتۇپخانامدا بار كىتابلارنىڭ خېلى بىر قىسمىنى ئاساسەن تۇرمۇشۇمدا ئۈستى-ئۈستىلەپ قىيىنچىلىق بولۇۋاتقان يىللاردا يېمەي-ئىچمەي، كىيمەي تۇرۇپ سېتىۋالغان. ھاياتىمنىڭ خېلى بىر قىسمىنى بىر نانغا تۇشلۇق پۇل تاپسام يېرىمىغا كىتاب سېتىۋېلىپ، يېرىمىغا نان ئېلىپ يەپ ئۆتكۈزدۈم. ئۆزۈم ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان بولساممۇ، بالىلىرىمنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياخشى تەربىيىلىدىم. ھازىر مېنىڭ ئالتە بالام بار. ئۇلارنىڭ چوڭى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقتى. قالغانلىرىمۇ ھەرقايسىسسى ئۆز مەكتەپلىرىدە ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. چوڭ ئوغلۇمنىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. خىزمەتكە قاتناشقىلىمۇ ئىككى يىل بولۇپ قالغانىدى. ئۆيلەپ قوياي دېسەم، «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇ شەھىرىمىزنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىماي ئالەمدىن ئۆتۈپ كېتىپتىكەن. سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلارمۇ شۇنداق ئۆتۈپ كېتىپتۇ. سىلەرگە كۆپ جاپا سېلىپ ئوقۇپ، خىزمەتكىمۇ چىقتۇق. ئۆيلەنسەممۇ ھايال ئۆتمەيلا بىرنەچچە بالىغا ئاتا-ئانا بولۇپ، شۇلارغا تارتىشىپ بىر ياققىمۇ بارالماي، ئۆي بىلەن ئىدارىنىڭ ئارىلىقىدا قاتراپ يۈرۈپ ئۆمرۈم ئۆتۈپ كېتىدىكەن. شۇڭا ئىجازەت بەرسەڭلار چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇپ كىرسەم، ئاندىن كېيىن توي قىلساممۇ كېچىكمەيتتىم» دەپ ئۇنىمىدى. مەنمۇ بىلىم ئالىمەن دېگەندىن كېيىن، پۈتۈپ قالغان توي تەييارلىقلىرىنىمۇ توختىتىپ، ماقۇل بولدۇم. ئىدارە مەسئۇللىرى «چەت ئەلگە چىقمىساڭ ساڭا ئەمەل بېرىپ ئىشلىتەتتۇق» دېسىمۇ ئۇنىماي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ كەپتۇ. «ئوبدان قىپسەن بالام، مەنسەپ دېگەن ئىككى كۈنلۈك. بىلىم دېگەن مەڭگۈ خورىماس خەزىنە» دەپ چەتئەلگە يولغا سېلىپ قويدۇم. قالغان بالىلىرىمغىمۇ تەلەپنى ناھايىتى قاتتىق قويۇۋاتىمەن. ئۇلارغا دائىم: «سىلەر ئۆمۈر بويى ئىلىم-مەرىپەتنى قىزغىن سۆيۈڭلار. خەلقىمىزنىڭ، ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۈلۈش كۈچ چىقىرالايدىغان ياراملىق ئىختىساس ئىگىسى بولۇشقا تىرىشىڭلار. قايسىڭلار مۇشۇ جەھەتتە مېنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقىپ، دانىشمەنلىكتە ئالدىنقى قاتاردا ئۈزۈپ ماڭالىساڭلار، مۇشۇ كۇتۇپخانىنى شۇنىڭغا مىراس قىلىپ قالدۇرىمەن. ئەگەر ئىلىم-پەنگە قىزىقمايدىكەنسىلەر، بۇ كۇتۇپخانىدىن ئۈمىد كۈتمەڭلار!» دەپ نەسىھەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇلارنىمۇ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى ۋە كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا ئادەتلەندۈرۈۋاتىمەن. يازغان خاتىرىلىرىنى ئارىلاپ-ئارىلاپ تەكشۈرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۇلارغا: «ياخشى ئىشقا يولۇقساڭلارمۇ يېزىڭلار، يامان ئىشقا يولۇقساڭلارمۇ يېزىڭلار. يامان ئىشلاردىن ئىبرەت ئېلىڭلار. ياخشى ئىشلارنى ئۆز ئادىتىڭلارغا ئايلاندۇرۇڭلار. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىپ، مەڭگۈ نامىڭلار ئۆچمەيدىغان ئادەم بولۇشقا تىرىشىڭلار!» دەپ نەسىھەت قىلىۋاتىمەن. مەنمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ كۈندىلىك خاتىرە يازغانىدىم. شۇ چاغدا يازغان خاتىرىلىرىمنى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. بىزنىڭ ئائىلە كۇتۇپخانىمىز 1980-يىللارنىڭ بېشىدا دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان كىتاب، گېزىت-ژۇرناللار توپلانغان، دۇنيانىڭ، جۇڭگونىڭ ۋە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خەرىتىلىرى، ھەرخىل كالېندارلار، مەشھۇر شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلغان. يەنە پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەر يىللىق ئوقۇش قوراللىرى ۋە ئىمتىھان نەتىجە-كۆرسەتكۈچ قەغەزلىرى جۇغلانغان. بىزنىڭ ئائىلە كۇتۇپخانىمىزدا ھازىر بار بولغان گېزىت-ژۇرنال، كىتاب ۋە ئاسما كالېندار-سۈرەتلەر 10 مىڭ پارچىغا يېتىدۇ. بۇ يەردە جەمئىيىتىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئىزنالىرى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە ئائىلە ئەزالىرىمىزدىن باشقا ھەر ساھە، ھەر تەبىقىدىكى ئوقۇغۇچى-زىيالىيلار، ئىشچى-كاسىپلار ۋە مەھەللىدىكى دوست-بۇرادەرلەر كىتاب ئوقۇپ، گېزىت-ژۇرنال كۆرۈپ بىلىم ئالىدۇ، جەمئىيەتنى چۈشىنىدۇ، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.
كىتاب-قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. ھايات جاڭگاللىرىدا قايمۇقۇپ، ئېزىپ قالغان ئادەم كىتاب ئوقۇسا چىقىش يولى تاپالايدۇ. بىز كىتابتىن ئوزۇق ئالىمىز، بىلىم ئالىمىز، روھ ئالىمىز، كۈچ-قۇۋۋەت ئالىمىز، غەيرەت-شىجائەت ئالىمىز. ۋۇجۇدىمىزنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەندە كىتاب قەلبىمىزنى يورۇتۇپ، بىزگە يېڭى بىر دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئېغىر قىسمەتلەرگە تولغان قايغۇلۇق كۈنلەردە كىتاب بىزگە ئەڭ ياخشى سىرداش بولۇپ بىزگە تەسەللى بېرىدۇ، مەدەت بېرىدۇ، كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرىدۇ. كۇتۇپخانا بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىدىغان ھەرقانداق كىشى ئۈچۈن ئىشىكى مەڭگۈ ئوچۇق تۇرىدىغان دەرسخانىدۇر.
دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا كۇتۇپخانا ۋە قىرائەتخانا قۇرۇش مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىك، غايىلىك كىشىلىرى مۇئەييەن تارىخىي دەۋردە مىللىي مەدەنىيەت ئېڭى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇپ، مەنىۋى مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ بارغان، ئۇلار ھەم ئەينى دەۋر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدە تۇرۇپ دۇنيا مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ تارىخىي دەۋرلەردە كۇتۇپخانا چوڭ رول ئوينىغانىدى.
كۇتۇپخانا قۇرۇش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسىدۇر. مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئەجدادلىرىمىز نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھاياتىدا جەمئىيەتنى كۆزىتىش، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق جانلىق تەپەككۇر قىلىپ، ئەينى دەۋر مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ئاساس سېلىپ، شۇ زامانلاردىلا كۇتۇپخانا ۋە قىرائەتخانا قۇرۇش بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ بارغانىدى. شۇڭىمۇ تۈرك ماقال-تەمسىللىرىدە «كىتابسىز ئۆي-چىراغسىز ئۆي» دەپ تەسۋىرلەنگەنىدى. شىكىسپىر مۇنداق دېگەنىدى: «كىتابتىن ئايرىلغان ھايات قۇياشسىز ھاياتقا، كىتابتىن ئايرىلغان ئەقىل قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ». كىتاب ئوقۇيدىغان، گېزىت-ژۇرنال كۆرۈپ تۇرىدىغان، مول بىلىمى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەپ تۇرىدىغان ۋە جەمئىيەتكە ئۆز لايىقىدا ھەسسە قوشۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرنى سامادا پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارغا ئوخشاتساق بولىدۇ.
ئەنگلىيىلىك ئاتاقلىق ماتېرىيالىزىمچى پەيلاسوپ فرانىس بىكون مۇنداق دېگەنىدى: «كىتاب ئوقۇغان كىشى تولۇق ئادەم بولالايدۇ. دۇنيادا تۇغۇلۇپ ئادەم بولماق ئاسان، لېكىن تولۇق ئادەم بولماق ھەقىقەتەن تەس».
بىلىنىسكى: «ياخشى كىتاب ئەڭ قىممەتلىك گۆھەر» دېگەنىدى. مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئۇستاز بولغىنىدەك، ئائىلىلەردە، جەمئىيەتتە كىتاب ئۇستاز. كىتاب ئوقۇپ تۇرساق ئۇ بىزگە مىننەتسىز ئۇستاز بولىدۇ. ئەنە شۇ ئۇستازنىڭ بىلىمى (كىتابىي بىلىم) بىزنىڭ ھاياتلىق دۇنياسىدا ئېرىشكەن ئەڭ قىممەتلىك گۆھەرلىرىمىزگە ئوخشاشتۇر. بۈگۈنكى مەدەنىيەتلىك ۋە زامانىۋى دۇنيادا ئىنسانلارنى ئەڭ ياخشى تەربىيىلەيدىغان، روھىي ئوزۇق بېرىدىغان نەرسە كىتاب، گېزىت-ژۇرنال. دائىم كىتاب ئوقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەر كەلگۈسىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ ياشايدۇ، دۇنيا ۋە كەلگۈسىنىڭ بىلىم ۋە تېخنىكىلىرىنى كىتاب ۋە گېزىت-ژۇرنال ئوقۇش ئارقىلىق بىلىپ تۇرىدۇ.
كۇتۇپخانا ۋە قىرائەتخانا قۇرۇش، شۇنداقلا كىتاب ئوقۇش مەدەنىيىتى ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە قالغان تەۋەررۈك خىسلەتتۇر. كىتاب مەدەنىيەت توشۇغۇچى ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن دىللارنى دىللارغا باغلاپ كەلمەكتە.
بىزنىڭ ئائىلە كۇتۇپخانىمىزنى ھەر ساھەدىكى ئاتاقلىق زاتلار كۆرۈپ ئاپىرىن ئېيتتى. جۈملىدىن ئاتاقلىق ئالىم ۋە ئەدىب، مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم ئەينى يىللاردا كۇتۇپخانىمىزنى زىيارەت قىلىپ، «كۇتۇپخانىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ جەمئىيەتكە ئاچسىلا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كۆرسۇن» دېگەن ھەمدە «ئىز»، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» دېگەن كىتابلىرىنى تەقدىم قىلىپ، تۆۋەندىكى رۇبائىينى يېزىپ، خاتىرە قىلىپ قالدۇرغانىدى:

«ئاقار دەريا يۈزىمۇ قىشتا مۇزلار،
قىزىل گۈلنىڭمۇ بىر كۈن خازانى بار؛
ئۇلۇغ غايە بىلەن سۇغۇرۇلسا دىل،
ئۇنىڭدا تۆت پەسىل ھەمىشە باھار!

بىلىم، ئۇ يۈگەنسىز بىر ئۇچقۇر تۇلپار،
مىنەلىگەن كىشى مۇرادقا يېتەر.
ئۇ شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزەدۇركى،
قارا تاش ئۈستىگە تېرىساڭ ئۈنەر.»

بىز بۇ يەردە كىتاب ئوقۇپ ئۆلۈك بىلىملەر بىلەن كاللاڭنى توشقۇز، دېمەكچى ئەمەس. جانلىقراق ئېيتقاندا «كىتاب خالتىسى» بولۇڭلار، دېمەكچى ئەمەسمىز. ئەكسىچە، كىتاب ئوقۇپ ھاياتىڭنى ئەنە شۇ ئۆزۈڭ ئوقۇغان كىتابتىكىدەك مەنىلىك، چەكسىز گۈزەل ئۆتكۈز، دېمەكچىمىز. كىتاب مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ ئاددىي بەلگىسى. كىتاب ئوقۇماي تۇرۇپ مەنىۋى دۇنيايىمىزنى بېيىتماي، خاراكتېرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرمەي تۇرۇپ ھازىرقى زامانغا لايىق نورمال ئادەم سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايمىز. كىتاب ئوقۇشتىن مەقسەت، ئەڭ ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ ئۆزىنى چىن ھاياتقا يېقىنلاشتۇرۇش، ئۆز-ئۆزىنى، شۇنداقلا باشقىلارنى، جۈملىدىن مىللەت-خەلقنى، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن تاشلانغان ئەمەلىي قەدەم. بىز مەدەنىيەتنىڭ باش-ئاخىرى، چېكى بولمىغان بۇ ئۇزۇن مۇساپىسىدە ئاز-ئازدىن قەدەم ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىسەك، ئىشىنىمەنكى، بىزمۇ باشقىلاردەك ئۆز-ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزالايمىز، ئۆز-ئۆزىمىزنى دۇنياغا تونۇتالايمىز.

مەنبە:http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=833

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى