ئۆز-ئارا ئىناق بولغان مۇھىت يارىتىشنىڭ 10 تۈرلۈك مىزانى
-
ئۆز-ئارا ئىناق بولغان مۇھىت يارىتىشنىڭ 10 تۈرلۈك مىزانى
ۋاقتى: 2016-11-04 ئاۋاتلىقى: 6977 قېتىميانفوندا كۆرۈش
نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلار ئۆزىنىڭ قانداق ھەرىكەت مىزانى (行为规范)غا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلەلمەيدۇ. تۆۋەندىكى 10 مىزان باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىر خىل ئۆز-ئارا ئىناق بولغان مۇھىت يارىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
1. باشقىلارغا باشلامچىلىق قىلش. بۆلۈم باشلىقلىرى ھەر قايسى جەھەتلەردە چوقۇم باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. مەيلى خىزمەت ياكى يۈرۈش تۇرۇش بولسۇن، بۇ ئەڭ ئاساسىي مىزان.
2. بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھۆرمەت قىلىش. جىنسىي ئايرىمىسى، مىللىتى، دىنى ئىتىقادى ۋە ياكى خاراكتىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىش كېرەك.
3. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش. سىز بەلكىم بەزىدە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ تارتمىسىنى ئاختۇرۇپ سىزگە كېرەكلىك بولغان ماتىرىيالنى ئىزدىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، سىز باشقۇرغۇچى بولغان ئىكەنسىز سىزنىڭ بۇنداق ھوقۇقىڭىز بار. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى خالىغانچە ئاختۇرۇش ھوقوقىڭىزنى بارلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
4. دائىم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مۇۋاپىق ماختاپ قويۇش كېرەك. مۇۋاپىق بولغان ماختاشقا مۇيەسسەر بولغاندا، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ ھەم ئۇلار پۈتۈن زېھنىنى قىلىۋاتقان خىزمىتىگە قارىتىپ ئىجتىھات بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. بىر كارخانا باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ئاساسلىقى باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.5. تەنقىدنىڭ ئادىل بولۇشىغا دىققەت قىلىش. ئادىل بولغان تەنقىد باشقىلارنىڭ ئاسانلا قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
6. باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ھۆرمە قىلىش كېرەك. بىر ياخشى بولغان كوللىكتىپنى تەشكىللەپ بولغاندىن كىيىن، كوللىپتىپ ئەزالىرىنى ئۆزلىكىدىن ئىش كۆرۈشىگە قويۇپ بېرىش كېرەك. ھەرگىزمۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كىچىك بالا قاتارىدا كۆرمەسلىك كېرەك. دائىم ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى نازارەت قىلىش ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن سىزنىڭ ئوتتۇرىڭىزدا بىر خىل ئۆچمەنلىك كەيپىياتى، خىزمەت جىددىيچىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
7. ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە سىز بىلەن يېقىنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. ئەگەر مۇمكىن بولسا، سىز ھەر كۈنى ئىشخانا ئىشىكىڭىزنى بىردەم ئۇچۇق قويۇپ قويۇپ، تېلېفۇنىڭىزنى قۇبۇل قىلىپ ئۆز خىزمىتىڭىز بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر خىل پىكىرلەرگە ئەستايىدىل قارىشىڭىز كېرەك. ھەتتا سىزنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىڭىزنى تەنقىد قىلىدىغان پىكىر بولسىمۇ چوقۇم ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك.
8. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە چاقىرىش. ئەگەر سىزنىڭ ئايال كاتىپىڭىزنىڭ يېشى چوڭ بولسا ياكى سىزدىن چوڭ بولمىسىمۇ سىز يەنىلا ئۇنى مۇۋاپىق (مەسىلەن خېنىم، خانىم دېگەندەك) چاقىرسىڭىز بولىدۇ.
9. كىچىك ئىشلارغا ئىتىبار بىلەن قاراپ، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك. سىز بولسىڭىز بەلگىلىك ھوقۇققا ئىگە ئادەم. شۇڭا سىز كىچىك ئىشلاردا چوقۇم باشقىلارغا قويۇپ بېرىش (بەك زىغىرلاپ كەتمەسلىك) پۇزىتسىيىسىدە بولۇپ، سىزنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىڭىزنى بىر قەدەر ئەركىن ھېس قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك.
10. ئىشچى-خىزمەتچىڭىزنى قۇل ئورنىدا كۆرمەسلىكىڭىز كېرەك. ئىشچى-خىزمەتچى دېگەن پەرمان بەردارمەن بولۇشقا كەلمىگەن، ئەكسىچە خىزمەت قىلىشقا كەلگەن. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىرىنى ئىلاج بار ئۆزىڭىز قىلىشىڭىز، ھەرگىزمۇ ھە دېسىلا خىزمەتچىڭىزگە قالايمىقان بۇيرۇق قىلماسلىقىڭىز كېرەك.«كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىغا 101 ئاگاھلاندۇرۇش» دېگەن كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھايات چاقچىقى (4)
2015-06-23 12:37:367014كارخانا باشقۇرۇشتىكى ئوۋچى، ئوۋ ئىتى ۋە توشقاننى
2015-07-09 19:03:3210276پەخىرلىك قىز پەخرىيە ھەققىدە: خارۋارد چۈشى ۋە بى
2016-08-17 19:46:312478[ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى] ئىشسىزلىقمۇ ياكى
2015-06-07 14:51:148458مۇنەۋۋەر كىشىلەر كۆپ، ئەمما ئورنىغا باشقىلارنى د
2015-10-31 04:36:229937مو تىيەن: ھوقۇقنىڭ كېشەنى (قەپىسى) قانداق بولۇشى
2015-07-05 19:09:3411189كۆپۈك رومانىدىن ئۈزۈندە
2015-06-07 14:06:587710ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرماڭ
2015-06-07 14:38:456966
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-