ئۆزتىللىقلار ئۆزگە تىلدا كىتاب يازسا گۇناھمۇ؟
-
ئۆزتىللىقلار ئۆزگە تىلدا كىتاب يازسا گۇناھمۇ؟
ۋاقتى: 2016-09-28 ئاۋاتلىقى: 22504 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئۆزتىللىقلار ئۆزگە تىلدا كىتاب يازسا گۇناھمۇ؟ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن بىر كۈنى ئۆلمىگىنىڭ!...&&&&&&&&&&ھەق سۆز ئاڭلىنار بەزىدە قوپال،يالغان سۆز يېقىپ قالار ئېھتىمال.ئاچچىق بولسىمۇ مېغىزدۇر مېغىز،مېغىز ئورنىنى باسالماس شاكال.&&&&&&&&&&كۈنىمىزدە ئاجايىپ ئىش-ھادىسىلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىدىكەنمىز دېسە. ئاخشام نۇرئەلى ئابلىزنىڭ «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابىنىڭ تەرجىمىسىنى تەھرىرلەۋېتىپ، بىر قىسىم ئۈزۈندىلەرنى دوستلار چەمبىرىكىمگە چىقىرىپ قويغان ئىدىم. ئەتىگەندىلا بىر قىسىم قېرىنداشلار بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمىغان پىكىردە بولۇشتى.
ئاساسلىقى ئاپتۇر نېمە ئۈچۈن ئۆز تىلدا كىتاب يازمايدۇ دېگەندەك پىكىردە بولۇپتۇ، ئاپتۇر ئۆزتىللىق، تەرجىمانمۇ ئۆزتىللىق بولسا بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوققۇ؟ ئاپتۇر ئۆزگە تىلدا كىتاب يازسا، بۇ ئۆزتىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنسا بۇنىڭ نەرى خاتا؟ چۈنكى نۇرئەلى ئابلىزنىڭ كىچىكىدىن خەنزۇچە ئوقۇغانلىقى ھەممىمىزگە ئايدىڭ. ئۇ مىنكاۋخەن بولغانلىقى ئۈچۈن، كىتابنى خەنزۇچە يېزىشىدىن ھەيران قالغۇچىلىكى يوققۇ؟
بىز ئاۋۋال نۇرئەلى ئابلىزنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇشى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
-----------
نۇرئەلى ئابلىزنىڭ بەيدۇ قامۇستىكى ئېتىراپ قىلىنغان قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى مۇنداق:
يېڭى شەرق (新东方) مائارىپ پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ نۇتۇقچىسى، تەربىيەلىگۈچىسى. ئەنخۈي سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى نۇتۇق سۆزلىگۈچى چولپان ماھىرى. CCTV نۇتۇق مۇسابىقىسى ئوقۇتقۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ 2-دەرىجىلىككە ئېرىشكەن ماھىرى. توففۇ ئېغىز تىلى ۋە يېزىقچىلىقىدا تولۇق نومۇر ئالغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئېنگلىز تىلى تىل-يېزىق فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. بېيجىڭ ئېنگلىز ئۇيۇشمىسىنىڭ ئودا ئىككى يىللىق باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. شەرقىي شىمال ئاسىيا مۇنازىرە مۇسابىقىسىنىڭ باھالىغۇچىسى. CCTV نۇتۇق مۇسابىقىسى ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش-تەتقىقات نەشرىياتى نۇتۇق مۇسابىقىسىنىڭ باھالىغۇچىسى ۋە تەربىيەلىگۈچىسى. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېنگلىز تىلى ئېغىز تىلى دەرسلىكى ئوقۇتقۇچىسى. تۇنجى بولۇپ IKCMI ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ھازىرغا قەدەر 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە دەرس بەرگەن، تور دەرسلىكىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈلۈشى 50 مىليون قېتىمدىن ئاشقان. داڭلىق كىتابلىرىدىن «قالتىس ئېنگلىز تىلى ياقۇت كىتابى»، «قالتىس ئېنگلىز تىلى كەسپىي جەڭگاھ ئېنگلىز تىلى» قاتارلىق كىتابلىرى بار. نۇرئەلى مۇئەللىم ۋاقىت باشقۇرۇشنى تەتقىق قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تەتقىق قىلىپ چىققان «34 تەڭگە ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى» بار. ئۇ يەنە «قالتىس ئېنلگىز تىلى سەھەر تۇرۇش قوشۇنى» قاتارلىق كوللېكتىپنى تەشكىللەپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ياخشى بولغان مەكتەپ ھاياتى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن.
-----------
يۇقىرىقى قامۇستىكى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتىن كۆپچىلىك نۇرئەلى ھەققىدە تەخمىنىي چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇڭلارغۇ دەيمەن. ئەمدى ئەسلى سۆزىمىزگە كەلسەك، ئۆزتىللىقلار (يەنى ئۇيغۇرلار) ئۆزگە تىلدا كىتاب يازسا بولمامدۇ؟ ئەجىبا ئۆزتىللىقلار ئۆزگە تىلدا كىتاب يېزىپ، باشقا قەۋملەر ئارىسىدا، دۇنيا سەھنىسىدە ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلسا بولمامدىكەن؟ ئەجىبا ئۆزتىللىقلار ئۆزگە تىللاردا كىتاب يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق، تالانتلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا بولمامدىكەن؟ ئەجىبا ئۇيغۇرلار چوقۇم ئۇيغۇرچىدا كىتاب يېزىشى كېرەكمىكەن؟ ئەجىبا ئۇيغۇرلار يالغۇز ئۇيغۇر رامكىسىدىن چىقمايلا جاھان دېگەن مۇشۇ دەپ يۈرۈشى شەرتمۇ؟ دۇنيادا ئۆزگىلەرگە ئۆزىنى بىلدۈرۈش، تونۇتۇش ئۈچۈن، ئېتىراپقا ئېرىشكەن ئۆزگە تىللاردا ئۆز ئىدىيەسىنى، ئۆز تەپەككۇرىنى راۋان، جانلىق، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەش ئۇنىڭ خاتالىقى ياكى گۇناھى بولماستىن بەلكى شۇ ئادەمنىڭ تالانتى دېيىشكە بولىدۇ.
دۇنيا سەھنىسىدە زەپەر قوچىۋاتقان نۇرغۇن ئۆزتىللىق ئالىملىرىمىز بار. مەسىلەن: رەيھانگۈل بەكتۇر، بىلىمخۇمار، تاشپولات روزى، تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد (بىلگەجان)، شۆھرەت مۇتەللىپ... قاتارلىق ئىسمى ئاتالغان ۋە ئاتالمىغان ئۆزتىللىق ئالىملىرىمىز دۇنيا سەھنىسىدە زەپەر قۇچۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭمۇ تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق، تالانتلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئاشۇ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىنىڭ ئۆزگە تىلدا ئۆز تەپەككۇرى ۋە ئىدىيەسىنى راۋان، چۈشىنىشلىك، جانلىق ئىپادىلەپ، باشقىلارغا ئۆز تەپەككۇرىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئەڭ مۇھىمى شۇ ئادەمنىڭ قانداق ئىدىيە ۋە قانداق كۆز قاراشتا ئىكەنلىكى، ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداق نامايەن قىلغانلىقىدا، ئۇ ئادەمنىڭ قانداق ئىدىيەگە ۋە قىممەت قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىدە.
بۇ يەردە ئۆزگە تىللىق بولۇڭ دېگەنلىك ئەمەس، ھەم ئۆزتىلىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ دېگەنلىكمۇ ئەمەس. ھەر قانداق ئىش چېكىدىن ئاشسا ھامان ئەكىس تەسىر بېرىشى مۇمكىن. خۇددى ئاشقا تۇز كەم بولۇپ قالسىمۇ، ئارتۇق سېلىنىپ كەتسىمۇ ئوخشاشلا تەمسىز بولغىنىغا ئوخشاش ئىش.
ئادەمنىڭ ھەممە ئىشلارنى بىر تەرەپلىمە ئىدىيەدە تەپەككۇر قىلىشى ئاخىرى كېلىپ ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
ھەممىمىز بىلىمىز، نۇرئەلى ئابلىز گەرچە ئۆز تىلدا كىتاب يازمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن قىلغان نۇرغۇن ئىشلىرىنى خېلى-خېلى مانا مەن دېگەنلىرىمىزنىڭ بۇ ئۆمرىمىزدە قىلىپ قىلىپ بولالىشىمىز ناتايىن. بەزىلەر بەلكىم ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان ماتاڭ ۋەقەسىدە قانچىلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتقانلىقىنى بىلىپ كەتمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ تۆۋەندىكى تۆۋەندىكى نۇتۇقىغا نەزەر تاشلىساق، ئۇنىڭ قانداق ئىدىيەدە ئىكەنلىكىنى ئازتولا چۈشىنەلىشىمىز مۇمكىن.
************************************************
سۆزلىرىدىن نۇر تاراتقان نۇرئەلى (فىلىم) ئۇيغۇرچە (مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى)
بۇ چاغدا ئوقۇغۇچۇمدىن يەنە بىرەيلەن:
-بەك دۆتكەنسەن (تومپايكەنسەن--ئىلقۇت)، مۇئەللىم قانداقسىگە ئاتقا مىنىپ بارىدۇ، مۇئەللىم چوقۇم مەكتەپكە ئېشەككە مىنىپ بارىدۇ.
-مۇئەللىم، سىز دائىم ئۇسسۇل ئوينامسىز؟ شىنجاڭلىقلار ئۇسسۇلنى ئىنتايىن چىرايلىق ئوينايدىكەنغۇ، ھېلىقى «چۈمپەردەڭنى قايرىۋەت» دېگەن ناخشىغا بىر ئۇسسۇل ئويناپ بېرىڭە، تېخى ئۇسسۇل ئوينىغاندا بوينىنى تولغايدىكەنغۇ، سىزمۇ تولغاپ بېرىڭە مۇئەللىم.
بۇنداق سۇئاللارغا ھەر دائىم يولۇقىمەن. ئۇلار مېنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپلا، مېنى ئاتقا مىنىپ ئۇسسۇل ئويناپ، كاۋاپ پىشۇرالايدۇ دېيىشىدۇ. يەنى «چۈمپەردەڭنى ئېچىۋەت» بىلەن قارىمۇ-قارشى، مېنىڭ چۈمپەردەمنى ئاچماستىن بەلكى ماڭا چۈمپەردە ئارتىپ «ماركا» چاپلاپ قويىدۇ، ماركىنىڭ ئۈستىدە شىنجاڭلىق دېگەن خەت بار، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ چاپلىغان بۇ «ماركا»سىنى ئېلىۋەتكەندىكى مەن زادى كىم قانداق ئادەم ئۇ مۇھىم ئەمەس بولۇپ بولغان. راستىنى ئېلىپ ئېيتقاندا ماڭا ئارتىلغان بۇ چۈمپەردىمۇ مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. بۇ «چۈمپەردە» ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئېسىدە قالىمەن، باشقىلار كۆڭلىنى خۇش قىلىشىدۇ، خالاس.
ئىلگىرى بىر قېتىملىق «ماتاڭ» ۋەقەسىدە مەن ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ، بۇ ۋەقەدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقىلار تەرىپىدىن «كېلىشكەن باي (ئېسىلزادە باي--ئىلقۇت)» دەپ ئاتالدىم، دېدىم. ئەمما مەن ئىچىمدىن ئېتىراپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشنىڭ ياخشى تەسىرىدىن يامان تەسىرى كۆپ ئەلۋەتتە. چۈنكى بۇنداق قارىغۇلارچە باھا بېرىپ «ماركا» چاپلاش («تامغىلاش: 标签化--ئىلقۇت)، تەرەققىي قىلىپ ئاخىرىغا بارغاندا باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىغا قاراپ يۈزلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن دائىم مۇشۇنداق قارىغۇلارچە باھا بېرىشلەرگە ئۇچرايمىز؟ ھەر بىر جاي، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئادەملىرى ئىچىدە ياخشىلارمۇ، يامانلارمۇ بولىدىغۇ؟! بىز ھەمىشە قارىغۇلارچە بەرگەن باھالىرىمىز ئارقىلىق پۈتكۈل مىللەتكە «بەلگە» چاپلاپ قويىمىز، يەنى ئاز ساندىكى ناچار ئادەملەر تۈپەيلىدىن پۈتكۈل شىنجاڭلىقلارنى چەتكە قاقىمىز، بۇ ئارقىلىق كۆپ قىسىم ياخشى ئادەملىرىمىزنى ئازابلايمىز، سانسىزلىغان ئادەملىرىمىز پەقەت يۈرەكلىرىدىلا يىغلىيالايدۇ. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەيمەنكى، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆزلەش مېنىڭ بۇرچۇم! مۇسبەت ئېنېرگىيە (ئاكتىپ ئېنېرگىيە--ئىلقۇت) تارقىتىش ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنى شىنجاڭنى تونۇشقا چاقىرىش، چۈشىنىشكە چاقىرىش، شىنجاڭنى سۆيۈشكە چاقىرىش مېنىڭ بۇرچۇم!
مەن شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى بۇنداق «بەلگە» چاپلىنىپ (تامغىلىنىپ--ئىلقۇت) ئېنىقلىما بېرىش شىنجاڭلىقلارغىلا ئەمەس ھەر قانداق كىشىلەرگە قىلىنىپ باققانىكەن. مەسىلەن: شەرقىي شىماللىق كىشىلەرنى قوپال، توڭ دېيىشىدۇ. يەنە مەسىلەن: «90-يىلىدىن كېيىن»كىلەرنى شەخسىيەتچى، مەسئۇلىيەتسىز دېيىشىدۇ. يەنى ھەممىمىز مۇشۇنداق ئورۇنسىز باھالارنىڭ قۇربانى بولدۇق. بۇ قىلمىش جەمئىيەتتە بىر-بىرىمىزنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىشتى. مەن بىر تەلىم-تەربىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەممىمىزنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ «چۈمپەردەڭنى قايرىۋەت» دېگەن ناخشىغا ئوخشاش چۈمپەردىمىزنى قايرىپ بىر-بىرىمىزگە يۈزىمىزنى كۆرسىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، پەقەت يۈزىمىزلا ئەمەس، ئادىمىيلىكىمىزنى، ئەخلاقىمىزنى كۆرسىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا بىز مەلۇم بىر توپقا تەۋە بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئورۇنسىز ھاقارەتلەنمەيمىز، تەنقىدلەنمەيمىز. ئۇ چاغدا بىر ئادەمگە شۇ ئادەمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ باھا بېرىمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ئايرىم بىر قىسىم ناچار ئادەملەر تۈپەيلىدىن شۇ قاتاردا بىر تاياقتا ھەيدىلىپ «بەلگە» چاپلانغاندىن (تامغىلانغاندىن--ئىلقۇت) كېيىنكى سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كۆز ياشلىرىمىز بار، ئورتاق كۈلكىلىرىمىز بار. ئورتاق ھېسسىيات ۋە ھەسرەتلىرىمىز بار. ئورتاق بىز سۆيگەن ۋە بىزنى سۆيگەن ئادەملىرىمىز بار، شۇڭا بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچقانداق پەرق يوق. رەھمەت!
نۇرئەلى: رەھمەت!
يۇقىرىقى تەرجىمىدە قىسمەن سۆزلەرگە ئۆزۈمچە تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان سۆزلەرنى تىرناق ئىچىدە تەمىنلەپ قويدۇم.
*************************************************************
نۇرئەلى ئابلىزنىڭ ھازىرغىچە ئۆزتىلدا كىتاب ئوقۇپ باققان-باقمىغانلىقى بىزگە نامەلۇم، ئۇنىڭ خەنزۇچە كىتاب يازغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۆزتىلىنى بىلمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەسلىكىمۇ ئېنىق. ئەمما ئۇنىڭ يۇقىرىقى نۇتۇقىدىن ئۇنىڭ قانداق ئىدىيەگە ۋە قانداق كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتۇققۇ دەيمەن. شۇڭا مەن ئويلايمەن بۇ يەردە ئۇنى ئۆز تىلدا كىتاب يازمىدى، ئۆزگە تىلدا يازغان كىتابى قانداق بولماقچىتى دېگەندەك بىر تەرەپلىمە ئىدىيەدە بولساق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگە تىلدا راۋان، چۈشىنىشلىك، تېتىملىق قىلىپ كىتاب يېزىپ، ئۆزگىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە تەسىر كۆرسىتەلىگەنلىكى ئۇنىڭ تالانتى، ئۇنىڭ قابىلىيىتىدۇر، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ گۇناھى، خاتالىقى ئەمەس. بەلكىم ئۇنىڭ ئۆزتىلدا يېزىشقا ۋاقتى چىقمىغاندۇ، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ ئۆزگە تىلدا يازغان كىتابلىرىنى ئۆزتىلغا تەرجىمە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سۇنساق، ئۇ داۋاملىق ئىزدىنىپ، يەنە ئۆزگە تىللاردا داۋاملىق نادىر كىتابلارنى يېزىپ ئۆزگە قەۋملەرگە ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭمۇ تالانتلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرسە بۇنىڭ خاتاسى يوقتۇ؟
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
يانكىتابنىڭ قۇرغۇچىسى-ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
2016-07-31 16:15:142624تېنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە
2015-05-19 01:10:077673مەنتەڭ نەزەرىيەسى ۋە مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى
2015-06-24 10:14:0518881ئەخمەت ئېلى: ئەي ئاپا (بالىلىقىمنى ئەسلەپ)
2015-11-23 01:31:4512153ئىدىيە يېتەكچىلىرى، تەپەككۇر باشلامچىلىرىنىڭ مۇن
2015-06-24 10:09:079582بىز نېمە ئۈچۈن بىلوگ يازىمىز (بۇنىڭدىن 7 يىللار
2016-09-25 18:35:366778مۇھەببەت ھەققىدە ئىككى كەلىمە
2015-06-07 14:01:396498غەمخورلۇق، ئىرادە، ئۆزلۈك تېڭىرقېشى ۋە مەۋجۇتلۇق
2015-06-24 10:14:1219610
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-