[كۆچۈرۈلمە] كىملىكىڭنى بىلدى بۇ دۇنيا
-
[كۆچۈرۈلمە] كىملىكىڭنى بىلدى بۇ دۇنيا
ۋاقتى: 2016-10-02 ئاۋاتلىقى: 1591 قېتىمئىلاۋە: مەن مەزكۈر ماقالىنى تەخمىنەن 6 يىل ئىلگىرى يېزىپ «بىلىۋال» تورىدا ئېلان قىلغان، ئەمما «باغداش»تىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنمىغان ئىدىم. ئىككى-ئۈچ كۈندىن بۇيان دىققەت قىلسام، بۇنى قايتا ئېلان قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندەك قىلدى، شۇڭا بۈگۈن يوللاپ قويدۇم.يانفوندا كۆرۈش
15-مايدىن بۇيان دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تېرە ھۈجەيرىسىدىن ھامىلە غول ھۈجەيرىسى پەيدا قىلغانلىق تېخنىكىسىنى بەس-بەس بىلەن خەۋەر قىلىپ، ئۇنى بۇ ساھەدە بىر بۆسۈش ياراتتى دەپ تەرىپلەۋاتىدۇ. ياخشىنى كىم يېنىغا تارتمايدۇ؟ قارىسام، ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ تور بېتىدە بىر رۇس خانىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسىنى تەبرىكلەپتۇ. ئەمما، ئۇنىڭ كىملىگىنى خاتا بىلىپ، رەھمەتنى باشقىلارغا بېرىۋېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن توردا ئۇ خانىمغا مۇنداق يازدىم: «باگادىنوۋا خانىم، سىزنىڭ تەبرىكىڭىزگە تەشەككۈر. ئەمما، مەن سىزنىڭ سۆزىڭىزگە قارىتا بىر مۇھىم تۈزىتىش بېرىشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئۇيغۇردۇر. قازاقىستاننىڭ ئالمۇتادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇنىڭ سىڭلىسى مايا_يەنى ئۇيغۇرچىدا مايسەم دەيمىز، ئىنتايىن تالانتلىق ئالىم بولۇپ ئۇ ماسساچۇست تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قارمىقىدىكى «ۋايتخەد» تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا غول ھۈجەيرە تەجرىبىخانىسىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. مەن ئاكا-سىڭىل ئىككەيلەننى ياخشى تونۇيمەن ھەم ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىمەن! ئۆز نۆۋىتىدە مەن بۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي تەتقىقات ئورنىدا ئۆز تەتقىقاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئۇلارنىڭ يېڭى دۆلىتى-ئامېرىكىغا مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن. بۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ياخشى بولۇشىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن!». بۇ سۆزۈمنى ياخشى كۆردۈق دەپ بەلگە ئۇرغانلار باركەن. دېمەك، نەدە بولايلى ئۆزىمىزگە تەئەللۇق نەرسىنى ياخشى قوغدىمىساق بولمايدۇ، كۆپچىلىك!
2007-يىلى 14- نويابىر كۈنى «كنن»، «ببك»، «بىرلەشمە خەۋەرلەر»، «نيۇيورك ۋاقتى»، «بوستون يەر شارى» قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنداق خەۋەرنى بەس-بەس بىلەن دۇنياغا ئېلان قىلىشتى: «ئالىملار كلونلانغان مايمۇن تۇخۇمىدىن تۆرەلمە ھالەتتىكى غول ھۈجەيرىگە ئېرىشتى». خۇددى ياغقا ئوت كەتكەندەك بۇ خەۋەرگە «ئوت كەتتى». دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى چوڭ-كىچىك تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە تېز سۈرئەتتە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر بېرىشتى. قىزىق يېرى شۇكى، مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى بۇ يىل 6-ئايدا ئاۋىسترالىيىدە ئېچىلغان «سىدنىي يىغىنى»دا ئېلان قىلىنغاندا ھازىرقىدەك دىققەتكە سازاۋەر بولمىغانىدى. 13-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيەدە چىقىدىغان دۇنياۋى نوپۇزلۇق گېزىت- «مۇستەقىللىق» بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ خەۋەر بېرىپ، دۇنيا مىقياسىدا پارتلاش خاراكتېرلىك قىزىقىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە پىلتىگە ئوت يېقىش رولىنى ئوينىدى. 14-نويابىر كۈنى، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھەم يېڭى ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا بۇ ماقالە رەسمىي ئېلان قىلىندى.
شۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتە يۈز بەرگەن باھا ۋە مۇنازىرىلەر ھەر خىل بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇ نەتىجىگە تۇتقان ئىنكاسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگىلىمۇ ۋە چۈشىنىپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ. پەن-تېخنىكا نەشر ئەپكارلىرىدىن تارتىپ ئاممىۋىي ئىنتېرنېت بلوگلىرىگىچە، ھەر خىل ئوخشىمىغان دىنىي ئېقىمىدىكى كىشىلەردىن تارتىپ سىياسىي ۋە ئىقتىساد ساھەسىگىچە، كىشىلەر «ھەيران قېلىش، قايىل بولۇش، قوللاش، گۇمانلىنىش، ۋەھىمە ۋە قارشى تۇرۇش»تىن ئىبارەت ھەر خىل پىسخىك ھالەتلەردە تۇرۇپ سايراپ كېتىشتى.
چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان «كلونلاش تەتقىقاتى»دىكى نەتىجە - پەن تەتقىقاتى ساھەسىدە يارىتىلغان دۇنيا خاراكتېرلىك رېكورت بولۇپ، بۇ بۆسۈشنىڭ مېدىتسىنادا چەكسىز قوللىنىش ئىستىقبالى بار. شۇ سەۋەبلىك، بۇ پەللىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ بارغۇچىنى قايىللىق بىلەن تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ.
بۇ يىل يازدا بۇلار بىلەن بىر نەچچە رەت كۆرۈشتۈم، سۆھبەتتە بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئاتىسى مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئاكا ئۇقۇمۇشلۇق، پاراڭخۇمار، چىقىشقاق ئادەم، ئانىسى جەننەتخان ھەدە خۇشخۇي، مۇلايىم كەلگەن ئايال ئىكەن. ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە سوۋېت پارچىلانغان مەزگىلدە ئاكا-سىڭىل ئىككىسىنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن موسكۋادا تارتقان جاپالىرىنى سۆزلەپ بەرگىنىدە - مەيلى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە ياشىمىسۇن، دۇنيادا ئۇيغۇرنىڭ ئاتا -ئانىلىرىدەك گۈزەل ۋە مېھرىبان قەلبگە ئىگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاز تېپىلىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق ئۆز پەرزەنتلىرىگە مىسلىسىز مېھر-مۇھەببەت ۋە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان خەلقنىڭ كەلگۈسىنىڭ ھامان پارلاق بولىدىغانلىقىغا يەنە بىر رەت ئىشەندىم
———
تۆۋەندە ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى ياش دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگەجاننىڭ 16–سېنتەبىر ھەرقايسى چوڭ مۇنبەر تورلىرىغا يوللىغان ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى قوشۇپ يوللاندى. سۈرەتلەر بىلگەجاننىڭ ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى «پورتلاند شەھىرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش» يازمىسىدىن ئېلىنىپ كىرىشتۈرۈلدى.
شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكا بىئولوگىيە ئالىمى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى "تۆرەلمە ھۈجەيرە ۋە گېنىتىكىلىق داۋالاش تەتقىقات مەركىزى"نىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ خوندىرىئوسوملۇق ئېرسىي كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىنى بايقىغانلىقى ۋە ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى تۇنجى قېتىم مۇۋاپىققىيەتلىك كلونلاپ چىققانلىقىدەك زور ئىلمىي بايقاشلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان.
1. 2007-يىلى تۇنجى بولۇپ مايمۇن غول ھۈجەيرىسىنى كلونلاپ چىققان ۋە بۇ تەتقىقاتى ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلى تەرىپىدىن شۇ يىللىق "مېدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش" نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
2. 2009-يىلى تۇنجى بولۇپ ئانا تۇخۇم ھۈجەيرىسىدە خوندىرىئوسوم ئالماشتۇرۇشنى مايمۇندا مۇۋاپىققىيەتلىك سىناق قىلىپ، تۇنجى 3 ئەجدادتىن تۇغۇلغان ۋە خوندىرىئوسوملۇق ئېرسىي كېسەللەردىن خالىي مايمۇننى يېتىشتۈرگەن. بۇ تېخنىكا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ساغلام پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىدىكى ئاتا-ئانىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلغان.
3. ئورىگون شىتاتلىق مېدىتسىنا تەتقىقات فوندىنىڭ 2010-يىللىق "بايقاش مۇكاپاتى" غا ئېرىشكەن.
4. 2013-يىلى تۇنجى بولۇپ ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى مۇۋاپىققىيەتلىك كلونلاپ چىققان. بۇ دەۋىر بۆلگۈچ بايقاش ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلى، بايقاش ژۇرنىلى، دۆلەت جۇغراپىيىسى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن "2013-يىللىق 10 چوڭ بۆسۈش" نىڭ بىر بولۇپ باھالانغان.
5. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 2013-يىلى دۇنياغا مەشھۇر تەبئىي پەن ئىلمىي ژۇرنىلى - "تەبىئەت" تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلغان شۇ يىلىدىكى دۇنيادىكى "تەسىرى ئەڭ زور 10 ئالىم" تىزىملىكىدە 4-ئورۇنغا تىزىلغان.
6. دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللار ھېسابلىنىدىغان "تەبىئەت"، "ھۈجەيرە"، "ئىلىم-پەن"، "ھۈجەيرە غول ھۈجەيرە" قاتارلىق داڭلىق ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ باشقا تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن نەقىل ئېلىنىش قېتىم سانى 2500 قېتىمدىن ئېشىپ ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ زور پايدىلىنىش قىممىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
7. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ھازىرغىچە داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن CNN، CBS، ABC قاتارلىقلاردا، دۇنياغا داڭلىق مەتبۇئاتلاردىن دەۋر ژۇرنىلى، بايقاش ژۇرنىلى، بۈگۈنكى ئامېرىكا، بۈگۈنكى ئىلىم-پەن، ئىقتىسادشۇناس، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ۋاشىڭگىتون پوچتا گېزىتى، لوس ئانژىلىس ۋاقىت گېزىتى، ئەنگىلىيە ھەپتىلىك خەۋەرلەر گېزىتى... قاتارلىقلاردا كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان.
يۇقرىقىلاردىن باشقا، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكا ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئامېرىكدىكى ئەڭ زور تەتقىقات مەبلىغى تەمىنلەش ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقات فوندى قارارىنى چىقىرىدىغان كۆپلىگەن كومېتىتلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە "تەبىئەت"، "تەبىئەت بىئو-تېخنىكىسى"، "غول ھۈجەيرە" قاتارلىق خەلىقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ تەھرىرلىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ زامانىمىزدا دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئالىملارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ داڭلىق تەبئىي پەن ئالىمدۇر. – تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە (بىلگەجان) / 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى (ئامېرىكا) / (يازما مەنبەلىرى تەپسىلاتىنى مىسرانىم، ئىزدىنىش مۇنبەرلىرىدىن كۆرۈۋېلىڭ ).
----
ئەسلى تېما: كىملىكىڭنى بىلدى بۇ دۇنيا | يازما ئاپتورى: قەيسەر مىجىت | تور مەنبە: باغداش مۇنبىرى (bbs.bagdax.cn) | سۈرەتلەر ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگەنىڭ «پورتلاند شەھىرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش» يازمىسىدىن ئېلىندى | ئەلپىدا ئۇچۇر تورىدىن ھەمبەھرىلىنىپ تارقىتىلدى | مەنزىل: www.uchur.com، ئۈندىدار-كيۇكيۇ: 710609464
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
21-ئەسىرنىڭ بۈگۈنىدىكى بازار رىقابىتىنىڭ يۈزلىنى
2015-06-07 17:47:087401قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇر
2015-06-07 13:42:137121«شىركەتنىڭ كۈچى» قانداق فىلىم؟ «شىركەتنىڭ كۈچى»ن
2015-07-31 12:57:309818سىتېۋ جوبس (Steve Jobs) نېمە دەيدۇ؟ —جوبسنىڭ ئۈم
2015-05-19 01:08:036663ئارماننىڭ خادىم ئىشلىتىش ئەندىزىسى ھەققىدە يۈزەك
2015-06-07 14:22:596901چىڭگىزخاننىڭ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنى كارخانا باشقۇ
2015-06-07 14:19:357281«كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دىن تەسىرات
2015-06-23 13:24:338052دوستلۇق ھەققىدە ئىككى كەلىمە
2015-05-19 01:02:127956
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-