ۋاقتى: 2012 - يىلى 1 - مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 1,195 قېتىم
شائىر بۇ شېئىرنى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن يازمىغان، ياكى باشقا بىر « مەن » ئارقىلىقمۇ سۆزلىمىگەن، سىز شېئىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى بۇ شېئىردىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىغا قويۇپ يېڭى بىر خىل ئاۋازنى ئاڭلايسىز، مانا بۇ شائىرنىڭ ئېستېتىك تەشكىللىشىدىكى سۆزلىگۈچى (لىرىك مەن ).
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2012 - يىلى 23 - فېۋرال |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 623 قېتىم
مۇنەۋۋەر بىر تەنقىدچى چوقۇم مۇنەۋۋەر بىر زوقلانغۇچى بولالايدۇ لېكىن مۇنەۋۋەر بىر زوقلانغۇچىنىڭ بىر تەنقىدچى بولۇپ چىقالىشى ناتايىن. تەنقىدچىلەر سان جەھەتتە ئاز سانلىق بولىدۇ لېكىن كۆزقاراشلىرى كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. تەنقىدچىلەرنىڭ زوقلىنىش قابىلىيىتى، زوقلىنىش ھەۋىسى، زوقلىنىش ئىستىكى كۆپچىلىك ئاممىغا ۋەكىللىك قىلغان شۇنداقلا ئادەتتىكى ئاممىدىن يۇقىرى تۇرغاندىلا، تەنقىد ئاممىنىڭ زوقلىنىش ئىستىكىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولالايدۇ ھەم شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئەدەبىي زوقىغا يېتەكچىلىك رولىنى ئادا قىلالايدۇ.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 21 - دېكابىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 875 قېتىم
زوردۇن سابىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا چوڭ بىر تېما. زوردۇن سابىر ياراتقان پروزا يولى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ ئەدەبىياتقا قويغان چەكلىمىلىكلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، جاراھەت ئەدەبىياتى ھادىسىسى داۋامىدا رىئالىزىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەپەككۈر دەۋرلىرىدە چېنىقىپ، « ئانا يۇرت » سۆيگۈسىدە خاس ئۇسلۇبىنى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلدى. دىمەك زوردۇن سابىرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يېڭى دەۋر پروزىچىلىقىنىڭ ئەگرى – توقاي تەرەققىيات يولى ۋە زوردۇن سابىرنىڭ مىللىي پروزىچىلىق ئۇسلۇبى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن جەريانىغا چۆكىشىمىز كېرەك.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 23 - نويابىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 930 قېتىم
ئەدەبىيات مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە مەدەنىيەتمۇ ئەدەبىياتنىڭ ئەكس ئەتتۈرىشتىكى بىر كۆزنىكىدىن ئىبارەت. مەدەنىيەت ناھايىتى چوڭ كاتوگىرىيە، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي تۇمۇش، ئاڭ – ئىدولوگىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر پارچە روماندا ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.«جاللات خېنىم» رومانىدىمۇ بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن نۇقتىلار تەبىئى ھالدا مەلۇم چوڭقۇرلۇقتا ئىپادىلەنگەن. لېكىن يۇقىرىقى نۇقتىلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئىدولوگىيە كۈلتۈرىنى [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 11 - نويابىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 824 قېتىم
«جاللات خېنىم» رومانىدىكى يىلنامە پەقەت تارىخىي مۇناسىۋەتلەر ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەر نېگىزىدە ئۆسۈۋاتقان ئوبرازلار زىدىىيىتىدە رىئاللاشمايدۇ. روماننىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇ يەردىكى روماندا ئاشكارە، سان – سېفىر بىلەن مەيدانغا كەلگەن زامان يىلنامىسىدىن باشقا يەنە ئەسەرنىڭ شەكلى ۋە ئىدىيىۋىي مەزمۇن قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدولوگىيىلىك- كۈلتۈر يىلنامىسىنى ھىس قىلىشقا بولىدۇ.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 8 - نويابىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد |
ئىنكاس: 4 پارچە |
زىيارەت: 1,450 قېتىم
تارىخ بىزگە نۇرغۇنلىغان سىرلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. تارىخ ئەسلىدىنلا چېگىش بولىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر تارىخ مەلۇم سىنىپىي جەمىيەت ۋە گۇرۇھنىڭ غالىپلىق ناخشىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا تارىخنامىلەرگە يېزىلغان تارىخ بىلەن خەلقنىڭ قەلبىگە يېزىلغان تارىخ ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن پەرق ۋە ئوخشىماسلىقنىڭ بولىشى تارىخنىڭ كۆپ قاتلاملىقى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا تەتقىق قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد |
ئىنكاس: 1 پارچە |
زىيارەت: 987 قېتىم
ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاساسلىقى تەنقىدچىنىڭ شەخسىي قىزىقىشىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ بەلكى ئۇ ياخشى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەن ئەسەر ھازىرلىغان تارىخىي، ئوبېكتىپ بەدىئى قىممىتىگە ھۆكۈم يۈرگىزىدۇ. ئادەتتىكى زوقلانغۇچىلار ئەدەبىي ئەسەردىكى بەدىئى سەزگۈسىگە تايانسا بولىدۇ، لېكىن تەنقىدچىلەر بەدىئى سەزگۈسىگە تايىنىشقا بولمايدۇ.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 21 - ئۆكتەبىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 1,333 قېتىم
ئايلىناي بىر كۆرۈپ ئىككى كۆزۈڭدىن، ئۈچ بېشىڭدىن ئايلىناي. تۆت كۆرۈپ قانداق چىداي، جاندىن كېچىپ بەش ئايلىناي. ئالتە كۆرسەم مەن بويۇڭنى، يەتتە تۈرلۈك دەرت بىلەن. سەكرىبا سەككىز بېرىپ، توققۇز بېشىڭدىن ئايلىناي. ئون قېتىم كۆرسەم بويۇڭنى، مەن يۈگۈردۈم ئاھ ئۇرۇپ. ئوتتۇز ئەيلەپ مەن پىغان، قىرىق بېشىڭدىن ئايلىناي. بولسا دۈشمەن ئەللىك ئاتمىش، مەنكى مەن بىچارىگە، قىلسا سەكسەن پارە [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 14 - ئۆكتەبىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: يېڭىلىق |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 822 قېتىم
18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى «كوئېنلۇن مېھمانسارىيىدا غەلبىلىك ھالدا ئېچىلدى.مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە 6000 يۇەن نەق پۇل تارقىتىپ بېرىلدى. ئەكپەر ئىمام كۆكبۆرە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالەتەن سۆز قىلدى.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئۆكتەبىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد |
ئىنكاس: 1 پارچە |
زىيارەت: 998 قېتىم
ئوقۇش بىر خىل ئېستېتىك ھەركەت. لېكىن تۇرمۇشتا بۇ خىل ھەركەتنى قېلىپقا سېلىپ يۈرۈش مۈمكىن ئەمەس. گەرچە يۇقىرىدا نەزەرىيىۋىي مەسىلىلەرنى سۆزلىگەن بولساقمۇ، لېكىن كىتاپخانلارنىڭ ئۆزىگە خاس كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئادەت خاراكتېرلىك ئوقۇش ئۇسۇلى بىزگە نەپ بەرگەن ياكى كىتاپتىن زېرىكتۈرگەن بولۇشى مۈمكىن، ئۇنداقتا قېنى سىز كىتاپنى نىمە ئۈچۈن ئوقۇيسىز؟ قانداق ئوقۇيسىز؟
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 22 - سېنتەبىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 1,056 قېتىم
ئەگەر تۇرمۇشتا تراگېدىيە بولمايدىكەن، ئۇنداقتا ئەدەبىياتتىمۇ تراگېدىيىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تۇرمۇشتىكى تراگېدىيە ئەدەبىياتتىكى تراگېدىيىنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن ئۇلار كۆرگۈچى(قوبۇل قىلغۇچى ياكى كىتابخان) ئۈچۈن ئوبىيىكتىپ ئۈنۈم جەھەتتە ئوخشاشمايدىغان مەزمۇنلارغا ئىگە بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى تىراگېدىيە ھەر خىل مۇرەككەپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تراگېدىيىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ. يەنى ئۇنىڭدا تراگېدىيىلىك قىممەت بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئېستېتىك مەنىدىكى تراگېدىيە يۈكسەكلىكنى ھېس قىلالمايدۇ. تراگېدىيىلىك ئەسەرلەردە بۇ خىل تراگېدىيە « ھېس قىلدۇرۇلغان » تراگېدىيە ھەم « گەۋدىلەندۈرۈلگەن » تراگىدىيە بولىدۇ. شۇڭا ئۇ كۈچلۈك تراگېدىيىلىك ئۈنۈم پەيدا قىلالايدۇ.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 21 - سېنتەبىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم |
ئىنكاس: 1 پارچە |
زىيارەت: 820 قېتىم
ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇشماسلىق(قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن ئەمەس)كەلتۈرۈپ چېقارغان ئۆلۈم، ئازاپ، يارىلىنىش قاتارلىقلار كۆپچىلىككە ئېچىپ كۆرسىتىلسە، بۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى تراگېدىيىلىك ئىچى ئاغرىتىشنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ. دېمەك، نۇسرەت تراگېدىيىسى يۈكسەك دەرىجىدىكى تراگىدىيىلىك سەنئەت قىممىتى پەيدا قىلىش بىلەن بىللە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىدىغان قەلب بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئاياللارغا كونا ئەخلاق فېئوداللىق قاراشلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭ باراۋەرلىكنى، ئىشەنچنى چېقىش قىلىپ، ئىنسان تەبئىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئاساسىدا مۇئامىلە كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
[ تەپسىلاتى ]
- سىز تۇرۇشلۇق بەت: 2 | جەمئىي بەت: 6
- <
- 1
- 2
- 3
- 4
- 5
- 6
- >