نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » نۇھ
پروزا ھەققىدە كالتە خىياللار

پروزا ھەققىدە كالتە خىياللار

ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: پروزا نەزەرىيىسى | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 1,013 قېتىم


پروزا ئەسەرلىرى بەزىدە بىزنى ھاياجانلاندۇرۇپ ئۇلۇغ ئىستەك ۋە غايىۋىي ئارمانلىرىمىزنى قاناتلاندۇرسا، بەزىدە بىزنى چوڭقۇر تەپەككۈرگە باشلاپ ۋىجدان غورۇرىمىزنىڭ قايناپ تېشىشىغا، بەزىدە خوشاللىقتىن قانداقتۇر بىر نەرسىمىزنى تېپىۋالغاندەك ھىسسىياتقا، يەنە بەزىدە پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ يەككە – يىگانە قالغاندەك ئازاپ دۇنياسىغا تاشلايدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا پروزا بىزنىڭ ئېستېتىك دۇنيارىمىزغا بۆسۈپ كىرىپ سىزنى سىز ئارزۇلىغان ياكى ئىلگىرى بىلگەن ھەم شۇنداقلا پۈتۈنلەي يىپ يېڭى بەدىئى دۇنياغا گۈزەللىك دۇنياسىغا باشلايدۇ. نىمە ئۈچۈن پروزىدىن ئىبارەت بۇ نەرسە شۇنچىلىك سېھرىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ؟ پروزا دىگەن زادى نىمە؟ يۇقىرىقىلارنى ھەرگىزمۇ ھەر بىر ئوقۇرمەن ياكى ئاڭلۇغۇچى ئويلايدىغان مەسىلەر ئەمەس، گەرچە ئويلاپ باققان بولسىمۇ جاۋابىغا ئېرىشكەن ئەمەس…

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 5 )

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 5 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 15 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 791 قېتىم


ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىز بۇندىن ئىلگىرى يازغۇچى – شائىرلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇسلۇبى ھەققىدە ئاز-تولا ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردۇق. لېكىن مېنىڭچە، يەككە ئۇسلۇب ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزنىڭ چوڭقۇر، ئىلمىي راۋاجلىنىشىغا، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىچكى گۈزەللىكى، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزنىڭ قاتلاملىق ماھىيىتى، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مەنئىۋىي سۈپەت خاراكتىرىنى تولۇق، ئەتراپلىق يورۇتۇشتا ئىچكى ئېنىرگىيىسى يەنىلا كەملىك قىلىدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 4 )

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 4 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 14 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 837 قېتىم


ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزىرىيىسىدە مۇشۇ مەزمۇندىكى تەتقىقاتلارنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بولسىمۇ لېكىن بۇھەقتىكى قېزىش، رەتلەش ئىشلىرى تېخى قولغا ئېلىنمىغاچقا، كىلاسسىكلارنىڭ ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى ۋە ئۇسلۇب – ئالاھىدىلىكلىرىنى نىمە دەپ ئاتىغانلىقى ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇ خىل قانۇنىيەتلىرىنى قانچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن تۈركۈملەرگە ئايرىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارنى بىلىشكە ئامالسىزمىز.

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 3 )

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 3 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 14 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 829 قېتىم


ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 20- ئەسىردە زامانىۋىلىققا قاراپ يۈرۈش قىلغان ئەدەبىيات بولۇش بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلەندى دەپ ئېيتىش مۈمكىن. لېكىن بۇ مۈمكىنلىك بىزنىڭ ئالدىمىزغا يەنە بىرمۇنچىلىغان تەشۋىشلىك سۇئاللارنى تاشلايدۇ. ئەنئەنىۋىلىك ۋە زامانىۋىلىقنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىگە خاس مىللىي نىشانە ئىزدەپ ماڭغان ئەدەبىياتىمىز تېخى ئەمدىلا تايتاڭلاپ ماڭغان بالىغا ئوخشايدۇ. بىزنى ھەر ھالدا بەزلەپ، ئۈمۈتلەندۈرۈپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەرلەر بۇ بىر ئەسىردىن بېرى توختىماي ئىجاد قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، نەزەرىيە قەھەتچىلىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىر ئەسىرلىك تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىز ھالىتىنى ھامان ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 2 )

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 2 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 12 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 789 قېتىم


بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتا ئەرەب سىتىلىسكىسىنى دۇنيادا ئەڭ بالدۇر تەرەققى تاپقان ستىلىستېكا دەرىجىسىگە كۆتەرگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئەرەپ ئەدەبىياتى ۋە ئەرەب ئەدىپلىرىنىڭ ئىجادىيىتىگە قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقىنى ئۆز ۋاقتىدا سۈرىيە دەمەشىق جامەسىنىڭ خاتىپى مۇھەممەت ئىبىنى ئابدۇراخمان قۇۋزىننىڭ تۆۋەندىكى بايانى ئارقىلىق ھېس قىلىشقا بولىدۇ. « پازىل ئەللامە ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ سەككاكى تەسنىف قىلغان « مىفتاھۇل ئۇلۇم » ئۆز دەۋرىدە ستىلىستېكا ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ئىدى. بۇ كىتاپتا يېزىلغان قائىدىلەر ئىنتايىن تەرتىپلىك ۋە تولۇق بولۇپ، ئەدەبىياتقا دائىر بارلىق ئۇسۇللار جەملەنگەن. »

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 1 )

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 1 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 10 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 827 قېتىم


بىز تۇرمۇشتا بەزى ئادەملەرنىڭ مەندە نەچچە رومان بولغۇدەك تۇرمۇش تەجرىبىسى، ۋەقەلىك بار، ئۇنى يازغۇدەك ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن دەپ لاپ ئۇرىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ياكى خاسلىقى بىلەن ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى، خاسلىقى بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەم ئايرىم – ئايرىم نەرسىلەر بولۇپ، بەزى كىشىلەر يازغۇچى بولۇشنى ئويلىسىمۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەمىلىيىتى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە ئاساس بولالمايدۇ . چۈنكى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئاساسىدا شەكىللەنسىمۇ، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى پەقەت ئېستېتىك پائالىيەت ئارقىلىق، ئېستېتىك ئىجادىيەتكە ئايلانغاندىلا، ئاندىن ئۇ ئىجادىيەت ھەۋىسىگە ۋە ئەمىلىيىتىگە ئۆزگىرىشكە ئاساس بولالايدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

مەملىكەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە داستان ئورۇنلاش كۆرىكى

مەملىكەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە داستان ئورۇنلاش كۆرىكى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 6 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: يېڭىلىق | ئىنكاس: 4 پارچە | زىيارەت: 1,289 قېتىم


مەملىكەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە داستان ئورۇنلاش كۆرىكى 2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي زوقنىڭ  ئالاھىدىلىكلىرى

ئەدەبىي زوقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 5 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 880 قېتىم


ئەدەبىي زوقلىنىش بىر خىل بىلىش پائالىيىتى بولۇپ، بىراق سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئوبرازچانلىقى، ھىسسىياتچانلىقى شۇنداقلا كىتاپخاننىڭ ئەسەر ئوقىغان ۋاقتىدىكى تەسىراتى ۋە تونۇشى ئەلۋەتتە پەن -تېخنىكا ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئوخشاشمايدۇ. پەن تېخنىكا ئەسەرلىرىدە دەلىل ۋە ئىسپاتلار تولۇق بولغاندىلا باشقىلارنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ ئەمما ئەدەبىي ئەسەرنى ئوقىغان ۋاقىتتا، ئەسەرنىڭ ئېنىقلىقى، تەسىرلىك بەدىئى ئوبرازلار تەرىپىدىن مەستخۇش بولىمىز ياكى تەسىرلىنىمىز. شۇڭا ئەدەبىي زوق باشتىن ئاخىر ئوبرازدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىزچىل كۈچلۈك ھىسسىياتقا ھەمرا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىدراكى پائالىيىتى باشتىن – ئاخىر ھىسسىي پائالىيەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بىر خىل ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۈرنى ئاساس قىلغان بەدىئى بىلىش پائالىيىتىدىن ئىبارەت.

[ تەپسىلاتى ]

ئۈرۈمچىنىڭ شاھزادىسى

ئۈرۈمچىنىڭ شاھزادىسى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 5 پارچە | زىيارەت: 1,559 قېتىم


فراففېسور، شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئۆزىنڭ شېئىرىي تۇيغۇغا باي، تېتىملىق سۆھبىتىدە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق تەرەققىيات جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئۈرۈمچىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن بىر قىسىم چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئەخلاقىي تەرەپلەردىكى تەڭپۇڭسىزلىقى شائىرنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ۋە تەپەككۈرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولۇپ، شائىر بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇر شەھەر ئەدەبىياتىدا ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ھىس قىلدۇردى.

[ تەپسىلاتى ]

4- نۆۋەتلىك شەھەر ئەدەبىياتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئارسلان تالىپ ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

4- نۆۋەتلىك شەھەر ئەدەبىياتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئارسلان تالىپ ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: يېڭىلىق | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 1,207 قېتىم


«خېزىرغا يولۇققان ئاتا » رومانى تۇنجى نوۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى» غا، مەملىكەتلىك 6-نوۋەتلىك كىتاپ يەرمەنكىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك كىتاپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. ئىككى ھىكايىسى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، 12 پارچە ئەسىرى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «قارا ياقۇت ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تۇنجى نۆۋەتلىك «قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»نىڭ «شەرەپ مۇكاپاتى» غا، ئىككىنجى نۆۋەتلىك «قاراماي ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ «ئەسەر مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان، ئاپتور يەنە «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2007-يىل ۋە 2011 – يىللىق «تۆھپىكار يازغۇچى» شەرىپىنىڭ ساھىبى.

[ تەپسىلاتى ]

رەيھان

رەيھان

ۋاقتى: 2011 - يىلى 28 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 7 پارچە | زىيارەت: 1,373 قېتىم


___ ئۇيغۇرلار قەدىمدىن رەيھانگۈلگە ئوخشاش خۇشپۇراق گۈل – ئۆسۈملۈكلەرنى چاي ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ئۆي ھاۋاسىنى تەڭشەيدۇ. ئاش – پولولارغا باسىدۇ. ئۆلگەنلەر بىلەن قەۋرىگە قويىدۇ. چۈنكى رەيھان جەننەتتىن چىققان.

___ ئانام ئاغزىدىن

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي تەنقىتچىلىكنىڭ خاراكتىرى

ئەدەبىي تەنقىتچىلىكنىڭ خاراكتىرى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 23 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 889 قېتىم


ئەدەبىي تەنقىدچىلىك كونكىرت يازغۇچىلارنىڭ ئەسىرىنى باھالاش بىلەن بىرگە مەلۇم تارىخى دەۋردىكى ئەدەبىيات ھەرىكىتى، ئەدەبىيات ئىدىيىلىرى ۋە ھەر خىل ئەدەبىيات ئېقىملىرىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىدۇ. ئەدەبىيات نەزەرىيىسى بولسا ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزلىنىدۇ ۋە خۇلاسە چىقىرىدۇ. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى زىچ، بىراق، خاراكتىرى، رولى، ئۆلچىمى، ئۇسۇلى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشماسلىقلارغا ئىگە.

[ تەپسىلاتى ]

  • سىز تۇرۇشلۇق بەت: 4 | جەمئىي بەت: 6
  • <
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5
  • 6
  • >