سەھىپە ئايرىلمىغان



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


بۇ ئەسەر ئاتاقلىق تىلشۇناسىمىز مەرھۇم خەمىت تۆمۈرنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئېنگلىزچىسى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 22-، 23-كۈنلىرى شىنجاڭ غۇلجا 2-نۆۋەتلىك ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى غۇلجا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ساياھەت بايرىمىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە 8-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن غۇلجا شەھەرلىك پارتىيە مەكتىپى يىغىن زالىدا غۇلجا ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئىلگىرى تاپشۇرۇپ ئېلىنغان ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلاردىن 23 پارچىسى تاللىنىپ، كىتاپچە قىلىپ باستۇرۇلۇپ تەييارلانغان بولۇپ، يىغىن ئەھلىگە تارقىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە مېنىڭ «تارانچى مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ساياھەتچىلىك قىممىتى» (塔兰奇文化及其旅游价值) ناملىق ماقالام تاللىنىپ بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلدى.
سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، ئاخبارات خادىملىرى، ساياھەت شىركەتلىرى ۋە غۇلجا شەھرىدىكى مەدەنىيەت، ساياھەت ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئورگان ۋەكىللىرى، غۇلجا شەھەرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى بولۇپ 300 نەپەر ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يەتتە نەپەر مۇتەخەسسىس ئۆزلىرىنىڭ غۇلجا شەھرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى قانداق قىلغاندا راۋاجلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئۆتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
تۆۋەندە يىغىن مەيدانىدىن ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەر بېرىلدى.
1-، 2- يىغىن مەيدانى. 3-ماقالىلار توپلىمى. 4. مېنىڭ ماقالام

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تىل-ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش قورالى، تەپەككۇر قورالى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئېلىپ يۈرگۈچىسىدۇر. ئۆز ئانا تىلىدىن ئۆز ئەتراپىدىكى باشقا قېرىنداش تىللار ۋە چەتئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئالاقە ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى، تەپەككۇرنى يېڭىلىغىلى ۋە نۇرغۇن مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

باشقا تىللارنى ئۆگىنىشتە ئاۋۋال ئۆز ئانا تىلى بىلەن ئۆگەنمەكچى بولغان تىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. ئىككى تىل ئوتتۇرىسىدا قانداق ئوخشاشلىقلار بار، قانداق پەرقلەر بار دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغاندا ئوخشاشلىقلاردىن تېز پايدىلىنىپ، پەرقلىق نۇقتىلارنى ئىگىلەش نىشانىغا تېزراق يەتكىلى بولىدۇ.

داۋامى »

 1. سوۋغاتنىڭ قىممىتى نەدە؟

سوۋغات بىر قەلبنىڭ يەنە بىر قەلبگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى، كۆڭۈلنىڭ يېقىنلىقىنى، يىراقتىلكىلەرگە بولغان سېغىنىشىنى مەلۇم بۇيۇملار ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ئالاقە شەكلىدىن ئىبارەت.

بىزدە بۇرۇندىن تارتىپ يىراق سەپەردىن كەلگەنلەر بازارلىق ھېسابىدا شۇ يەرنىڭ يەرلىك، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداش، بالىلىرىغا ئالغاچ كېلىدىغان ئادەت بار. سەپەرگە ماڭغانلارغا قارىتا يوللۇق ھېسابىدە يەنە خاتىرە بولسۇن، ئۆزىنى ئەسلەپ تۇرسۇن، ئۇنۇتمىسۇن دېگەن مەنىدە مەلۇم بۇيۇملىرىنى يوللۇق تۇتىدىغان ئىشلار بار. ئۇندىن باشقا ھېيت-بايراملاردا بالىلار ئاتا-ئانىلىرىغا سوۋغات ئالىدىغان، كىچىك بالىلارغا بايراملىق پۇل سوۋغات قىلىدىغان ئادەتلەرمۇ بار. ھەتتا، توي-تۆكۈنلەردە ئېلىپ بارىدىغان بوسۇتلارنىڭ ئۆزىمى سوۋغاتنىڭ بىر خىل شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈلنى ئىپادىلەش، مېھىرى-مۇھەببەتنى يەتكۈزۈش مەقسىدىدە قىلىنىدىغان پائالىيەتلەردۇر. داۋامى »

2010-يىلى ئەزەربەيجاننىڭ چاقىرىقى بىلەن ب د ت ئۆزىنىڭ A/RES/64/253-نومۇرلۇق قارارىدا «ئالبانىيە، ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ماكىدونىيە، تاجىكىستان، تۈركىيە، تۈركمەنىستان، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ» دەپ ئېلان قىلدى.
ب د ت مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2009-يىلى نورۇز بايرىمىنى «ئىنسانىيەتنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى. نورۇز بايرىمى يېڭى بىر يىلنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىلىدىغان ئەنئەنىۋىي تەبرىكلەش بايرىمى. نورۇز بايرىمى مەدەنىيەت مىراسى ۋە ئىناقلىقنىڭ سىمۋولىدۇر، ئۇ ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، تېنچ، ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەت ۋە دوستانە غايە ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتنى تۇرغۇزۇشتا ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. داۋامى »

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى