ئانا تىل
نىجات سوپى
ئۆگەنگەنتىم ئانا تىل سېنى ئۇلۇغ ئانامدىن،
ئۆزى كەتتى، سەن قالدىڭ مىراس بولۇپ سەن ئاندىن،
سېنىڭ بىلەن ئايرىدىم ياخشىلارنى ياماندىن،
سېنىڭ بىلەن ئايرىدىم داننى يەنە ساماندىن،
ئۆچمەس چىراغ سەن، مەيلى كەلسە بوران قاياندىن.
ئۆتتى يىللار، ئەسىرلەر، سەن يەنىلا ياشنىدىڭ،
ئۇرغۇپ تۇردى ھەر زامان سېنىڭ باھار ياشلىقىڭ،
مەيلى ئەرەب، فارىسى يېتەلمىدى، تاشلىدىڭ،
موڭغۇل، مانجۇ، رۇسچىنى ئۆز يولىغا باشلىدىڭ،
ئىگەلمىدى قەددىڭنى، كەلگەن چاپقۇن ھەر ياندىن.
ئېنگىلىزچە ئاشسىمۇ قانچە قىتئە، ئوكياندىن،
ئانا تىلىم مەن ئۈچۈن قالماس كېيىن ئۇلاردىن،
سېنى ئۆتمەس دېگەنلەر يىراق تۇرسۇن گۇماندىن،
تازىلىسۇن پاك-پاكىز ئىشەنچىنى تۇماندىن،
ئۈمىدىنى چىڭىتسۇن باشلاپ بۈگۈن شۇ ئاندىن.
سەن كۈلىسەن ئەل بىلەن، ئەل يۈرىكى سەن بىلەن،
سەندىن مادار -كۈچ ئېلىپ ئىلگىرىلەيمىز پەن بىلەن،
سېنىڭدىن ۋاز كەچمەيمىز، بال بەرسىمۇ قەن بىلەن،
سېنى ھەردەم قوغدايمىز چوقۇم جانۇ تەن بىلەن،
يەتكۈزىمىز ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ كۆپ زاماندىن
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى.