ئېغىز ئەدەبىياتى



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«بوزى كۆرپەش» ناملىق بۇ چۆچەك رۇس ئالىمى رادلوفنىڭ «سىمالدىكى تۈرلىي خەلقلەرنىڭ تىلى- خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابلىرىنىڭ 6-قىسمى بولغان 1886-يىلى سانكتپېتېبۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» كىتابتىن ئېلىندى. قايتا نەشرگە تەييارلانغاندىن كېيىن «كرورەن» ژورنىلىنىڭ 2012-يىلى 3-سانىدا بېسىلغان.
«بوزى كۆرپەش»

«ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىزاھلىق لۇغىتى» ناملىق بۇ كىتاب ئابلىز ئەمەت تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا 2001-يىلى نەشر قىلىنغان.
«ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىزاھلىق لۇغىتى-1»
«ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىزاھلىق لۇغىتى-2»

«ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى» ناملىق بۇ كىتاب مۇھەممەد رېھىم تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، 1979-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

ئوغۇزنامە

قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇزنامە

بۇ ئەسەر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.
بۇ يەردە بېرىلگىنى ئەسلى تېكىست ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاغدۇرۇلمىسىنىڭ لاتىن يېزىقىدا تەييارلانغان نۇسخىسىدۇر.  ماتېرىيالنى تەييارلىغۇچى ئىلھام نىياز.
«ئوغۇزنامە» داستانى
بۇ يەردتە بېرىلگىنى گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايۇپ قاتارلىقلار تەييارلىغان مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1980-يىلى نەشر قىلىنغان نۇسخىسىدۇر.
«ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرى

بۇ بېيىتلار رۇس ئالىمى رادلۇف تەرىپىدىن 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن خاتىرىلەنگەن ھەمدە 1886-يىلى سانكتپېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىم ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇلۇپ «مىراس« ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانىدا نەشر قىلىندى. بۇ بېيىتلار ئىچىدە سادىر پالۋان، نۇزۇكۇم قوشاقلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئىلى خەلق ناخشىلىرىمۇ بار.
ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ تېپىشماقلار 1909-يىلى پانتۇسوف تەرىپىدىن قازان شەھرىدە چاغاتاي يېزىقىدا بېسىلغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان ھەمدە شۇ دەۋرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا «قومۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 6-سانىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قايتا نەشر قىلىنغان.
ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

 

پانتۇسوف خاتىرىلىگەن ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ پوتا ئويۇنىدا ئېيتىدىغان بېيىتلىرى

بۇ بېيىتلار رۇسىيەلىك شەرقشۇناس نىكۇلاي پانتۇسوف تەرىپىدىن ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ائرىسىدىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا توپلانغان بولۇپ، «ئىلى تارانچى دىئالېكتى تەتقىقات ماتېرىياللىرى ناملىق بىر يۈرۈش كىتابچىلارنىڭ 8-قىسمى سۈپىتىدە 1907-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ 43 پارچە بېيىتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەينى دەۋر تىل ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇپ نەشرگە تەييارلانغان. ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

بۇ قىسسە رۇسىيەلىك ئالىم پانتۇسوف تەرىپىدىن ئىلى، يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن توپلىنىپ 1909-يىلى قازان شەھرىدە نەشر قىلىنغان «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى ھەمدە شۇ ئاساستا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرۇلدى.
ئەسەرنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

ئۇيغۇر، خەنزۇ ماقال-تەمسىللىرىدىكى مەخسۇس ئاتالغۇلار ھەققىدە تەتقىقات

بۇ ماقالىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى ماقال-تەمسىللەردە ئۇچرايدىغان يەر ناملىرى، كىشى ئىسىملىرى، ھايۋانات-ئۆسۈملۈك ناملىرى، ئەمگەك قوراللىرىنىڭ ناملىرى، دىنىي ئەمەل-ۋەزىپە ناملىرى، مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدە شەيئىلەرنىڭ ناملىرى قاتارلىق بىر قىسىم مەخسۇس ئاتالغۇلار ئۆزئارا سېلىشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەسلىدە بىرلا مەنا ئاڭلىتىدىغان مەخسۇس ئاتالغۇلارنىڭ ماقال-تەمسىللەردىكى كونكرېت ئەھۋالى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى