قازاق تىلى



«تەگمىش تىنلىغلارىغ سۆزلەمىش كەرگەك، ئانى يەمە كۆپ سۈزۈك كۆڭۈلىن ئەشىدىڭلەر» (ئۇچرىغان جانلىقلار ھەققىدە سۆزلەش كېرەك، سىلەر بۇنى ناھايىتى سۈزۈك كۆڭلۈڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار) ___ «ئالتۇن يارۇق» تىن ئېلىندى.


«قازاقچە-رۇسچە–رۇسچە-قازاقچە لۇغەت» ناملىق بۇ ئەسەر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھرىدىكى «ئارۇنا» نەشرىياتى تەرىپىدىن 2002-يىلى نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ تۈزگۈچىلىرى بايان ئىسماغۇلوۋا، ئەلىۋىرا ئېرېجېنوۋا، گۈلباخىرا ئەبدىجاپپاروۋا  قاتارلىقلار. كىتاب 30000 سۆزلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوش يۆنۈلۈشلۈك لۇغەت بولۇپ، ھەم رۇسچە-قازاقچە لۇغەت، ھەم قازاقچە-رۇسچە لۇغەت ھېسابلىنىدۇ، . بۇ لۇغەت قازاقچە ئاساسىدا رۇسچە ئۆگنگۈچىلەر ۋە رۇسچە ئاساسىدا قازاقچە ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىلىنىش قورالى بولالايدۇ.
«قازاقچە-رۇسچە-قازاقچە لۇغەت»

«جۇڭگودىكى تۈركىي تىللارنىڭ سۆزلۈك توپلىمى» (中国突厥语族语言词汇集) ناملىق بۇ ئەسەر چېن زوڭجېن قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ،  1990-يىلى 12-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ كىتابقا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار، تۇۋا، سالار ۋە غەربىي سېرىق ئۇيغۇر قاتارلىق سەككىز تىلدىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان 4000  سۆز كىرگۈزۈلگەن. ھەر قايسى تىللاردىكى سۆزلەر خەلقئارالىق ئوقۇلغۇ بىلەن ئىزاھلانغان، مەنىلىرى خەنزۇچە شەرھىلەنگەن. كىتاب ئاخىرىدا ھەر قايسى تىللاردىكى قوشۇمچىلار بېرىلگەن، خەنزۇچە-تۈركىي تىللارچە تىزىملىك بېرىلگەن بولۇپ، بۇ سەككىز قېرىنداش تىل ئوتتۇرىرىسىكى سۆزلۈك باغلىنىشىنى چۈشىنىشتە مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ. بۇ كىتاب ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، تىل تەرقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ تىللار ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق باشلىنىشنى چۈشىنىشى ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.
«جۇڭگودىكى تۈركىي تىللارنىڭ سۆزلۈك توپلىمى»

«تۈركىي تىللار لۇغىتى ___  ئېنگلىزچە: ئەزەربەيجان، قازاق، قىرغىز، تاتار، تۈرك، تۈركمەن، ئۇيغۇر ئۆزبەك تىللىرى» ناملىق بۇ كىتاب كۇرتۇلۇش ئۆزتوپچۇ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، روئۇتلېج (ROUTLEDGE) نەشرىياتى تەرىپىدىن 1999-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئېنگلىز تىلى بىلەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەككىز ئاساسىي تۈركىي تىل ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تىللىق لۇغەت بولۇپ، ھەر قايسى تۈركىي تىللار بىلەن ئېنگلىز تىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئۆگىنىش قورالىدۇر.
«ئېنگلىزچە-تۈركىي تىللار لۇغىتى»

«قازاقچە-ئېنگلىزچە سۆزلۈك» ناملىق بۇ كىتاب ن. نۇرالۇيىۋا تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 2008-يىلى ئالماتى دايك نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، كىتابتا 15000 سۆزلۈك بار.
«قازاقچە-ئېنگلىزچە سۆزلۈك»

«قازاق تىلىنىڭ قىسقىچە ئېتىمولوگىيەلىك سۆزلۈكى» ناملىق بۇ ئەسەر سابىق سوۋىېت ئىتتىپاقى قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، «غىلىم» نەشرىياتى تەرىپىدىن 1966-يىلى نەشر قىلىنغان.
«قازاق تىلىنىڭ قىسقىچە ئېتىمولوگىيەلىك سۆزلۈكى»

«قازاق ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ ئېنىسكلوپېدىيەلىك سۆزلۈكى» ناملىق بۇ ئەسەر ئايۇباي قۇرال ئوغلى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1997-يىلى ئالماتى «سۆزلۈك-سلوۋار» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
«قازاق ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ ئېنىسكلوپېدىيەلىك سۆزلۈكى»

ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىقاتى قېرىنداش تۈركىي تىللارنىڭ تەتقىقاتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ سەھىپىمىزدە بۇندىن كېيىن قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار، ئەزەربەيجان، تۈركمەن، تۈرك قاتارلىق بىر قىسىم تۈركىي تىللاردا يېزىلغان تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم مۇھىم ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىىسم بارلىق تۈركىي تىللارغا ئورتاق ئەسەرلەر ۋە ھەر قايسى تۈركىي تىللارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىشلەنگەن ئېتىمولوگىيەسى، گرامماتىكىسىغا ۋە لېكسىكىسىغا ئائىت ئەسەرلەر بار.
تۆۋەندە ئالدى بىلەن بىر نەچچە پارچە قازاق تىلىدا يېزىلغان تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
بۇ ئۇلۇغ ئەسەر «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ قازاقچە تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ، فىلولوگىيە پەنلىرى كاندىداتى ئاسقار نۇرماش ئوغلى ئەگەۋباي تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، «تۈرك سۆزلۈكى» نامىدا ئالماتى شەھەر خانت نەشرىياتى تەرىپىدىن 1997-يىلى نەشر قىلىنغان.
«دىۋانى لۇغەتىت تۈرك-1» (قازاقچە)  
«دىۋانى لۇغەتىت تۈرك-2» (قازاقچە)
 «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك-3» (قازاقچە)

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى